سىز بۇ تېمىنىڭ 1832ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ASAN-YUSAN
يـەھـيـا

ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 798
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2447
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2447دانە
شۆھرەت: 2802 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 38668 سوم
تۆھپە: 209 نۇمۇر
ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :529(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-19
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

بۇ تىمىنى qinmodan نادىرلىدى(2008-05-08)

 

<<    ئامەت ۋە ئاپەت >> ھەققىدە




       
ــ يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت



سوئال  :  جالالىدىن ئاكا ، << ئامەت ۋە ئاپەت >> رومانىڭىزنى قىزىقىش ۋە ھاياجان  بىلەن ئوقۇپ چىقتىم . ئالدى بىلەن ،  سادىق ئوقۇرمەنىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى قۇتلۇقلايمەن . قېنى ئېيتىڭچۇ ، بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا ۋابادەك چاپلاشقان خروئېن خۇمارى ۋە خروئېن ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە سېستېمىلىق قەلەم تەۋرىتىپ ، مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى ؟



جالالىدىن بەھرام      :   تارىخقا ، دەۋرگە سۈنئىي رەڭلەر بەرمەسلىكى بىلەن دەۋرنىڭ سەزگۈسى ، قۇلىقى ، كۆزى ۋە يۈرىكى بولۇشقا مۇناسىپ ساپ دىل ، ئىمانى پاكىز ، دىلى يورۇق يازغۇچى ھەر قانداق زامان ، شارائىت ۋە ئىجتىمائىي بوران - چاپقۇنلاردىمۇ ۋەتەننى ، خەلقىنى ، مىللىتىنى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىر - ئىقبالىنى ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەرنى ، دەھشەتلىك رىيازەتلەرنى قەلبىگە پۈكىدۇ . ئۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ، ئېچىنىدۇ ، قەلىمى ئارقىلىق خەيرخاھلىق قىلىدۇ ، توغرا يول كۆرسىتىدۇ  . . . 
   ھەممىگە مەلۇم ،  ئىسلاھات ھەم ئېچىۋېتىش تىنىق كۆل سۈيىدەك تۇرغان دەۋر مۇھىتىنى بىردىنلا داۋالغۇتۇپ ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ، يۈكسەك ئىلىم - پەن ، زامانىۋېلىشىش ، يۇقىرى تېخنىكا ھەم بايلىققا يۈزلىنىشتەك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئېقىن ھەم يۈكسىلىش ، رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈردى . رىقابەتتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىسلاھات بورىنى زامانىمىز ۋە دەۋرىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھەم پەيت ئاتا قىلدى ، مۆلچەرلىگۈسىز ئامەت ھەم بايلىق  يوللىرىنى ئاچتى . بۇنىڭ ئەكىسچە ، بەزى دەۋرىي قاباھەتلەر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۆزىنىڭ زەھەر - زۇقۇملىرىنى ھە دەپ بازارغا سالدى . بۇ ئاپەت تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي روھىيەتتە زەئىپلەشكەن ساپاسىز ، بىلىمسىز بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۈچۈن گويا ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك تۇتىيا بىلىندى .  خۇلاسە كالام شۇكى  ، خروئېندىن ئېبارەت زەھەر گۈزەل ، پاك زېمىنىمىزنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تاراپ باردى . دەۋرىي قاباھەتلەر رەزىل مەقسەتلەرگە يېتىش يولىدا شەھەر ، بازارلاردا ، ناھىيە  ، يېزىلاردا ، ساختا يەككە ۋە كوللىكتىپ سائۇنا ، مېھمانخانا ، ياتاق ، مۇنچا ، ساتىراشخانا قۇرۇپ ، خروئېن ئۈچۈن كەڭ بازار مۇھىتى ياراتتى . زەھەرلىك چېكىملىك ، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئىپلاس يۇندا - مەرەزلىرى ياش  قىز - يىگىتلىرىمىزنى دوزاخ ئەۋرەزلىرىگە تاشلىدى .  17 ياش بىلەن 30 ياش ئارلىقىدىكى بىر قىسىم يىگىت - قىزلىرىمىز  بۇ ئاپەت تۈلەيلى گۈلدەك ئېچىلىۋاتقان ئۆمۈر بوستانىنى نابۇت قىلدى ، ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى . خۇمارنىڭ ۋەھشىيتى بىلەن ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق ، قاتىللىق قىلىشتى ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئازغىنە بىساتىنى << ئاق تۈتۈن >> گە دەسمىي قىلىشتى . خروئېندىن ئىبارەت بۇ << ئالۋاستى >> نىڭ زىيانكەشلىكى شۇ دەرىجىگە يەتتكى ، ئاجايىپ قىران يىگىتلىرىمىز ، بەرنا قىزلىرىمىز ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ماشىنا ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىش ، كانىيىنى بوغۇزلاش ، سۇغا ئۆزىنى تاشلاپ تۈنجۇقۇپ ئۆلۈۋېلىش قاتارلىق ياراتقۇچىمۇ كەچۈرمەيدىغان مامات يوللىرىنى تاللىدى ، ھەتتا بەزى قىزلىرىمىز خۇمار ئازابىغا چىدىيالماي تىغ ئىشلىتىپ يۈز  - كۆزلىرىنى قىيما - چىيما قىلىۋەتكەن پاجىئەلەرمۇ يۈز بەردى . مەن بالىلىرى موشۇنداق ئۆلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆلۈم نامىزىغا ، نەزىرلىرىگە قاتناشتىم . بىراق ئاتا - ئانا ، تۇغقانلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش ، چىرايىدا ھەسرەت - نادامەت ئىزلىرىنى كۆرەلمىدىم . . .   قارىغاندا ئۇلار بالا  قازادىن قۇتۇلۇپ ، ئارام تاپقاندەك قىلاتتى  .  .  .   بۇنداق مىساللارنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز .  .  .   مانا  بۇلار << ئامەت  - ۋە  ئاپەت  >>  رومانىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار .


