| |||||||
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەچتىكى قىزلارياتىقى[كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ]كەچتىكى قىزلار ياتىقى ھايات نۇپۇس مۇھەممەت جىمجىت ياتاق................. ئېغىر-ئېغىر خۇرسىنىشلاردىن. تۇنۇپ قويار ئۈزىنى قايتا، يۈزئۇپىسى تۈكۈلگەن يەردە. چېچىلىپ ياتار سەككىز ساپما كەش، ئالدىراشلا يۇيۇلغان پايپاق. قىڭغىرتۇرغان ياستۇق لاڭگىسىگە. جىمجىت سىرغىماقتا. ئۈنئالغۇدىن چىققان مۇزىكا. يالىڭاچلانغان قەلبىڭ قېتىغا. ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ سىڭىدۇ ئاستا، ھالسىزغىنە غىچىرلىشىدا. ئاۋاتلاشقان ئىھ تۈمۈر كارۋات. ئۇقۇماقتا مۇڭلۇق بىر ناخشا، گاراڭلاشقان شەھەر شاۋقۇنى. دېرىزىدە كېتىدۇ ھۇۋلاپ، يۈزماي ،ئەتىر پۇرىقىدا. غالىپ كەلگەن ياتاق تۇرمۇسى. شەھەرسىمان مايلانماقتا. كىتىپ قالدى ئاخىرقى قىزمۇ، سىگنال بىرىپ ئۆتكەن تاكسىدا. گۇۋاھچى بۇپ ئىسلاشقان بىنا، قالدى ئوخشاش بۈگۈنمۇ يەنە. قالدى يەنە ئۇزۇتۇپ ئەنسىز، ۋىجىككىنە غېرىپ دەرۋازا. قىزلار ياتىقى كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ ئامبىرى، تالاي-تالاي كۈندۈزلىرىنى. چۈشلىرىگە ئايلاندۇرماقتا. ياتاق،كارۋات. ئۆتەڭلەردەك ئۇنتۇلغان مۈلۈك، تۇنجى قېتىم سەپسالار بەلكىم. كارۋاتقا،تاماق ئۈستىلىگە. يېڭى بىر نەرسىنى كۈرۈۋاتقاندەك، [ يوللىغانmunbarhumarتەرىپىدىن2008-05-08 18:46قايتا ]
___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-08
| ||||
---|---|---|---|---|---|
hakimbag دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەزمونى مول ،چوڭقۇر مەنىلىك شىئېر ئىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurluk1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سەۋىيەم سەل تۆۋەنمۇ كەچۈرۈڭ.بۇ شېرىڭىزنىئانچە چۈشەنمىدىم..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
نەۋبەر دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راستىنلا شۇنداقمىدۇ ، مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرى نىمە ئىش قىلىدىكىن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىپار دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 12-قەۋەتتىكى(PARIXTA914) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس بۇ شىئىرنىڭ ئاپتورىغا قاراپ بېقىڭە توردىشىم !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ شىئىرىڭىز ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇمنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ،رەخمەت سىزگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىPARIXTA914نىڭ2008-05-08 17:15يوللىغان : توۋا سىلەر شىئىرنى ئۇقۇدۇڭلارمۇ يوق ،بۇ ئايال يازغۇچىلار ئىچىدە يىتىلۋاتقان ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئېلۋاتقان ياش ئەدىپ ھايات نۇپۇس مۇھەممەت تۇر ،ئۇقۇغاندا سەگەك بۇلۇڭ | ||||
---|---|---|---|---|---|
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەرنىڭ ئىپپىتى غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئىچىلار يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چېچىلار ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۆكۈلەر نەدىسەن مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم؟ خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە. ئولتۇرۇپ ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە تاكسىدىن چۈشىۋاتقان، ئىشتان كىيمىگەن قىزلار ئىچىدە سېنى بارمىكىن دەپ قالىمەن. قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم_چىم ئانا گۆشى ساتماقتا بىر كىم سەن تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ. دەرەخ شېخىدىكى ھىجرانكار كاككۇك مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم. سەن بىلمەيسەن، بۇ يەردە ئۇر توقماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئېچىل داستىخان ئېچىلېۋىرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى. ساڭقاڭ ئىشىكىم ئوغۇرلاندى،تەڭگىلەرنىڭ شاراقلاشلىرىدىن. كېلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى. چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاخزادە سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئوتۇن بازىرىدا. پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ ئىزدەپ تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتاپخانىدا. پەرھاد ئون يىل تەشتى بىتون ئەمەس شېرىن تېغىنى، غېرىپ پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكىل مۇھەببىتىگە. تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە. سەن نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە دەرەخ كاۋىكىدا مېنى ساقلاپ تۇرامسەن؟ ئاسمان،دېڭىز،تاغ تۈغۈلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا؟. . . ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بېرەمسەن؟. . .! مەن ئورۇق،ئاچ مەن ساڭا خۇمار ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار. رادىئو جىنسي كېسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئېلان ئەرلەرنى چۆچۈتكىنى ئېلان ئەمەس قەرىز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار. ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى. ۋەتەن ئەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادىدا سۇسلاشقان ئىمانىدا داتلاشقان پىچىقىدا چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق قانغا،ۋىجدانغا. قورقۇپ كەتتىم ئۈمۈتسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە_لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشىدىن ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشىدىن ئىشتان بېغىغا قول ئۇزاتقاندا پۈتمەس قەرىزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشىدىن. ئاھ، مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم كۈلمەي،يىغلىماي،ماڭماي مېنى ساقلاپ تۇرامسەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە. | ||||
---|---|---|---|---|---|
UYGURIYA23 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى تېمىكەن ، كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | ئۈستىدىكىلەر نىمە دەيسىلەر؟ بۇ شىئېرنىڭ ئاپتۇرى بىر قىز بالا تۇرسا ئۇنىڭمۇ ياتاق تۇرمۇشى بېشىدىن ئۆتكەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|
munbarhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما20قەۋەتتىكىmolla-zaidinنىڭ2008-05-08 20:42يوللىغان : شۇ ئەمەسمۇ تېمىنى تۈزۈك ئۇقۇماي كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغانلار،بۇبىر ئالى مەلۇماتلىق ياش شائىرەنىڭ شىئىرى | ||||
---|---|---|---|---|---|
orbita دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يۇقارقى شېئىرلاردىن خوش بولدۇم ۋە نۇرغۇن تەسىرلىك ئشلار ياردىمغا كەلدى.
رەخمەت سىزگە ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى. ۋەتەن ئەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادىدا سۇسلاشقان ئىمانىدا داتلاشقان پىچىقىدا چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق قانغا،ۋىجدانغا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Masot دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنئڭمۇ قئزئم الى ماكتاپتا وقۇيدۇ ۇلارنئڭ ياتئقى ۇنداخ اماسقف
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
elkar1112 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەۋىيەم سەل تۆۋەنمۇ كەچۈرۈڭ.بۇ شېرىڭىزنىئانچە چۈشەنمىدىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam110 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قايسى مەكتەپنىڭ قىزلار ياتىقى ئىكەن.....................!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azizrosulkam دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھايات نوپۇس قىز بالىما
| ||||
---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەيلى قايسىلا مەكتەپنىڭ ياتىقى بولسۇن، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئومۇملۇققۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kiroranyigit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بۇتىمىنى باشقا بىر تور بىكەتتە بولتۇر كۆرگەن................
ھەممەيلەن قانچە قىتىم كۆرسە ،شۇنچە ئەرزىيدۇ.......................ھەقىقەتەن بولىدىغان شىئىر................. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bant دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ يەنە بەش يىل ئوقۇغۇم كېلىۋاتىدۇ،ئالى مەكتەپتىكى،قالايمىقانچىلىققا تولغان ،شىۋەپۇرايدىغان ياتاق،پۇت پۇرايدىغان سىنىپ،باھاسى ئەزان بەزىدە پۇل بەرمەي بىكارغا تاماق يەيدىغان مەكتەپ ئاشخانىسى ....دېمىسىمۇ ئالى مەكتەپ ھاياتى پەقەت بىر قېتىم كىلىدۇدە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tatliklaza دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار،
سىلەر دەۋاتقان بۇشائىرە 98 ،99- يىللاردا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىدا ئەدىبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇشتا ئوقىغان قىز شۇمىدۇ؟ بولسا ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلگىلى بۇلارمۇ،تىلفۇن نۇمۇرى ياكى چ چ نۇمرىنى بىلدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن،،، ئۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم ئىدى...8 يىل بۇلۇپ قاپتۇ كورۇشمىگىلى....( ئالاقىلاشمىغىلى) ياردەم قىلىڭلار.... رەھمەت!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|