دېھقان تىلىگى
سوزۈلۈپ كەتكەندە كەچكۇزنىڭ سوغى،
خۇدايىم زىرائەت ئۇششەرمۇ دەيدۇ.
بەك قىلىن ياغقاندا تەلىيىگە قار،
بۇغدىيىم ئاستىدا سېسارمۇ دەيدۇ.
خۇداغا دۇرتلار ئوقىسا دېھقان،
سەن ئۈنى دىمىگىن خۇراپى ئاخماق.
يۇرىكى، تىلىكى، ئەمگىكى بىلەن،
كۆكىرىپ تۇرىدۇ بۇ ئانا تۇپراق.
تەبىئەت بەزىدە باقمايدۇ بىزگە،
ياغ دىگەن يامغۇرمۇ كۈندە ياغمايدۇ.
قار ياغسا توختىماس توختا دىگەنگە،
ئاھ دېھقان ئاسمانغا تەنھا قارايدۇ.
تۆت پەسىل ئىچىدە سانسىز ئاپەتلەر،
دۇچ كىلىپ تۇرىدۇ دېھقان بېشىغا.
باش ئەگمەي ئىشلەيدۇ ئۇ شۇنداق قەيسەر،
كۆڭلى خوش دېھقاننىڭ ئىشلەپ ھارمايدۇ.
مەنبە: ئىجادى ئەسەر
[ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-05-02 19:44قايتا تەھرى ]