سىز بۇ تېمىنىڭ 3688ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنېمە ئىش قېلىۋاتىدۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
كاپىتالېست

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36473
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 142
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە142دانە
شۆھرەت: 1728 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-24
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنېمە ئىش قېلىۋاتىدۇ؟

 
يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنىمەئىش قىلىۋاتىدۇ؟




ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ :ئاپتور:چىلىشچى
يېقىندا، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىدە يېرىم يىل تۇرۇپ قالدىم.بۇ جەرياندا بۇ ئۆلكىنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىگە باردىم . سىلەرگە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىمنى سۆزلەپ بېرەي . بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار .
ھازىر يۈننەن ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ ، كۈ نمىڭدا 500 ئەتراپىدا، رۇيلىدا (جۇڭگو - بېرما چېگرىسىدىكى بىر كىچىك شەھەر)3000 ئەتراپىدا،يەنە باشقا جايلاردا مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تارقاقلاشقانىكەن . بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۈرۈمچى ، قەشقەر (مارالبېشى ناھىيىسىدىن كۆپرەك)،غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ ،ھەممىسى "تىجارەت" بىلەن شوغۇللىنىدىكەن . نىمە تىجارەت دەپ سورىشىڭىز مومكىن ، ئالدىرىماڭ ، گەپنى ئاۋال يۈ ننەن ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىدىن باشلاپ تونۇشتۇرىمەن.
يۈننەن ئۆلكىسى جۇڭگو - بېرما چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، چېگرىدىن كىرىپ - چىقىش ئىنتايىن قولايلىق (يەرلىك خەلقلەر 5يۈ ەن بىلەن سىزنى چېگرىدىن چىقىرىپ قويالايدۇ). قارشى تەرەپتىكى بېرما بولسا دۇنيا زەھەرلىك چېكىملىك تېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇيەردە خىروئىننىڭ ساپلىقى يوقۇرى ،باھاسى ئەرزان .بېرمىدا تېرىلغان ئەپيۇن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ خىروئىنغا ئايلانغاندىن كىيىن ، يۈننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىپ ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كۈنمىڭغا يىغىلىدۇ ، بۇيەردە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىن ،شاڭخەي ، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە توشۇلىدۇ ، ئەڭ ئارقىسىدا چەتئەلگە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ. دىمەك يۈننەن ئۆلكىسى جۇڭگودىكى خىروئىننىڭ توپ تارقىتىش مەركىزى . رۈيلى(جۇڭگو - بېرما چېگرىسىدىكى بىر كىچىك شەھەر)دا بىر گىرام ساپ خىروئىننىڭ باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، كۈنمىڭغا توشۇپ كىلىنسە گىرامى 200 يۇەنگە چىقىدۇ ، داۋاملىق شاڭخەي ياكى گۇاڭجۇغا ئېلىپ بېرىلسا 400يۈەنگە چىقىدۇ (ئەلۋەتتە قولدىن قولغا ئۆتكىچە باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنسە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ).
مانا مۇشۇنداق زور پايدىنىڭ كۈشكۈرتىشىدە نۇرغۇن كىشىلەر جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ ،جىنايەت يولىغا ماڭماقتا ، بىزنىڭ يۈ ننەندىكى 5000 ئۇيغۇرىمىزمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي ،تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ خىروئىن ئەتكەسچىلىكى قىلىش بىلەن شوغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرىنى ،ھەتتا ئاتا - ئانا ، پەرزەنت ، خوتۇنلىرىنى تارتىپ كىرمەكتە.
گەپنى رۈيلىدىن باشلايلى ، جۇڭگو - بېرما چېگرىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىككىنە گۈزەل شەھەردە قىش بولمايدۇ ، ھەممىلا يەردە ياپيېشىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى . شەھەر كىچىكلىكىگە قارىماي ئىنتايىن ئاۋات ،بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ شەھەردە قىمارنى ، پاھىشىۋازلىقنى ، زەھەر چېكىشنى چەكلىمەيدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ ئاشكارە قىمارخانا مۇشۇ شەھەردىكى تۆتيۇلتۇزلۇق جىنچىڭ مىھمانخانىسىغا جايلاشقان (ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن زامانىۋى ، خەلقئارالىق قىمارخانا).مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن سەتەڭلەر ۋە بېرمىلىق بالا پاھىشىلەر ھەممىلا يەردە بار .مانا مۇشۇ شەھەردە ھازىر 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار . خۇددى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كىتىۋاتقاندەك ئەتراپىڭىزدىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ. دوقمۇش - دوقمۇشلاردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن تارقىلىۋاتقان مەززىلىك تاماق ھىدى ، ھەشەمەتلىك رىستۇرانلاردىكى ئولتۇرۇش - تويلار ئۆزىڭىزنى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ
ئەمما مەن بۈگۈن سىزگە بۇ باياشاتچىلىقنى ئەمەس ، بەلكى مۇشۇ باياشاتچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىللىك ، رەسۋاچىلىقلارنى تونۇشتۇرىمەن،بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يۈز پىرسەنت خىروئىن ئېلىپ سېتىش ،توشۇش،ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ. بۇلار ئاساسەن يۇرت، ئائىلە، جەمەتنى بىرلىك قىلىپ تەشكىللەنگەن ئۇششاق گورۇھلاربولۇپ ، بەزىلىرى مال ئەكىلىشكە، بەزىسى يوشۇرۇشقا ، بەزىسى توشۇشقا، بەزىسى سېتىشقا مەسئۇل.يوشۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي: بۇ يەرگە شىنجاڭدىن كەلگەن ئەڭ داڭلىق ھۈنەرۋەن، سەيپۇڭ، موزدوزلار توپلانغان بولۇپ ، بۇلار خىروئىننى كاستىيومنىڭ قېتىغا ، ئاياقنىڭ پاشنىسىغا، چاماداننىڭ قېتىغا ،سىز ئويلاپ تاپالمايدىغان، ھەتتا ماۋۇ يەرگە يوشۇرۇلغان دەپ كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ، سىز بىرەر سائەتكىچە ئىزلەپ تاپالمايدىغان قىلىپ يوشۇرالايدۇ. ھەر بىر قىلغان ھۆنىرى ئۈچۈن 5000-10000 يۈەن ھەق ئالىدۇ . ئەگەر كىم بىرەر يېڭى (ھۈنەر)يوشۇرۇش ئۇسۇلى ئىجاد قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنى ھەممىسى تالىشىپ ،بېشىدا كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم بىكار تۇرماي يېڭى ھۈنەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى باشلانغۇچنىمۇ تۈگەتكەن ئەمەس ، ئەمما ئويلاپ چىققان تەدبىرلىرىگە ھەر قانداق ئادەم قول قويماي تۇرالمايدۇ.<
ئەمدى خىروئىن توشۇش ۋە توشۇغۇچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، بۇمۇ ماقالىنىڭ ئەڭ يىرگىنىش قوزغايدىغان يېرى: خىروئىن سېتىۋېلىنغان ئىكەن ئەلۋەتتە قىممەت يەرگە توشۇپ سېتىلىدۇ ، لىكىن خىروئىن توشۇش قانۇنغا خىلاپ ، قانۇن بويىچە 50 گىرامدىن ئارتۇق خىروئىن توشۇسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يۈننەندە زەھەر تەكشۈرۈش تۇتۇش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ، يول - يوللاردا توساق قۇرۇپ تەكشۈرىدۇ، زەھەر ئېلىپ مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل .
ئەمما ئەقىللىق ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغىمۇ قولايلىق چارىسى بار . ئۇلار قانۇننى پىششىق تەتقىق قىلىپ ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن يوچۇق تاپقان : جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئالاھىدە كىشىلەر يەنى ھامىلىدارلار، بىر ياشقا تولمىغان بالىسىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سىرتقا كىپىللىككە بېرىشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ، يەنە 14 ياشقا توشمىغانلارنى جازالىمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پاھ!!! نىمە دىگەن ياخشى . شۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئاياق ئاياللار رۇيلىگە يېغىپ كەتتى . كوچا - كوچىدا قورسىقىنى دومبايتىپ يۈرگەن ئېغىر ئاياقلار ، كۆپ سانلىقى مارالبېشى ۋە ئىلىدىن كەلتۈرۈلگەنىكەن . ئۆتكەن يىلى 3- ئايدىن تارتىپ نۇرغۇن شىنجاڭلىق ئېغىر ئاياقلار زەھەرنى يەپ مېڭىپ (خىروئىننى مونەك قىلىپ ئوراپ يۈتىدۇ،بىر ئېغىر ئاياق 100نى يىيىش ئۆلچەم ئىكەن ، كەم يىسە زىيان چىقىدىكەن، ئادەتتە قاقنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ ،چاينىماي يۈتىدۇ، ئەگەر مونەك قورسىقىدا يېرىلىپ كەتسە ئۆلىدۇ)ياكى توشۇپ تۇتۇلدى. ئارقىسىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇيغۇر بولۇپ كەتتى،بىچارە دىھقان خوتۇنلار ھەم كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىسا ھەم ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. سېسىق زەي كامىرلاردا ناچار ، مۇسۇلمانچە دىگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يەپ شۇ يەردە بوشاندى . قويۇپ بەرسە ئەتىسىلا يەنە توشۇپ مېڭىپ يەنە تۇتۇلدى .
مەن بۇنداق تۇتۇلغان ئاياللارنى ئىزدەپ كەلگەن بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. دەسلىپىدە ئۇلار ئۆزىنى بۇ ئاياللارنىڭ يۇرتدېشى دەپ تونۇشتۇردى ، كىيىن بىلسەم ئەرلىرى ئىكەن . مەن بىر مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي: ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا مىنى ئىككى ئەر كىشى ئىزدەپ كىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى . بۇ ئىككى ئادەم قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدىكى دىھقانلار بولۇپ ، بىر جۇپ ئاچا - سىڭىلنى ئالغانىكەن . خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن بۇ بىر جۇپ ئاچا - سىڭىل بىر مەزگىلدە دىگۈدەك ھامىلىدار بولۇپتۇ . كىيىن بۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنىدىن خەۋەر تاپقان خىروئىن ئەتكەسچىلىرى (بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ) ئادەم ئەۋەتىپ بۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ ، يوقۇرى ھەق بېرىدىغانلىقىنى ، ھامىلىدار ئاياللارغا خىروئىننى يىگۈزۈ پ توشۇتۇش ئارقىلىق يېرىم يىلدىلا باي بولۇپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ ، ئەرلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈننەنگە بېرىپ خىروئىن توشۇشقا قايىل قىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككى جۇپ ئەر ئايال بۇ بارسا كەلمەس يولغا قەدەم بېسىپتۇ . خىروئىنچىلار ئاياللار پويىزدا ماڭسا قىينىلىپ قالىدۇ (پويىز 6 كۈندە بارىدۇ)دەپ گەپ ياساپ ، ئۇلارنى ئەرلىرىدىن ئايرىپ ئايرۇپىلاندا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئەرلىرىنى بولسا پويىزغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئەرلىرى 6 كۈ ندە پويىزغا ئولتۇرۇپ ،ئاندىن ئاپتۇبۇسقا ئالمىشىپ رۈيلىگە بارسا ئاياللىرى يوق تۇرغىدەك . قاتتىق سۈرۈشتۈ رگەندىن كىيىن بىلىپتۇكى ، ھەر ئىككىلا ھامىلىدار ئايال ئەرلىرى كىلىشتىن ئىككى كۈ ن بۇرۇن خىروئىن يەپ مېڭىپ ، توساقتا تۇتۇلۇپ قاپتۇ . ئەڭ يامان بولغىنى ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ قورساقتىكى بالىسى خىروئىننى چىقىرىش جەريانىدا (چوڭ تەرەت بىلەن چىقىرىدۇ، خىروئىن دىگەن پوق ئارىلاشقان مەينەت نەرسە.خىروئىن ئالىدىغانلار رۈ يلىنىڭ خىروئىنى دىسە ئاۋال قولىغا ئېلىپ پۇراپ باقىدۇ، گەندە پۇرىسا راست رۈ يلىنىڭ خىروئىنى ئىكەن دەيدۇ) بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ (بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئاياللار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىدۇ). بۇنىڭ بىلەن كېپىللىككە ئەپچىقىش ئۈمىدى بولغان خوجايىننىڭ ھىچنىمە بىلەن كارى بولماپتۇ. ئەرلىرىنى بولسا ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ ،ھەمدە نەگە بېرىپ ئەرز قىلساڭ قىل دەپ پوپوزا قىپتۇ(ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ماجراسىنى ساقچىلار ئانچە سوراپ كەتمەيدۇ). بۇ ئىككى ئەر ئامالسىز قالغاندىن كىيىن ئاندىن مىنى ئىزلەپ كىلىپ دىلو مەلۇم قىلغانىكەن .
بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ مەن بۇ ئىككى لاتا ئەردىن قاتتىق نەپرەتلەندىم ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيۈ ملۈ ك ھالال جۈ پتىنى ، تۇغۇلماقچى بولۇۋاتقان پەرزەنتىنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ دوغا تىككەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدىم ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ نادانلىقىغا ئىچىم سېرىلدى . قانۇنى ئىسپاتلارنى تولۇقلىغاندىن كىيىن ھېلىقى خوجايىننى دەرھاللا تۇتۇپ ، چىرايلىقچە تۈرمىگە جايلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئۆز يۇرتداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بۇ مەلئۇن ئۆزىگە كىلىدىغان ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماقتا. ھېلىقى ئىككى ئاچا - سىڭىل پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىننى پاش قىلىشتا تۆھپىسى بار دەپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈ م قىلىندى (ئادەتتە مۇددەتسىز كىسىلەتتى ) . ئاچىسى ھامىلىدار بولغاچقا سىرتتا ئىجرا قىلىشقا قويۇپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ سىڭلىسى (ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانىكەن)ياقا يۇرتنىڭ تۈرمىسىدە ھەسرەت بىلەن يىغلاپ قالدى .مانا مۇشۇنداق تۈرمىلەردە يېتىپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى خوجايىنلار ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر يۇرتداشلىرى ئالداپ ئىلىپ كېلىپ تۈ رمىگە تاشلاپ بەرگەن ،
يەنە بىر قېتىم 12ياشلىق خوتەنلىك بىر بالا قولىمىزغا چۈشۈ پ قالدى . خوجايىنى 50 مونەك خىروئىننى ئۇرۇپ قورقىتىپ يىگۈزگەنىكەن ، بىچارە بالىنىڭ گېلى يارا بولۇپ كىتىپتۇ، ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسەم بۇ بالىنى ئۆگەي ئانىسى 2000 يۈەنگە خوجايىنلارغا (خوجايىنىمۇ بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق) سېتىۋەتكەن ئىكەن. بىر كۈنى بىر ناتونۇش ئادەم بۇ بالىنى ئەكىتىمەن دەپ ئىزدەپ كەلدى ، ئەمما بالىنىڭ ئەقلى بار ئىكەن ، كەينىمگە ئۆتىۋېلىپ ئۇ ئادەم بىلەن ماڭغىلى ھەرگىز ئۇنىمىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىنى يېنىمدا ئېلىپ قالدىم ، ئىدارىنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئەخلەتلەرنى تېرىپ ، ئۇششاق ئىشلارغا يارەملىشىپ يۈرۈ پ ، ھەممىسىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈردى . ئاخىرى بۇ بالىنىڭ ئۆز ئاكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ بالىنى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خوتەندىكى ئاكىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈ پ بەردۇق . بالىنى ئۇزاتقان چاغدا ماڭا ئېسىلىۋېلىپ يىغلاپ ئاران ماشىنىغا چىقتى . كىچىككىنە تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن شۇنچىلا ئازار يىگەن بالا بەلكىم جەمئىيەتنىڭ يەنىلا ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان بولسا كېرەك . <
بۇ بالىنىڭ يوغان غۇبارسىز كۆزلىرى بىر ئۆمۈر ئىسىمدىن چىقماسلىقى مومكىن. مانا مۇشۇنداق مىللەتنىڭ كەلگۈسى دەپ ئۈمىد كۈتىدىغان پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىپلاس كىشىلىرى تەرىپىدىن جىنايەتكە مەجبۇرلانماقتا.
رۈيلىدە ئە *** ئىسىملىك مارالبېشىلىق داڭلىق بىر خىروئىن ئەتكەسچىسى بار ئىدى . يېشىنىڭ چوڭلۇقى ،تېنىنىڭ ئاجىزلىقىغا باقماي مارالبېشىدا بىر ، رۈ يلىدا ئىككى بولۇپ جەمئىي ئۈچ خوتۇنى بار ئىدى. رۈيلىدىكى ئىككى خوتۇنى ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ ، ئە *** ھەر كۈ نى مۇشۇ ئىككى خوتۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ياتاتتى . ئە *** رۈ يلىدە بىر چوڭ ھەشەمەتلىك مىھمانخانا ئاچقان بولۇپ ، ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق رىستۇرانلاردىن قېلىشمىغۇدەك رىستۇرانىمۇ بار ئىدى . نۇرغۇن خىروئىن سودىگەرلىرى مۇشۇ مىھمانخانىدا يېتىپ ئۆز سودىسىنى قىلاتتى . بىر ۋاقىتلاردا مىھمانخانىغا ئېغىر ئاياقلار توشۇپ كىتىپ كارىدورلاردىمۇ يېتىشىپ كەتكەنىدى . پۈتۈن بەش قەۋەتلىك مىھمانخانا ئەمەلىيەتتە خىروئىنچىلىقنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغانىدى . ئە *** بولسا مۇشۇ جىنايەت تورىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ ، خوتۇن - بالىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق پۇل تاپاتتى . ئۇزاق مەزگىل ئىسپات توپلاش ئارقىلىق ئە *** نىڭ مىھمانخانىسىنى پىچەتلەپ ، مىھمانخانىدىكى بارلىق ئادەملەرنى تۇتتۇق . ئە *** ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەلۋەتتە تۈرمىگە تاشلاندى ، لىكىن 10 ياش ۋە 8 ياشقا كىرگەن ئىككى قىزى تالادا دىگۈدەكلا قالدى. شۇنچە يىلدا تىكلىگەن ئىمپىرىيىسى بىر كىچىدىلا يوق بولۇپ ، ھەممىسى ئۆز بېشىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا قالدى. شۇ كۈنى قولغا چۈشكەنلەرنىڭ قاتارىدا 60 ياشتىن ئاشقان پەرىشتە سۈپەت ئىككى ئايالمۇ بار ئىكەن . دەسلىپىدە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدىم ، ئارىسىدىن بىرەيلەن ئوبۇرنىغا كىرىپ چىققاندىن كەينىدىن كىرگەنلەر يوغان بىر كاللەك خىروئىننى تېپىۋاپتۇ . ئەسلىدە بۇ موماي خىروئىننى جىنسىي يولىغا تىقىۋالغانىكەن . مالنىغۇ ئىگىسىز مال قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ مومايلارنى قويۇۋەتتۇق ، ئەمما بۇ ئىككى موماي كۆزۈمگە ئىتتىنمۇ بەتتەر كۆرۈنۈپ كەتتى . بىر موماينىڭ ئوغلى تېخى يېقىندىلا زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇددەتسىز كىسىلگەنىدى . ئەمدى ئېشىپ - تېشىپ ئانىسىمۇ مۇشۇنداق قىلسا . ھەي...
يەنە بىر قېتىم قۇچىقىدا ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسى بار 19 ياشلىق بىر غۇلجىلىق قىزچاقنىڭ دىلوسىنى ئىشلىدىم ، بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىم تۇتۇلۇپتۇ . خوجايىنى كارى بولماي تاشلىۋىتىپتۇ . خوجايىنى ھە*** ئىسىملىك غۇلجىلىق ئايال بولۇپ ، رۈ يلىدە ئاشخانا ئاچىدىكەن ، ئىسپاتىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كىيىن دەرھال بېرىپ ھە*** نى ئاشخانىسىدا قولغا ئالدۇق ، قىزىق يېرى بۇ ئاشخانىنىڭ تاماق ئىتىدىغان ئەمبەل ، ئوچاقلىرىمۇ يوق ئىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى تىكلەپ قويۇپ خىروئىنچىلىق قىلىدىكەن . ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە بىرەيلەننىڭ يىپ ئۇچى تەمىنلىشى بىلەن بىر ئىجارە ئۆيگە كىرىپ ، نەق خىروئىنغا ھۈنەر قىلىۋاتقان يەردىن ئىككى ئايالنى تۇتتۇق . ئارىسىدىكى بىرى 20 ياشلاردىكى قىزچاق ئىكەن ، مىنى كۆرۈ پ قاتتىق ئەلەملىك كۈلۈپ كەتتى . نىمىگە كۈلگەنلىكىنى سورىسام ، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ھېلىقى ھە*** نىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەنننىڭلا مىنىڭ قولۇمغا چۈ شكەنلىكىدىن ھەيران بولۇپ كۈلگەنلىكىنى ئېيتتى . 300 گىرام نەق مال بىلەن قولغا چۈشكەن بۇ قىزچاق ئەمدى كىيىنكى ئۆمرىنىڭ ئاچىسىغا ئوخشاش تۈرمىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاچچىق كۈلگەن بولسا كېرەك .
رۈيلىدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تەقۋادار كىلىدۇ . بەلكىم ئالاھىدە جىددىي بولغان بېسىم سەۋەبىدىن خۇداغا بەكرەك سېغىنسا كېرەك . ھەر قېتىم مال (خىروئىن ) ماڭدۇرۇشتىن ، سودا قىلىشتىن ئىلگىرى كىچە - كىچىلەپ خۇداغا سېغىنىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ چىقىدۇ . ھەتتا ئۇلارنىڭ پالانچى ئايەتنى مانچە قېتىم ئوقۇسا ساقچى تۇتالمايدىكەن دەيدىغان سۆزلىرى بار . دىندىن خېلى خەۋىرى بار ، ئۇزۇن ساقال قويۇۋالغان پالانچى قارى ئاتلىق قارى ، موللىلار بالا - ۋاقا ، كىلىنلىرىنى ئىشقاسېلىپ خىروئىنچىلىق قىلىدۇ . مېلىدىن چاتاق چىقسا بىر - بىرىنىڭ ساقىلىنى يۇلۇشۇپ كوچىمۇ - كوچا جىدەل قىلىدۇ . ھەممىدىن ئېشىپ كەتكەن يېرى شۇكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇغاچ شۇ يەردىلا قولمۇ قولچە خىروئىن سودىسى قىلىدۇ . چۈنكى مەسچىتكە ساقچى كىرىپ تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
رۈيلىدە بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بار . بۇ يەرگە دائىم ئۇيغۇرلار يەرلىككە قويۇلۇپ تۇرىدۇ . بىراق ھىچقايسىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ئەمەس . سوتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىلغانلار، ئاق چېكىپ قېتىپ قالغانلار ، خىرونىننى يەپ توشۇيمەن دەپ قورسىقىدا ئېچىلىپ كىتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر بۇ يەرگە قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پۇل تاپىمىز دەپ ئۆلۈگى ياقا يۇرتتا قالدى ، نۇرغۇنلىرىنىڭ قەۋرىسىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئۆيىدىكىلەرمۇ بىلمەيدۇ ، بۇ يەردىكىلەر بولسا بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، سۈرۈشتۈ رۈ شنىمۇ خالىمايدۇ ، چۈنكى بۇ يەردە ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق ، ھاياتلارمۇ ئۆلۈك ، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن .
ھۆرمەتلىك دوستلىرىم ، مېنىڭ يوقۇرقىدەك تونۇشتۇرۇشۇم بىلەن يۈننەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانسىز ، مەن پەقەت بىر قىسمىنىلا سۆلەپ بەردىم. مەقسىتىم كۆپچىلىككە ئىبرەت قىلىش ، ئۆز ئادەملىرىمىزنى تونۇتۇش ، نىمە ئۈچۈن ئىچكىرىدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش . ئازغان بۇرادەرلىرىمىزنى بۇ بارسا كەلمەس يولدىن قايتۇرۇپ كىلىشكە تىرىشايلى ، ھىچ بولمىغاندا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بۇ يولغا مېڭىپ قېلىشتىن توسايلى.


ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ :ئاپتور:چىلىشچى

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-30

 

Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 19:02 [باش يازما]
DEL1

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34164
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە254دانە
شۆھرەت: 255 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :310(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-28
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ               
| ۋاقتى : 2008-04-30 19:31 1 -قەۋەت
sapphire

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 22106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-15
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي ئاللاھ !بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ...................
| ۋاقتى : 2008-04-30 19:46 2 -قەۋەت
Mu-allime
نۇرلۇق شام

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 12371
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 899
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە899دانە
شۆھرەت: 940 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8705 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :961(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-26
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نىمىدىگەن قورۇقۇنۇشلۇق! بۇ تىمىنى كۆرگەنلەر باشقىلارغا چوقۇم تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار، بەزىلەر بىلمەي بېرىپ قالمىسۇن بۇ «دوزاققا».
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە

| ۋاقتى : 2008-04-30 19:47 3 -قەۋەت
ALMALIG

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-17
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇرمۇش ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ ، بەلكىم شۇلارنىڭ تەڭ يىرىمى تۇرمۇشنىڭ بىسىم بىلەن شۇئىشنى قىلىۋاتقاندۇ .ئەمما شڭئىشنى قىلىۋاتقانلارنى قاتتىق جازالاش كىرەك.!يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
ئالمالىغ
| ۋاقتى : 2008-04-30 19:50 4 -قەۋەت
indian

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37092
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :67(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-31
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنىڭ پاسكىنا يېرىدىن بولغان نىجىسلار ، پۇلنىڭ پەقەت ئنسان ھاياتىغا قوشۇلغان تۇز ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى تائام ئورنىدا يىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلالماپتۇ . بۇ ئىپلاسلارنى ساتقانغا ئەمەس چەككەنگىمۇ ،بىر قېتىم چەككەنگىمۇ سۆرەپ ئەچىقىپ ئېتىۋەتسە ئاندىن تازلىنىدۇ .بولمىسا بىز مۇشۇ خېروئىن دەستىدىن زاۋاللىققا يۇز تۇتتۇق .
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:00 5 -قەۋەت
molla-zaidin
ئالتىنجى سەزگۈ

رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30658
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1433
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1433دانە
شۆھرەت: 3155 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 121 نۇمۇر
ياخشى باھا: 163 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :478(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-24
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كاپىتالىست سىزيۇقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ سىزنىڭ ئاممىۋى مۇلاھىزىلىرىڭىزگە تەشنامەن.بۇيوللانمىڭىزنىڭمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى تەۋەككۇلچىلىك ،قانۇنسىزلىق يۇلىدىن قايتۇرۇشقا زور تەسىرى بار
Uyghurx.com
يوق ئىشىم ھاكىم،ئەمەلدار ،شاھى سۇلتانلار بىلەن،
    بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.

كوت -كوت  چوڭ موللاخۇن:101296،كىچىك :101987
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:02 6 -قەۋەت
BAHARGUL

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 3619
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-30
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسكارتىش: تېمىغا قونچاقنىلا ئىنكاس قېلشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ؟! By:~uyghurjan~

 

Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:02 7 -قەۋەت
BAHARGUL

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 3619
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-30
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:05 8 -قەۋەت
OZANGNISORA

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 77
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-01
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇرمۇشلا دېسە ھەممە ئادەم شۇنى قىلسا بولىدۇ......... خۇدا ئىنساپ بەرسۇن    
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:09 9 -قەۋەت
taxway

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 1518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
شۆھرەت: 74 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 680 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :185(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-14
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىزنىڭ  نىمە  ئىش  قىلىدىغىنىڭىزنى  بەك بىلگىم  بارتى.
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:14 10 -قەۋەت
aliali

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 15550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1029
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1029دانە
شۆھرەت: 1055 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10290 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1237(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-10
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھۆكۈمەتنىڭ  ئاشۇ  5 مىڭ  پارازىتنى  چەكلەپ  كونتۇرول  قىلغۇدەك  ئىقتىدارى  يوقمىدۇ  ؟
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:25 11 -قەۋەت
bilginur

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 8678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 396 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-09-30
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قىلغانغا ئەمەس،قىلدۇرغانغا قارا.
?????? ??? ?????????? ?????????
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:26 12 -قەۋەت
azim515

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31144
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-29
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نامىراتلىق، نادانلىق..........................................
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:30 13 -قەۋەت
aswatullah

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34059
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-27
ئاخىرقى :2008-05-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت توپىلا توشقۇزىدۇ
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:32 14 -قەۋەت
uyhan22

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 25218
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 343
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە343دانە
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :343(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-08
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەي زۇلمەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، ئەي زۇلمەتكە كىتىپ بارغان ئۇيغۇرلار!!!!!!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:36 15 -قەۋەت
aliali

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 15550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1029
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1029دانە
شۆھرەت: 1055 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10290 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1237(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-10
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رايۇنىمىزدىكى   ئەيدىز   ۋەھىمىسى  ،  ئىچىكىردىكى   ئاقچى  ،  ئوغرىلار    توغرىسىدا   ئانچە - مۇنچە  قاخشايمىز   ،  قارغاپ  ،  لەنەت   ئوقۇيمىز   ،  بەزىدە   ھىسداشلىقمۇ   قىلىمىز   .
مىللەتكە   شان  -  شەرەپ  كەلتۈرۈش  يولىدا   تىمىسىز   تەر  تۆكۈپ  ،  ئۇلۇغ  نەتىجىلەرنى   يارتىۋاتقان   بۇ   پىدائىيلارغا  ياكى  مەركىزىي  ھۆكۈمەت  ياكى   ئاپتۇنۇم   رايۇنلۇق  ھۆكۈمەت   كۆڭۈل  بۆلەمدىغاندۇ  ؟    ئەگەر  كۆڭۈل  بۆلسە   نىمىشقا   تا  ھازىرغىچە   تەل - تۆكۈس  يوقاتمايدىغاندۇ    
  ئاتۇم  سىنىقى  ئېلىپ  بارغاندا  ئاقچىلارنى   نىشان  قىلىپ   تۈپ  يىلتىزىدىن  قۇرتىۋەتسە   دىگەن  ئۈمىدتىمەن  !
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:37 16 -قەۋەت
karahanix

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە127دانە
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1280 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-26
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھىم ،مانا بىزنىڭ پۇچۇق مۇسۇلمانلرىمىز @!
Uyghurx.com
ئەركىنلىك !!!!!!!!!!!!!!!
| ۋاقتى : 2008-04-30 20:46 17 -قەۋەت
bilal502

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 37561
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 120
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە120دانە
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-06
ئاخىرقى :2008-05-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 Re:يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنىمە ئىش قېلىۋاتىدۇ؟

تۇرمۇش ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ ، بەلكىم شۇلارنىڭ تەڭ يىرىمى تۇرمۇشنىڭ بىسىم بىلەن شۇئىشنى قىلىۋاتقاندۇ . لېكىن بۇنداق ەنسان قىلىپىدىن  چڭققان ھايۋانلارنى دارغا ىسىش كېرەك .....
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 21:02 18 -قەۋەت
umran

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38945
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-23
ئاخىرقى :2008-05-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 Re:يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنىمە ئىش قېلىۋاتىدۇ؟

         
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 21:03 19 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )


 

Time now is:05-02 20:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation