| |||||||
muemin | گۈل-سەنەمگە مۇشائىرە ياسىنجان ئىبراھىم قىزىكەنسىز توغراقنىڭ چۆلدىن ئورۇن تەگدىمۇ، جەزىرىدە يىلتىزلاپ سىزمۇ مىڭ يىل ياشامسىز. قۇم-بورانغا يەم بولسا رۇخسارىڭىز مايلىمۇ، ياكى قەيسەر ئوغلاندەك قۇملۇقلاردىن ئاشامسىز. سۆيۈنسىكەن توغراقلار سىزدەك توغراق قىزىدىن، ئۆلمەيدىغان جەسۇر روھ ،روھىڭىزدىن بالقىسا. قولىڭىزدا قەلەمدىن سىيا ئەمەس تامدى روھ، ئۇ قۇياشقا ئايلىنىپ قەلىبلەردە چاقنىسا... توغراق قىزى توغراقتەك ياشاش قىيىنن ،بەك قىيىن، ياكى نازۇك گۈل بولۇپ باغ ئىچىدە قالامسىز، ئەجرىڭىز كۆپ شەبنەمدە ھۆرمىتىم بار قەلبىمدە، مۇشائىرەم سىزگە خاس قېنى جاۋاپ يازامسىز؟... ___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-08
| ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | شۇنداق توغراق قىزىمەن ، ئەنداز ئالاي شۇ روھتىن ، قىيىن بولسا گەر يۇلۇم ،لىكىن ئارقا قايتمايمان . چىن ئەقىدە مۇقەددەس ،دىلدا مەھكەم بۈلەكلىك ، يىقىلساممۇ مەيلىغۇ ، ئەمما ۋىجدان ساتمايمەن . مىڭچە ياشنى كۈتمەيمەن ،ئارمان بىلەن ياشايمەن ، ئامان بولسا بۇ جېنىم ، مىرادىمغا يەتكەيمەن . توغراق روھى دىلىمغا ، ئارام بەرمەس زادىلا ، مەن تىلەيمەن رەبىمدىن ، ئارمان بىلەن كەتمەيمەن. ھۆرمىتىڭىزگە مۇناسىپ ،بۇلالىسام شەبنەمدە ، مىڭلارچە ھەم تەشەككۇر ،سىزگە چايلار تۇتقايمەن. شەبنەمدىكى ئىللقلىق ،مىھىر ۋاپا دوسلۇقنى ، ئاستا -ئاستا زوق بىلەن ،شېئرىمغا قاتقايمەن . | ||||
---|---|---|---|---|---|
sardar992 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | گۈل سەنەممۇ يامان ئىكەنغۇ 0.....
ئوبدانلا كەپتۇ....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muemin | كۈتكىنىمدەك يېزىپسىز مۇشائىرە قايتۇرۇپ،
جاۋابىڭىز قەلبىمنى سۆيۈندۇردى باشقىچە. بولسا سىزدەك ۋىژدانلىق ھەممە خانىم-قىزىمىز، ياشىغاندەك بولاتتىم خۇددى يۈز مىڭ ياشقىچە. ئۈمۈدۈم شۇ يەنىلا تىل بىلەن دىل بىر بولسۇن، ئۈلگە بولۇڭ پەزىلەت،ئىلىم بىلەن قىزلارغا. باھا بېرەر بىز ئەمەس ئارقىمىزدىن ئەۋلاتلار، بۇ ھاياتلىق يولىدا بىز قالدۇرغان ئىزلارغا... | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | تىرىشمەن مەن چۇقۇم ،ئەمەل قىلىپ سۈزۈمگە ، ھامان بىر كۈن كۈرۈمەن ، ئارمانىمغا يەتكەننى . ئويلىساملا يۈرەكتىن ،تولغىنىمەن ئۈزۈمممۇ ، تامغىسىزلار كۆپ يىلىم ، بەقۇدرەتتە ئۆتكەننى . | ||||
---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | مۇنبەر خۇددى لاي سۇدەك جىمجىتلىقتا ياتقانتى، كىرىپ كەپتۇ موئمىنجان قوشاق تىزىپ سەنەمگە. بىزمۇ قايلاپ تۇرمىدۇق، تىزىپ سالدۇق مىسرانى، دىلغا پۈككەن ئارزۇنى يىزىپ مۇنبەر قەلەمدە. توغراق روھى مۇجەسسەم سەنەم قىزنىڭ جىسمىدا، ئارزۇلىرى پۈتۈلگەن يازغان ھەر بىر مىسراغا. قېنى كىم بار ئۇلاشقا مۇشائىرە ئاخىرى، كۈرۈپلا ئۈتۈپ كەتمەڭ، قەرزىڭىز بار تېمىدا. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muemin | كېتىپ قالغان پۇرسەتنى قوغلاپ تۇتقۇم بار دىسەم،
نى بوشلۇقلار ئالدىمدا تولدۇر دىدى دىۋەيلەپ. قالغان ھايات چوڭ پۇرسەت شۇ پۇرسەتتە بار قىممەت، مىۋە بەرسۇن بىر ئۆمۈر ئارمىنىڭىز چىچەكلەپ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
karwanoti دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ۋاھ ! مۇشائىرە ئېيتىش قىززىپ كىتىپتۇغۇ بۇ يەردە ، گۈل -سەنەمنىڭ تېزدىنلا شېئىر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشىغا قول قويدۇم ! مۇنبىرىمىز سىزدەك گۈل -سەنەملەرگە پۈركەنگەي !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muemin | قاراپ تۇرماي لەيلىمۇ مۇشائىرە يېزىپتۇ،
ماسلاشتۇرۇپ شېئىرنى گۈل-سەنەمگە جۆر بولۇپ. مىسرالاردىن گۈلدەستە تىزىپ سۇناي سىزگىمۇ، دوسلار قانچە كۆپەيسە كېلەر ئىلھام ئۇلغۇيۇپ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
suwadan | [color=#6600
00]توغراق روھى بالقىيدۇ ، گۈل سەنەمنىڭ روھىدىن، مەنمۇ يازدىم ئۇلاپلا ، ئىلھامىمنىڭ زورىدىن. سۇۋادانمۇ توغراققا ، ئەل مىساقدىن بىر تۇققان، قۇۋۋەت ئېلىپ كۆكلەيمەن ، ئۇشبۇ شەبنەم تورىدى. | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | توغرا دەيسىز مومىنجان ،ۋاقىت دىگەن ئاتقان ئوق ،
كېتىۋەرسۇن كەتكىنى ، بوش قويمايمەن كەلگەننى . مەن باسىمەن ئىزلاردىن ،ئاڭا ئۆرنەك بار مەندە ، تەغدىرىمدە دەپ گۇنا، كۈرۈپ باشقا كەلگەننى . | ||||
---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | چىن ئەقىدە ئايلاندى تۇمەن مىڭ گۈل-گىياھقا ، توغراق قىزى كەتتىكىن كۆرۇنمەيدۇ قاياققا . ئىجات -ئەمگەك مىۋىڭىز قايىل قىلغاچ كىشىنى ، دىلدا چەكسىز ئىشتىياق قاراپ قويۇڭ بۇياققا . گۈل-سەنەمگە ئاتالغان مۇشائىرە بولغاچقا ، تۇشلاپ بۇزۇپ قويمايدەپ ئۆتۇپ كەتتۇق شۇڭلاشقا . قاپىيەلەر كەلمىسە ناگاندا بىر چاخچاققا ، كىرمەي قاراپ قالدۇققۇ قەلەم ئاجىز بولغاچقا . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muemin | گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك كەپتۇ مانا سۇۋادان،
ئىلھامىدىن چاچقۇ چېچىپ گۈل-سەنەمنىڭ يولىغا. گۈل-سەنەممۇ قانداق سوۋغا تەييارلىدى بىلمىدۇق، بىر دەستە گۈل بارمىكىن دەپ قاراپ قالدۇق قولىغا. | ||||
---|---|---|---|---|---|
muemin | مەجنۇنتالمۇ كۈلۈپ كەلدى بىر ناخشىنى ئەسلىتىپ،
تال-تال سۇمبۇل چاچلىرىدا نەۋ باھارنى ئەسلىتىپ. دەرت كۆرمىسۇن بۇ دوسلارنىڭ قەلەم تۇتقان قوللىرى، ئۆرلەيلى تەڭ يۈكسەكلىككە رەقىپلەرنى پەسلىتىپ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | لەيلى قىزچاق يىتىلەپ، كىرىپ كەلدى مەجنۇن تال ،
بۇ شاتلىقىم يۈرەككە قانداق سىغىپ باراركىن . سۇۋادانمۇ كىردىغۇ ،شاخلىرىنى يەلپۈتۈپ ، كىرمەسلىككە چاخچاققا ،كىمنىڭ كۆڭلى ئۇناركىن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
muemin | ۋاقىت توشتى ئامال يوق،
كېتىپ قالاي يىغىنغا . يوقلىمىدا يوق بولۇپ، مۇش تەگمىسۇن بېقىنغا. ئۆتۈپ كەتسە بىر سائەت، كېلەي يەنە سورۇنغا ، رۇخسەت قىلىڭ گۈل-سەنەم، ئوخشاتماستىن ھورۇنغا. | ||||
---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | شات كۈلسىلا توغراق قىز بىزمۇ شۇنداق كۈلىمىز ، شەبنەم ئىللىق ئۆيىمىز ئۇنى بەك چوڭ بىلىمىز . شەبنەمدىكى قىزلارغا دىلدا بولغاچ ئىشتىياق ، كۆڭۇل تارتىپ قىزلارنى شۇڭا دايىم كىلىمىز . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mehrigiya | سەنەم ئۈچۈن يېزىلدى تالاي نەزمە قوشاقلار ،
بولغاچ ئاڭا مۇناسىپ بۇ يۈرەكلەر سۆيۈنەر . ھۆسۈن قوشقاچ شەبنەمگە خۇددى باھار كۈلگەندەك ، باغلاردىكى رەيھانمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈلەر . تىلىگىم شۇ چىچەكلەپ مىۋە بەرسۇن ئارمىنى ، ئورۇن ئالسۇن بارچىنىڭ چوقۇم قەلب تۆرىدىن . توغراق قىزى دىگۈم يوق ئەلنىڭ قىزى دەي ئۇنى ، ئىگەم ئۆزى ساقلىغاي يامانلارنىڭ كۆزىدىن . | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | رۇخسەت سىزگە مومىنجان ، بېرىپ كىلىڭ يىغىنغا ، مەجنۇن تالىم جان دوستۇم. تېزرەك كىلىڭ سورۇنغا. ئۈزى مومىن ئۇكىمىز ، چىقىپ كىرسە رۇخسەتكىن ، بېقىنىمۇ ,يانچۇقمۇ ، ئۇچۇرمىغاي ھۇجۇمغا . | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | مانا كەلدى گىيارىم ، يۈرەكلەرنى ياشنىتىپ،
گۈل ھۆسنىگە ،ساداقەت نۇرلارىنى چاچرىتىپ . يالغۇز ئەمەس ھەممىمىز جۈر بۇلىدۇ ھەممە قىز، ماخى دىلبەر كىلىدۇ ، تېخى دەستە گۈل تۇتۇپ ، | ||||
---|---|---|---|---|---|