  سوئال  :  جالالىدىن ئاكا ،  مەن تورداشلارنىڭ پاراڭلىرىدىن  << ئەقىل تاپقان ئۇيغۇر پۇل تاپالمىدى ، پۇل تاپقان ئۇيغۇر ئەقىل تاپالمىدى >> دەيدىغان بىر نىسپىي ھۆكۈمنى ئاڭلىغانىدىم  . رومانىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ ھۆكۈمنىڭ خېلى ئاقىلانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۈانلىقىنى ھېس قىلدىم . باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى ۋە ئۇ خروئېنغا خۇمار بولغاندىن كېيىن دۇچار بولغان ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلەر بۇ قاراشنىڭ نىشبەتەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . سىزدىن سورىغۇم كېلىدۇ : رومانىڭىزغا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان شۇ ئاي ، شۇ كۈنلەردە سىزدىمۇ موشۇنداقراق بىر ئىدىيە ھۆكۈمران ئورنىدا تۇرغانمۇ ؟ باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ئەقىل تاپالمىغان >> بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك بولارمۇ ؟


جالالىدىن بەھرام  :   شەرىق ئەخلاق سىستېمىسىنىڭ ئىسلام ئەخلاق تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولغان مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق - ئەھكاملىرىدا ئەزەلدىن << سودا - سېتىق ، تىجارەت ، ئېلىم - بېرىم ئىشلىرى پاك ، سەمىمىي ھەم ھالال بولسۇن >> دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەقىدە بار . شۇڭا ، كۆپلىگەن سودىگەرلەر ، تىجارەتچىلەر ھاراق - شاراپقا يولىمايدۇ ، تاماكا ، نەشە چەكمەيدۇ ، ناشايان سورۇنلارنى تەرك ئېتىدۇ . ياراتقۇچىدىن سودا - تىجارىتنىڭ بەرىكىتىنى بېرىشنى تىلەيدۇ  .  .  .   مانا بۇ ، ئۇلارنىڭ سودا تىجارەت يولىدا  ئەقەللىي ئەقىل تاپقىنى . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا << شەيتان >> دىن يىراق تۇرغىنى ، ئەلۋەتتە .  ھازىر بىزدە باي بولغان ، روناق تاپقان ، يۈز تاپقان ياش ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان سودىگەر ، تىجارەتچىلەر بار . ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى چىڭ دەسسەپ ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىرى يەنىلا ئاز . ۋەيران بولۇۋاتقىنى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . قوپالراق تىل بىلەن ئېيىتقاندا ، ئۇلار << ئىككى نان تاپسا ، بىرىنى داپ قىلىپ چالىدۇ >> غان ، << پايدىدىن ھوشىنى يوقىتىپ ، ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلايدۇ >> غان ،  << پۇل تاپقانسىرى ئاشنا ئويناپ ، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالىدۇ >> غان ، << بەزمە - مەشرەپ ، شەھۋەتخانىلاردا ئىمان - ئېتقادىنى بولغايدۇ >> غان << ئىسلام ئەخلاقىنىڭ مىزانى بولغان  < ھايا > نى تەرك ئېتىدىغانلار >> دۇر . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ، << شەيتان >> نىڭ يېتىلىكىگە چۈشۈپ قالغان ئازغۇنلاردۇر . زادى << شەيتان >> كىم   ؟   بۇ ئاشۇ روناق تېپىش كويىدا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ، رەڭگارەڭ ئامال - چارىلەرنى قوغلىشىپ يۈرگەن سودىگەرنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئەقىلسىزلىكتۇر .  سودىدىكى بىر ئوڭۇشسىزلىق بىز ئەقىلنىڭ يانغان چىرىغىدۇر . بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە زامانىۋىلاشقان سودا ئېڭى ، دەۋر رىقابىتىگە ماسلىشالايدىغان ئىلمىي سودا بىلىمى ، زىياننى پايدىغا يۈزلەندۇرەلەيدىغان قابىلىيەت ۋە ئىرادە ، ئۇسۇل - چارە ، سودا ھۇشيارلىقى قاتارلىق ئەقىل - پاراسەت كەمرەك . << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىمدىكى قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ، ئەقىل تاپمىغان >> ، ھۇشيارلىق پاراسىتى كەم بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەر ، تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك  بولىدۇ   .   .   . 


