| |||||||
sabiha bbs.xabnam | «مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى» ناملىق فىلىم بېيجىڭدا«مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى» ناملىق فىلىم بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئو ت م غا بېغىشلاپ ئىشلىگەن«مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى ناملىق كىنو فىلىمى بېيجىڭدا تۇنجى قۇيۇش مۇراسىمى 8-ماي چۇشتىن كېيىن بېيجڭ «خەلق»سارىيدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەبرىك تېلېگىراممىسى ئەۋەتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بولىمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاۋياڭجيەن ،دۆلەت رادىئو -كىنو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋشى بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. «مۇھەممەدنىڭ 2008- يىلى» فىلىم گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق خادىملارمۇ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۇشتى.فىلىمدىكى 12 كىچىك ئارتىس ئو ت م غا بولغان ئىنتىلىشنى سەبىي سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تەشۋىقات بولىمنىڭ باشلىقى لى يى تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئۇ مۇنداق دىدى:«مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى» فىلىمى ۋەقەنى شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت بايلىقىغا قويۇپ زامانىۋى ياشلار ئېقىمىدىكى مەدەنىيەت ئامىلىنى بىرلەشتۇرۇلگەن بولۇپ،روشەن مللىي خارەكتىر، جۇغراپىيلىك ئالاھدىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئېستېتىك قىزىقىشقا ئىگە ، بۇ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نى تەشۋىق قىلىدىغان نادىر فىلىم. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن « گۈەل ماكان»،«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى ».«قار-شىۋىرغاندىكى بۆرە يولى» قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر فىلىملەر مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەبلەغ ،سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىن زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن.مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كىنو ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىركىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىگىلىنىشچە،« مۇھەممەدنىڭ 2008 -يىلى» فىلىمى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى 9 - مايدىن باشلاپ شېنياڭ ،شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ،شۇ يەردىكى تۇنجى قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkariya | بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت..................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atuxboy526 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بەك ياخشى ئىشلىنىپ تۇ
ئازراق شىياۋلىن پوتبولغا ئوخشاپقاپتۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
سەبى دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ فىلىمنڭ ئېلانىنى بەك ئاڭلاپ كەتتىم .ئوزىنى قاچان كورەرمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@wolkan@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xark دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رىجىسسورنىڭ سۈرەت ئېلىشقا يىتەكچىلىكك قىلىشى ھەمدە ئوپىراتورنىڭ نېخنىكىسى ھقىقەتەن خەلقئارالىق سەۋىيىگە يېقىنلىشىپتۇ........بۇلۇپمۇ مۇزىكىسى بەك ياخشى تاللىنىپتۇھەم ماسلىشىپتۇ،،،،مۇبارەك!!!!!!!!!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ghalip | مەخسۇس ئولىمپىكقا بېغىشلاپ ئىشلىگەنكەندە ئەسلى،ئوچۇق دەپتۇ بولمىسا!
خوتەندە راسىتلا شۇنداق قىزغىن پۇتبول كەيپىياتى بارمۇ؟ مەنچە ئارتۇشتىن باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇنداق قىزغىن پۇتبۇل كەيپىياتى يوق ياكى خېلىلا سۇس،قېرىلارمۇ ئۇنداق پۇتبول تېپىشى مۇمكىن ئەمەسلا ئىش،ئۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ پۇتبولنى كەسپى توپچىلاردەك تېپىشلىرى بەكلا ئىشەنگۈسىز!(كوچىدىكى دېھقانلارنىڭ).ئارتۇشتا بەلكىم خېلى تېپىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن! بۇ فىلىمنى كومىدىيىلىك فىلىم دېسەك بولغۇدەك!ئەمەلىيەتتىن خېلى چەتنىگەن!<<تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى>>دىنمۇ ناچار چىققان فىلىم! ئىچكىرىدىكى خەنلەرنى ئالداش ئۈچۈن،شىنجاڭدىكى پۇتبول كەيپىياتىنى ساختىلىق بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىم! تىللىماڭلار ھە؟!!؟!!؟؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
kugiday دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كىنوغۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ ؟لىكىن سۇن لى رولىغا چىققان كىچىك ئەرتىس يوپكا كەيدۇرۇپ توپ ئوينىغۇزۇپ ياخشى قىلماپتۇ 1`
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolkan99 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنىڭچە بۇ فىلىم خېلى ياخشى ئىشلىنىپتۇ . مەن تېلىۋىزوردىن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولچلىق تارىخى توغرۇلۇق ئاتۇشنىڭ ئېھساق كەنتىمىۇ ئىشقىلىپ بىر كەنتى تونۇشتۇرۇلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم. كىنودىكى بەزىبىر ۋەقەلىكلەر ئاشۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىكى بىلەن ئوخشايدىكەن. مەسىلەن : بالىلارنىڭ ئىسمىدىكى پوتبول چولپانلىرىنىڭ ئىسمى ،كەنىتتىكى قېرى ياش ھەممىسىنىڭ پوتبولغا ماھىرلىغى قاتارلىقلار، قارىغاندا سىنارسىت ئاشۇ فىلىمدىن ئىلھام ئالغان ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە كىنو تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس ئۇنىڭدا تۇرمۇش مەلۇم سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بەزىبىر مۇبالىغىلەرنىڭ بولىشى تەبىئى. كىنودا قەدىمىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ. ھازىر بەسبەستە ئىشلىنىپ تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان نۇرغۇن ئەخلەت كىنولاردىن كۆپ ياخشى ئىكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
【DILNUR】 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ كىنونى خەلىق تىياتىرخانىسىدا كۆردۇم~كۆرىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن~بەك خوش بولدۇم~بەزى يەرلىرىدە يىغلاپمۇ تاشلىدىم~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Zero823 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قاچانمۇ بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولارمىز ......................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
musfira دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئۆتكەن ھەپتە تېخى ئەتراپىمىزدكى ئىشلار پىروگىراممىسىدا ئازراق تونۇشتۇرىۋېدى ، بەكلا ياخشى ئىشلىنىپتۇ بۇ فىلىم.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
USULQIKIZ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاۋۇ كىچىك بىيكىخامغا قاراڭلار بەك ئوماقكەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
suzuk881 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قاچانمۇ بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولارمىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
iqpal دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىghalipنىڭ2008-05-09 16:54يوللىغان : قۇدۇقىڭ ئىچىدىكى پاقا دۇنيا قۇدۇقىڭ ئاغزىزىچىلىك دەپ چاغلايدىكەن ! مېنىڭچە سەن شۇ پاقىچىلىكمۇ بولالمىغان يەردە ئىنكاس يازىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە، تارىخ بەتلىرىمىزنى ئوبدان ۋاراقلاپ، بىلىم ئاشۇرۇپ ئىنكاسنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا يازغۇدەك بولۇپ ئاندىن كەل! ...... بولمىسا ۋاقتىڭنى ئاۋارە قىلما !!! [ يوللىغانiqpalتەرىپىدىن2008-05-09 20:33قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yultuz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناخايتى ياخشى ئشلەپتۇ مۇشۇندا ياخشى كىنولارنى كۆپ ئشلىشنى ئۇمۇد قلىمز بۇلۇپمۇ تەڭرتاغ كىنو شىركەتنڭ ئشلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
mila2005 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىghalipنىڭ2008-05-09 16:54يوللىغان : سەن بىر بولسا كاللاڭنى قۇرت يەپ كەتكەن بىچارە مەخلۇق،يا بىر بولسا خەت يېزىشتىن باشقا ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان ،كەچكىچە ئادەم چىشلەيدىغان قاپ-قارا قوساق ئىت !!!! 1.«مەمەتنىڭ2008» ياخشى چىققان بىر ئۇيغۇر پۇرىقى كۈچلۈك فىلىم، 2.ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن پۇتبول ھەقىقەتەن بىرىنچى تەنھەركەت . 3.بۇ فىلىمنىڭ تۇرمۇشچانلىقى كۈچلۈك، ھىچقانداق سودا ۋە باشقا ئامىل ئارلىشىۋالمىغان. 10يىلنىڭ ئىچىدە مىللى تۇرمۇشنى ئەكىس -ئەتكەن ئاران مۇشۇ 2كىنورىمىز ئشلەندى، بۇنىڭدىن نىمىشقا ئازراق بولسىمۇ خۇش بولمايدىغانسە ھەي نادان بىچارە ،سىنىڭچە بولسا دۇلىتىمىز مەڭگۈ ئۇيغۇر فىلىمى ئشلىمىسە،شۇنداقمۇ لالما ئىت ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | مېنىڭ بەك كۆرگۈم بار ،،،،،، مۇمكىن بولسا فىلىمنى يوللىغان بولسىڭىز .... بەك ياخشى ئىشلەنگەن دەيدۇ ..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mila2005 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن پۇتبول ھەقىقەتەن بىرىنچى تەنھەركەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
xirzat310 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ فىلىمنى ئۇلارغا قويۇپ بەرگىچە بىزگە قويۇپ بەرسە بولمامدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|