![]() |
| |||||
nazakat29
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
BαНéㄒ
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىرسىنى ياخشى كۆرگەندىكىن ئاغىرغىچە ياخشى كۆرۈش لازىمدۇر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam
توغراق قىزى
| تىلى ئاددى ،ئەمما جانلىق چىقىپتۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
karwanoti
مەن ۋە شەبنەم ...
| ۋاھ ، تىلى ئاددى ئەمما چۈچۈك ئەسەر يازىدىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىز مۇنبەرگە پەيدا بوپتىدە !...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kisek
| بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ خېلى ئويغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم
![]() ھىكايىڭىزدا رېئاللىقتىكى تورداشلارنىڭ «توردىكى مۇھەببەت»پىسخولوگىيەسىنى ،بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاددى لېكىن يەنىلا كىشىنىڭ ھىىسىياتىغا ئانچىلىك -ۋاقىتلىق بولسىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرالايدىغان تىراگى-كومېدىيەنى ئاددى-چۈچۈك تىلدا ئەپچىللىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپسىز.يېزىقچىلىق ماھارىتىڭىزنىڭ كۈندىن -كۈنگە يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
irpan3
| ياشلار تور ئاقىلىق مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ؟
سۇئال؛ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مەن بىر ئوغۇل بالا بىلەن تورئارقىلىق ئالاقە قىلىۋاتىمەن،بۇنىڭغا ئۇچ يىل بولۇپ قالدى،بىز تىخى ھازىرغىچە بىربىرىمىزنى كۆرۇپ باقمىدۇق،ئىلخەت ياكى تىلىفۇن ئارقىلق ۋە ياكى چايخانا ۋە توردىكى سۆزلىشىش قوراللىرى ئارقىلىقلا پاراڭلىشىۋاتىمىز،مەن بۇ يىل 16ياشقا كىردىم،ئۇ مەندىن بىر قانچە ياش چوڭ،مەن بىر دىنى ئائىلىدە چوڭ بولغان،ئۆزۇممۇ ھەم دىنغا ئىخلاسمەن،ئۇ بالىمۇ ياخشى ئائىلىنىڭ بالىسى بولۇپ،بەكلا سەمىمى،ماڭا ئەزەلدىن ئەخلاقسىز گەپ قىلىپ باقمىدى،مىنى ناھايتى ھۆرمەتلەيدۇ،مىنىڭ سۇئالىم؛ئىسلامغا ئاساسلانغاندا مىنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىم توغىرمۇ ياكى خاتامۇ؟ئاللا سىزگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. جاۋاب؛ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيەلەش ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە بەخىت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن، ھۆرمەتلىك سىڭلىم،سىزنىڭ ئىسلامنى ئۇگىنىشكە بولغان يۇكسەك قىزغىنلىقىڭىزغا رەھمەت،ئاللا بىز ھەممەيلەننى شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىسۇن ۋە ئىسلامنىڭ نورى بىلەن دىلىمىزنى يورۇتسۇن، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمان ئاكا ئۇكىلار ۋە ئاچا سىڭىللارنىڭ ئۇلارنى ئاللا چەكلىگەن ھارام ئىشقا ئىلىپ بارىدىغان،ۋە شۇنىڭغا يىتەكلەيدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،قەدىرلىك سىڭلىم شۇ سەۋەپتىن مىنىڭ سىزگە نەسىھىتىم شۇكى سىز بۇ مۇناسىۋەتنى قەتئى تاشلاڭ،ئەگەر ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ توي قىلىش نىيىتى بولسا ئۇ بۇنى سىز توي قىلىدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە سىز ۋە سزنىڭ ئاتائانىڭىز بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىشتىن ئىبارەت مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق ئورۇندىشى لازىم، سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزغا قارىتا كانادا تورۇنتۇ ئانتىرىيەۋ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىمى،يۇقرى دەرجىلىك خەتىپ ئۇستاز ئەھمەت كۇتى مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىدۇ؛ سىزنىڭ تىخى شۇنچە كىچىك تۇرۇپلا ئوغۇللار بىلەن بۇخىل مۇناسىۋەت قۇرۇشىڭىز توغرا ئەمەس،ئىسلام بىزنىڭ بۇخىل نىكاسىز مەخپى مۇناسىۋەت قۇرىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ،ئەگەر سىزنىڭ توي قىلىش ئازۇيىڭىز بولسا بۇنى ئاتا ئانىڭىزنى ئىشقا سىلىشتىن ئىبارەت مۇۋاپىق يول ئارقىلىق ئىلىپ بىرىشىڭىز لازىم،لىكىن مىنىڭ قارىشىمچە سىز تىخى توي قىلىشنى ئويلاشتىن خىلىلا كىچىك ئىكەنسىز،توي ئىشى ئەلۋەتتە جىددى،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تىگىشلىك چوڭ ئىش،ئەمدى ھىلقى ئەرگە كەلسەك ئۇ سىزدىن چوڭ بولغاندىن كىيىن،يىشىغا توشمىغان،ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدىغان بىر كىچىك قىز بالا بىلەن بۇنداق مەخپى مۇناسىۋەت ئورنىىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىشى كىرەك ئىدى،شۇڭلاشقا سىزگە نەسىھىتىم بۇ مۇناسىۋەتنى قەتئى تاشلاڭ،ۋە تىلفۇن ئارقىلىق بولسۇن ياكى تور ئارقىلىق بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى ئۇزۇڭ، ئىسلامغا ئاساسلانغاندا زىنا كەچۇرگىسىز قەبىھ جىنايەت بولۇپ،شۇڭلاشقا ئىسلام بىزنى ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان ھەرقانداق ئىش،يول ۋە ۋاستىلەردىن قەتئى يىراق تۇرۇشقا بۇيرىيدۇ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە زىنانىڭ يۇز بىرىش جەرياننى چۇشەندۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدى بىلەن قاراش،ئاڭلاش ئاندىن سۆزلىشىش ئادىن تۇتۇش،،،ئاخىرىدا رەسمى ھارام قانۇنسىز جىنسى مۇناسىۋەتنى قىلىشتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى ئىيتقان،شۇڭلاشقا بىز مۇئمىنلەر ئۆزىمىزنىڭ كۆزىمىز،قۇلىقىمىز،قولىمىز،تىلىمىز شۇنىڭدەك يەنە مىڭىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەزالىرىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ زىنادىن ئىبارەت بۇ قەبىھ جىنايەتكە قارشى تۇرىشىمىز كىرەك،قىسقىسى مەن سىزنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرىشىڭىزنى ۋە ئۇزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،سىز تۆۋەندىكى دۇئانى ئۇگىنىۋىلىپ داۋاملىق ئوقۇڭ؛‹‹ئى پەرۋەردىگارىم مىنى قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن،ئى پەرۋەردىگارىم مىنى كۆزۇمنىڭ يامانلىقدىن ساقلىغىن،ئى پەرۋەردىگارىم تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن،ئى پەرۋەردىگارىم مىنى جىنسى ئەزايىمنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن.›› مەنبە؛ئىنگىلىزچە ‹ئىسلام تورئۇستىدە›تورى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kisek
| irpan3 تورداشنىڭ «توردا مۇھەببەت»ھادىسىسىنى دىنىي-ئەخلاق نۇقتىسىدىن شەرھىيىلىشىنىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ تونۇپ يېتىش كىرەك ئىكەن.بۇ ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلىرىڭىزغا تەشەككۈر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
irpan3
| توردا ئېرىمنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسام بولامدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىنىڭ ئىرىم كۆپىنچە سىرتتا يۇرىدۇ،شۇڭلاشقا مەن يالغۇزلۇقتىن زىرىكىپ چايخانا ۋە باشقا تور ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئەر ۋە ئاياللار بىلەن ياخشى ئىشلار،دىنى تەشۋىقات،يەنە جەميەتتە ئىقىپ يۇرگەن ھەرخىل ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالىمەن،مەن گەرچە ناتوغرا،خاتا سۆزلەردىن ساقلىنىپ شەرىئەتكە ئۇيغۇن توغرا پاراڭلارنى قىلىشقا تىرىشساممۇ،لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى ئىرىمغا خىيانەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىمەن،كۆرسەتمە بەرسەڭلار؟ جاۋاب؛‹ئۇستاز پەيسەل مەۋلىۋى›ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئىرىڭىز سىزنىڭ توردا سۆزلىشىشىڭىزگە قوشۇلمىسا ئاندىن سىز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ياكى ئوغۇرلۇقچە توردا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز سىز ئىرىڭىزگە خىيانەت قىلغان بولىسىز،لىكىن ئىرىڭىز سىزنىڭ توردا سۆزلىشىشىڭىزگە قوشۇلسا بۇ چاغدا سۆزلىشىپ قالسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ،مىنىڭ قارىشىمچە سىز ئىرىڭىزدىن بۇ ئىش توغۇرسىدا رۇخسەت سورىشىڭىز،ئۇ ئۆيدە يوق ۋاقتىدا تور ئارقىلىق توردىكى ئەر ئاياللار بىلەن توغرا،موۋاپىق پاراڭلارنى قىلىشىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورىشىڭىز كىرەك،ئۇ سىزگە تولۇق،مۇتلەق رۇخسەت قىلسا بۇ سىزگە نىسبەتەن ياخشى،بۇ چاغدا سىز ئاللا بىكىتكەن ھالال ھارام ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا، ئاللاھتىن قورقۇش،تەقۋادارلىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلغان ھالدا،باشقىلار بىلەن دىن ۋە دۇنيالىقىڭىز ئۇچۇن پايدىلىق پاراڭلارنى قىلىشسىڭىز بولىدۇ،ئەگەر ئۇ سىزگە تولۇق رۇخسەت قىلمىسىمۇ لىكىن مەسىلەن ئاياللار بىلەنلا پاراڭلاشساڭ بولىدۇ،ياكى مۇئەييەن تىمىدىلا پاراڭلاشساڭ بولىدۇ دەپ قىسمەن دائىردە رۇخسەت قىلسا ۋە بۇنىڭدىن باشقا پاراڭلاردىن سىزنى چەكلىسە ئۇنداقتا يەنە ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇ رۇخسەت قىلغان دائىردە ئىش قىلىشىڭىز كىرەك،موبادا ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن دائىردىن ھالقىپ كەتسىڭىز يەنىلا ئىرىڭىزغا خىيانەت قىلغان بولىسىز.ئەمدى ئۇ تولۇقمۇ يول قويماي ۋە قىسمەنمۇ يول قويماي سىزنى مۇتلەق چەكلىسە بۇ چاغدىمۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ گىپىنى ئاڭلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ،چۇنكى ئىرى ھارام،خاتا ئىشقا بۇيرىمىغانلا بولسا ئايالنىڭ ئىرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ،ئەرمۇ ئايالىغا ھەرخىل ئىھتىياجلىرى بار،ھىس تۇيغۇغا ئىگە بىر ئىنسان سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى ۋە شەرىئەت يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بىرىشى لازىم. ئەرەبچە ئىسلام ئەۋىنلايىن تورىنىڭ‹‹بىلمىسىڭىز ئالىمدىن سوراڭ››پىروگىراممىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىڭ؛http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?pagename=IslamOnline-Arabic-Ask_Scholar | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
irpan3
| ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرىدىن باشقا ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشى،
سۇئال؛‹سۇئال سورىغۇچى بىر مۇسۇلمان ئايال›بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆز ئىرىنىڭ غەيرىدىكى بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قالسا يوللۇق بولامدۇ،ياخشى كۆرۇپ قىلىش ئىنساننىڭ ئىخىتىيارىدىكى ئىش بولمىسا،ئىرادە ۋە قەلىبنىڭ ئىشى توغۇرسىدا ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرى ئوتتۇرسىدا ئادىللىق قىلىشقا تىرىشىپ،ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن ‹ئى ئاللا مانا بۇ مىنىڭ كۇچۇم يىتىشچە تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇشۇم،كۇچۇم يەتمىگەن ئىشتا مىنى كەچۇرىۋەتكىن،›دەپ ئاللادىن تىلىگەن تۇرسا،باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىش ئايالنىڭ ئىرادىسىگە تەئەللۇق ئىش بولمىسا،ئايالنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولمىغان ئىشتا ئۇنىڭ نىمە گۇناھى بار؟ جاۋاب‹جاۋاب بەرگۇچى دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى،دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى›ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاس،ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە سالام بولسۇن،بۇ سۇئالغا تەپسىلى جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن زامانىمىزدىكى بىر ئالىمنىڭ سۆيگۇ-مۇھەببەت توغۇرسىدىكى بىر سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتكۇم كىلىۋاتىدۇ،بىرسى ئۇنىڭدىن سۆيگۇ ھالالمۇ ھاراممۇ دەپ سورىغان ۋاقتىدا ئۇ؛‹ھالال سۆيگۇ ھالال،ھارام سۆيگۇ ھارام›دىگەن ناھايتى قاملاشقان بىر جاۋابنى بەرگەنىكەن.بۇ جاۋاب قانداقتۇ بىر چاقچاق،ياكى مەسخىرە بولماستىن بەلكى ھەممىگە تونۇشلۇق رىئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەن بىر جاۋاب بولغان،ھالالمۇ ئىنىق،ھاراممۇ ئىنىق،ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۇبىھىلىك ئىشلاربار،ئايالنىڭ ئۆز ئىرىنى ياخشى كۆرۇشى،ئەرنىڭمۇ ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرۇشى،بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئىلىشقا ۋەدىلىشىپ شەرئى قائىدە بويچە چاي ئىچۇرۇپ بولغان قىز بالىنى ياخشى كۆرۇشى ۋە بىر قىز بالىنىڭمۇ تىگىشكە ماقۇل بولۇپ چايلىقنى قوبۇل قىلغان ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۇشى مانا بۇلار ئىنىق ھالال سۆيگۇلەردۇر.ئەمدى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بىر ئەرنىڭ باشقا بىر توي قىلىپ بولغان ئايالنى ياخشى كۆرۇپ،داۋاملىق شۇ ئايالنى ئويلاپ،ئۇنىڭ ئىرى بولغان نورمال ھاياتىنى بۇزۇشى،ئەگەر ئۇنى بۇزمىغان تەقدىردىمۇ ئاخىردا ئۇ ئايالنى ئىرىگە خىيانەت قىلدۇرۇپ،تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،كاللىسىنى قايدۇرۇپ،كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ،ئىرى بىلەن بولغان بىر ياخشى ھاياتتىن قاچىدىغان قىلىپ قويۇشى ئاللا چەكلىگەن ئىنىق ھارام ئىشنىڭ قاتارىدىندۇر،بۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى قىلغۇچى گۇناھكار بۇزۇقتىن تولۇق ئادا جۇدالىقىنى بىلدۇرگەن بۇزۇق،گۇناھ ئىشتۇر،بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەللەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىر ئايالنى ئىرىدىن بۇزغان ئادەم بىزدىن ئەمەس››.شۇنىڭدەك يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرىدىن باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ داۋاملىق ئۇنى ئويلىشى،بارلىق ئەسيادىنى شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىرى ۋە ئۆمۇرلۇك جۇپتىدىن يۇز ئۆرۇشى،ئۇ ئەر بىلەن ئىچپەش تارتىشىپ،شەرىئەت رۇخسەت قىلمىغان،بىر بىرىگە قاراش،يالغۇز بىللە تۇرۇش،بىرى بىرىنى تۇتۇش،سۆيۇش،،،تەك ئىشلارغا بىرىلىشى،ئاخىردا تىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۆتۇپ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ خەتەرلىك گۇناھ بولغان زىناغا چۇشۇپ قىلىشى قەتئى ۋە ئىنىق ھارام ئىشلارنىڭ قاتارىدىن. قۇرئان كەرىم بىزگە ئۆزىنىڭ ئىرىدىن باشقا بىر ياشنى ياخشى كۆرۇپ قالغان،بۇ ناتوغرا سۆيگۇ ئۇنى دىن ۋە خەلىق ياخشى كۆرمەيدىغان نۇرغۇن ناچار قىلىقلارنى قىلىشقا ئىتتەرگەن بىر ئەرلىك ئايالنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن،بۇ ئايال ئەزىزنىڭ ئايالى ئۇ ياش بولسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يۇسۇپ سىددىق ئىدى.ئۇ ئايال بۇ ياشنى پۇتۇن ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سىلىپ ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان،ھەتتا ئۇنىڭدىن تەپتارتماستىن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان،ئىرىگە ئوچۇق ئاشكارە خىيانەت قىلىشتىنمۇ قورقۇپ قالمىغان ئىدى،بۇ پاك ياش ئۇنىڭ چەكتىن ئىشىپ قۇتىرغان تەلەپلىرىگە ئۇنىمىغان ۋاقتىدا بۇئايال شەھەرنىڭ يۇقرى تەبىقىدىكى ئاياللىرىنىڭ ئالدىدا‹‹ئۇ(يەنى زۇلەيخا)مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۇچۇن مىنى ئەيىبلىگەن ھىلىقى ئادەم،مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنى تەلەپ قىلدىم،لىكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى،ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ،چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ دىدى،››دەپ ئاشكارا جار سالغىنىدەك ئۇنى قاتتىق جازالاپ،ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن قىلىپ قويۇش ئۇچۇن ئۇنى تۇرمىگە تاشلىغان ئىدى.بۇ ياش نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ،نىمىشقا شۇنداق چىڭ تۇرىدۇ؟نىمە ئۇچۇن ئۇ ئايالنىڭ ئازدۇرۇشىغا ماقۇل دىيىشتىنمۇ تۇرمە ھاياتىنى ئەلا بىلىدۇ،چۇنكى زىنا،پاھىشە ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئىغىر جىنايەت ھىسابلىنىدۇ،بولۇپمۇ ئىرى بار ئايالغا نىسبەتەن تىخىمۇ شۇنداق،شۇنىڭ ئۇچۇن ئىرى بار تۇرۇپ زىنا قىلغان ئايالنىڭ جازاسى توي قىلمىغان بويتاقنىڭ جازاسىدىن تىخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئەمدى موشۇ سۇئالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ دەل ئۆزىگە كىلىپ سۆزلىگەندە،مەن دەيمەنكى سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى،كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى،ۋە ئاخىرقى نەتىجە ۋە تۇگۇنلىرى بولىدۇ،ئۇ بىر جەريانسىز شۇنداقلا يۇز بىرىدىغان ئىش ئەمەس،ئۇ- قاراش،ئۆزئارا سۆزلىشىش،يوقلىشىش،بىر بىرىگە خەت ئەۋەتىش،ئۇچىرشىش،،،قاتارلىق بىر قاتار جەريانلاردىن كىيىن شۇلارنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە پەيدا بولىدۇ،مانابۇلار سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىش،ۋە يىتىلىش جەريانلىرى،بۇ ئىشلارنىڭ ھەمىسى تامامەن شۇ شەخىسىسنىڭ ئىرادىسى،ئىختىيارى دائىرسىكى ئىشلار بولۇپ،ئىنسان بۇ ئىشلارنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە،شۇڭلاشقا بۇ بىر قاتار ئىشلارنى ئۆزى خالاپ قىلىپ،بۇ جەرياندا ئاشىقلىق،سۆيگۇ مۇھەببەتنى ئۆزى پەيدا قىلىپ،ئاخىردا مەن پالانىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم،بۇمىنىڭ ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس،چۇنكى مەن يۇرىكىمگە ئىگە بولالمايمەن،بۇ تامامەن مىنىڭ ئىرادەمنىڭ سىرتىدىكى ئىش،مەندە نىمە گۇناھ دىسە،بۇ تازا كۇلكىلىك ،بىمەنە بىر ئىش بولىدۇ،بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرۇپ قىلىپ،پۇتۇن ۋۇجۇدى شۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ،ئۇنى ئويلىمىسا،كۆرمىسە تۇرالمايدىغان ھالغا كىلىپ قالغان بولسا،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئادەم ئۆزى كەلتۇرۇپ چىقارغان،ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كىرەك.بارلىق ئاشىقلىقلارنىڭ ئىشى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس،بەلكى نەفسى شەھۋەتلىرىگە بىرىلىپ كەتكەن،جىنايەت پاتقىقىغا پىتىپ،ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ كەتكەن بارلىق ئاسىلارنىڭ ئىشىمۇ مانا موشۇنىڭغا ئوخشايدۇ،قۇرئان كەرىم بۇ تۇرلۇك ئادەملەرنى قۇلاقلىرىدا پەردە بار،قەلبى پىچەتلەنگەن،كۆزلىرى پەردىلەنگەن دەپ سۇپەتلىگەن،مانا بۇلار ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىش قىلماسلىقدا ئەركىنلىك بىرىلگەن نۇرغۇن ئىشلارنى زورلاپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن يىتىپ بارغان نەتىجە،كىلىپ چىققان ئاقىۋەت. خۇلاسىلىگەندە،ئىرى بار ئايال چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىرىنى ياخشى كۆرۇش،ئۇنىڭغا رازى بولۇش،ئۇنىڭغا پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىش بىلەن كۇپايە قىلىشى لازىم،ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىنى باشقا بىر ئەرگە تىكمەسلىكى،ئۇنىڭدا باشقا ئەرلەرگە قارىتا غەيرى تۇيغۇلارنى قوزغاپ قويۇشى مومكىن بولغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى،خۇسۇسەن بەزى بىر ئامىللار تۇپەيلىدىن ئۇنىڭدا ئاشۇنداق بىر تۇيغۇلارنىڭ بىخلىرى ئۇنگىلى،نوتىلىرى ئاشكارا بولغىلى تۇرسا ئۇ دەرھال ئىشنىڭ بىشىدىلا بۇ تۇيغۇلارنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئامىللارنى دەرھال يوق قىلىشقا ئالدىراپ،ئىشلارنىڭ ھەل قىلىش قىيىن بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە يىتىپ بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى لازىم،باشقا بىر ئىنسانغا قارىتا ھىسيات شاماللىرى چىقىشقا باشلىسا ئۇ بۇنىڭغا دەرھال قارشى تۇرۇشى،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇش،سۆزلىشىشتەك ئۇنىڭ بۇخىل شامالىرىنى تىخىمۇ قوزغاپ،كۇچلۇك بورانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشى لازىم،ماقال تەمسىللەردە ‹‹كۆزدىن يىراق كۆڭۇلدىن يىراق كۆڭۇلدىن يىراق››دەپ سۆزلەنگەن. ئايال ئۆزىنى قەلبىنى مەشغۇل قىلىدىغان مۇھىم،ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە قالايمىقان خىيال قىلىدىغان،بوش ۋاقىت ۋە ئورۇن بەرمەسلىكى كىرەك،بوش بىكارلىق نۇغۇن ھاۋايى ھەۋەسلەرنىڭ يامراپ كىلىشىدىكى باش سەۋەب.مانا موشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن كىيىن ئايال ئاللاھقا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىرى ئۇچۇنلا قىلىپ بىرىش،قالايمىقان ھىس تۇيغۇلاردىن ئۇنى يىراق قىلىشنى تىلەپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشى لازىم،ئەگەر ئۇنىڭ ئىرىغا بولغان ئىخلاسى،راسىت ،چىن ،سەمىمى بولىدىغانلا بولسا ئاللا ھەرگىزمۇ ئۇنى ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئازگاللىرىغا ئىتتەرمەيدۇ،ئەگەر ئايال راستىنلا ئاشۇندا بىر تۇركۇم بولمىغۇر ھىس تۇيغۇلارنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ،ئۇنىڭدىن چىقىشقا قەتئى ئامال قىلالمىسا،ئۇ بۇنى يۇشۇرىشى،ئۇنىڭغا قارشى قەتئىلىك بىلەن بوشاشماي كۆرەش قىلىشى لازىم،ئاللا خالىسا ئۇ ھەرگىزمۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلغۇچىلارئىرىشىدىغان ئەجىردىن مەھرۇم قالمايدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەردىمۇ ئىرى بار ئايال بولۇش سەۋەبىدىن ياكى قۇدا باجىلىق سەۋەبىدىن ئۆزى ئىلىشقا مومكىن بولمايدىغان بىرەر ئايالغا قارىتا غەيرى ھىسيات پەيدا بولۇپ قالسا ئۇمۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە قارشى ئاللا يولىدا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى،داۋاملىق كۆرەش قىلىشى لازىم،سەھى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹‹مۇھاجىر دىگەن ئاللا توسقان ئىشنى تاشلىغان كىشى،مۇجاھىد دىگەن ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە قارشى كۆرەش قىلغان كىشىدۇر››تامام. بۇ ماقالە زامانىمىزدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى يۇسۇپ قەرەداۋىنىڭ شەخسى توربىتى،ئەرەبچە قەرەداۋى نىتتىن تەرجىمە قىلىندى. ماقالىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز،بۇ ئۇلىنىشتىن كىرىڭ؛ http://www.qaradawi.net/site/topics/article.asp?cu_no=2&item_no=4841&version=1&template_id=226&parent_id=17 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
akkugulkiz
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مېنڭمۇ بىر دوستۇم بولىدىغان ئۇمۇ مېنى ئالداپ قويغانتى بىر يىل بولغاندا ئۇنىڭ توي قىلغان يەنە كېلىپ بىر بالىسى بار بولۇپ چىقتى. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى . ماڭىمۇ بەك ئەلەم بولغان شۇ چاغدا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
BaSaR
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋاھ.. بۇراس ئىشمۇ؟ ئىككىمىزنىڭ بۇ تەرىپى ئوخشىشپمۇ قالدىكەن ، مەنمۇ 3 يىل ئىلگىرى توردا بىر قىز بىلەن تۇنۇشقان ، ھازىرغىچە بەزىدە توردا ، بەزىدە تىلفوندا كۆرشۈپ قالىمىز .ئەپسۇس ، مەن ئۇنى ياخشى كورۈپ قالدىممۇ بىلمەيمەن ، يېقىندىن بۇيان ئۇنى ئويلىمايدىغان كۈنۈم يوق . مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى توردا تۇنۇشقاندا يالغاندىن سودىگەر دەپ قويغان ئىدىم ، ئۇمۇ ماڭا يالغان ئىسمىنى دەپ بىرىپتىكەن ، كىيىن مەن ئۇنىڭغا مىڭ تەستە راس گەپنى قىلدىم . 1 يىل بوپتۇ ئۇنى ئېكراندا كۆرۈپ باقمىغىلى ،ئارلىق بەك يىراق ، بولمىسا تاس قالغانتىم ينىغا بارغىلى . ھەي...بۇمۇ ئاجايىپ ئىشتە ، ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدىرى يوق دەپ ...............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nihayat
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | توردا ياخشى كۈرۈپ دىگۈچىلەر بىر توپ ئەخمەقلەر خالاس
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mubaraktohti
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇئەرنىڭ سىز ياخشى كورگۈچىلىكى يوق ئىكەن ،يەنى سەممى ئەمەس ئىكەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
lalereyhan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توردىكى مۇھەببەت ھەم بەك تاتلىق ، ھەم بەك ئاچچىق ، بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش نىسبىتى 0......$#%@#$%
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Naikon.x
Go Go!غەيرەت قىل
| بەك ياخشى يېزىپسىز ..... توې دۇنياسى مەۋھۈم دۇنيا يەنىلا دېېھقەت قىلغان تۈزۈك .....
( ،بىسمىللىسىغا <جىنىم ،سۈيۈملۈكىم ..> دىن چۈشىدىغان ئەرلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك . ) بۇ گېپىڭىز ![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |