| ||||||||
Biperwa | بىپەرۋا پوسكام ئالتۇن توغىراقتا2008-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۇنى پوسكام ناھىيىسدە ئالتۇن توغىراق دۆلەت AA Aئورمان باغچىسىدا ماي بايرىمنى تەبىركلەش ، ئولىمپكىنى كۇتۇۋىلىش مەخسىتىدە مەدىنەت-سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۇزلىدى ، شەبنەم مۇنبرىدىن بىپەرۋا دىمىق ئىسقىنى ئىسىق دىمەي ، مىنىرال سۇغا تويماي دىگەندەك ، ، نەچچە ئادەمگە پۇتلىشىپ دىگۇدەك، نەخ مەيداندىن سۇرەتكە ئىلىپ ئەكەلدى . سۇرەتتكىسى ھەممىسى نەخ مەيدان سۇرەتلىرى .
پوسكام ئالتۇن توغىراق ئورمان باغچىسى پوسكامنىڭ كۇيباغ يىزىسىغا جايلاشقان بولۇپ يەكەن زەرەپشان دەريا بويىدا بولۇپ ، تەبىيتى قوغىدىلىدىغان ئورمان باغچىسىدىن ئىبارەت ، بۇيەر ھازىر قەشقەر شۇنداقلا شىنجاڭغا داڭلىق سايائەت مەركىزى بولۇشقا دۇنياغا يۇزلىنشكە قاراپ ماڭماقتا . ھەر يىلى ماي ۋە ئۆكتەبىر بايراملىردا بۇ جاي قىززىقپ قاينام تاشقىنلىققا چۇمىدۇ . تۆۋەندىكى سۇرەتلەردىكى توغىراقلار ھازىر يىشىل قورغان ھاسىل قىلپ ئادەمگە باھارنىڭ گۇزەل مەزىسىدىن زوخ شوخ بىلەن ھۆزۇرلىنىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ .ھازىر 5-ئاي بولغاچقا توغىراقلار يىششللا تۇردۇ . 10-ئايلاردا پۇتۇن توغىراقزارلىق ئالتۇن رەڭ تون كىيىدۇ . ۋاي كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ نىمە ،مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟ ئاۋال سىلەرنى شۇ توغىراقلاردىن ھۆزۇرلاندۇراي . ئاندىن شۇ كۇنلۇك نەخ مەيداندىكى كۆرگەزمە بۇيۇنلىرى ۋە ئۆزۇمگە يارىغان بىر قانچا سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن ھۆزۇرلاندۇرمەن قىنى مەرھەمەت . سۇرەتلەرگە چۇشەنچە بەرمەيمەن . قىززىقىدىغانلار پوسكامغا كىلىپ بىپەرۋا ئىزدەڭلەر ھەقسىز يول باشچى بولۇپ باشلاپ چىقمەن ، ھىچ بولمىغاندا چىقدىغان يولنى دەپ بىرىمەن ھە ..... تۆۋەندىكىسى شۇ كۇنلۇك (يەنى بۇگۇن) مەيداندكى پائالىيەتلەردىن تارتىلغان سۇرەتلەر . نەخ مەيداندىكى ماڭا ياققان بىر قانچە ناخشىلار . 1-تال توغىراق 2-ئەلانۇرخان داۋامىدىكى بىر قانچە ئەلنەغمە نەخشىلىرى ئەتە يوللىنىدۇ . | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
~uyghurjan~ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مانا ما ئىشىڭلار يارايدۇ . شەبنەمنىڭ ياراملىق مۇخبىرى بىپەرۋانىڭ بىپەرۋالىق بىلەن بىلدۈرگەن خەۋىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق رەھمەت ...!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dil-rus | ساپ ، ئىستۈتەكسىز ، بۇلغانمىغان مۇھىت !
رەسىملەرگە ئانىقىز ئېلتەرىس نىڭ توغراق ھەققىدىكى بايانلىرىنى كىرگۈزۈپ تەھرىرلەنگەن بولسا تولىمۇ مۇكەممەل بولاتتىكەن . ھارمىغايسىز . | ||||
---|---|---|---|---|---|
sabiha bbs.xabnam | بۇ قېتىم بىپەرۋالىق قىلماي خېلى چاققان كەپسىز جۇمۇ
جاپا چەكتىڭىز رەھمەت ئەجرىڭىزگە.مەنزىرلەر بەك گۈزەلكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulgulgul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ماي بايرامىدا بەك ئەھمييەتلىك سۆرەتلەرنى تارتىپسىز ،چاققاننىڭ زامانىسى دەڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz | بىپەرۋا بارغانسىرى بىپەرۋا بولماي قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nuri0996 باشئەگىم قىزى | نىمە دىگەن ئىسىل مەنزىرلەر ،گويا شۇ يەردە ساياھەت قىلىۋاتقاندەك بولدۇم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yarkin-2 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | دىمىسىمۇ ھەقىقەتەن ئىسىل مەنزىرىلەركەن ، ئاۋۇ كۆلنىڭ بويىغا بېرىپ باقايلىچۇ ؟.......
| ||||
---|---|---|---|---|---|