سىز بۇ تېمىنىڭ 500ـ ئوقۇرمىنى
lukqek

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23377
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 222 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-07
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 بۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ ....

باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى <كۆچۈرمىكەشلىك > قىلدى دىمەي تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئىمان دىگەن نىمە؟


ئىمان دىگەن ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ ئىشنىش ئىتىقات قىلىش دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ ئىسلام دىنغا ئىتتىقات قىلغانلىكى ئادەم ئىمانى بار ھىساپلىنىدۇ .

ئىمانى بارلىكى ئادەم چىن دىلدىن ئىتتىقات قىلشى ئاغزىدا ئىتتىراپ قىلىشى ھەمدە ئىسلام دىننىڭ بەش ئاساسى ئىتتىقاتىنى ئادا قىلشى (دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئاللادىن ئۆزگە ئىگسى مەۋجۈت ئەمەس مۇھەممەت ئەلەيھى سالام ئاللانىڭ ئەلچىستۇر )دىگەنگە ئىقرار بۇلشى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام ۋەتەننى سۈيۈش ئىماننىڭ جۈملىستۇر، شەرمى ھايا ئىماننىڭ جۈملىستۇر ئىماننىڭ يەتمىش نەچچە شېخى بار يۇقرىسى ئاللا بىر دىيىش تۈۋىنى يولدىن پۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنى تازلىۋىتىش دىگەن .


مۇھەممەت ئەلەيھسسالام كىم ؟


مۇھەممەت ئەلەيھسسالام ئىلاھ ئەمەس ئادەم بۇ قۇرئان كەرىمدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئۇنىڭغا ئاللادىن ۋەھى كەلگەن ئاللا تەرپىدىن ئەلچى قىلنىپ بىكتىلگەن ئۇنىڭغا ئىسلام دىننى تارقىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن ئۇ ئاخىرقى ئەلچى ۋە پەيخەمبەردۇر .

ناماز دىگەن نىمە؟


ناماز پارىسچە سۆز بۇلۇپ ئەرەپچە سالات دىيلىدۇ ئىسلامدىكى بەش پەرىزنىڭ بىردۇر مىلادىيە 622يىلى مۇھەممەت ئەلەيسسالام مەككىدىن ئايرىلىشتىن سەل ئىلگىرى نامەز ئۇقۇش تۇزمىنى رەسمى بىكىتتى قۇرئان كەرىمدە (نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار شۇبھىسىزكى ناماز مۆمىنلەرگە ۋاختى بەلگىلەنگەن پەرىز قىلىندى  4 سۈرىنىڭ 103 ئايىتى ) .

نامازنىڭ تۈرلىرى (1) كۈندە ئۇقلىدىغان بەش ۋاخ ناماز (2) جۈممە نامىزى (3)ھېيىت نامىزى (4)مېيىت نامىزى بۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇقۇيدىغان قازا ناماز ، كىچلىك نامازلار ،رامزان ئېيدىكى تاراۋىھ قاتارلىقلار بار.


ئىسلام دىنى دىگەن نىمە؟


ئىسلام دىگەن بۇ ئەرەپچە سۆز ئىتائەت قىلىش بويسۇنۇش ئەل بۇلۇش پاك تىنىچلىق دىگەندەك مەنىلەرنى بىردۇ دىنى مەنىدىن ئىيتقاندا ئىسلام دىگەن سۆز بىر ئاللانىڭ ئىرادىسكە بويسۇنۇش ئاللانىڭ ئەمىر مەررۇپلىرغا بوي سۇنۇش دىگەنلىك بۇلدۇ دىمەك بىر ئادەم ئاللانىڭ ئىرادىسكە ۋە ئاللانىڭ ئەمىر مەررۇپلىرغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ھەقىقى تىنىچلىققە ئىگە بۇلالايدۇ ھەمدە مەڭگۈلىك پاك بۇلالايدۇ بۇ دىنغا ئىتتىقات قىلدىغانلار مۇسۇلمان دىيلىدۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بويسۇنغۇچى دىگەنلىك بۇلۇپ ئىسلام سۆزنىڭ ئۆزگىرشىدىن ئىبارەت .

رۇزا دىگەن نىمە؟


رۇزا دىگەن پارىسچە سۆزبۇلۇپ ئەرەپچە ساۋم دىيلىدۇ ھەر يىلى ھىجرىيىنىڭ 9 - ئېيى (رامزان ئېيدا ) بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمان بىرئاي رۇزا تۇتۇشى شەرت رۇزا تۇتقاندا ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندىن كۈن ئولتۇرغىچە تاماق يىيىشكە ئۇسسۇزلۇق ئىچىشكە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ . ھەمدە ناتوغرا نىيەتتىن خالى بۇلۇش ****لنى پاك تۇتۇش پۈتۈن نىيەت بىلەن ئاللاغا سېغنىشى لازىم .

پەرىز رۇزا بۇ رۇزا ئەڭ مۇيۇم ھىساپلىنىدۇ بۇ رۇزىنى بالاغەتكە يەتكەن تىنى ساغلام ئەر ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇشى كىرەك سەۋەپسىز رۇزا تۇتمىسا گۇناھ ھىساپلىنىدۇ لىكىن ئاغرىپ قالغانلار سەپەر ئۈستىدىكىلەر قېرى ئاقىزلار روھى نۇرمال بولمىغانلار ھامىلدار ئاياللار ئەمچەكتە بالسى بار ئاياللار ھېيىز كۈرۋاتقان ياكى تۇغۇو قىرقى توشمىغان ئاياللار بالاغەتكە يەتمىگەن باللار رۇزا تۇتمىسىمۇ بۇلدۇ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا پەرىز رۇزىنى تۇتاممىغانلار بەلگىلمە بۇيىچە قازا رۇزا تۇتسا ياكى سەدىقە  بىرىش يۇلى ئارقىلىقگۇنادىن خالى بولسا بۇلدۇ .

ئىسلام دىنى قەيەردە بارلىققا كەلگەن ؟


ئىسلام دىنى ئەرەبىستاندىكى ھىجازدا بارلىققا كەلگەن مۇھەممەت ئەلەيھسسالام شۇ يەردە تۇغۇلغان شۇيەردە ۋەھىي كەلگەن ئىسلام دىنى ھىجازنى نامسىز بىر جايدىن دۇنيانى بېسىپ چۈشۈدىغان مەدىنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان بۇ يەردىن ئىسلاھات سادالىرى ئىسلام دىننىڭ چاقىرىقلىرى تارقالغان .

زاكات دىگەن نىمە؟


زاكات ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ پاكلاشتۇرۇش دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ يەنى زاكات بەرگەندە ئۆزنىڭ مال دۇنياسى تېخىمۇ پاكلىندۇ .

زاكات مۇسۇلمانلار ئاداقىلىشقا تىگىشلىك بەش پەرىزنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ئىختىيارى خەيىر ساخاۋەت دىنىي زاكات ۋە دىنى مەجبۇريەت شۇنداقلا بىرخىل ئىقتىزادى تۈزۈم بۇلۇپ قالدى زاكات 632 يىلى پەرىز قىلىندى .

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاپ ؟


قۇرئان كەرىم ئىسلام دىننىڭ تۈپ قانۇنى نىزامنامىسى قانۇن چىقىرىش ئاساسى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەركەت قائىدىسى ۋە مىزانى ئاللا تەرپىدىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس كىتاپ .

قۇرئان كەرىم ئاللانىڭ سۆزى جىبرىئىل ئەلەيھسىسالام ئارقىلىق 23 يىلدا ئەرەپ تىلى بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان .

قۇرئان كەرىم 30 پارە 114 سۈرە 6000دىن ئارتۇق ئايەتنى ئۆزئىچىگە ئالغان نازىل بولغان جايىغا قاراپ مەككىدە نازىل بولغان مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ ئايرىلدۇ .

ھەج قىلىش دىگەن نىمە؟


مىلادىيە 629يىلى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ ھەج قىلىش شەكلى بويىچە ھەج قىلىش تۈزمىنى تۈزۈپ ھەر بىر مۇسۇلمان تىنى ساغلام ئىقتىزادى شارائىتى يار بەرگەن ۋە يول ئۈستى تىنىچ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆمرىدە ئاز بولسا بىر قېتىم ھەج قىلىش كىرەكلىكىنى بەلگىلدى ھەج قىلىش ۋاختى ھىجرىيە 12ئاينىڭ 9 كۈندىن 12 كۈنگىچە بۇلدۇ .

شەرئەت بەلگىلمىسى بويىچە ھەج قىلدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كىرەك .

1-بالاغەتكە يەتكەن بۇلشى ئۇغۇللار (12ياش) قىزلار (9ياش)تىن كىيىن ھەج قىلىش

2- تىنى ساغلام بۇلشى كىرەك ئېغىر كىسەللەر مېيىپلار قېرلار ھەجگە بارمىسمۇ بۇلدۇ .

3-خىراجىتى يىتەرلىك بۇلشى كىرەك

4-قەرىز بولماسلىقى كىرەك
5_يول ئۈسـتى تىنىچ بۇلشى كىرەك

6-خەتەر بولماسلىقى كىرەك
7-ئەقلى ھۇشى نۇرمال بۇلشى كىرەك
8-جىسمانى ھۆرلىككە ئىگە بۇلشى كىرەك

جىھات دىگەن نىمە؟


جىھات ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ كۈرەش قىلىش دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ ئۇ دىنغا دالالەت قىلىش پالىيەتلىرنى ئىلىپ بېرىش ياكى غەيرى دىندىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا ئىسلام دىننىڭ ھەربي تۈزمىنىنمۇ كۆرسىتىدۇ .

ئسلام دىننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە جىھات مۇسۇلمانلار يات دىندىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە دىن تارقىتىش پالىيەتلىرنى قوغداش يۇلدىكى كۈرەشلەرنىڭ شەكلى قىلىنغان تۆت خەلىپە دەۋرىدىمۇ ئىسلام دىننى تارقىتىش ۋە كىڭەيتىشنىڭ ھەربى ۋاستىسى قىلىندى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىسلام دىننىڭ تارىخىدا ھەرقايسى مەزھەپ ھۈكۈمرانلىرى ئىچكى قىسىمدىكى ئۈزگە يات كۈچلەرنى باستۇرۇپ ھۈكۈمرانلىق تەرتىپىنى قوغداش ۋە چەتتىن تاجاۋۇزقىلىپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ دۆلەتنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈردىغان ھەربى پالىيەتلەرمۇ جىھات دەپ ئاتالدى مۇسۇلمانلار باشقا مەزھەپنىڭ زۇكمىغا ۋە دۈشمەننڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇردىغان ھەربى كۈرەشلەرنى جىھات دەپ ئاتىدى .

قۇرئان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟


قۇرئان ئەرەپچە ئۈنلىك ئۇقۇش ياد ئۇقۇش دىگەن مەنىدىكى سۆز بۇلۇپ ئسلام دىندىكىلەر ئەمەل قىلدىغان كىتاپنىڭ ئىسمىدۇر .
قۇرئان دىگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە 70نەچچە جايدا چىقىدۇ ئسلام دىننىڭ قارشىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمىشە ئۇنى يادلاپ ۋە ئۇقۇپ سىرىنى چۈشنىشى ئۈچۈن ئاللا بۇ كىتاپقا قۇرئان دەپ ئسىم قويۇشنى بۇيرىغان .

خەلىپە دىگەن نىمە ؟ تۆت چوڭ خەلىپە قايسىلار ؟


خەلىپە بۇ ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسى ۋاكالەتچى  ۋارىسلىق قۇلغۇچى دىگەنلىك بۇلدۇ .

تۆت چوڭ خەلىپە دىگەندە مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ ئىشلىرغا ۋارىسلىق قىلغان تۆت چوڭ خەلىپىنى كۆرسىتىدۇ .

1-تۇنجى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ  بەكرى (632_____634 يىلغىچە )ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئىككى يىل خەلىپە بۇلۇپ كىسەل تىگىپ ۋاپات بولدى بۇ قىسقىغىنە ئىككى يىلدا مەدىنە ھاكىمىيتىگە قارشى تۇردىغان قەبىلىلەرنى باستۇرۇش بىلەن بەنىت بولدى .

2- خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ (634__________644 يىلغىچە ) ئىسلام دىننىڭ ئۇمۇميۈزلىك سىرىتقا كىڭيىشى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپتىن باشلانغان ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خەلىپە بولغان
ئۇ ئەرەپلەرگە قۇماندانلىق قىلىپ نەچچە يىل ئىچىدە كەڭ زىمىنلەرنى ئىشخال قىلغان ئۇ ۋاپات بۇلدىغان چاغدا  پەلەستىن ، سۈرىيە ، ئىراق ، لىۋىيە ،ۋە مىسىرلار بويسۇندۇرۇلغان پىرسىيەنىڭ كۆپ قىسم زىمىنىنى ئىشىخال قىلغان.

644-    يىلى ئۆمەرنىڭ ھۇقۇقى ۋە ئىناۋىتى يۇقۇرى پەللىگە كۈترىلگەندە بىر قېتىملىق بامدات نامزىدا قەستلەپ ئۆلتىر ۋىتىلدى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان قاتىل پارىس ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بۇيرىقىنى ئالغان پىرسىيلىك قۇل ئىدى .

3_خەلەپە ھەزرىتى ئوسمان ئبىن ئاۋۋان (*****__________656يىلى ) ئۇ خەلىپى بولغان مەزگىلدە بىكتىلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسى ھازىرغىچە قوللىنىلۋاتىدۇ ئۆمەر خەلىپىلىك قىلغان مەزگىلدە داۋاملىق جىھات قىلىپ شىمالدا سۈرىيە ، ئىراق ، ئەرمىنىيدىن كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرغىچە ئىشخال قىلدى شەرقى شىمالدا خۇراسان رايۇنىغا يەتتى غەربى قىسىمدا ئىئوردانىيە ، پەلەستىن ، مىسىر ، شىمالى ئاۋرىقا ۋە ئوترا دېڭىزنىڭ شەرقى قىسمدىكى ئاراللارنى ئىشخال قىلدى .

656- يىلى ئايدا تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مىسىرلىق ئىككى ئادەمنى باشلاپ كىلىپ ئوسماننى ئولتۈرۋەتتى شۇنىڭ بىلەن ئىسلام تارىخىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەردىسى ئچىلدى .

4- خەلىپە ھەزرىتى ئىلى(656___________661 يىلغىچە ) ئۇ خەلىپە بولغاندىن كىيىن ئىسلام دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ قالايمىقان ۋەزيەت پەيدا بولدى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ ئايالى ئائشە بىلەن بىرلىشىپ ئەلىگە قۇراللىق تەھدىت سېلىپ ئۇنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى ئىككى قۇشۇن بەسىرە يېنىدا ئۇچرىشىىپ ئەلىنىڭ قۇشۇنى ؟ۇلارنى مەغلۇپ قىلدى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى جەڭ بولدى جەڭ ۋاختىدا ئائىشە تۆگە مىنگەنلىكتىن ئىسلام تارىخىدا تۆگە جېڭى دەپ ئاتالدى
661- يىلى ئەلى بىر خاۋارىچ تەرپىدىن ئۆلتۈرلۈپ مۇئا ۋىيەگە پۇرسەت يارتىللىپ بېرىلدى ئەلە ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن كۈۋەلىكلەر ئۇنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ خەلىپە بۇلشىنى تەشەببۇس قىلدى لىكىن ھسەن مۇئاۋيىنىڭ كۈچدىن قورقۇپ خەلىپىلىك ئورنىنى مۇئاۋىيەگە ئۆتكىزىپ بىرىشكە مەجبۇر بولدى پايتەخىت كۈۋەدىن دە مەشىققە كۈچرىلدى شۇنىڭ بىلەن تۆت خەلىپە دەۋرى ئاخىرلاشتى .

پەيخەمبىرمىز مۇھەممەت ئەلەيھسسالام قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولدى ؟


پەيخەمبىرمىز مۇھەممەت ئەلەيھسسالام مىلادىيە 570يىلى تۇغۇلۇپ 632يىلى ۋاپات بولدى


ئاپتۇرى ئىنىق ئەمەس.

ئەسلى يوللۇغۇچى: ساددا

كىلىش مەنبەسى: ئەلسۆيەر مۇنبىرى

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-06

 

Uyghurx.com
ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﮔﻪ ﮬﺎﻝ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪﻩ ﺳﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ
| ۋاقتى : 2008-05-06 20:10 [باش يازما]
aliali

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 15550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1084
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1084دانە
شۆھرەت: 1110 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10840 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1362(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-10
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇھەممەت ئەلەيھسسالام ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ ھەج قىلىش شەكلى بويىچە ھەج قىلىش تۈزمىنى تۈزۈپ ھەر بىر مۇسۇلمان تىنى ساغلام ئىقتىزادى شارائىتى يار بەرگەن ۋە يول ئۈستى تىنىچ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆمرىدە ئاز بولسا بىر قېتىم ھەج قىلىش كىرەكلىكىنى بەلگىلدى .................

بۇ  قېپقىزىل  تۆھمەت  !!!
مەيلى  زاكات  مەيلى  ھەج  مەيلى  ناماز  بولسۇن  ھەتتاكى  تاھارەتتىن  كىيىن  (  سۇ  بولمىغان  ئەھۋالدا  )  قانچە  چالما  ئىشلىتىش  بولسۇن  ھېچقايسىسىنى  مۇھەممەد  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەللەم  بىكىتكەن  ئەمەس  بەلىكى  اللە  بىكىتكەن  . 
مۇھەممەد  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەللەم  پەقەتلا  اللە  نىڭ  ئەمىر - پەرمانلىرىنى  يەتكۈزگۈچى  پەيغەمبەر  ،  ئۇ  ئۆز  ئالدىغا  ھېچ  نەرسىنى  بىكىتمىگەن  ھەم  بىكىتەلمەيدۇ  !
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-06 22:47 1 -قەۋەت
ekram613

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 39468
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-30
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ نى شۇ  ئۇلۇغ ئاللا لا بىلىدۇ        !             
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-06 22:50 2 -قەۋەت
sardar147

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 1308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە143دانە
شۆھرەت: 143 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1329 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-03
ئاخىرقى :2008-05-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

             
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-05-06 22:51 3 -قەۋەت
5251314

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 39598
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە58دانە
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-02
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئالدى بىلەن ئىسمىڭىزنى ئوڭلاڭ . سىزگە مۇۋاپىق ئىسىم چىقمىدىما ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-07 01:58 4 -قەۋەت
aizizi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-16
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاللا ئۆزىلا بىلىدۇ شۇڭا باشقىلار ئارتۇق گەپ قىلمايلى.ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.
Uyghurx.com
 
| ۋاقتى : 2008-05-11 10:32 5 -قەۋەت


 

Time now is:05-11 18:21, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation