سىز بۇ تېمىنىڭ 302ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: چىچەك ئۇنۋىرىستدىدىن چىققان تۇنجى دۇكتۇر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
perwazi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36940
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-29
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 چىچەك ئۇنۋىرىستدىدىن چىققان تۇنجى دۇكتۇر

خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئىلىم شەيداسى دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللا ئەلى 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۇنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتۇرنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بۇلۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھاللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھرىگە كۇچۇپ بارغان، 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى تىجارەت ۋە ھەج قىلىش ئۇچۇن دوكتۇر ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىلىپ ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننى مىسىر ئەرەپ جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ كىلىپ ، ئەزھەر ئۇنۋېرىستى تارمىقىدىكى تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كىتىدۇ. دوكتۇر ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئوگەنگەندىن كىيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنۋېرىستى تارمىقىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئۇقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنۋېرىستى ئەرەپ-ئىسلام تەتقىقاتى فاكولتىت ئىسلام شەرئىتى كافىدىراسىگە كىرىپ ئۇقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكولتىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ، 1994-يىلى شۇ فاكولتىتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ئاسپىرانىتلىق ئۇقۇشىنى ئىمام قۇدۇرىنىڭ }ھىجىرىيە428-يىلى ۋاپات بولغان{ }تەجرىد{ ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى قىسمىنى قايتا كۇرۇپ تۇزۇش ۋە كىتابنى ئۇمۇمىيۇزلىك قايتا رەتلەش تەتقىقات تۇرىگە قاتنىشىپ ، ئاسپىرانىتلىق ئۇقۇشىنى تاماملايدۇ ۋە شۇ يىلى تۇققان يوقلاش سەۋەبى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدۇ ۋە تۇرمۇش قۇرىدۇ. 1999-يىلى قايتىپ كىلىپ ماگىستىرلىق ئۇقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يىتەكچىسى دوكتۇر سەئىد مۇھەممەدنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ تەجرىد كىتابى ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىرىشىدۇ. 2002-يىلى 3-ئايدا دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ ، ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان ۋە شۇ يىلى ۋەتەنگە ، دوكتۇرلۇق رىسالىسى ئۇچۇن ماتىرىيال توپلاپ ۋە ئائىلىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا دوكتۇرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئوتكەن بولسىمۇ ئۇستاز مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا ئائىلىنى، تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىسىغا تاشلاپ قۇيۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتۇرلۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن مىسىرغا ئۇچۇنجى قېتىم كىلىدۇ. ئۇچ يىل جاپالىق ئۇقۇش ئارقىلىق ، ئاخىرى دوكتۇر يىتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتۇر يىتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ تاللانغان فىقھى كۈز قاراشلىرى ناملىق دوكتۇرلۇق رىسالىسىنى يېزىپ چىقىپ 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۇنى دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنىۋانىغا ئىرىشىدۇ. 


دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ ئەزھەر ئۇنۋېرىستى قۇرۇلغان 1000يىلدىن بۇيانقى ئەزھەردىن چىققان تۇنجى ئويغۇر دىنى دوكتۇر بۇلۇپ ئۇ ئىرىشكەن شان-شەرەپ يالغۇز ئۇستازنىڭلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى پۇتۇن ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شان-شەرىپى ۋە پەخىرى ھىسابلىنىدۇ. دوكتۇرنىڭ يۇقارقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە ئۈتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇدىن كاشغەرى}ھىجىرىيە570-يىلى ۋاپات بولغان{ نىڭ ھەنەپىيە قانۇنچىلىق كۈز قارىشى ئاستىدا يېزىپ چىقىلغان<< مۇنيەتۇل مۇسەللى>> دىگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتى ئۇستىدە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنىڭ تۇلۇق تەرجىمىسىنى ئىشلەش ئالدىنقى يېرىم باسقۇچىنى تاماملىغان ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدۇ. ئۇستاز يەنە دوكتۇر يۇسۇپ قەرداۋىنىڭ <<سلامدىكى ھالال ۋە ھارام>> دىگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئويغۇر ئۇقۇرمەنلىرى بىلەن يۇز كۇرۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىزغىن سۇيۇپ ئۇقۇشىغا ئىرىشكەن . ئۇستاز دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى تۇرمۇشىنى قەيەردە ئوتكۇزۇش ، نىمە خىزمەت قىلىش توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: <<مىنىڭ كىندىك قېنىم ۋەتەندە تۇكۇلگەن، مەن خەلقىمىزنىڭ دىنى ئىھتىياجىنى قاندۇرىمەن دەپ ئۇقۇشقا كىرىشكەن، ئاللا خالىسا، مەن دوكتۇرلۇققا ئىرىشكەن گۇۋاھنامەمنى ئېلىپ بولساملا ۋەتەنگە قايتىمەن، چۇنكى مىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىم ۋەتەندە، نۇرغۇن ئىشلار مىنىڭ قىلىشىمنى كۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر مەن راھەت-پاراغاتلىك تۇرمۇش كەچۇرۇشنى ئويلىساملا ،ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدىكى،قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنۋېرىستىدىن باشقا نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر ياكى ئىنىستىتوتلار مىنى قۇبۇل قىلىدۇ،چۇنكى ئەزھەرنىڭ دوكتۇرلىرى ھەر قايسى ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدە ئەتىۋارلىنىپ خىزمەتكە قۇيىلىدۇ، لىكىن بۇ يەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان ئىھتىياجىدىن بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىھتىياجى بەكىرەك كۇچلۇك ، شۇڭا سۇ ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپىراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك، ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا ۋەتەنگە قايتىپ خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىدە بۇلىمەن>> شۇنداق، خەلقىمىزنىڭ مەردانە ئوغلانلىرى دائىم ئوز مەنپەتىدىن ۋاز كىچىپ، خەلقىمىز ئۇچۇن قۇربان بىرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى بۇيۇك سالجۇقىلار پادىشاھلىقىدىكى يۇقىرى مەرتىبە، شان-شەرەپ، ئابرۇيدىن ۋاز كىچىپ ئانا ۋەتىنىگە، تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندەك، ئابدۇقادىر داموللام ئۇزىنىڭ ئىلمى قۇۋىتىنىڭ چۇڭقۇرلىقىغا تاينىپ ، چەتئەللەردە ھەرقايسى مەدرىس مەسجىدلەردىكى مۇدەررىسلىك ۋەزىپىسىنى، يۇز-ئابىرۇيىنى خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۇچۇنلا تاشلاپ قايتىپ كەلگەندەك، ئۇستاز دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللامۇ خەلقىمىز ئۇچۇن بىر ئومۇر خىزمەت قىلغۇسى. ئاخىرىدا بىز ئۇستازنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم،خىزمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇڭۇشلۇق، تىنىنىڭ سالامەت بۇلىشنى، خەلقىمىز ئۇچۇن ئىلىم يۇلىدا سوققان يۇرىكىنىڭ بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماي، خەلقىمىزگە ھەقىقى دىننى ئىلىم بىرىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن ھەرۋاقىت ئىجابەتلىك دۇئالىرىمىزدا تىلەيمىز. ئامىن......................

ئەجىر قىلغۇچى: تۇتېم
       
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۇنى . مىسىر- شەھىرى قاھىرە 
مۇنبەر تۇرى

 

___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-08

 

Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-08 15:05 [باش يازما]
ayturk

رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 10286
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 488
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە488دانە
شۆھرەت: 502 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :497(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-04
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،ماشائاللا،
Nahxilar
[img]http://funnylogo.info/logo/predator/Bolts/ayturk.aspx[/img
| ۋاقتى : 2008-05-08 19:49 1 -قەۋەت
perwazi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36940
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-29
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

buنىڭ سەھىپىسى خاتايۇللىنىپ قاپتۇ
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-10 17:58 2 -قەۋەت


 

Time now is:05-11 18:22, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation