| |||||||
otuken.cn دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | تەيۋەن مەسىلىسى تەيۋەن مەسىلىسى.
تەيۋەن مەسىلىسى جوڭگونىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى كولمىناتسىيە نۇقتىسى .شۇنداقلا كومىنىستىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاز كەم بىر ئەسىرلىك تالاش-تارتىشنىڭ ھەقىقى ئاخىرلىشىدىغان يەكۈنى .نۆۋەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى چىرايلىقچە ئۆزى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بۆلگۈنچىلىك خاھىشلىرىغا قەتئى يول قويماي مەلۇم تەرەپلەردە يول قويۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ تەلىۋىنىمۇ قاندۇرۇپ ،ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىگى ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭىچە سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. 1981-يىلى يې جيەن يىڭ ئېلان قىلىنغان چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ توققۇز ماددىلىق سىياسىتى ،1983-يىلى دېڭ يىڭچاۋ سىياسى كېڭەش 6- نوۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ ئېچىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بىلەن1983-يىلى 6-ئايدا دېڭشياۋپىڭنىڭ جوڭگو بىلەن تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ۋە مىللى زىدىيەتلىرىنى ھەل قىلىشتا كۆرۈلمىگەن ئۆزگىچە چارىسى. بۇ چارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى شۇنداقلا شياڭ گاڭ ،ئاۋمېن لارنىڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايون قىلىپ قۇرۇلىشى سوتسىيالىزىم تۈزىمىدىكى جوڭگونىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قاتمال سىياسى مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماي رىئاللىققا دادىل يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.جوڭگو كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ،شۇنداقلا تارىختىن قېپقالغان نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان دۆلەت .ئېنىقكى دۆلەت رەھبەرلىرى يۇقۇرىدىكىدەك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويمىغاندا جوڭگونىڭ پۈتۈنلىكىگە بولغان تەھدىد تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ،سوتسىيالىزىمنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرگە بەرمەكچى بولغان پارلاق ۋەدىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەننىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا نىمىلەرنى ۋەدە قىلغان ؟ قانداق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلغان ؟ بىز سەھىپە ئېتىۋارى ئۈچۈن تەيۋەنگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنىلا بايان قىلىمىز. تەيۋەن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن.قانۇن-تۈزۈمنى ئۆزلىرى تۈزەيدۇ.چوڭ ئىشلاردا ئاخىرقى سوت ھۆكىمىمۇ .ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ.تۈزۈلمىدە تەيۋەن قايسى تۈزۈلمىنى قوللانسا ئىختىيار ئۆزىدە بولىدۇ.چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلاشمايدۇ شۇنداقلا تەيۋەندەتۇرۇشقا مەمۇرىي خادىم،ياكى ئازاتلىق ئارمىيەنى ئېۋەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ھەربى-ئارمىيىسى بولىدۇ ،ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربى كۈچىدىن ھالقىپ تەھدىد شەكىللەندۈرۈش دائىرىسىدە بولماسلىغى كېرەك ئارمىيە،پارتىيە،ھۆكۈمەت ..قاتارلىقلارنى تەيۋەن ئۆزى ئىدارە قىلىدۇ. بېيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتتە تەيۋەنگىمۇ سان بېرىلىدۇ،ناۋادا تەيۋەن باشقا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسا بېيجىڭ چوقۇم ياردەم بېرىدۇ..... كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ سىياسەتلەر تەيۋەنگە نېسبەتەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قىلچىلىك دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.پەقەتلا بىر جوڭگونى ئېتىراپ قىلغان شەرت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە بولىۋېرىدۇ.ئەسلىدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بۇ سىياسەتلەر تەيۋەننى قايىل قىلسا بولاتتى ،بىراق تەيۋەن جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش سىياسىتىنى گومىنداڭنىڭ ئۈچ مەسلىكى ئاساسىدا ئورۇنلاشتا چىڭ تۇردى.يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەينى دەۋىردىكى ئۈچ مەسلەككە قايتۇرۇش خىيالىدا بولدى.مەركىزى ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ ،جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن قانداقتۇ چوڭ قۇرۇقلۇققا تەيۋەننى يەم قىلىش ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تەيۋەنگە يەم قىلىش ئاساسىدا ئورۇنلاشقا قەتئى بولمايدۇ.پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىلا بىرلىككە كېلىشنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى. تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىشىنىڭ توختاپ قېلىشى ،شۇنداقلا ئىككى قىرغاق يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئۈچرىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ۋە خەلقارادىكى مۇھىت، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ پات ئارىدا بىرلىككە كېلەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرپ كۈچلىرىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئۆزگىچە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا رايون خەلقلىرىنىمۇ بۇ خىل يۈكسەك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمەن قىلىشقا ئۇرۇنماقتا .بىراق بۇ ھوقوقنى قايسى جايلارغا بېرىش ياكى بەرمەسلىك يەنىلا مەركەزنىڭ قارارىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.ئېنىقكى ئىككى قىرغاقتىكىلەر تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەشكە تەييارلاندى. ئاسىيادىكى چاۋشيەن بىلەن كۆرىيە ،تەيۋەن بىلەن جوڭگو بىرلىككە كېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلاپ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.چۈنكى مىللەتنىڭ ھەمكارلىشالماسلىغىدەك ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى ھەر-قايسى تەرەپلەر تونۇپ يەتتى .قانداقتۇ بىر قىسىم قاتمال ،دەۋىردىن قالغان كونا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىگە ئېسىلىۋېلىش دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەقى قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ ،شۇنداقلا ئەسلىدە دوست بولۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئاخىرىدا بىز تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان ئالاھىدە مەمۇرى رايون ھوقوقىنى مۇبارەكلەيمىز . ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. دىمەك پەقەت كومپارتىيەلا دانادۇر! قومۇل شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت. ئابدۇرېھىم ئابلەتخان. $$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$ كىتاپخانىمىز توۋەندىكى تۈرلەر بويىچە تىجارەت قىلىدۇ . 1-. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ،ئېنگىلىزچە ، ئىمتىھان بېرىش تەكرار ماتىرياللىرىنى توپ ساتىدۇ . 2- . ھەرخىل ئەدەبىي كىتاپلارنى 20%دىن 50 % گىچە بولغان ئېتىۋار باھادا پارچە ۋە توپ تارقىتىدۇ . 3-. ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ، قىشلىق ،يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى توپ ساتىدۇ . تەييارلىق، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل تىلدىكى دەرسلىك ماتىرياللىرىنى توپ تارقىتىدۇ . 4-.ھەر خىل تىلدىكى كۇرىسلارنى دەرسلىك ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ 5-. «قەھرىمان» « 英 雄 » ماركىلىق قەلەمنى مەخسۇس تارقىتىدۇ ، ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرىنى ۋاكالەتەن ساتىدۇ . ھورمەت بىلەن : ئوتۈكەن (كىتاب)مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە بۇيۇملىرى مال سەپلەش مەركىزى . تور ئادىرسى : www.otuken.cn ئورۇن ئادىرسى : ئۈرۈمچى شەھرى غالىبىيەت يولى 193- قورا . تېلىفۇن : 0991-8556070 فاكىس : 0991-6284377 QQ: 240186636 ، otuken@qq .com [ يوللىغانotuken.cnتەرىپىدىن2008-05-08 15:33قايتا تە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AMIL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تېمىڭىزغا رەھمەت ،مەركىزىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . پۇرسەت بولسا يەنە كىتاپخانىڭىزغا بېرىپ كىتاب سېتۋالىمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
inal دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كىم مۇستەقىللىقتىن ۋاز كىچىشنى خالايدۇ. ئەگەر بېز مۇستەقىل بۇلۇپ قالساق سىز ۋاز كىچپ جۇڭگۇغا ياكى باشقا بېر دۆلەتكە قېتىلىپ كىتىشنى خالامسىز ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tuwwa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئامىركا شۇنداق ئەھۋلدا تەيۋەننى بۇش قۇيۋىتەما .......50 يىل قىلغان ئەجرى بىلكاغىلام كىتىدۇدە...دۇلتىمىز يەنىلام قۇرال كۈچى ئىشلەتمەي ئامىركنىڭ ھەيۋىسىنى سۇنداماي تۇرۇپ تەيۋەننى قۇشۋىلىشى تەس گەپ .....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zhawlan123 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يوللانمىڭىزغا رەخمەت ،كۆپ .ئشلار دىن خەۋەردا بولۇپ قالدۇق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AtTiLA | تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىشىنىڭ توختاپ قېلىشى،
نەدىكى سەبىسەتە بۇ تىخى يىقىندىلا گومىنداڭ پارتىيسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى ۋە ب د ت غا ئەزا بولۇشقا ئاۋز قويدى 36% ئاۋاز بىلەن مەغلۇپ بولدۇ ( ياخشى بولدى ) ئەگەر ب د ت غا ئەزا بولسا چوڭ قۇرۇغلۇق ھۇجۇم قىلمىسۇن دەپ ، ئامىركا ئارمىيسى 2 چوڭ ئاۋيوماتكنى تەيۋەنگە ئىۋەتتى ،، تەيۋەن جوڭگونىڭ كاپتالىزىم تۈزىمىنى قولانسا كۆپ پارتىيلىك تۇزۇمنى يولغا قويسا خەلىق قايسى پارتىينى سايلىسا شۇ پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلسا ، مۇشۇ تەكلىپكە قۇشۇلسا ئاندىن بىرلىكە كىلىمىز دىدى، تەيۋەن دۆلتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ، چوقۇم بىرلىكە كىلىمىز ، ئەما ئۇنداق ئاسان ئەمەس.. ئامىركا قاراپ تۇرمايدۇ.. كورىيە بىلەن چاۋشەنى جوڭگو ئايرىۋەتكەن،،. چوقۇم بىرلىكە كىلىدۇ ، كىلىشى كېرەك | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aliali دەرىجىسى :تېما چولپىنى | نۇرغۇن مەسىلىلەر قەھۋەنىڭ ئىسىل تەڭشىلىش ، تەڭشەلمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tuwwa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاتىلا نەق گەپنى قلىپتۇ....لىكىن دۇلتىمىز مۇ ھامان بىركۇنى ئالىدۇ بۇ تەيۋەننى ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halrang دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھوي بالىلار ..
ئامرىكىنىڭ ئىككى ئاۋماتكىسى يەنە ئۈچۈنجىسى تېخى يولدا كېلىۋاتىدۇ ...ئۇلار تەيۋەننى قوغداشقا كەلگەنمىدۇ...بەك قىززىق جۇمۇ سىلەر... [ يوللىغانhalrangتەرىپىدىن2008-05-08 16:08قايتا تەھر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oghuz0991 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قۇرۇق گەپكە ئىش تاڭ ئاتمايدۇ ... « ئەكە ماۋۇ يەر مىنىڭ ، زىمىنىمنى قايتۇرۇپ بەر دىگەنگە ، ئامىرىكا كەچۈر بىلمەپتىمەن » دەپ قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويار تايىنلىق ...... بوش دۆلەتما ئۇ .....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ihtiram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن 500 مىلىيۇن خەلىقنى باشلاپ بېرىپ قۇرال كۈچى ئىشلەتمەيمۇ تەيۋەننى ئادەم ئايىغى بىلەن دەسسەپ يەنجىپمۇ بولسا قايتۇرۋېلىش كىرەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kugiday دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ئشلارغا بىزنىڭ بىرنىمە دىيىشكە سالاھىتىمىز يەتمەيدۇ!~~``بۇ ئىشلارغا بىز باش قاتۇرمىسقمۇ بولىدۇ!~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azim515 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تېما ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ، ئەجەبا كومىنىستىك پايتىيە بىلەن «گومىنداڭ» بىر جۇڭگو ئىچىدە تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ئىمكانىيتى يوقمۇ؟ ھەممىنى خەلق بىكىتىدۇ، جوڭگونىڭ تىچ ۋە بىرلىكى كاپالەتكە ئىگە بۇلدۇ، مېنىڭچە بۇ ھەرگىزمۇ دۆلەت ۋە رايۇن ئوتتۇرسىدىكى مەسلە ئەمەس بەلكى ئىككى پارتىيە ۋە ئۇلارنىڭ سىياسى ھوقوق دائىرسى ئوتتۇرسىدىكى مەسلە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mhtyns دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇلۇغ كومۇنىستىك پارتىيىمىز بۇ ئىشقا ياخشى ئامال تاپالايدۇ ،بڭز بۇيەردە ئۇنى -بۇنى دىسەك دىققەت چېچىلىپ كەتمىسۇن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tanha.E دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تەيۋەن مەسىلىسى تارىختىن قېپ قالغان مەسىلە، ئۇنى ئۈستىگە گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ تۈزۈلمىسى ئوخشىمايدۇ، بىرى كاپىتالىزم، كۆپ پارتىيىلىك، بىرى سوتسىيالىزم، بىر پارتىيىلىك. ئاندىن قالسا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىشى.
مېنڭىچە تەيۋەن مەسىلىسى ھەل بولسىمۇ ناھايىتى تەستە، زور قۇربانلارنى بېرىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ، ھەل بولغىچە دۇنيا ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كېتەرمىكىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىپار دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ئالدى بىلەن تەيۋەننىڭ تىنچ يول بىلەن قايتىپ كىلىشىنى تىلەيمەن !!!
بىراق ،ئىلىمىز تەيۋەنگە قارتا قانداق ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويسۇن تەيۋەن يەنىلا ئۈزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ ،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپۇن ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتىكى تالاش-تارتىش جۇڭگۇدا كاپىتالىستىك تۈزۈمنى يولغا ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يولغا قۇيۇش ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ،ئاخىرىدا ، ئىچكى ئۇرۇش گومىنداڭنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن ، بۇ يەردە يەنە غۇرۇر مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ،ئۇلار يەنە <<ئەينى ۋا قىتتىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ئادا قىلىپ بۇلالمىغان ۋەزىپىنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيەت>>ى بىلەن ئۇلارغا ئۈزىنىڭ گومىنداڭغا سادىقلىقىنى ئىپادىلايدۇ ، شۇڭا ئامىركىغا تايىنىدۇ ،ئامىركىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى ،كۈرۈنۈشتە ئۈزىنىڭمۇ كاپىتالىستىك دۆلەت بۇلغانلىقىدىن ئىبارەت رىياللىق بۇلۇپ ،ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىگە تەيۋەندىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ جۇڭگۇنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت رەزىل نىيەت يۇشۇرۇلغان !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz | بىز نىمە دىسەك بىكار!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SALMAK دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قۇرۇق گەپكە ئىش تاڭ ئاتمايدۇ ... « ئەكە ماۋۇ يەر مىنىڭ ، زىمىنىمنى قايتۇرۇپ بەر دىگەنگە ، ئامىرىكا كەچۈر بىلمەپتىمەن » دەپ قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويار تايىنلىق ...... بوش دۆلەتما ئۇ ..... نىمىلا بۇلمىسۇن ئالدىمىزدىكى كەلمەكچى بولغان ئىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qurumluq دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنداق قىلىشقا بىز ھەرگىز يول قۇيالمايمىز .....ئەمما لېكىن ئۇلار مۇستەققىل بولسا دۇنيادا بىز «جۇڭخۇا مىللەتلىرىى»نىڭ يەنە بىر دۆلىتى كۈپىيەتتى ئەمەسمۇ؟!.......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qurumluq دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | «تەيۋەن مۇستەققىللىغى»بۇنداق قىلىشقا بىز ھەرگىز يول قۇيالمايمىز .....ئەمما لېكىن ئۇلار مۇستەققىل بولسا دۇنيادا بىز «جۇڭخۇا مىللەتلىرىى»نىڭ يەنە بىر دۆلىتى كۈپىيەتتى ئەمەسمۇ؟!.......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|