سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى 2 IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
molla-zaidin
ئالتىنجى سەزگۈ

رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30658
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1514
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1514دانە
شۆھرەت: 3268 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2314 سوم
تۆھپە: 141 نۇمۇر
ياخشى باھا: 223 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :538(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-24
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى 2

[51. تىيىپجان ھادى ( 1922~ 1989)
يازغۇچى ۋە تارىخچى ، « پالۋان كەلدى » ، « چورۇق ھېكىم » ،« ئۆچكەدۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر » نالىق ھېكايىلەرنىڭ ، « ئىلى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى » ناملىق تارىخى ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن ئىنقىلابى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ، ئەپسۇسكى ، « ئىلى تارىخىدىن ئىزلار » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن .

52. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( 1914~ 1990 )
مول تارىخىي بىلىمگە ئىگە تاىخشۇناس ۋە تەزكىرىشۇناس ، « قەشقەردىكى يادىكارلىقلار » « تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا » « ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە » قاتارلىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ۋە ئەسلىەم خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل ماقالىلىرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ) بىلىمخۇمار ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

53. روزى ھاجىم ( 1860 ~ 1962)
ۋەتەنپەرۋە ، مىللەتپەرۋە ، مەرىپەتپەرۋەر زات روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، ئۇ ھەرخىل خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت ، ئۈرۈمچىدە « ئەختەرىيە ، ( دەسلەپتە » تۇرانى » ئىدى ) مەكتىپىنى ئېچىپ ئەۋلاد تەربىيلەشكە كۈچ چىقارغان . ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرى جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ ، تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .

54. شاتگۈل ئۇيغۇر ( 1960~ 1987)
« رەنانىڭ تويى » فىلىمىدە ياسانچۇق قىز سوفىيەنىڭ ، « ئارتىس بولالمىغان قىز » فىلىمىدە چاقچاقچى شوپۇر قىز ھۆرىيەتنىڭ « سىرلىق كارۋان » فىلىمىدە بېشىغا كەلگەن تەقدىر تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان ئىككى خىل شارائىتتا چوڭ بولغان ، ئىككى خىل خاراكتېردىكى قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللار - ئاينۇر بىلەن ماھىنۇرنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئارتىس شاتگۈل بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان .

55. تۇرسۇن ئايۇپ ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، « ئوغۇزنامە »، « قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەيسلەيدۇ .

56.موللا بىلال ( 1823~ 1900)
ⅩⅨ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، « غەزەليات » ناملىق دىۋاننىڭ ، « غازات دەرمۈلكى چىن » ، « چاڭموزا يۈسۈپجان » ، « نۇزۇگۈم » قاتارلىق داستان - قىسسەلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . شائىرنىڭ پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ ، ياركەنت شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن . موللا بىلال خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ مۆتىۋەر ئورۇندا ياشايدۇ .


57.بىلال ئەزىزى ( 1921__ 1945)
ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ، « ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى » نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان . ئەپسۇسكى ، دوستلىرى لۇتبۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945 _ يىلى 18- سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى .

58.مۆجىزى ( ⅩⅧ ئەسىر)
« تەۋارىخى مۇسىقىيۇن » ( مۇزىكىچىلار تارىخى ) ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۈللا ( مۆجىزە ) خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما « تارىخىي مۇسقىيۇن » ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ئەسەر مۆجىزىنىڭ نامىنى كەڭرى تارقىتىپ شۆھرىتى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە .


59.جامالىدىن ئاقسارايى ( ⅩⅨ ئەسىردە ئۆتكەن )
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان بىلىملىرى ئاساسىدا « كىتابى تىپ ئاقسارايى » ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلۇپ تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۆتىۋەر ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئالىمنىڭ ئەسىرى ھىندىستاندا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن .

60.قەمبەرخانىم ( 1922~ 1994)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۆزبېكىستان ، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان . موسكۋادا ئۇيغۇر كلاسسىك ئۇسۇلى « نىم پەدە » نى ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان . 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسى تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان . ھازىر ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىنماقتا .
بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل بىلەن ياشىغان قەمبەرخانىم خەلقىمىز قەلبىدە يادلىنىدۇ .

61. موللا شاكىر ( 1805~ 1870)
ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى ، موللا شاكىر « زەفەرنامە » ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما ، « زەفەرنا » داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەۋلادىلىرى قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ ھايات .

62. موللا ئىسلام ( شاڭزۇڭ ) ( 1890~ 1960)
1943- يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ ، گومىنداڭغا قارشى كۈزۈشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي ، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر ، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان . موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .

63.ھاشىم ھاجى ( 1869~ 1952)
شىنجاڭ ، ئوتتورا ئاسىيا ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن نام قازانغان . ئايىمخان ھاجى ، سىدىق ئاخۇن ... قاتارلىق پەرزەنتلىرىنى مۇقامچىلىق ۋە دارۋازلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەربىيلىگەن مەشھۇر سەنئەتكار . ئۇ خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، كىچىكىدىن دارۋازلىق سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ ، ئۇنى بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغان . نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .

64.لۇتفى ( 1366~ 1465)
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھىراتتا دۇنيغا كەلگەن بولۇپ ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان . ئۇنىڭ « گۈل ۋە نەۋرۇز » ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر . لۇتفىغا نەۋائى « ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى » ( سۆز پادىشاھى ) دپە نام بەرگەن . لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم .

65.ئابلىمىت ھاجىيوف ( 1917~ 1933 )
ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى 9- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجسىى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، بولۇپ ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان . ئۇ كېيىنمۇ ھەرخىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ 76 يېشىدا ۋاپات بولغان .

66.ئەسئەت ئىسھاقوۋ ( 1912~ 1976)
پېشقەدەم زىيالىي ، رەھبەر ئەسئەت ئىسھافوۋ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە « شىنجاڭدا تىنچلىق ، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ، ۋاقىتلىق مەسئۇلى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ ، كىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇ پ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى . ئەپسۇسكى ، ئۇ « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولدى .

67.غېنى كېرىموف ( 1922~ 1949)
غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان . ئۇ دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇپ ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىدى .

68.ھۈسەيىنبەگ ( 1899~ 1934)
ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919- يىلى كۈزدە « ھۆر سۆز » گېزىتىنى چىقارغان . « ئىلى سەنىمى » نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن .
1927- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن « ھۈسەينىيە مەكتىپى ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتورا مەكتەپ ) نى سالدۇرغان ... بۇ مەرىپەتۋر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا .

69.ئەنۋەر ناسىرى ( 1914~ 1946)
شائىر ئەنۋر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ .
شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ « مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى » دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى .

70.ئولبۇلخەيرى ( 1934~ 1944 )
« ئاماننىساخان » ، « نەسىردىن ئەپەندى » ، « بەخت ناخشىسى » ، « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » ، « رەنانىڭ تويى » .... قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . كىنو ، تىياتىر ئارتىسى ئوبۇلخەيرى ئۆمۈر بويى تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

71.ئابدۇراخمان ھاۋاز ( 1935~ 1993)
« ئانارخان » ، « يايلاقتىكى بۈركۈت » ، « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە بىر مۇنچە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە باش رول ، ئاساسلىق روللارنى ئويناپ ، خەلق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980 - يىلى نەشىر قىلىنغان « جۇڭگو كىنوچىلىرى » ناملىق چوڭ تىپلىق كىنو لۇغىتىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان .

72.نېمشېھىت ( 1906 ~ 1972)
ئۇيغۇر ھازىرقى زمان ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ، « ۋەتەن مۇھەببىتى » « شېئىرلار » ، « يۈرەك سۆزى » ، « مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن » قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئەرمىيا ئېلى سايرامى ھەققىقىي ۋەتەنپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈيچىسى بولۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم ، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

73.ئەھمەت زىيائى ( 1913~ 1989 )
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، پېشقەدەم شائىر ، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 19 47- يىلىلا « توزىماس چېچەكلەر » « لاداخ يولىدا كارۋان » « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە » قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات ، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ

74.سەيپىدىن ئەزىزى ( 1915~ 2003)
« سۇتۇق بۇغراخان » ، « ئۆمەر داستانى » قاتارلىق رومان ، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر ، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى .

75.زۇنۇن قادىرى ( 1912~ 1989 )
« غۇنچەم » ، « گۇلنىسا » « ماغدۇر كەتكەندە » « شەپقەت ھەمشىرى » قاتارلىق ئوپېرا ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ، تالانتلىق يازغۇچى ۋە دارامماتورگ زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىدىيە ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئىنقىلابىي رېئالىزمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان .

76. قۇربان ئىمىن ( 1914~ 1992)
« تارىم غەزەللىرى » ، « قەشقەر ئاۋازى » ، « مېنىڭ ناخشام » قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر ، داستانلارنى يېزىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب ، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا ، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن .

77. تۇردى سامساق ( 1923~ 1992)
« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر » ، « بەش تال ئوق » « ئۆچمەس يۇلتۇزلار » قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر .
ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان .

78. ئابدۇكېرىم خوجا ( 1928~ 1988 )
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، ئاتاقلىق شائىر ۋە پىشقان ژۇرنالىست ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ، « باھار ناخشىسى » « تۇپراق ، باھار ۋە مەن » ن قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇكېرىم خوجا لىرىك ھېسسىيات بىلەن مول پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى يۈغۇرۇپ ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان ئىدىيىۋى كۈچ ھاسىل قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭ مول ، جاپالىق مىنىۋى ئەمگەكلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ .

79. جاپپار ئەمەت ( 1929~ 1999 )
ئىزدىنىش روھىغا باي ، سەمىمىي ، پەزىلەتلىك شائىر ، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى بىلەن دېگۈدەك شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە ھەر خىل تېما ۋە ئۇسلۇپ بىلەن . ئوخشاشمىغان ئىدىيىۋى مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە « قامچىلاش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش » ئىبارەت جەڭگىۋار روھ سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەم ئىلھاملاندۇرىدۇ .

80. پەتتارجان مۇھەممىدى ( 1930~ 1984 )
خېلىلا جاپالىق ئەجىر قىلىپ بىر قەدەر قەلىمى پىشقان ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش ، ئۈمىدلىك ھەۋەسكارلارنى بايقاش ، قوللاش ۋە ئۆستۈرۈش جەھەتتە مەلۇم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . سىياسىي لېرىكىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان « ئۆمۈر چېچەكلىرى» نالىق توپلامنىڭ مۇئەللىپى پەتتارجان مۇھەممىدى گەرچە بەك كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك .

81. قەييۇم تۇردى ( 19336~ 1999)
« كۇرەشچان يىللار » « جىمجىت جۇڭغارىيە » قاتالرىق رومانلارنىڭ مۇئەللىپى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى ، ئىقتىدارلىق ۋە مول ھوسۇللۇق يازغۇچى قەييۇم تۇردى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن مۇناسىپ ئورون ئالغان .
ئۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلىدۇ .

82. ئاماننىساخان ( 1533~ 1567)
مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە ، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشتخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرش ئۈچۈن قىسقا ئۆمۈر كۆگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قىغان ئۆچمەس ئىش - ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى .

83. مەھمۇت مۇھىتى ( 1887 ~ 1944)
قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن قوزغالغان تۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مەھمۇت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى شۆھرەتلىك شەخسىلەرنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيسىىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، 6- شىنىڭ شىجاڭى بولۇپ قەشقەردە تۇرغان ۋاقتىدا ، قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ، دىنىي مەدرىسلەرنى ئىلاھ قىلغان ، خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .

84. مەخسۇت مۇھىتى ( 1885 ~ 1931)
« مەخسۇتىيە مەكتىپى ) ناملىق زامانىۋى مەكتەپ سېلىپ ، بارلىق چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى خەلقىمىز ئەڭ پەخىرلىنىدىغنا ئوغلانلىرىنىڭ بىرىدۇر . ئۇ 1931 - يىلى قۇلۇمدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ جەڭ قىلغان . ئەپسۇس شېڭ شىسەي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ قۇربان بولغان . مەرھۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ تېنىنى لۇكچۈن شەھىرىنىڭ سىرتىدىن ، بېشىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن تېپىپ كېلىپ ئاستانىگە دەپنە قىلغان . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 46 ياش ئىدى .

85. سادىر پالۋان ( 1798~ 1871)
ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ، جىگەرلىك ، قورقماس ئەزىمەت سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئاقىل - پارسىتىگە تاينىپ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك جەڭلەرنى قىلغان . ھەتتاكى ئۇ كېچىسى بىر توپ ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىگە شام يېقىپ ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا چېگىپ ھەيدەپ بېرىپ چىلپەڭزى ئامبىلىنى تەسلىم قىلغان . خەلقىمىز ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ بۈگۈنگە قەدەر سۆيۈپ ئوقۇپ يادلاپ كەلمەكتە .

86. تۆمۈر خەلىپە ( 1891~ 1913)
20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زالىملارغا ، مۇستەبىتلىككە ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان جەسۇر بوران قۇشى تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ، قىلغان شىددەتلىك جەڭلىرى بىلەن تارىختا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇرغان . ئۇ قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پىلتىسىگە ئوق يېقىپ بەرگەن بولۇپ بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قوزغىلاڭغا ئاساس سېلىپ بەرگەن . ئۆتكۈز ئەپەندى يازغان « ئىز » رومانىدا تۆمۈر خەلىپىنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن .

87.قاھار جېلىل ( 1943~ 1994 )
« قىساس » ، « ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالامدۇ » ، « مېھرىبان » ، « تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ » قاتالرىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قاھار جېلىل ئۆز ئەسەرلىرىدە پاكلىق ، سەمىمىيلىك ، گۈزەللىك ، ئىناقلىق ، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارنى ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن . ئۇ ئەسەرنى ۋەقە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت قېلىپقا چۈشۈپ قالماي ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەڭگۈ قىمممىتىنى يوقاتماي ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ .

88. روزى سايىت ( 1944~ 2001 )
« جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس » ، « ئاھ ، مېنىڭ مىللىتىم » « دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش » ... قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ ئىجادچىسى ، خەلقنىڭ يىغىىسغا يىغلاپ ھال - مۇڭ بولغان شۆھراتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقىي شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان ئەدىبتۇر . خەلقىمىز ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى كۆز قارىچۇغىدەك ئاسراپ سۆيۈپ ئوقيدۇ ھەمدە مۇشۇنداق شائىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ .

89. مۇساباي ( 1809~ 1895)
ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا - باي __ مۇسۇباي ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخستۇر .
ئۇ ئىلىدا كۆن خۇرۇن زاۋۇتى قۇرۇپ 200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلغان . ئۇ بالىلىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن . ھەم « پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ، بىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار » دېگەن ۋەھىيەتنى قالدۇرۇپ ، دۇنيادىن كەتكەن .

90. ھاجى نۇرھاجى ( 1929~ 2001 )
تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى ، قاراخنىيلار تارىخي ھەققىدە سىستېمىلىق تەتىقات ئېلىپ بېرىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كلەتۈگەن تارىخشۇناس ، « قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » « يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى » « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار » قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەنرىڭ مۇئەللىپى ھاجى نۇرھاجى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ، ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازىنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ .

91. قۇتلۇق شەرقى ( 1876 ~ 1938)
ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ، داڭلىق تارىخشۇناس ، ئىلىم - مەرىپەتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغىتىشنىڭ ياخشى قورالى دەپ ھېسابلىغان دېموكراتىك زات قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئىدى . ئۇ ئۆز ھاياتىدا خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ « ئەركىن ھايات » ناملىق گېزىتنى نەرشىر قىلىپ جەڭگىۋار شېئىرلارنى ، « قەشقەر تارىخى » ناملىق يېرىك ئەسىرىنى يېزىپ قالدۇرغان . ئالىمننىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن شېڭ شىسەي ئۇنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

92. تۇردى ئاخۇن( 1881~ 1956)
« باھارىم چىمەنزارىم » قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنىڭ ۋە بىر نەچچە نەغمىنىڭ ئىجادچىسى ، « 12» مۇقام نى چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقامچىلىقىمىزغا قوشقان زور تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .
تۇردۇ ئاخۇن ئاكا بولمىغان بولسا 12 مۇقام بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن ، يەنى سىستېمىلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىنمىغان بولاتتى .

93. ئىپارخان ( 1733~ 1788)
ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ ، قەسىر ، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولىسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىينگە تەڭ قىلمىغان . ئۇ چيەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرىغا قايتىپ كېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن .

94. تېيىپجان ئېلىيوف ( 1930~ 1989)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابرۇي قازانغان ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىياتشۇناس تىيىپجان ئېلىيوف « شەرق ناخشىسى » « تۈگىمەس ناخشا » « تۆھمەت قۇربانى» قاتارلىق توپلاملارنىڭ مۇئەللىپىدۇر .
ئۇ يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلىچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ ، يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىك شائىر .ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي مىراسقا ئايلانغان .

95. رىزىۋانگۇل (1925~ 1945)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزىۋانگۇل قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان . 1932 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، ، كۆپلىگەن كوماندىر - جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتكان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەنرىڭ قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

96. موللا مۇسا سايرامى ( 1826 ~ 1917)
يۇرتىمىزنىڭⅩⅨ ئەسىردىكى تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مەشھۇر ئەسەر « تارىخي ھەمىدىي » ... نىڭ مۇئەللىپى مۇللا مۇسا سايرامى ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان تارىخچىسى بولۇپ يېتىشكەن .ئۇنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە « تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا » ، « دەربايان ئەسھابۇل كەھف » « دىۋان مەسنەۋى » « سالامانمە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار .

97. ياسىن ھاجى خۇدابەردى ( 1917~ 1990 )
« بىز باسقان يوللار » « ھايات ساداسى » قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىمىزدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان ياسىن ھاجى خۇدا بەردى ئاتۇشتا تۇغۇلغان بولۇپ ، 1939- ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن . 1980- يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ رايونىمىز ئەدەبىي مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تېگىشىك تۆھپىلەرنى قوشقان .

98. سەلەي سۇناي ( 1906~ 1992)
پەيزاۋات ناھىيىسە تۇغۇلغان مەشھۇر سۇنايچى سەلەي سۇناي داڭلىق خەلق سەنئەتكارى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ - سۇناي چېلىشتىكى داڭقى يىراق - يېقىنلارغا تارالغان . ئۇ كېيىنچە يالغۇز سۇنايچىلا ئەمەس ، بەلكى قولىغا چىققانلا چالغۇنى سايرىۋېتىدىغان « بىرگە ماھىر ، كۆپ قادىر » سەنئەتكار بولۇپ تونۇلغان . تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ ، ئەجىر يەردە قالمايدۇ . مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى سەلەي سۇنيانىڭ نامى خەلق ئېغىزىدا داۋاملىق ھۆرمەتلەنمەكتە .

99.سەيدۇللام توختى ( 1941 ~ 2000)
ئاتاقلىق ئىسكىرپكا ماھىرى ، داڭلىق دراما ئارتىسى ، خەلق سۆيىدىغان مەشھۇر ناخشىچى سەيدۇللام توختى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ 50 - يىللاردىلا « قارا دەيدۇ » « ئامان بولسۇن » « قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم » قاتالىق خەلق ناخشىلىرىنى ئوقۇش بىلەن داڭق قازانغان . سەيدۇللام توختىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى سەنئەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ سەنئىتىمىزگە قوشقان ئۇلۇغ توھپىلىرى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى .

100. قۇددۇس غوجامياروف ( 1918~ ؟ )
« نۇزۇگۈم » « سادىر پالۋان » ناملىق ئوپېرالارنىڭ ، « چىن تۆمۈر باتۇر » « ئازادلىق ناخشىسى » قاتارلىق سىمفونىيىلەرنىڭ ئىجادچىسى ، سوۋېت ئۇيغۇر كەسپىي مۇزىكا ئاساسىنى سالغۇچى ، س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائورىئاتنى قۇددۇس غوجامياروف مىللىي تىياتىرنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن . 



غېنى ھارۋىكەش_____(1885__1964)
غېنى ھارۋىكەش يار كەنىتتە تۇغۇلغان . ئۇ دادىسىدىن كىچىكلا يېتىم قىلىپ ، پۇل تېپىپ بېيىغاندىن كېيىن قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئاچقان . ئۇزۇن ئوتمەي غۇلجىغا كېلىپ 1919-يىلى 15 مۇ يەر سېتىۋىلىپ <<روشەن >> نامىدىكى پەننى مەكتەپنى سالغان . 1976- يىلى بۇ مەكتەپ غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ <<روشەن>> مەكتەپ ۋە 16- ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ تەسىس قىلىندى . مەرىپەت مەشئېلىنى ئېگىز كۆتۇرگەن خەلقنىڭ ئەلسۈيەر ئوغلانى غېنى ھارۋىكەش خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

ئابدۇراخمان مۇھىتى _____ (1910-1957)
1932- يىلى قوزغالغان مەخسۇت موھىتى ، مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ۋە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ ھاياتىدا <<ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى >>، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەپ ، شۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەت ئۇچۇن تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان . خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۇ ئەسلەيدۇ .

ئىسمايىل ھاجى _____(1867-1950)خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكەن تونۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئىسمايىل ھاجى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى ئەدىبتۇر . گەرچە ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ توپلام قىلىپ قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا <<يېغىۋىلىش>>قا ئۇچراپ خېلى كۆپ قىسمى نابۇت بولغان ۋە يوقالغان . شۇنداقتىمۇ شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان شېئرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مېراسلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ .

ھاجى نۇرھاجى ______(1929-2001)
تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى ، قارخانىيلار تارىخى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخشۇناس ، <<قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >>،<<يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى >>،<< قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار >> قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ھاجى نۇرھاجى ئۈستۇنئاتۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ بىر ئۈمۇر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى مەڭگۇ قەدىرلىنىدۇ .

مەنبە : كۆپ مۇنبەرلەر ھەم ماتىريال.




كىچىك موللا-زەيدىن
[ يوللىغانmolla-zaidinتەرىپىدىن2008-05-08 22:35قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(firkat)
  • Uyghurx.com
    يوق ئىشىم ھاكىم،ئەمەلدار ،شاھى سۇلتانلار بىلەن،
        بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.
    كوت -كوت  چوڭ موللاخۇن:101103،كىچىك :101987
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:42 [باش يازما]
    wisalguli

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38219
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-14
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! مەشھۇر زاتلىرىمىزنىڭ تەرجىمەھالىنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت،جاپا چىكىپسىز. مەن ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ بىر توپلام قىلىۋالدىم ، ھەم خۇددى بىر بايلىق تېپىۋالغاندەك خوشال بولدۇم. قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن قۇت بەركەت ياققاي! 
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-08 16:47 1 -قەۋەت
    izdinix0999

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14591
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 284
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە284دانە
    شۆھرەت: 285 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2730 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :273(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-17
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
    بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ يىلنامە خاتا بولۇپ قالغانمۇ قانداق؟
    37. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ( 1924~ 1944 )
    38. ھەمدەم بەگ ھاجى ( 1980 ~ 1938 )
    Uyghurx.com
    بىلىمسىزلىك قۇللۇققا يول ئېلىشتۇر!
    | ۋاقتى : 2008-05-08 18:48 2 -قەۋەت
    kalgunde

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36882
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-29
    ئاخىرقى :2008-05-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.        
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-08 19:45 3 -قەۋەت
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1589
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1589دانە
    شۆھرەت: 1600 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 229 سوم
    تۆھپە: 66 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :733(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-28
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى بىر يەرگە توپلاپ ياخشى ئىش قىلىپسىز .كۆپ ئەجىر قىلىپسىز تەشەككۇر موللاخۇن .
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:00 4 -قەۋەت
    Anton522

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 6787
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-07-24
    ئاخىرقى :2008-05-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاۋۇ ئەخمەتجان قاسىمى ..
    .ئابدىكېرىم دېگەن..........
    ئادەملەر توغۇرلۇق سورەت ياكى..
    گەپ سوز بوسىمۇ يوللاپ قويساڭلا ..
    بىز ئانچە بىلمەيدىكەنمىز........رەخمەت!
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:39 5 -قەۋەت
    uyhur029

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37842
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرەت: 67 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 560 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :157(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-10
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بەك ياخشى يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت؛كوپچىلىكنىڭ [ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيەلەر]دىگەن كىتاپنى كورۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،تۇزگەچىلەر ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن،جىلىل ئۆمەر،يۇقۇرىدا مۇللا زەيدىن يۇللىغان <مەشھۇر كىشىلېرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى >دەكى تەرجمىھاللار مۇشۇ  كىتاپتىن ئىلىنغان،ھەم سورەتلېرىمۇ بار،
    بۇ كىتاپتا بۇرۇنقى زاماندا ئۈتكەن ھەم يىقىنقى زاماندا ئۈتكەن 296مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان.
    مەن يوللاپ باقاي دىگەنتىم قانداق يوللاشنى بىلمىگەچكە يوللىيالمىغان،مۇللازەيدىن بولسا مۇشۇ كىتاپتىكى بارلىق مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى يوللاپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-05-09 03:21 6 -قەۋەت
    yurtumm

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19760
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 367
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
    شۆھرەت: 378 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2490 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :305(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-29
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    mana buni paydılık kimmiti bar matiryal deymiz
    Uyghurx.com
    يالغاندىن نەپرەت قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-09 04:12 7 -قەۋەت
    zulnira

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 40324
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-05-10
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخشى يوللاپسىز~يەنىمۇ تىرىشڭ~~~~~
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-11 10:59 8 -قەۋەت
    homa

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 148
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
    شۆھرەت: 149 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1500 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :87(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-19
    ئاخىرقى :2008-05-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    70.ئولبۇلخەيرى ( 1934~ 1944 )  بۇ يىلنامىمۇ خاتا بوپ قاپتۇ، تۈزىتىپ قويسىڭىز.

    ئەجرىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. چوقۇم ساقلىۋالىمەن. سىزگە يەنە بىر قىتىپ تەشەككۈر.
    Nahxilar
    | ۋاقتى : 2008-05-11 14:00 9 -قەۋەت


     

    Time now is:05-11 18:22, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation