| ||||||||
gittar دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مۇنبەر ئەھلىگە شېئىرى چاقچاقبۇرۇن كونا مۇنبەردە يازغان ،كىيىن ئۇ تېمام يوقاپ كىتىپتۇ،كىيىن يېڭى مۇنبەردىمۇ يازغان ئۇمۇ جىمىپ قالدى ،بولسا بارلىق ئەزىز دوستلارنىڭ شېئىرى چاقچاق يىزىشىپ كۆڭلۈمىزنى خوش قىلساقلا دىگەن ئۈمۈدۈم بار ،قېنى ئەمسە باشلىۋەتتىم مۇنبەر ئەھلىگە: بۇرۇن يازغان دوستلىرىم قاياققىدۇ كەتكەندۇ كۆرۈپ مۇشۇ تېمامنى بەلكىم ئەسكە يەتكەندۇ يىزىشقانتۇق قانغۇچە ئەمدىلىكتە بەكمۇ جىم بىلمىدىمغۇ كىملەرمۇ سوغۇق سۇنى سەپكەندۇ چاقچاق بولسا سورۇندا يايرىتىدۇ دىللارنى كۈلۈپ تۇرسا ئىنسانمۇ قېرىتىدۇ يىللارنى مەيدە ئۇرۇپ باشلىدىم كىم ئۇلىشار ئارقىمغا چاقچاق ئارلاش دەيلىچۇ يىشىلمىگەن سىرلارنى ئىسمىڭلارنى ئاتىماي كېلىۋېرىڭ ھەمدەمگە تىنسىڭىزمۇ ئىنكاس بار مانا قولۇم مەيدەمدە كۆتەرسىڭىز چاقچاقنى كىلىۋېرىڭ تارتىماي گىتتارنىڭمۇ قوللىرى تەييار تۇرار قەلەمگە ___ باشقۇرغۇچى : firkat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-30
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
gul-sanam توغراق قىزى | گىتار تۇتقان بارماقلار ،ھەجەپ كەپتۇ چاخچاققا ، كونىلاردىن سادا يوق ،يېڭى بولسا مەيلىمۇ ؟ تېنىچلىنىپ بۇ مۇنبەر ،ھەجەپ باستى مىنى سۈر ، جاھان جىم-جىت سادا يوق ،قاچتىمۇ يا مۆكتىمۇ ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mahidilbar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كونىلاردا سادا يوق يېڭى بولسا مەيلىمۇ؟ ئەجەپ ياقتى بۇ مىسرا مەنمۇ يازسام مەيلىمۇ؟ يېڭى كىردىم مىھمان بوپ مېنى قارشى ئالامسىز، ئىتتەرسىڭىز مەيدەمدىن رەنجىپ قالسام مەيلىمۇ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | قاشقان بولسا كونىلار ،مەيدە ئۇرغان كەل قېنى ، مۇكۇۋالغان قورقۇنچاق ،دەرھال چىققىن تاپ مىنى . ھەجەپ كەلگەن چاقچاققا ، جۆر بۇلايلى ھەمىمىز ، شەبنەم تامچە شېرىڭنى ،كەل سورۇنغا تۆك قېنى . گىتتار تۇتقان بارماقلار،خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن ، ناخشا ـ سادا ياڭىراتقان ئەكبەر جانلار كەل قېنى . جۆر بۇلايلى ھەممىمىز ، گىتتار جاننىڭ شېرىغا ، ئۇخلاپ ياتقان مۆمىنجان ،تۇر ئورنىڭدىن كەل قېنى . | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | ئۇخلاپ ياتقان ،قاچقانلار مۈكۈپ نەگە بارالار ، بايرام ئىشقى قەلبىگە قالدىمۇ يا سۇلۇنۇپ . گىتارىڭنى سازلاپ تۇر ،ناخشىلىرى بىزدە بار ، قالمىغايكىن مۇنبەردە چاقچاقچىلار كۈمۈلۈپ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | ماخى دىلبەر خانقىزىم دىگەنلىرى نىمە ئۇ ، ئەسسالامغا كىرسىلە ئىتتىرىشكە ھەددىممۇ ؟ پاياندازنى سالايمەن شەبنەملىكلەر نامىدىن ، يېڭى مىھمانغا تازىم ،پۈكۈلگىچە قەددىممۇ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | گۇل سەنەملەر يېزىپتۇ ، بىر مىسىرالق شېرىنى ، شۇكىرى قىلغان ئوخشايدۇ ،ئشمەي تۇرۇپ چېيىنى . سېغىندۇردى دىللارنى ئۆتكۇر كەبى شېرىڭىز ، قېنى كېلىڭ سورۇنغا توغراق قىزى بارمۇ سىز؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | توغراق قىزى تەق ئىدى ،سادامجانلار كەلگىچە ، قاچتىمىكىن دەپتىمەن ، كونىلاردەك غىپپىدە . شەبنەم ئەھلى جاماەت ،دەپ قۇيۇپلا گىتارچى ، ئاۋازىمۇ سازىمۇ يۇقاپ كەتتى جىممىدە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | قايدۇ قىزى ۋاپالىق ئەقىدىدىن يانمايدۇ ، دوسلار قەلبى گۈل بولسا ئۇممۇ ھەرگىز تانمايدۇ . كونا -يېڭى دوسلارغا چىن ئەقىدە سالام بار ، ئەسرالاشسا دوس قەلبى تا ئەبەتكە قانمايدۇ . [ يوللىغانmajnuntal666تەرىپىدىن2008-04-30 10:46قايتا ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | قايدۇ قىزى كەلسىڭىز سىزگە ئېيتار سۆزۈم بار ، دوسقا ئاتاپ دەملىگەن قىزىل گۈلدەك چېيىم بار . قايدۇ دەريا بويىدا ساقلاپ تۇرسا دوسلۇرۇم ، ئۇچۇپ بارسام قېشىغا ئۇچار دۇلدۇل تېيىم بار . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | مانا كەلدى مەجنۇن تال يۈرەكلەرنى يايرىتىپ ، قايدۇ قىزى سالامغا ماڭدى ناخشا ياڭرىتىپ . كەلسەڭ ئەگەر يېنىمغا ، يۈرۈكۈمدە سۈزۈم بار، بۇلبۇل گويا قۇشۇمنى تۇردۇم شۇ تاپ سايرىتىپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | بۇلبۇل گويا قۇشۇمنى تۇردۇم شۇ تاپ سايرىتىپ ، ئىشەنسىڭىز دوستىڭىز قويماس يەرگە قايلىتىپ . شەبنەم ئاۋات ئىدىغۇ نىمە بولدى بىلمىدىم ؟!!! بۇنداق جىمىپ كەتمەيلى دوس -دۇشمەننى يايرىتىپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baharkayarda دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گىتتار چالغان بارماقلار،ھېرىپ-چارچاپ قالمىسۇن، مۇڭلۇق كۈيلەر يەنىلا توختىماستىن ياڭرىسۇن. كەلدۇق بىرمۇ ھەمدەمگە،چاقچاق خۇمار ئۆزىمىز، بىلىشمەيدۇ باشقىلار،كۆپ بولمىغاچ يازمىمىز. بىردەم كۈلۈپ ئولتۇرساق،ئۇنتۇلارمۇ ئازاپلار، دوسلار بىرگە مۇڭدىشىپ ئېچىلارمۇ كۈڭۈللەر. قېنى داۋام قىلايلى،تۇختىمىسۇن نەزمىلەر، ئوخچۇپ چىقسۇن يۈرۈكتىن،ئەشۇ خوشال كۈلكىلەر. جۈرئەت قىلىپ كىرەيلى،نەزمە-قوشاق تۇقىيلى، ئېچىلىپ كەتسۇن كۈڭۈللەر،ناخشا-مۇقام ئوقۇيلى. ئىناقلىقنى مۇنبەردە،نامايەن قىپ تۇرايلى، مىللەت ئۈچۈن قول تۇتۇپ،مەزمۇت دەسسەپ تۇرايلى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baharkayarda دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:引用楼主gittar于2008-04-30 04:41发表的 مۇنبەر ئەھلىگە شېئىرى چاقچاق : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baharkayarda دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىmajnuntal666نىڭ2008-04-30 10:49يوللىغان : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سادامجانلار قاشمىدى، ناخشا سادا بىزدىنمۇ ؟ ئۇسۇل دىسەم تارتىنماي چۇشۇشلىرى سىزدىنمۇ؟ بادام دوپپا كاناۋاي كىيشلىرى بىزدىنمۇ، ئۇزۇن كۆڭلەك ئەتلەسلەر چىمەن دوپپا سىزدىنمۇ. [ يوللىغانsadam76تەرىپىدىن2008-05-01 16:57قايتا تەھر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | سادامجانلار قاچماپتۇ ، مەجنۇن تېلىم قېنى سىز؟ ئۇسۇل پۇسۇل دەپ قاپسىز ،ئويناپ بېرەي كۈرىسىز . ئۇيغۇر سۈپەت ياسىنىپ ، كېلىڭ سەھنە ئارىلاپ ، نەزمە قىزىپ كەتتكەندە پەيلىم يامان كۈرىسىز ؟ باھار ئىزدەپ يۈرگەنلەر ،نەق ئۈلگۈرىپ كەپتۇغۇ ، ئېسىل مىسرا ،ياخشى سۆز قۇچاق قۇچاق كۈتۈرۈپ . مەشرەپ باشلاپ كەتتۇق بىز ، گىتارچىنىڭ ئۈزى يوق ، قىزلار سەرخىل بولغاشقا ، كەتتىمۇ يا ھۈتۈلۈپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa | مەن چاخچاقنى يازغىچە . ھىچ بىركەلمەس قاپىيگە . كەپ قالغاندا قىپ قوياي، گۇل سەنەم قىز ئاپيگە . گىتتار بىلەن قىلشىقان ، نۇرغۇن چاخچاق قىپ قالدى . كەيپ سۇسمۇ بىلىمىدىم ، ھەممە جىم جىت بوپ قالدى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Gulgina | [
color=#660066]ئەينى چاغداچاقچاقلار خۇيمۇ قىزغىن باشلانغان كۈلكە تولۇپ چىھىرگە نۇر زىيالار چاقنىغان شەربەت كەبى چاقچاقتىن ھۇزۇر ئىلىپ شاتلىنىپ، گۈلللىتىشكە شەبنەمنى بەلنى مەھكەم باغلىغان بۈگۈن مانا گىتتارجان قىززىتىپتۇ سورۇننى چاقچاق يىزىپ مۇنبەرگە خوش ئىتىپتۇ دىللارنى بىراق ئۈزى كۈرۈنمەي يوقاپتىغۇ سايىسى ياكى تىلىپ قالدىمۇ گىتتار چالغان قوللىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | بىپەرۋاجان بارمۇ سىز ،ئىلھام ئېلىپ كەلدۇقمۇ ؟ كاتيۇشانى سازلاتقاش ، شاشراق بۇلۇپ كەلدۇقمۇ ؟ داڭلايسىلەر داۋاملىق ،كونا مۇنبەر ئاق كۆك دەپ ، ھىچ كۆرمىدۇق ئۆزىنى ، بىزنى ياتلاپ قالدىمۇ ؟ گۈلگىنەرىم كەلگەندە ،فىرقەتجاننىڭ ئۈزى يوق ، چەنلەپ ئاتاي دىدىمۇ ،چاقچاق دىگەن كۈزى يوق . ھەدىسىنى ئۇنتۇپتۇ ، نۇرى دىگەن بەڭۋاشمۇ ، تولاپ تۇرسام بۇ يەردە ،كۈرۈنمەيدۇ تېخى يوق. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|