| ||||||||
IMPRYA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئويلىنىپ باق(چۇقۇم)بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ <<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا>>ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان.
<<بىر مىللەتى يۇقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇنىڭ خاتىرسىنى ئۆچۈۋىتىش،كىتابلىرىنى،ئەدەنىيەتلىىرىنى ۋە تارىخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت.ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەققىدە يېڭى كىتابلارنى يازدۇرۇپ،يىڭى مەدەنىيەت ۋەيىڭى تارىخنى ياساپ چېقىش كېرەك.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى،ئەتراپىدىكى دۇنيانى تېزلىك بىلەن ئۇنتۇشقا باشلايدۇ.ئۇلارنىڭ تىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇنىڭغا ئاۋارە بولىشنىڭ نېمە ھاجىتى.تىل فولىكلور سۈپىتىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ،ئۆزلىكىدىن يۇقىلىدۇ......>> <<ئەجداد بىلەن ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ،ئۇلار يىتىمدۇر.ۋاھالەنكى، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەت ئەمەسمۇ.......>> <<ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمىشىنى چۇشەنمىسە،كىلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا،پەقەت قۇرساق بېقىش ۋەسۋەسىسىدىلا بولسا،بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجدىمائى،مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالمىسا،ئۇ بىللىققا ئوخشاش ياشىشى مۇمكىن،ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ، پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ، سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ......>> <<ئەجداد بىلەن ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا،ئۇلار يىتىمدۇر.ۋاھالەنكى، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەت .ئەمەسمۇ.....>> گۈلىخان ۋە چۈمۆلە <<مەن پورداپ كەتكەن بىر ئوتۇننى گۇلخانغا تاشلىدىم.لېكىن،ئۇ ئوتۇننىڭ ئىچىدە مىغ-مىغ چۈمۆلىلەرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ئوتۇن چىرىسلاپ كۆيۈشكە باشلىۋىدى،چۈمۈلىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆمىلەپ چېقپ،تەرەپ-تەرەپكە قاچتى.ئۇلار ئوتۇننىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى ھەريان ئۇراتتى،ئوت يالقۇنىدا تارتىشىپ،كۈيۈشكە باشلاۋاتاتتى. مەن ئويۇننى چەتكە تارتىۋەتتىم،شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن چۈمۆلىلەر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى.ئۇلار قۇملۇققا،قارشاي يۇپۇرماقلىرىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدى.لېكىن،غەلىتە يېرې شۇكى ، ئۇلار گۇلخاننىڭ يېنىدىن نېرى كەتمىدى.ئۆزلىرىدىكى ۋەھىمىدىن خالاس بولۇپلا،يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ،گۇلخاننىڭ ئەتراپىدا بىر ھازا پىرقىرىدى، قانداقتۇر بىرخىل كۈچ ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە،ئۆرتىنىۋاتقان ماكانىغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىمەكتە ئىدى!ئاخىر، نۇرغۇن چۈمۈلە كۈيۋاتقان ھېلىقى ئۇتۇنغا قايتىدىن ياماشتى،ئۇنىڭ ئۈستىدە غۇجمەك ھالەتتە تۇرغىنىچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.....>> ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-30
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aliali دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇلارنى مىڭ ئۇيغۇردىن بىرسى ئويلىنامدىغاندۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
axkar.T دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىڭ ئۇيغۇردىن بىرې مانا مەن بولاي.
تىل مەدەنيەت ، بوۈامنىڭ چەكمەنلىرى ،مومامنىڭ ئارتقان ياخلىغلىرى ھازىر مىنىڭ ئۇچامدا يا سىڭلىمنڭ بىشىدا يۇق. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ قىنى تومۇرىمىزدا ،مەدىنيىتى قەلبىمىزدە . مىنىڭ گۈلخان ئىچىدە ياغاچ بۇلۇپ كۆيگۈم يۇق. < گەپنى خاتا چۇشەنمەڭ > ئللا خالىسا ئۇۋامنى باشقىلار كۆيدۇرەلمىگدەك قىلىپ ياسايمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zabira دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىكەن.
لىكىن مەن «گۈلخان بىلەن چۈمۈلە» نىڭ ئاخىرىنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىم | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
IMAN0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىalialiنىڭ2008-05-01 06:49يوللىغان : توغرا . ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز زە- | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KaYiP狼 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشىكەن مەزمۇنى بەك چۇڭقۇركەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
KaYiP狼 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دوسلار مەن قەتتى تىما يۇلىلالمايۋاتىمەن ياردەم قىلىڭلار
| ||||
---|---|---|---|---|---|
xixa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللا قولىڭىزغا دەرىد بەرمىسۇن .ياخشى يىزىپسىز .
ھەممىمىزشۇنى ئورتاقلىشايلىكى ؛ھەر بىرىمىز مەسئۇلىيەتتىن ئۈزىمىزنى قاچۇرماي .ئىبرەتنى ئۈزىمىزدىنباشلاپ .ئوزىمىزدىكى كەمچىللكلەرنى تۇزىتىشكە قارىتىپ،ئۈز ئائىلىمىزكىشىلىرىگە ياخشى مەسئۇل بولۇپ پەيغەم بەر ئەلەيھى سالام نىڭ سۆزى [.......ئەركىشى پادىچى .قىيامەتكۇنىسى ئەر ئۆزىنىڭ ئائىلە -بالا چاقا دىن سوراق.سۇئال قىلىنغۇچىدۇر.......دەگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئەمەلىلەشتۇرۇپ.ياخشى ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىا تىرىشايلى. | ||||
---|---|---|---|---|---|
indian دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز ھەممەيلەن قىستىلىپ ھاڭنىڭ لىۋىگە كېلىپ قالدۇق ، ھاڭدىن تاشلىغانلارمۇ بولدى .مەنمۇ تاشلاي دىسەم ئۇماق باللىرىمنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىشى ئۇماق كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى ، ياق مەن شۇ باللىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ ياشىشىم ،ياشىغاندىمۇ ھەقىقى ئىنساندەك ياشىشىم كېرەك !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zayd دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يولدا كېتىۋېتىپ بىر ئىت ئۇچراپقالغاندا،سەن كەينىڭگە يانساڭ ئىت سېنى قوغلايدۇ،ئالدىغا قاراپ ماڭساڭ ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچىدۇ. ھازىر «ئىتلار» بىزنى قوغلاپ بىريەرگە ئاپاردى ۋە ئۇلاربارغانسېرى كۆپىيپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ھازىرچە باشقا ئىش قىلالمىساقمۇ،ئەڭ ئاۋال ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقىمىزنى ياخشىلايلى! «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق،ئون بەشى قاراڭغۇ»،تاشنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتسا،مەلۇم ئىگىزلىككە چىقىپ يەنە يەرگە چۇشىدۇ.گۇللىنىش بولىدېكەن،چوقۇم زاۋاللىق بولىدۇ. پەقەتلا ئاللاھنىڭ نۇرى مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sadik88 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇنىڭغا نېنە دېيىش كېرەك؟مېنىڭچە جاۋابنى بۇ بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاپ قويسام مۇۋاپىق!بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىش كېرەك!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
魔鬼 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھېچقانداق پايدىسى يۇق . بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى ھەممە بىلىدۇ .يەنى بىزنى مۇنداق باپلايدۇ ،
<بىرنى جازالاپ كۇپكە ئىبرەت بېرىش.> بىز دە شۇ چۇمۇلىدەكمۇ يۇرەك يۇق ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Aimar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمدەك ئۆزۈم ھەققىدە چوڭقۇر بىلگەن بولسام تولىمۇ بەختلىك سانىلاتتىم.
ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك بىلىم ئىگىلىرىمىز چوقۇم بىز تەرىپىمىزدىن قاتتىق قەدىرلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى كېرەك.......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|