يىراق ئەلدە تۇرۇپ بىلدىم قەدرىڭنى،
ئايرىلغاندا بەك سېغىندىم يۇرتۇمنى.
قاچانلاردا قەدەملىرىم يېتەركىن،
شۇ ئارمانلار قىينار ئاجىز يۇرەكنى.
ئاجىز يۇرەك سوقار داىم يۇرتتۇم دەپ،
زەرداپ قىلدىم يۇرت قەدرىدە ئۇزەمنى.
ئويلىمايچۇ دىسەم خىيال بوي بەرمەس،
يۇرەك يىغلار سېغىنىپلا يۇرتۇمنى.
قايتاي دەيمەن قايتالمىدىم ھەرگىزمۇ،
ئويلىمايلا قالدۇردىممەن ئىزىمنى.
يىلتىز تارتىپ يات ئاللەردە ئويلىماي،
كۇنۇم ئوتەر سېغىشتا يۇرتۇمنى.
مەن تۇرغان شەھەردىكىلەر سورىسا،
ئۇيغۇر بىز دەيمەن يۇرتتۇم ئىسمىنى.
ئپتىىخارىم سەن ئاھ ئۇيغۇرۇم يۇرتتۇم،
ئىچسەم دەيمەن گۇزەل يۇرتتۇم سۇيىنى.
[ يوللىغانbilkizpakتەرىپىدىن2008-05-02 03:55قايتا تە ]