ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئىكەنلىكى بايانىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەم ،
بېرىپ ھۇش - ئەقىل ، پەزىل ، ئىلىمىنى ھەم .
تىلىنى چىقارىپ ، ئاڭا بەردى دىل ،
ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل ، خۇش پېئىل .
بىلىم بەردى ، ئىنسان زورايدى بۇ كۈن ،
ئەقىل بەردى ، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن .
خۇدا بەرسە كىمگە ئەقىل - ھۇش ، بىلىگ ،
تولا ياخشىلىققا ئۇزاتور ئىلىگ ①
بىلىمنى بۈيۈك بىل ، ئوقۇشنى ئۇلۇغ ،
بۇ ئىككى يۈكسەكتۇر قۇلنىمۇ تۇلۇق .
بۇ سۆزگە گۇۋادۇر تۆۋەندىكى سۆز ،
بۇ سۆزنى ئىشىكتىن ، سۆزۈڭ بۇندا ئۇز :
ئەقىل قايدا بولسا ، ئۇلۇغلۇق تاپۇر ،
بىلىم كىمدە بولسا ، بۈيۈكلۈك تاپۇر .
ئەقىللىق ئۇقار ئۇل ، بىلىملىك بىلۇر ،
بىلىملىك ، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر .
بىل ، بىلىم مەنىسىن ، بىلىم نېمە دەر ،
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر .
بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر ،
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر .
كېسەلنى داۋالات ، بار ئەي بىلمىگەن ،
ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلەسەن .
ئەقىلدۇر بۇرۇندۇق ② ، ئاڭا يەتسە ئەر ،
تۈمەنمىڭ تىلەگى ھەم بولسا يېتەر .
كىشىگە ئەقىل پايدىسى كۆپ ئېرۇر ،
بىلىم بىلسە ئىنسان ئېزىز ئەر بولۇر .
جىمىكى ئىشكىنى ئەقىل بىرلە قىل ،
بىلىم بىرلە ۋاقتىڭنى ساقلاشنى بىل .
ئېزاھ:
① ئىلىگ ــ ( قەدىمكى ئۇيغۇرچە ) قول .
② بۇرۇندۇق ــ چۇلۋۇر .