سوئال  :  جالالىدىن ئاكا  سىز يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە تەسىرگە ئېرىشكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، دەۋر رېئاللىقىنى كەڭ تۈردە ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت -  توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتىرگە  ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رومانلارنى يېزىپ ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رومانچىلىق ساھەسىگگ گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز . << ئەمەلىيەتكە ، تۇرمۇشقا ، خەلق ئاممىسىغا يېقىن نولۇش >> يازغۇچىلار ئىجادىيەتتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ ، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسى . موشۇ پرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەت مۇئاددىئايىڭىزنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز  ؟

         جالالىدىن بەھرام  :     يازغۇچىنىڭ  دۇنيا قارىشى   ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ قەغەز يۈزىدىكى نامايەندىسىدۇر ، يەنى يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ ھەرقانداق شەيئى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قارىشى ، شۇنداقلا تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى ئەنە شۇ رېئاللىقتىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئادەم ، ۋەقە ، ھادىسە ، تراگىدىيە ، غەليانلىق تۇرمۇش دېتاللىرىنى جەملەپ ، ئۇنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ ، پەلسەپىۋى يۈكسەك تاجىنى كىيدۈرىدۇ . تۇرمۇشنى مول تەسەۋۋۇر بىلەن غايىۋىلەشتۈرۈپ ، بەدىئىي ئىخچاملاشتۇرۇشتىن ئۆتكۈزىدۇ  .  .  .   قىسقىسى  ، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ سىھرىي كۈچى بىلەن ئەقەللىي ۋە ھىسسىي گۈزەللىك بوستانىنى ئەھيا قىلىدۇ . پېرسوناژلىرىنى رەڭ بىلەن بىزەپ  ئاجايىپ - غارايىپ مەبۇدقا ئايلاندۇرماي ، << ئادەم >> دەك يازىدۇ .
    ھازىر بەزى يازغۇچىلىرىمىز رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلماي ، پېرسوناژ  ۋە قەھرىمانلىرىنى << مەدھىيلىنىدىغان  ئىجابىيلار >> ، << ئوتتۇردىكىلەر >> ، << نەپرەتكە لايىق  ، قامچىلىنىدىغان سەلبىيلەر >> دېگەندەك نوقۇل ۋە قاتمال ئۈچ ھېسسىي بۆلەككە ئايرىيدۇ .  ئامما مېنىڭچە ، ھازىرقى دۇنياۋى ئەدەبىيات ئېقىمى ۋە يۈزلىنىشگە نەزەر سالغىنىمىزدا ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم پېرسوناژلارنڭ ئەڭ مۇرەككەپ ، نازۇك ۋە سىرلىق ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ .  بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىياتتىكى ئىككى ياقلىما خاراكتىېرىنى ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ . ئەدەبىيات ئادەم شۇناسلىق پېنى ئىكەن  ،  ئۇنداقتا ئادەمنى ئادەمگە ئوخشىتىپ يېزىش كېرەك .  ئادەم ئۈچۈن ئەڭ تەش ئىش پاك بولۇش .  بىراق ھەرقانداق ئىنسساندا بىرەر بوقسان ، سەۋەنلىك ، كىشىلەر بىلمەيدىغان نومۇسلۇق ھەم گۇناھلىق ئىزتىراپلار بولۇشى تەبئىي . شۇڭا  ،  << يامان >> لارنىڭ بەزىدە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قويىشىغا ، << ياخشىلار >>  لارنىڭ بەزىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشىگە ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ .  ئادەملەرنىڭ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى يېزىش ھەقىقىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر  .
  ئۇكام ئۆركەش  ، ئىجادىيەت يولۇم توغرىسىدىكى بۇ سوئالنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سورىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن  .  شۇڭا  ،  مەن دانالارنىڭ مۇنى مىسرالىرىنى نەقىل  ئېلىپ  ، بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمنى ئاخىرلاشتۇراي  :
           
          

            بولماسلىق كېرەك دوستلۇقتا ئۇنداق ،
              ئىككى ئارىغا سىغمىغۇدەك مۇي .
              دۈشمەنلىكمۇ ھەم بولمىغان ئۇنداق ،
              ئالالمىغۇدەك مۇھەببەتتىن بۇي .
              ئىككى تەرەپنى ئەيلىگەي رازى ،
              بولسا ھەركىمدە مۆتىدىلرەك خۇي  .  .  . 



     سوئال  :  جالالىدىن ئاكا  ،  << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىڭىزدا بىزگە تونۇشتۇرغان قەھرىمانلىرىڭىزنىڭ تەقدىرىنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز  .  روماننى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ، مەن باش قەھرىمان  قەدىرداننى ئۆلۈپ كېتىدۇ  ، دەپ پەرەز قىلغانىدىم  . لېكىم ، سىز  ئۇنى خروئېن خۇمارىدىن ئازاد قىلىپ ، يېڭى ھاياتقا ، گۈزەل كېلەچەككە باشلاپ ماڭدىڭىز .  ھۆسنارخان ، ئابابەكىرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي ، مېھرىبان  ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىقلار ئىجابىي سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ  تەقدىرىنى ياھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز  ، ھەتتا كۈتمىەەن يەردىن چىقىپ ، بىر بىر روماننىڭ باش قىسىمىدا غىل - پاللا  تونۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن مەدىنە قىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ باش قاتۇردىڭىز .  ئەپسۇس ، قەدىرداننىڭ ئوغلى قەيسەرنى << رىزقى چېچىلغان >>  يىراق شەھەرلەرگە سەرگەردانلىققا تاشلاپ قويدىڭىز ، قەيسەرنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇنداق << يەڭگىلتەكلىك >> بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭىزدىكى مەقسىدىڭىز نېمە  ؟

جالالىدىن بەھرام  :   بەزىدە  << يازغۇچى  ئەسەرنى باشلاپ بېرىدۇ ، پېرسوناژلار داۋاملاشتۇرىدۇ  .  .  . >> دېگەن سۆزگە ئىشىنىپمۇ قالىمەن  . دەرۋەقە يازغۇچى يوقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى ، پىشقان بەدىئىي دىتى ، مول تەسەۋۋۇر كۈچى ، گۈزەل تىل سەنئىتى ، شۇنداقلا ھاياجانلىق مۇھەببىتى بىلەن يېزىپ چىققان كەچمىش ۋە قىسمەتلەر قەغەز يۈزىدىكى تىزمىلار تۆۋىسى بولماي ، بەلكى ئاشۇ ۋەقە ، ھادىسلەر قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ  ، كۈلدۈرىدۇ ، يىغلىتىدۇ  ، خياللار قاينىمىغا باشلايدۇ  .  .  .  
   بۇنداق ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار ئاپتۇر بىلەن مۇڭدىشىدۇ  ، تىللىشىدۇ  ، ئۇرۇشىدۇ  ، ھەتتا بەزىدە ئاپتۇرنىڭ سىزغان سىزىقلىرىنى رەت قىلىدۇ  ، گېپىگە كىرمەيدۇ . << مېنى سەن ئوغرى قىلىپ ياراتقانىكەنسەن  ، نېمە ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ ئوغرىلىققا سالمايسەن  ؟ بۇنداق يازساڭ ، مەندەك ئوغرى  ئوغرى بولماي قالىمەن  >> دەپ يازغۇچىغا خىتاپ قىلىدۇ  ( ھەتتا ئوقۇرمەن بىلەنمۇ تاكاللىشىدۇ )  .  لېكىن ، ئۇكام ئۆركەش  ، ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان يىرىك ئەسەرلەر بەكلا كۆپ ( ئۇلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن نەشىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايمەن  ) .  بۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار خۇددى بىر كوماندىرنىڭ << ئوڭغا بۇرۇل ، سولغا بۇرۇل  ، قەدەملەپ مارش ! >> دەپ مەشىققە سېلىۋاتقان بىر توپ ئەسكەرلەردەك كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ  . ئاپتۇر ھەربىرىگە مەلۇم ۋەزىپىنى ئارتىپ قويغان بۇ پېرسوناژلار شۇنچە تىپىرلاپ باققاندەك قىلىدۇ  ، لېكىن  ئاپتۇرنىڭ سىزىپ بەرگەن رامكىسىدىن چىكىپ كېتەلمەيدۇ  . ئۇلار شۇنچە رايىش ، ياۋاش ، قۇلىقى يۇمشاقلاركى  .  .  .  ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ  .
  مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، راۋان ، زورۇقۇشتىن خالىي  ، ئاڭ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەردىكى پۋرسوناژلارنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك يارقىن  ، ئىندىۋىدۇئال خاراكتىرىدۇر  .
    ئۇكام ئۆركەش  ، سىز تىلغا ئالغان  قەدىردان ، ھۆسنارخان ، ئابابەكرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي  ، مېھرىبان ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىق ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار زورۇقماي ، چىڭقالماي ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن راۋاج تاپقان ، روماننىڭ تەبئىي  ، ئەركىن ، چىن گۈل تاجىلىرى . ئۇلارنىڭ ئاخىرقى تەقدىر - قىسمەتلىرى ئۆز خاراكتېرىگە ماس ھالدا ئاخىرلىشىدۇ  . بىرى ماتەنلىك ھاياتتىن ئورۇن ئالسا ، يەنە بىرى گۇندىخانىدىن ، ھەتتا لەھەتتىن ئورۇن تۇتىدۇ .
            ئەمدى روماندىكى قەدىرداننىڭ ئوغلى توققۇز ياشلىق قەيسەرنىڭ << رىزقى چېچىلغان >> يىراق يوقاپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق پاجىئە بولدى  . ئەسلىدىمۇ << قەيسەر >> رېئاللىقتىكى چىن ئىنسان بولۇپ ، ئۇنىڭ دادىسى ( قەدىردان )   ماڭا : << مۇشۇ رومان يېزىلسا ، بالام تېپىلىپ قالارمىكىن >> دېگەنىدى . رېئاللىقتىكى قەيسەر قاچتى  ، قاچمىغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى << قاچتى >> قىلىپ يېزىشىم ياكى << ئۆلتۈرۈۋېتىشىم >> مۇمكىن ئېدى .  چۈنكى ، بۇ  ئارقىلىق خروئېندىن ئىبارەت بۇ  << ئالۋاستى >> نىڭ چوڭلارغىلا ئەمەس ، ھەتتا  ئەۋلادلارغىمۇ كەلتۈرىۋاتقان ئاسارەتلىرىنى يېزىشنى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم  .



  سوئال  :  سىز ئەسەرلىرىڭىزدە << رېئاللىىنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردارسىز سۈرەتلەشكە ، چىنلىقنى يېزىشقا >> تىرشتىڭىز . بۇ مەندىن سىزنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت يولىدا ماڭدى ، دەپ قارىساق بولامدۇ  ؟

 
جالىدىن بەھرام   :   << رېئاللىقنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردازسىز سۈرەتلەش ، چىنلىقنى يېزىش >> مەسىلىسىنى تەكىتلەپ قالدىڭىز . مەنىۋى ئاچلىقتىن كۆرە ماددىي ئاچلىقنى ، مەنىۋىي يالىڭاچلىقتىن كۆرە ماددىي قۇللۇقنى ئازابنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارايدىغان ھەم شۇنداق يازىدىغان ئەدىب بولۇشنى خالىمايمەن . قەلبىگە مىللەت ۋە خەلقنى ئابىدە قىلىپ تىكلىگەن ھەقىقىي يازغۇچى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ ، ھەقىقەت ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي ، خلق مۇھتاج بولغان ھەقىقىي سەنئىتىنى يارىتىدۇ . مېنىڭچە ، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى بادىئىي ئىجادىيەتتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇرۇن  شۇنداق بولغان  ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ .  ھازىرغىچە يازغان رومانلىرىمنى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياراتتىم  .


    سوئال   :   جالالىدىن ئاكا  ، سىزنىڭ رومانىڭىزدىكى قەدىردان   ،مۇتتەرخان  ، ھۆسنارخان قاتارلىق تىپىك ئوبزەرلار بىزنىڭ قەلبىمىزگە ھۆمۈردەك ئورناپ كەتكەن ئاجايىپ مۇكەممەل بەدىئىي ئونرازلاردۇر  . مۇشۇ ئوبرازلارنى يارىتىشتىكى ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىزگە باغلاپ ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق  ؟ 


    جالالىدىن بەھرام   :   ھەممىگە مەلۇمكى  ،  ھەرقانداق روماننىڭ بەدىئىي  ، ئىجتىمائىي قىممىتى ئۇنىڭدا تەسۋىرلىگەن پېرسوناژلار خاراكتىرىنىڭ چىنلىقى ۋە قايىل قىلارلىق تىپىكلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .  مېنىڭ رومانىمدىكى مۇتتەئەرخان ، ھۆسنارخان  قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ كىشىلەر قەلبىگە << مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن >>  مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز بولۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشتىن  ، شۇنداقلا رېئاللىقتىكى ئىش - ھەرىكىتى  ، ھېس - تۇيغۇسى  ، گەپ سۆزلىرى ، ئىما - ئىشارەتلىرىنىڭ  بەدىئىي  ئەدەبىياتقا ئوبرازلىق كۆچۈرۈلىشىدىن بولدى  . ئۇلارنىڭ ئەستە قالغۇدەك ھايات پائالىيەتلىرى ، ئوقۇرمەن بىلەن ھەمپىكىر ، دوسىت ، بۇرادەر م سىزداش بولۇپ كېتىشى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس ، بەلكى پېرسوناژلار نىڭ خاراكتىرى ، مىجەزى ، خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتىدىن ، باياناتىدىن ، تەسۋىرىدىن ( قىسمەن ھاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) بېرەلمەي  ، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ، گەپ - سۆزلىرى  ، شادلىق ۋە خاپىلىقلىرى ، ھېس - تۇيغۇلىرى ، خىياللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندى  . يەنە بىر تەرەپتىن ، مەن بۇ پېرسوناژلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئەسىرا بولۇپ مۇڭداشتىم . سىرداشتىم . بەزىلىرىنى بولسا بالىلىق  ۋاقتىمدىن تارتىپ بەش قولدەك بىلەتتىم  ۋە چۈشىنەتتىم  . بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا  ئاتا  - بالىدەك ، قېرىنداشتەك شۇ قەدەر يېقىن بولۇپ كەتكەن پېرسوناژلارمۇ بار ئېدى   .   مەن  << ناتىۋانلار >> ، << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانلىرىمنى يېزىش جەريانىدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ، يازغانلىرىم ھەققىدە پىكىرلىشىپ تۇردۇم  .  شۇڭا  ، ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىگە  << ھۆمۈردەك ئورناپ كەتكەن  >>  بۇ پېرسوناژلار مېنىڭمۇ بەدىئىي تەپەككۇرۇمغا ، دىل پىنھانلىرىمغا ، ھەتتا قەلىمىم سىياھلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن  .



       

           سۆھبەتلەسكۈچى ① :   << شىنجاڭ گېزىتى >> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ، 
      سۆھبەتنى قوبۇل قىلغۇچى  : شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىن ئارامغا چىققان .





①  ئۆركەش جاپپار

       
[ يوللىغانASAN-YUSANتەرىپىدىن2008-05-08 22:01قايتا ت ]

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-08

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(qinmodan)
  • Nahxilar
    تەر تۆكسەم خۇدا بەردى 
    بەرمىدى << خۇدا بەردى >> . . .
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:20 [باش يازما]
    bihzat

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9304
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 217
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
    شۆھرەت: 222 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1973 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-20
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەقە تۇقۇلمىلىغىغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتكەنلىكتىن بايانلارنىڭ بەدئى چىنلىقىدىن چەتنەپ كېتىش ئېغىر. چىنلىق سەنئەتنىڭ جېنى.
    ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، قەلىمىگە بەركەت- قۇۋەت تىلەيمەن.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 00:16 1 -قەۋەت
    nargiz906

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25476
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 125
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە125دانە
    شۆھرەت: 126 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1069 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :99(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-14
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ  دادىمىزنى تولىمۇ  ياقتۇرىمەن~~~  <لىيىغان بۇلاق>،<مىھرىگىياھ>.....قاتارلىق  كىتابلىرىنى تولىمۇ  ئەتىۋارلاپ  ساقلاپ  كىلىۋاتىمەن
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 01:30 2 -قەۋەت
    kadimi

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 40191
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-09
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن بۇ شائىرمزنىڭ يازغان كىتاپلىرنڭ كۆپۈنچىسنى ئوقۇپ چىقتىم .شۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا تولىمۇ يقىن . پىكرلىرى ئۆتكۇر ھەم پاساھەتلك  .  ئۇيغۇر تارىخنى ھەققى چىن تەسۋرلەپ بېرەلەيدۇ  .  مەن بەكمۇ  قايىل ..  خەلقىڭزنىڭ روھى ساغلاملىقى ئۈچۇن يەنە ئەجىر قىلشىڭزنى  چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمۇت قىلىمەن .  رەخمەت سىزگە !!!!!!
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 02:20 3 -قەۋەت
    bahtinur

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-04
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ بەتتىكى بەزى مەزمۇنلار يۇشۇرۇنغان ، سىز ئىنكاس قايتۇرغاندىلا كۈرەلەيسىز !
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-09 02:47 4 -قەۋەت
    ASAN-YUSAN
    يـەھـيـا

    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 798
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2447
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2447دانە
    شۆھرەت: 2802 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 38668 سوم
    تۆھپە: 209 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :529(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-01-19
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Quote:
    بۇ يازما4قەۋەتتىكىbahtinurنىڭ2008-05-09 02:47يوللىغان  :
    بۇ يۇشۇرۇلغان تىما



    ئىنكاسنىمۇ يوشۇرغان بارمۇ دەيىتمەن بەختىنۇرجــون .
    Uyghurx.com
    تەر تۆكسەم خۇدا بەردى 
    بەرمىدى << خۇدا بەردى >> . . .
    | ۋاقتى : 2008-05-09 14:09 5 -قەۋەت
    uqkun500

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 37527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 752
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە752دانە
    شۆھرەت: 753 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 470 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-06
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن ئۇنىڭ لېيىغان بۇلاق روماننى بەك ياقتۇرىمەن.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 14:20 6 -قەۋەت
    nawkeranboy

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37349
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-04
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ ئشلرىغا ئۇيۇق تىلەيمەن  !!
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 14:44 7 -قەۋەت
    YOLLAN

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30264
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 202 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2020 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-19
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    جالالىدىن بەھرام ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن يۇقىرى بالداققا كۆتەردى . ئۇنىڭ رومانلىرى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان ، ئارمانىغا  ئارمان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . يازغۇچىمىزدىن ئۈمىد قىلدىغىنىم _ يەنىلا ئوقۇرمەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسا ...... يېڭى ئەسەرلىرىنى ئايىمىسا ...........
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-09 14:49 8 -قەۋەت
    FIFA007

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 15771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە64دانە
    شۆھرەت: 75 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 510 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :65(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-16
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئۆزىمىز بىر يېزىپ بېقىپ ئاندىن خەقنى ئۇندا -بۇندا دىسەك
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-09 15:26 9 -قەۋەت
    baharyamguri

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17615
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 87
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
    شۆھرەت: 88 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 860 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-20
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    يىڭى-يىڭى ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنا بىز،ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-09 16:52 10 -قەۋەت
    CTR-LEO

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21758
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 480
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە480دانە
    شۆھرەت: 501 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4640 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :242(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-08
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن جالالىدىن بەھرامغا ھەقىقەتەن قايىل،  مەن بۇ روماننى ئۇقۇپ بۇلۇپ ، بىررەر ھەپتىگىچە كاللام مۇشۇ روماندىلا بولغان  ،    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەربۇ      جالالىدىن بەھرامنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە!!!!!
    Nahxilar
    http://media.163888.net/virtualdir1/2007/12/26/21/Photo/65120013639703.jpg
    | ۋاقتى : 2008-05-09 21:21 11 -قەۋەت
    ASAN-YUSAN
    يـەھـيـا

    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 798
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2447
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2447دانە
    شۆھرەت: 2802 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 38668 سوم
    تۆھپە: 209 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :529(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-01-19
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئامەت ۋە ئاپەتتىن .......

    زادى پۇل تاپقان يول تاپقان ،ھۆرمەت  تاپقان ئادەمىنڭ دۇنيادا ئۈچ ئاپىتى بولىدىكەن :
    « بۇزۇق قىز چوكانلار ئاپىتى ،قىماۋازلار ئاپىتى، خىروئىن ئاپىتى!!!!!»ھەممىنىڭ مەقسىتى بىرلا !ئۇ بولسمۇ ،پۇل تاپقان ئادەمنى پىلە قۇرتى غازاڭ يىگەندەك يەپ تۇگىتىش ،سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قۇيۇش ،ئاخىر ئۆلۈم گىرۋىكىگە ئاپىر ىش!!

    -ئېتە ،ئېتە مۇناپىق !ئۇ يەردە نىم ئىشلارنى قىلد ىڭ ؟؟؟مەن سىنى شۇنداق ئىبلىس بولسۇن دەپ باققانمىدىم ؟؟پۇتۈن ئنسانىيەت ،پۇتۈن دۇنيا نەپرەتلىنىۋاتقان ئاشۇ قاباھەتىنى قايسى دىلىڭ ،قايسى ئتىقادىڭ ،قايسى ئىمانىڭ بىلەن ئاغزىڭىغا ئالدىڭ ؟؟؟؟
    Nahxilar
    تەر تۆكسەم خۇدا بەردى 
    بەرمىدى << خۇدا بەردى >> . . .
    | ۋاقتى : 2008-05-09 21:34 12 -قەۋەت
    zardar214

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38729
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-20
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ كىتاپنى مەنمۇ ئوقىغان ،مەنمۇ قەدىرداننىڭ ئوغلى قەيسەرنىڭ نىمە ئۇچۇن تاشلىنىپ قالغانلىغىنى ئۇقالماي يۇرگەن ئىدىم مانا بۇگۇن تۇلۇق مەلۇماتقا ئگە بولدۇم .رەخمەت سىزگە
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-10 00:11 13 -قەۋەت
    0903TILSIMAT

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 17398
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 61
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 610 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-17
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى  بولۇپمۇ <لېيىغان بۇلاق >
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-10 10:24 14 -قەۋەت
    ABDULAMIN

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 32062
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 45
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 450 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-10
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەردە بۇ !!!    ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى <<ئامەت ۋە ئاپەت>> رومانى.
        تىما ئىگىسىگە رەخمەت،
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-10 10:42 15 -قەۋەت
    xademanxat

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 10149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1018
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1018دانە
    شۆھرەت: 1058 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11487 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :250(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-29
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ < نا تىۋانلار > رومانىنى كىنو فىلىم قىلىپ ئىشلەۋىتىپتۇ دەك. پات ئاردا بىز بىلەن كۆرۇشكۇسى.

    جالالىدىن باھرام ئاكىمىزنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ۋە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
    Nahxilar
    دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
    ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
    مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
    دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
    نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
    | ۋاقتى : 2008-05-10 10:53 16 -قەۋەت
    tangsabasi

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9200
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 700
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە700دانە
    شۆھرەت: 723 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6510 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-17
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     k yاخشى ئىش بوپتۇRe:يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

    [quote]بۇ يازما16قەۋەتتىكىxademanxatنىڭ2008-05-10 10:53يوللىغان  :
    ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ < نا تىۋانلار > رومانىنى كىنو فىلىم قىلىپ ئىشلەۋىتىپتۇ دەك. پات ئاردا بىز بىلەن كۆرۇشكۇسى.

    بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ،بولسا تېزرەك ئىشلەپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرسە بوپتىكەن.
    بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمىز،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇرمۇشقا يېقىنلىقى،بەدىئىي تىلغا بايلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ،شۇڭا ئەسەرلىرىنى كىشىنىڭ ئوقۇسا ئوقۇغىسى كېلىدۇ.
    <ئامەت ۋە ئاپەت>رومانىدىن كېيىن توختاپلا قالدىغۇ،بولسا بىزنى يەنە يېڭى-يېڭى ئەسەرلىرى بىلەن پات-پات يۈز كۆرۈشتۈرۈپ تۇرسا.
    ئەدىبنىڭ بۇندىن كېيىنكى تېنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
    Uyghurx.com
    دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى ئۇنى بايقاشتا!
    | ۋاقتى : 2008-05-10 17:26 17 -قەۋەت
    yigana2
    ئاجايىپ

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19313
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 829
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە829دانە
    شۆھرەت: 860 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :343(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-20
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن بۇيازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن..
    بەك بەلەن يازىدۇ.
    Uyghurx.com
    تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.
    | ۋاقتى : 2008-05-10 20:32 18 -قەۋەت
    kadirmawlan

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39921
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-06
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Quote:
    بۇ يازما16قەۋەتتىكىxademanxatنىڭ2008-05-10 10:53يوللىغان  :
    ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ < نا تىۋانلار > رومانىنى كىنو فىلىم قىلىپ ئىشلەۋىتىپتۇ دەك. پات ئاردا بىز بىلەن كۆرۇشكۇسى.

    جالالىدىن باھرام ئاكىمىزنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ۋە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.



    يازغۇچىمىزنىڭ  <<كۆمۇرچى بالا>>ناملىق رومانىنى كىنو قىلىپ ئشلىدۇق دەپ، بۇزۇپلىۋىتىپتىكەنتۇق
    <ناتىۋانلار> ئۇنداق بولۇپ قالمىغاي ئلاھىم....
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-11 05:02 19 -قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:05-11 18:23, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation