سىز بۇ تېمىنىڭ 743ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇقادىر جالالىددىن نۇتىقى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
كاپىتالېست

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36473
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 142
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە142دانە
شۆھرەت: 1728 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-24
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئابدۇقادىر جالالىددىن نۇتىقى

بۇ تىمىنى ~uyghurjan~ : كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-05-02)

 

ئابدۇقادىر جالالىدىن؛ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم ﺳﻪﻧﺪﯨﺪﯗﺭ




(ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلەنگەن نۇتۇق)


ئابدۇقادىر جالالىدىن 



ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ساۋاقداشلار!

بۈگۈن مېنى چەت ئەلدىكى ئىلمىي زىيارىتىم ئاساسىدا ئىگە بولغان تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپسىلەر. بۇنىڭدىن
دۇنيانى بىلىشكە تەشنا يۈرىكىڭلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توغرا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى چۈشىنىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ۋە ھەققىمىزدۇر. ئۇچۇر ۋە بىلىمنى يۈكسىلىشنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسى قىلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، دۇنيانى چۈشىنىش ئەقەللىي بىر
ئىش بولۇپلا قالماي، بىز دۇنيانى قانچىكى چۈشەنسەك، ئۆزىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ توغرىلىققا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن تەبىئىيىتىڭلارنى قەدىرلەيمەن. بۇ جەھەتتىكى ئىشتىياقىڭلارنى قاندۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۆزۈڭلار توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈشكە تۈرتكە بولالىساملا، ھەممىمىزنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن «ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟!
بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپبېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، »ۋەتەن« دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز.
مەن لوندوندا باشقىلارغا ياللىنىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئافغانىستانلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەردىكى رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى ئۇنى سەرگەردانلىق كوچىسىغا پالاپتۇ، ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالماپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلىپ، يالغۇز ئانىسىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى. «مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىدە نېمىشقا تۇرالمايمەن؟» دەيتتى ئۇ. مەن يەنە سۇمالىلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن: «لوندوننى ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدىم. «ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇش ۋە قەھەتچىلىك مېنى سەرسانلىق بالاسىغا سالدى، مەن لوندوندا تۇرۇپ سۇمالىنى چۈشەيمەن» دېدى ئۇ ماڭا.
ۋەتەن سېغىنچى مېنى راسا ئۆرتەپ تۇرۇۋاتقاندا، بىرەر كۆچمەننى كۆرسەم پۇرسەت بولسىلا ۋەتەن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالاتتىم، ئۇلارنىڭ ۋەتەن توغرىسىدىكى ھەسرەتلىك بايانلىرى مېنىڭ يارامغا تۇز بولۇپ سېپىلەتتى. ھېلىمۇ ياخشى، بۈگۈنكى كۈندە مۇساپىرەتتىكى چاغلىرىڭىزدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىن دەردلەشكۈدەك بىر قانچە ۋەتەنداشنى تاپالايسىز، ئۇلار بىلەن بولغان پاراڭ ئارقىلىق سىزنى قىيناۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى باسالايسىز. مۇشۇنداق چاغدا شۇنداق تەسىراتقا كېلىسىزكى، قېرىندىشىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر گەپ، ھەربىر شېۋە، ئۇنىڭ مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزىمۇ سىز سېغىنىۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ نەق بىر پارچىسى ئىدى. سىزمۇ بىلىسىز، ۋەتەن دېگىنىمىز قانداقتۇر بىرپارچە يەنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ يەنە ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق، خەلقنىڭ مىجەزى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بىر ئەلدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قېرىندىشىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، سىزدە بىردىنلا ئىللىق دىلكەشلىك سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىز ئانا تىلىڭىزنى ئاڭلىسىڭىزلا زور تەسەللىگە ئېرىشىپ قالىسىز. شۇڭا، بەزىدە يەت مۇھىتتىكى تونۇش بىر چىراي، ئاددىي بىر سالام، ھەتتا بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەتەن بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا بىز ئۇچ يۇرتداش يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق، «مېنىڭچە، كەينىمىزدىكى ئاۋۇ قىز چوقۇم ئۇيغۇر» دېدى ھەمراھىمىزنىڭ بىرى. بىز ئىختىيارسىزلا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قاراپ، شۇنداق سەت چاندۇردۇق. «نېمىگە ئاساسەن ئۇنداق دەيسەن؟ دەپ سورىدىم مەن ».ئۇ قىز چاقچىقىمىزدىن كۈلگەندەك قىلدى دېدى ھەمراھىم. مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ شۇ قىزنىڭ ئۆزىدىنلا سورىماقچى بولدۇم. بىز قىز بىزگە يېتىشكۈچە ساقلاپ تۇردۇق. قىز يېقىنلاپ كەلگەندە، «سىز ئۇيغۇرمۇ؟» دەپ سورىدىم. قىز كۈلۈپ كەتتى ۋە «شۇنداق»دەپ جاۋاب بەردى. بىز شۇ ھامانلا پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇ بىزنىڭ چاقچىقىمىزنى ئاڭلاپ قالغانىكەن. دېمەك، بىز قىلىشقان گەپنىڭ بىر بۆلىكىلا رەستىدىكى يات ئادەملەرنى قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن ئورىۋەتكەنىدى. قىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بوپتۇ، شۇ تاپتا چېنىقىش كۇلۇبىغا قاراپ ماڭغانىكەن. بىز ئارىمىزدىكى بۇنداق تارتىشىش كۈچىنى قەشقەر ياكى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولساق ھېس قىلالمىغان بولاتتۇق، بەلكىم بۇ كەيپىياتنى گۇمانسىراش ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئەسلىدە بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم ئىكەنمىز. بىزدە «يالغۇز دەرەخ ئورمان  بولماس» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا بىر-بىرىنى كۆزىگە سىغدۇرالماسلىقى نادانلىقنىڭ ئالامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن لوندوندىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، مەن چاقچاق قىلىپ: «سىلەر مايكول جېكسون، مادوننا، سېلىن دىئانلارنىڭ ناخشىسىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەمسىلەر - نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار: «ئۆزىمىزنىڭ ناخشىلىرى بەكرەك ياقىدىغان بولۇپ قالدى، سەۋەبىنى ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايمىز» دېيىشتى. ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمىز، لېكىن ۋەتەندە ئىشلىگەن تۇرمۇش فىلىملىرىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇ فىلىملەرنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، لېكىن ئۆزىگە تارتىدۇ دېدى بىرەيلەن. مەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى قەشقەر شېۋىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا تەكرار كۆرىمەن دېدى يەنە بىرەيلەن.
مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاددىي ناخشا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تىلغا ئالماقچى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان كۈچ پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپ، مۇكەممەل ھەم ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنە شۇنداق ئاددىي ئېلېمېنتلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نەچچە يۈز توننا كېلىدىغان كىتمۇ ئاددىي ھۈجەيرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟!
ئارىدا بىر ۋەتەندىشىم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى، تاماقتىن كېيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. گەپ ۋەتەن تېمىسىغا كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈكۈتلۈك دەقىقىلىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىر شېشىنى كۆتۈرۈپ كىردى. «بۇنى پۇراپ بېقىڭ» دېدى ئۇ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. مەن ئېھتىيات بىلەن پۇرىدىم، ئاچچىق توپا ھىدى دىمىغىمنى يېنىك قىچىشتۇردى. مەلۇمكى، شېشىگە قاچىلانغىنى توپا ئىكەن. «بۇ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ توپىسى. كۈن نۇرىدا تاۋلانغان توپا، سەككىز يىل بولدى ساقلىغىلى» دېدى ساھىبخانا چۈشەندۈرۈپ.
شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «توزان قەسىدىسى»دېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى. چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانىغا؛«قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ.
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار «ۋەتىنىم بارغۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.
بەلكىم سىلەر «ۋەتەن» دېگەن زادى نېمىدۇ، دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ۋەتەن ئابستراكت مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ سىز چوڭ بولغان ئۆي، مەھەللىڭىزدىكى كاداڭ قاپاق تېرەك، سىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ياۋا گىياھلار قاپلاپ كەتكەن خارابە، سارغىيىپ كەتكەن قوليازما، سىزگە ئىسرىق سېلىپ ئوت كۆچۈرۈپ قويغان مويسىپىت موماي، سىزگە ئىسىم قويۇپ بەرگەن ئاخۇنۇم، قوي-كالىلار توپ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان يېزا يولى، دېھقاننىڭ تېرىق زاغرىسىدەك يېرىلىپ كەتكەن تاپىنى، بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ سىماسى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەقىل-پاراسەت... ....ۋەھاكازالار. سىز يىراق بىر يەرگە كېتىپ ۋەتىنىڭىزنى سېغىنغاندا، ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىسى ياكى ئۆزىڭىز كۆپ ماڭغان قەدىم كوچىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولۇشى تامامەن يوللۇق. چۈنكى، ۋەتەن كونكرېت ئۇقۇم، مۇھەببەتمۇ كونكرېت ھېسسىيات، سىزنىڭ ئۆز خەلقىڭىزگە ۋە ۋەتىنىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كونكرېت ئىشلار، سىز ئۇچراتقان نۇرغۇن كونكرېت ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ياقا يۇرتتا كۆرگەن بىر پارچە سۈرەت، ھەتتا قامۇسلاردىن ئورۇن ئالغان يۇرتىڭىزنىڭ بىرەر خىل قۇشىمۇ يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدۇ، سىز يات بىر ماكاندا يۇرتىڭىزغا دائىر كىچىككىنە ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز پەخىرلىنىپ كېتىسىز. ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوباجىن دېگەن يېرىدىن 8- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمدا كېڭىيىش بولغانىدى. تارىخ ئىلىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي پاكىتلار بىلىش ئۇپۇقىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندا، ئېچىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولالماي قالىدۇ.
ۋەتەننىڭ پاسىلى سىزنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىڭىز، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن تولىمۇ كىچىك بولىدۇ، نادانلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئىسكەنجىسىدە قالغانلارنىڭ تاماق قاچىسى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى تاماق قاچىسى ئارقىلىق چۈشىنىدۇ، ئۆز نەپسىگە بولغان تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەننى سۆيۈش لاياقىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە بۇنداق قورساق بەندىلىرى كۆپىيىپ كەتسە، خەلقنى ئاپەت باسقىنى شۇ.
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە ۋەتەن توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گېپىمنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەسىراتىمدىن باشلىدىم. بىر ئادەم سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل چەت ئەلدە يۈرۈپ، ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۇنىڭ سەپىرىنى تولۇق غەلىبىلىك بولدى دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشىمنىڭ سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زۆرۈرىيىتى باردۇ؟
سىلەر ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئاجايىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ۋە مائارىپ يەرشارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە «مەدەنىيەتلەر دىئالوگى»، «مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى»دېگەندەك شوئارلارمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر خىرىس بىلەن ئۈمىد بىللە مەۋجۇد دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەت دەل بىزنى ئوراپ تۇرماقتا. سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. روشەنكى، سىز تۇغۇلغان يېرىمدە مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئېيتالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە «دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى» دېگەن گەپ پۇرسەتنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەيەردە خەلقىمىزگە لازىم بىلىملەر بولسا، ئىمكانقەدەر شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭمۇ دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ بىزنىڭمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇنلىرىدا قەد كۆتۈرگەن خادىملىرىمىز بولۇشى كېرەك، سىلەر مۇشۇنداق ئالىي مەقسەتلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ تۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار لازىم. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىسام، قازاقىستاننىڭ غالجات مەھەللىسىدە چوڭ بولغان، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغاپتۇ. ھە دېسىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردىن چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بىر ئۆمۈر ۋەتەندە ياشاپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدىغان ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىش ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى، چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ ۋەتەنگە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ قەلبىڭىزدە ۋەتەن بولمىسا، ۋەتەن ئالدىدا نانكور بولىسىز، ۋەتەندە بولالمىسىڭىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلسىڭىز، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر بولالايسىز. رۇسىيە شائىرى شىدرىن: «ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىنسانلار ئەڭ خەتەرلىكتۇر» دېگەنىكەن. سىز نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئانا تۇپراققا بولغان سەمىمىي رىشتىڭىزنى ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ رىشتە سىزنى ئادەمىيلىكنىڭ سۈزۈك بۇلاقلىرىغا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى سېزىپ تۇرىسىز. كلاسسىك شائىرلىرىمىز «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر» دېگەن ئوتلۇق مىسرانى قالدۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ۋەتەنگە تەتبىقلىساق تازا جايىغا چۈشىدۇ. ئادەتتە پەننىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، لېكىن ئالىمنىڭ ھامان ۋەتىنى بولىدۇ. قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقى بىلەن ئۇۋىسى زېمىندا بولىدۇ.
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى يەر شارى كەڭلىكىدىن ئىزدەڭلار، لېكىن ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار دەۋاتىمەن. شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىمۇ تەربىيىلەشكە ۋە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، تۇغقانلىرىمىز، بوۋا ۋە مومىلىرىمىز، ئاندىن قالسا قۇلۇم-قوشنا، مەھەللە-كويلىرىمىز ئەڭ بىۋاسىتە ۋەتەندۇر. بىز مۇشۇ ۋەتەن ئاساسىدا ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز، بېيىتىمىز ۋە ئالىيجاناب پەللىگە كۆتۈرىمىز. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئانىمىز بەرگەن سۈت ۋە نان بىلەن شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئانىلار ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئالەمچە مېھرىنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئاتىمىز بەرگەن غۇرۇر بىلەن بېجىرىملىك ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولىدۇ. ئاتا-ئانا بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۈپىتىدە خاراكتېرىمىزگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىمىز تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ئېسىل ئەنئەنىسى، پارلاق مەدەنىيىتىنى بىلدۈرەلمىسە، بىز بالىلىقتىكى ناھايىتى مۇھىم ئوزۇقتىن مەھرۇم قالغان بولىمىز. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۇستازى، ئانا تىلىمىزدىكى چوڭقۇر مەنالىق، ھېسسىياتقا باي سۆزلەرنى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئانا تىل شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنى بىزگە مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن ئۆگەتكەن، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش، ھەربىر ئاھاڭ بىزگە ئازادىلىك ۋە مۇھەببەت ئەۋجىدىكى شېرىنلىك ئىچىدە سىڭگەن بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىز ئارقىلىق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى، ئىنكاسى، خۇشاللىق ۋە قايغۇسى بىلەن تەبىئىي ئۆزلىشىپ كەتكەن ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز، بۇ بىلىملەر بىزنىڭ كېيىنكى سىستېمىلىق پەننىي بىلىملىرىمىزنىڭ خۇرۇچلىرىغا ئايلىنىدۇ.
بىز ئۆسكەن مەھەللە بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ يەنە بىر ئۇستازى، بىزنىڭ بالىلىقىمىز مەھەللىمىزدىكى تەبىئىي مەنزىرە، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، بىزنىڭ تىلىمىز مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ ئىخچام مەدەنىيەت مۇزېيى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىيدۇ، غەمسىز بالىلىق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەھەللە بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىمىزگە ئايلىنىپ، خۇشاللىق ۋە لەززەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر روھىي ئوزۇق ئالىمىز، بىر ئۆمۈر ئىلھاملىنىمىز. بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆز بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى شۇ خەلق ياشىغان ماكاننىڭ ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزدە بىر بالا تۇغۇلسا «ئوغۇلمۇ، قىزمۇ؟» دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «بۆرىمۇ، تۈلكىمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئەھۋاللار بار. ئەگەر بۆرە بىلەن تۈلكە خەلقىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ مۇقەددەس زېمىندا مەۋجۇد بولمىسا، بىزدە بۆرە بىلەن تۈلكىنىڭ ھاياتى ۋە خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئىنچىكە كۆزىتىش بولمىسا، ئۇلار ھەققىدە ھەقىقىي تونۇشمۇ بولمايتتى، جۈملىدىن يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەشمۇ بولمايتتى. تىل دېگەن ھاياتلىقتىكى كونكرېت ماكان-زاماننىڭ مەنىۋىلىشىشى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ ھايات شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ خۇلقىنى ئۇنىڭ تىلىدىن روشەن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلىقتا قوبۇل قىلغان تىل بىلەن تەپەككۇر بىزنىڭ كېيىنكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ گېنىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق مائارىپشۇناس م. مونتىسسارى: «كىشىلەر ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلەيدىغان بىردىنبىر تىل - دەل بوۋاق مەزگىلىدە ئۆگەنگەن ئاشۇ تىلدۇر» دېگەنىدى. بىز باشقا تىللارنى ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆگىنىمىز ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مۇساپىمىزنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن باسىمىز.
ساۋاقداشلار، سىلەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولدۇڭلار، ئۈرۈمچى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك شەھەر، سىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەۋزەل ئائىلە ۋە مەكتەپ شارائىتىدا يېتىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىدۇ: ئۆيۈڭلاردا كىچىكرەك بولسىمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسى بارمۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تارىختىكى ھەم ھازىرقى ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرامدۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئائىلەڭلارنىڭ نەسەبنامىسىنى سۆزلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان بولسۇن. كلاسسىك كىتابلار سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ئاۋازى، سىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئەجدادلار بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇتاشتۇرالايسىز، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىسىز، ئۆزىڭىزنى توغرا تارىخىي ئاڭغا ئىگە قىلالايسىز، ئەقىل بۇلىقىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئىجادىيەت ھەۋىسىڭىز ئۇرغۇيدۇ. سىز ئىراننىڭ 10-، 11- ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ تۈرك نەسىللىك سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خوراسانغا ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارسلارنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان تارىخىنى پارس تىلىدا يېزىپ چىقىپ، «شاھنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەقدىم قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ؛

ئوتتۇز يىل مېھنەت ھەم زەخمەتتە قالدىم،
پارسچىدا ئىراننى قۇتقۇزۇپ ئالدىم.
فىردەۋسى شۇنى بىلىدۇكى، چېچىلاڭغۇ تارىخ راۋان، ساپ تىل بىلەن رەتلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغاندا، ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكى ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىنى تېپىشىدىكى يول خەرىتىسىگە ئايلىنىدۇ.
ساۋاقداشلار، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولسىمۇ، خەلقىمىزگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان دېھقانلار ئاممىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىسىڭىز ۋەتىنىڭىزنى ھەرگىز تولۇق چۈشىنەلمەيسىز. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز يېزىلاردا، سىز يېزىلارغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ يېزىلىرىمىزنىڭ جاپالىق، لېكىن سېخىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخىچە ئۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە تەكلىپ بېرىمەنكى، تەتىلدىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ جەنۇب ۋە شىمالدىكى يېزىلارغا بېرىڭ، شۇ چاغدا ۋەتىنىڭىزنىڭ بىپايان قۇچىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز، خەلقىڭىزنىڭ روھىدىكى بايلىقلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز لىققىدە بولىدۇ. تەكلىماكان ۋادىسىدىكى ھەر بىر يۇرت، ھەر بىر شەھەر ئۆزگىچە خىسلەتلەر بىلەن سىزنى رام قىلىۋالىدۇ، سىزگە ھەر قانداق كىتابتا دېيىلمىگەن ھايات مۆجىزىلىرىنى نامايان قىلىدۇ، سىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۈرۈمچىنىڭ ئېگىز بىنالىرىدىن تورلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىز كەڭ دالىلارنىڭ باغرىدا ئەركىن قىيغىتىدۇ. سىز ئانا دىيارىڭىزدىكى تاغ-دەريالارنى، ئۇنىڭدىكى بايلىقلارنى، خەلقىڭىزنىڭ ياشاش شەكلىنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا يىراق ئەللەرگە كېتىپ قالسىڭىز، كېيىنچە پۇرسەت يارىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. چۈنكى، سىز چوڭ بولغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز. شۇنداق بىر ئاددىي پرىنسىپ بار، بىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن: ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنى سۆيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەنلەر باشقىلارنى تېخىمۇ سۆيمەيدۇ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ باشقىلارغا بىلدۈرەلمەيدۇ. مەن سىزگە بىر ئاددىي ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك تەرەپ ھەققىدىكى بىر مىسالنى دەپ بېرەي، بۇنى بىر ۋەتەندىشىم ماڭا دەپ بەرگەنىدى: «ئىستانبۇلنىڭ بىر قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتىم، - دەپ بايان قىلىشقا باشلىدى ئۇ ۋەتەندىشى، - بىر ئايالنىڭ قويۇق خوتەن شېۋىسىدىكى گېپى مېنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى، ئۇ ئايال مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ، مەنمۇ ئۇ ئايالنى تونۇمايمەن، ئۇ مېنى بىر تۈرك دەپ يول سورىغانىدى، مەن ئۇ ئايالدىن ھەم ھەيران قالدىم، ھەم سۆيۈندۈم. ئۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. ئەگەر ئاقسۇدا ياكى غۇلجىدا بولغان بولسا ھەيران بولمايتتىم. ئۇ ئۇيغۇرنى ئالايىتەن ئىزدىمىسە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان يات بىر شەھەردە خوتەن پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپپۇزدا مەندىن يول سورىدى. قارىسام ئۇ ئايالدا نە تەڭقىسلىق، نە خىجىللىقنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەكسىچە ناھايىتى تەبىئىي تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىپ يولنى چۈشەندۈردۈم. ئۆزۈم شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم.»
مانا بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى ساپ دىللىق. ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئايال ئىستانبۇللۇق بىر تۈرككە ئۇچراپ قالغان بولسىمۇ غەرىزىنى ئۇقتۇرالىغان بولاتتى. بىر سودىگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەپ يۈرۈپ ئالمۇتا، بېشكەك، تاشكەنت، ئاشخاباد، باكۇ، ئىستانبۇللاردا نان تېپىپ يېيەلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەگەر سىز ئانا تىلىڭىزغا پىششىق بولۇپ، خەنزۇ تىلىغىمۇ ماھىر بولسىڭىز، كېيىن ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگەنسىڭىز، سىز ياشىيالايدىغان مۇھىت ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بولىدۇ. سىز كۆپ تىللىشىش دەۋرىدە ياشاۋاتىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق يارىتىسىز؟ بۇ سىلەردەك ئەۋلادنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ مەسىلە. تىل - بىلىملەر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى، ئادەم بىلەن ئاچقۇچنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئادەم بەلگىلىگۈچى ئامىل، ئاچقۇچنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟ بۇ غايە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
ساۋاقداشلار، سىز ئانا يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغان ھامان ۋەتەن ۋە تىل مەسىلىسى شۇ ھامان ئايدىڭلىشىدۇ. بۇلارنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بۈگۈن بۇلار ھەققىدە توختالدىم. يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ، دېگەن گەپ بار. سىلەر زېرەك ھەم چېچەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالىسىلەر. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت تىلەيمەن. زەپەر سىلەرگە يار بولسۇن!
كۆپچىلىككە رەھمەت!



ئاپتور شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى


ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-01

 

Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 04:12 [باش يازما]
~uyghurjan~

دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10631
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1855
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1855دانە
شۆھرەت: 1906 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 555 سوم
تۆھپە: 143 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-21
ئاخىرقى :2008-04-21

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

./read.php?tid-42314.html

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ناملىق شېئىرى
بۇرۇن مەن مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم . تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ، ئىنكاس قىلىپ قويدۇم  .!؟!!!



لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى 











ئابدۇقادىر جالالىددىن



قارا ھىجران  ، دەردكە قېلىپ ئانىلار ،
پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار  ،
كىرىپ چـۇشكە ۋەتەندىكى دالىلار  ،
سېغىنىشتىن چـوڭـايسىمۇ  يـارىلار  ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

كىلىپ راسا ئوقۇي دىگەن نىيەتكە  ،
كىلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كېرەككە ،
ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە ،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۇرەككە  ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

سۈرۈشتۇرسەم سانى يۇزدىن ئاشارمىش ،
ھەرتەرەپتە ، ھەر شەھەردە ياشارمىش ،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش  ،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

لوندون دىگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن ،
پۇرسەتكىمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن  ،
ھەرقەدىمى پۇلغا تۇرغان شەھەركەن ،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

خىنىملاردەك تارتتى مىنى جىلۋىسى  ،
تەمتىرەتتى  پۇلپەزلىكتە ھىيلىسى  ،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لـولـىسى ،
دەرتمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

« زىيارەتچى ئالىم » دېگەن ئاتاقتا  ،
كىلىپ ياتتىم كاتاكچىلىك ياتاقتا  ،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاقتا ،
غەم قاينايدۇ كاللا دىگەن قاپاقتا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  ،

بىلگەنلىرى مېنى ھۆرمەت قىلىشتى ،
بـوسوغـامغا زىـيارەتكە كـېلىشتى  ،
بـەزىلىرى تـۇز ھـەم تائام بېرىشتى  ،
قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئېرىشتى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن ،
بـالـىلارنىڭ ھـالـى شۇڭا پەس ئىكەن ،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن ،
ياشاش دىگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

بۇ جاھاندا  دەردى يوقلار نەدە بار ،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار ،
بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار ،
يۈرىكىدە شەلۋەرىگەن دەزى بار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

يىگىتلەرمۇ قورامىغا يىتىپتۇ ،
تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پىتىپتۇ ،
كېچىللىرى خىيال سۇرۇپ يېتىپتۇ ،
ئۇيقۇلىرى نەلەرگىدۇر قېچىپتۇ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

قاراپ باقسام ، قىزلارمۇ بەك ياش ئىكەن ،
قاش -كۆزلىرى چىرايلىقكەن ، شاش ئىكەن ،
قىلغانلىرى بىر-بىرىگە پاش ئىكەن ،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

قىز-ئوغۇللار بىر-بىرىنى ياراتماي ،
بىر-بىرىنى بوسوغىغا يولاتماي ،
ئوغول تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي ،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى غولاتماي ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نەچارە ،
خەق ئالدىدا بوپ قالىسەن بىچچارە ،
تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە ،
تالادىسەن ، سەرسانلىقتا ئاۋارە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

ئىشلىگەندە ، قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا ،
غـايـىـلـەرمـۇ دەسسىلىپتۇ  ئاياقتا  ،
مەن ئۆزۇمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا ؟_
كىلەچەككە ئاخىرى يوق سوراقتا _
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

گورۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ  ،
بـەزى تـۇتـۇق ، بەزىلەدە ئېچىلىپ  ،
ئـۆزىـدىـن بەك باشقىلارغا ئېچىنىپ  ،
خىزمەت چىقسا قىزغىنىشتا ئېتىلىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

ئـوقـۇمـىسا كىلەچەككە چارە يوق  ،
ئوقۇي دېسە ، ياندا ئاقچە_پارە يوق ،
خوتۇن ئالاي دىسە قىز بار  ، يارى يوق ،
قىزلارنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى يوق  ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

تورغا چىقىپ ئېلخەتلەرنى يوللىشىپ ،
يىراقتىكى بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ ،
تەسەللىدە بىر-بىرىنى قوللىشىپ ،
روھلانسىمۇ ئاخىر يەنە سولىشىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

مۇساپىرلىق ھەممىمىزنى تاسقايدۇ ،
بىرەركۈنمۇ ھايات كۈلۈپ باقمايدۇ ،
يات شەھەردە جان قىينىلىپ قاقشايدۇ ،
شۇندەق قىلىپ بېلى بوشنى تاۋلايدۇ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

ياشاشقىمۇ ياراپ قاپتۇ بالىلار ،
ئانچە-مۇنچە بىلىم ئاپتۇ بالىلار ،
پۇلمۇ يىغىپ، يۇرتقا ساپتۇ بالىلار ،
جۆرىسى يوق ، قاراپ قاپتۇ بالىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار ،

ئەجىر قىلساڭ كۆيۇپ بىرەر ئارماندا ،
مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا ،
قالسىمۇ گەر مۇساپىرلىق -تۇماندا ،
ئەپلەشمىسە يەنە يېڭى پىلاندا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار  .

دەيمەن ! ، ئانا ۋەتىنىڭنى ئۇنۇتما ،
ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما ،
ئۆز ئېلىڭگە ئاسىيلىقنى يولاتما ،
يۈرىكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما ! ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار 
.


2006-يىل دېكابىر ، لوندون

ئاپتۇر : شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى





Uyghurx.com
ﺟﯩﻤﻰ ﮬﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ . (ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ) \

http://www.Qimbulak.comچىمبۇلاق تورى
| ۋاقتى : 2008-05-02 04:16 1 -قەۋەت
almuslimin

دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 39517
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-01
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئىلگىرىمۇ بۇ زاتنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ نۇتقىدىن بىرخىل يۇشۇرۇن ئىتىقات ۋە ئىماننىڭ پۇرىقى پۇراپلا تۇرىدۇ.....
بۇ نۇتقىدىمۇ ئەلسۇمالىيە، فەلەستىن، ئافغان ئەللىدىرىدكى مۇساپىرلارنى تىلغا ئېىلىپ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى سوراپتۇ، اللە ئۇنى مىللەتچى رەقىپلىرى ئالدىدا ئەزىز قىلسۇن!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 09:29 2 -قەۋەت
艾斯卡尔

ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 10283
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :142(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-04
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇنۇگۇن تېما قىلىپ يوللىسام چىقارماپتىكەن ،   بۇگەن يەنە يوللاپ قوياي .




كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نەخ مەيدان نوتۇقى

Uyghurx.com
http://www.arkem.cn/pulئېلان چىكىپ پۇل تېپىڭ
| ۋاقتى : 2008-05-02 09:42 3 -قەۋەت
dilhux.cn

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38215
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-14
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت سىلەرگە ئاغىنىلەر ....
| ۋاقتى : 2008-05-02 10:49 4 -قەۋەت
ASAN-YUSAN
يـەھـيـا

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 798
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2378
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2378دانە
شۆھرەت: 2706 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 37958 سوم
تۆھپە: 189 نۇمۇر
ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :482(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-19
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇنى مەن يوللاپ دەپ بولغۇچە مەندىنمۇ تىز چىىپسىز ، ،  قايسىمىز يوللىسام ئوخشاش  ، ،

ساۋاقداشلار، سىلەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولدۇڭلار، ئۈرۈمچى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك شەھەر، سىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەۋزەل ئائىلە ۋە مەكتەپ شارائىتىدا يېتىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىدۇ: ئۆيۈڭلاردا كىچىكرەك بولسىمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسى بارمۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تارىختىكى ھەم ھازىرقى ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرامدۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئائىلەڭلارنىڭ نەسەبنامىسىنى سۆزلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان بولسۇن. كلاسسىك كىتابلار سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ئاۋازى، سىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئەجدادلار بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇتاشتۇرالايسىز، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىسىز، ئۆزىڭىزنى توغرا تارىخىي ئاڭغا ئىگە قىلالايسىز، ئەقىل بۇلىقىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئىجادىيەت ھەۋىسىڭىز ئۇرغۇيدۇ. سىز ئىراننىڭ 10-، 11- ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ تۈرك نەسىللىك سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خوراسانغا ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارسلارنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان تارىخىنى پارس تىلىدا يېزىپ چىقىپ، «شاھنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەقدىم قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ؛
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 11:09 5 -قەۋەت
azizrosulkam

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36056
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-20
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دىيارىمدىن تاپالماي، شەبنەمدىن تاپتىم، ھەشقاللا!!!!!!!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:22 6 -قەۋەت
muhtar82

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 10420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-10
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىكەن....
  بىز تېخى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن.....
                                                       
                                                                  ئۇيغۇر
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:29 7 -قەۋەت
【DILNUR】

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 27634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 363
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە363دانە
شۆھرەت: 364 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :239(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-13
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا سالالايدىكەن~مەن ئۆزەمنىڭ تا ھازىرغىچە بەخىتلىك تۇرمۇشۇمدىن قانائەت تاپمىغىنىمدىن بەك خىجىلمەن~قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئىشلار  يىنىمىزدىكەن ئەمەسمۇ~
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:35 8 -قەۋەت
0903TILSIMAT

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 17398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-06-17
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ  بەك ھۆرمەت قىلىمەن بۇ كىشىنى ،يازغان ماقالە،كىتابلىرىدىكى سۆزلەر نەق يۇرەككە تىگىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:58 9 -قەۋەت
gulbargi2

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33965
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 174
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە174دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1739 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-26
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ زاتنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇسا ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ~ ياپۇنيەگە چىقىپ يازغان [ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا ]دىگەن كىتابى ھەقىقەتەن ياخشى بولسا كۆرۈپ بېقىڭلار !
| ۋاقتى : 2008-05-02 13:10 10 -قەۋەت
turghunsadir

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9951
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە245دانە
شۆھرەت: 246 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :218(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-22
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ زاتنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇسا ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ~ ياپۇنيەگە چىقىپ يازغان [ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا ]دىگەن كىتابى ھەقىقەتەن ياخشى بولسا كۆرۈپ بېقىڭلار !
مەن بۇ زاتنى چىن قەلبىمدىن ھۆرمەتلەيمەن!!!
Uyghurx.com
يۇرت ئوغلى
| ۋاقتى : 2008-05-02 15:22 11 -قەۋەت
ئىپار

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38817
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-21
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    بۇ  يازغۇچىمىز  قەقىقەتەن  ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك ئەسەرلەرنى يازىدۇ ،مەن بۇ زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن .
| ۋاقتى : 2008-05-02 15:33 12 -قەۋەت
turghunsadir

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9951
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە245دانە
شۆھرەت: 246 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :218(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-22
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىنى لوندۇنغا چېقىپ ئۆگىنىش ئادەمنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىش .... بۇ تەتقىقاتلار ئۆزىمىزنىڭ دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!!! ئۇستاز ئابدىقادىر جالالىدىنمۇ 40ياشتىن ئاشقاندا لوندۇندا سەرگەردان بولۇپ  يۈرمىگەن بولاتتى!!!! ئېست!!!؟؟؟؟
Uyghurx.com
يۇرت ئوغلى
| ۋاقتى : 2008-05-02 15:44 13 -قەۋەت
QORUKBAY

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31597
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-04
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ زاتنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇسا ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ~ ياپۇنيەگە چىقىپ يازغان [ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا ]دىگەن كىتابى ھەقىقەتەن ياخشى بولسا كۆرۈپ بېقىڭلار !
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:09 14 -قەۋەت
nawebar873

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 18931
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :186(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-13
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يېزىق ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا سۇئالغا ،بۇ سۈيۈملۈك ئۇستازنىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا »دىگەن كىتاۋىدا يازغان بۇجاۋابىنى كۈچۈرۈپ قويدۇم:
مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم:
«ھەممىنى ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بولغىچە باشقىلار يۈگۈرۈپ بۇلىدۇ.ئەڭ ياخشىسى ئاناڭلارنىڭ ئېمىنى ئالماشتۇرۇڭلار،شۇ چاغدىلا بۇنچە كۆپ ئاۋارە بولمايسىلەر.»
كىتاپنىڭ 363-بېتى.
ياشاپ كېتىڭ ئۇستاز......  
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:15 15 -قەۋەت


 

Time now is:05-02 19:08, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation