| ||||||||
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇر ئالىملىرى(كۆرمەمسىز؟)ئۇيغۇر ئالىملىرى ئەكرەم ئابدۇمىجىت (غۇلجا ناھىيە چۇلۇقاي ئوتتۇرا مەكتەپتىن ) ئىلمى - ئىرپان ئاسمىنىدىن بالقىغان ئالىملىرىم ، ئۇشبۇ ئىقلىم سىرلىرىنى بايقىغان ئالىملىرىم ، پىكرى قانچە قەرنىلەردىن ھالقىغان ئالىملىرىم ، قانچە دەۋران دولقۇنىنى چايقىغان ئالىملىرىم ، ھەر تەرەپكە نام نىشانە تارقىغان ئالىملىرىم . بىزمۇ تۆت زاتنى ئاۋۋال بىلگەن ئەقىلنىڭ شامىدا ، سۇ ، ھاۋا، ئوت، يەرنى جەم قىلغان تەپەككۇر جامىدا ، قانچە مىڭ مۆجىزىلەر تۇرماقتا ئۇيغۇر نامىدا ، گاھى بۇددا نوملىرى ، گاھى شامان گۇلخانىدا ، بار گۈزەل سەنئەتكە رىشتىن باغلىغان ئالىملىرىم . تۇنيۇقۇق ، يۇللۇق تېكىندەك ئەزىمەتلەر بىر زامان ، چىقتى بىزدىن تارىخىن تاشلارغا ئويغانلار ھامان ، بىزدىكى مىڭىئۆي بىلەن كارىزنى كۆرسە گەر جاھان ، <قانچە دانىش ئەجرى بۇ >دەپ داڭقېتىپ قالغان شۇئان، ۋە لىكىن ھەرگىز ئاتاق ، نام ئالمىغان ئالىملىرىم . تۇغۇلۇپ كۇسەندە ئەسلى يول ئېلىپ چاڭئەن ئارا ، نەچچە مىڭ تالىپنى جۈپ تىز ئەيلىگەن كومراجىۋا ، ئەركە چېڭگىزخانغا ئۇستاز بولغىنى تاتاتۇڭا ، يەرنى يۇپيۇمىلاق قىلىپ بەرگەن سىزىپ مەھمۇت بوۋا ، شۇ ئۇزاق تارىخ بېتىدە چاقنىغان ئالىملىرىم . ئەل فارابى قانچە يىل يەشمەككە ئالەم سىرلىرىن ، شۇنچە تەنھا ئۆتكۇزۇپ كەلگەن كېچە - كۈندۇزلىرىن ، بىر ئۆمۇر ھېكمەت بىلەن ئايرىپ ئىلىمنىڭ تۈرلىرىن ، ئۇشبۇ ئالەم لەززىتىگە سالمىغان كۆزنىڭ قىرىن ، روم، بەدەخشان ،مەككە ، شامدا قاتنىغان ئالىملىرىم . شۆھرىتىنى قايسى ئەل بىلمەيدۇ خاس ھاجىپ دېسەك ، ئۇ يېزىپ چىققان <بىلىك>بەرگەچ جىمىي پەندىن دېرەك ، قانچە سۇلتانلار ئۇنى بىلگەن ئۇلۇق دەستۇرىدەك ، ئالمىغان كىملەر ئۇنىڭدىن مەنىۋى لەززەت دېمەك ، يازمىلاردا نامى كۈندەك پارلىغان ئالىملىرىم . قانچە ئەل- يۇرتنى كېزىپ ئېرپان ئۈچۈن قىلغان سەپەر ، شۇ ئۇلۇق زاتلار ئارا بار ھەم تەجەللى مۆتىۋەر ، ئەل جامائەت ساقلىقچۈن ئەجرى قىپ شامۇ سەھەر ، خىمىيە ، مېدىتسىنانىڭ كانىدىن قازغان گۆھەر ، بولسىمۇ دىندار ، ئىلىمدىن تايمىغان ئالىملىرىم . بىر زامان تەتۇر قۇيۇنلار توختىماي چىققاندىمۇ ، نەسلى ئالۋاستى خاقانلار ئەلنى چىڭ سىققاندىمۇ ، قانچە دەستۇر يازمىلارنى ئۆيمۇ - ئۆي يىققاندىمۇ ، شۇ مىراسلارنى پۇتۇنلەي كۆيدۇرۇپ ، چاققاندىمۇ ، ئىلىم - ھېكمەت مەنزىلىدىن يانمىغان ئالىملىرىم . قانچە تارىخ بەتلىرىنى ئەجرىدە كەلگەن يۇدۇپ ، ئا.مۇھەممەت ھەمدە ئۆتكۈر ئاكىلار كەتتى ئۆتۇپ ، بۇندا ھېكمەت ئىزلىرى قالغان ئەمەس ھەرگېز ئۆچۈپ ، دەۋرىمىزدە خالمۇرات ھەمدە زەپەر كاملارمۇ كۆپ ، ئۈزۈلۈپ ھېچبىر زاماندا قالمىغان ئالىملىرىم . ___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-30
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aqqik115 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان شىئېركەنغۇ بۇ. يازغۇچىنىڭ قولىغا دەرت تەگمىسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tay321 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى شېئىر!!!!
تارىخىمىز ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىز خېلىلا مۇكەممەلكەن جۇمۇ! ئەركە چېڭگىزخانغا ئۇستاز بولغىنى تاتاتۇڭا ، يەرنى يۇپيۇمىلاق قىلىپ بەرگەن سىزىپ مەھمۇت بوۋا بۇ مىسرالىرىڭىز نېمىدېگەن ياخشى! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KaYiP狼 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشىكەن مەزمۇنىمۇ بەك چۇڭقۇركەن سىز يازغانمۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
KaYiP狼 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنبە يوق بولغىنىغا قارىغاندا چۇقۇم سىز يىزىپسىز دە بارىكاللا
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bluewolf816 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يەنە شۇ شېئىر .............راس نى دىسەم مۇنبەردە بەزى تاينى يوق شېئرلارنى كۆرۇپ چىقىپ قاپتىمەن ..(چاق چاق(
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yigana2 | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىbluewolf816نىڭ2008-05-01 14:40يوللىغان : بۇمۇنبەر دىكىلەر شائىر ئەمەس،بۇلارمۇ پەقەت تۇرمۇشتىن ئالغان ھىسلىرىنى يازىدۇ، بولمىغان يەرلىرىنى تۈزۈتۈش بەرسەك بولىدۇ،لىكىن سىز بۇنداق دىسىڭىز ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇسەپكەنلىك بوپ قالمىسۇن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
azmatXOH دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىل شىئىركەن . تىما ئىگىسىگە رەخمەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tax~na دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىر ئوتتۇ را مەكتەپ ئۇ قۇ غۇ چىسىنىڭ بۇ نىداق شىئىر يېزىشى ئا سان ئە مەس،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oguzhan2 C:\Documents and Settings\c .. دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | bgk yfHxh yhzhpshz،رەھمەت دوستۇم سىزگە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
karanquk001 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياىشى يىزىپسىز،رەخمەت سىزگە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
karahanix دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى تۇرۇپ ياخشى يىزىپتۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Erdal دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تارىخمىز ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ، لېكىن بىزگە كېرىكى بۇگۈنىمز بىلەن ئەتىمىز!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aizizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باشقىلار يازغاننى مازاك قىلماي بولمىغان جايلىرىنى تۈزىتىۋالساڭلارلا بولمىدىمۇ ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى يېزىلىپتىكەندەڭە؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kokoyun دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى يېزىلغان شىئر ئىكەن.تارىخنى ياشلارغائەسلىتىش ۋە ئۇلارغا بىلدۈرۈشتە موھىم رول ئوينىغۇسى!چۈنكى بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىز ئاتاقلىق ئارتىسلار ، ۋەداڭلىق چىمپىيونلارنىڭ نامى-شەرىپى ۋە تارىخنى بەك ياخشى بىلىدۇ –يۇ، لېكىن ئاتابوۋېسىنىڭ نامى ۋە تارىخىنى بىلمەيدۇ.
تارىخنى ئەسلەش كېرەك! لېكىن بوۋام بەرگەن تاتلىق سوسكېنى قاچانغېچە شۈمۈپ ياتىمىز ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ شېىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kuzatkuqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،رەخمەت سىزگە!
| ||||
---|---|---|---|---|---|