![]() |
| ||||||||
qinggizhan
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاپامغا دەيدىغانلىرىمئاپا ، سىز مىنى تۇققۇز ئاي تۇققۇز كۈن قۇرساق كۈتۈرۈپ ھايات-مامات ئىچىدە جان تالىشىپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ ئىسسىق سۈتىڭىز،ئىللىق مېھرىڭىز،جاپالىق ئەجرىڭىز بىلەن قاتارغا قۇشتىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەخمەت ئېيتىشىم كېرەك. سىزنى يۈدۈپ يەتتە قىتىم ھەرەمگە ئاپارساممۇ بىر قىتىملىق ئاق سۈتۈڭىزنىڭ ھەققىنى تۆلەپ بۇلالمايمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ئاغرىنىشقا قىلچە ھوقوقۇم يوقتۇ. بىراق ئاپا،بىر ئانا بالىنى تۇغۇپ،ئاق سۈتىنى بەرگەچكىلا ئۇلۇغلىنامدۇ؟
سىز مىنى<<قانچىلىك ئۇقۇيالىساڭ ئوقۇ،پۇل چىقىرىپ ئوقۇتۇمەن>>دەيسىز. بىراق بۇ بىر جۈملە سۆزىڭىز مىنىڭ ئالىم بۇلۇشۇمنى كاپالەتلەندۈرەلەمدۇ؟. قەدىرلىك ئاپا، سىز ماڭا <<سىزنى ئوقۇتۇمەن دىسەممۇ خاتامۇ؟>>دىيىشىڭىز مۈمكىن. ئەلبەتتە خاتا ئەمەس،لىكىن مىنىڭ قەلبىمدىكىنىمۇ ئاڭلاپ بىقىڭ: جىنىم ئاپا ھەرقىتىم بازار ۋە ياكى شىەھەرلەرگە بارغاندا ئۆزىڭىزگە مودا پوپايكا، ياغلق، ئاياق........قاتارلىىقلارنى كۆرۈشنى، ئېلىشنى ئونتۇپ قالمايسز .لىكىن مېنىڭ كىتابقا،كىتاپخانىغا تارتىشىۋاتقانلقىمنى ئەتەي كۆرمەسكە سالسىز،كىتاپ ئېلىپ بېرىشڭىزنى ئۆتۈنسەم «پۇل يوق» دەيسىز .لىكىن مەن ئالىمەن دىمىسەممۇ چىرايلىق كىيىملەرنى خوشاللىق تەشەبوسكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىسىز . ئېيتىڭا ئاپا شۇ كىيىملەرنى مەن بىر ئۆمۆر كىيەلەمدىمەن؟،سىز ئىلىپ بەرگەن چوكا مۇزنىڭ، تاتلىق-تۈرۈمنىڭ تەمى ئاغزىمدا بىر ئۈمۈر تۇرارمۇ؟ سىز ئىلىپ بەرگەن قۇنچاقلارنى سىزچىلىك بولغاندىمۇ ئوينارمەنمۇ؟. ئۆيگە كىيىم-كىچەك سىغماي قالىدۇ.ئالتۇن ھالقا، بىلەيزۈك، ئۈزۈكلىرىڭىز كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. گىرىم بۇيۇملىرىڭىز گىرىم جازىسىغا تۇشۇپ كەتتى. زىچە-گىلەم بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئۆيىمىز ھىچ بىر باينىڭكىدىن كام ئەمەس.توي-مەرىكىلەرگىمۇ داستىخاننى چوڭ ئاپىرىپ يۈز تاپىسىز.كۆپىنچە كىشىلەر بىزنىڭ ئائىلىنى ئىنتايىن باي دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى،بىزنىڭ ئۆيدە باھاسى ئەڭ ئەرزان ئەمما ئەڭ قىممەتلىك بولغان بايلىقيەنى كىتاپ ئىنتايىن ئاز. مىنىڭ مەكتىپىمدىن بەرگەن بىر سومكا كىتابىمدىن باشقا ھىچقانداق كىتاپ يوق. ئۈگىنىپ بولغان دەرسلىك كىتاپلىرىمنى ھاجەتخانىنىڭ بۇلۇڭىغا تاشلاپ قۇيدىڭىز.بەزىلىرىنى ئوت تۇتاشتۇرۇشقا ئىشلەتتىڭىز.لېكىن مىنىڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان، مەن ئىلىشقا ئوتتەك تەلپۈنگەن ئاجايىپ كىتاپلارنى <<پۇل يوق>> دەپ ئىلىشقا يول قۇيمىدىڭىز.قىنى بىز شۇنچە باي ئىدۇققۇ؟ئەجابا بەش يۈئەنلىك كىتاپ ئالدىغانغىمۇ پۇل يۇقمۇ؟، دوستلىرىمدىن مىڭ بىر جاپادا سوراپ ئىلىپ كەلگەن كىتاپىمنى ئاران بوش ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇۋاتسام <<ئۇخلا، نەدىكى كىتاپلارنى ئوقۇماي،توك پۇلى كۆپ كىتىدۇ>>دەپ ئوقۇغىلى قۇيمىدىڭىز،<<21-ئەسىر خىرىس دەۋرى>>دىگەن شۇئارلارنى ھەر خىل شەكىللەردە ئاڭلاپ، كۆرۈپ، ھىس قىلىپ تۇرۇقلۇق، بۇلارنى مۇزىكىدەك بىلىپ يەنىلا ئۇخلاۋاتىسىز. سىز بىلەن يەنە تاكالىشىپ قالدىم،چۈنكى بازاردىكى بەش يۈئەنلىك كىتاپنى ئالىمەن دىگىنىمگە <<پۇل يوق>> دەپ تۇيغۇزۇۋەتىڭىز.يەنە تېخى <<چوڭ بولغاندا پۇل تىپىپ ئال كىتاپنى>> دەپ دىلىمغا ئازار بەردىڭىز.ئەمدىلا ئون تۆتكە كىردىم. قاچان چوڭ بولىمەن؟ قاچان پۇل تاپىمەن؟،شۇ چاغقا قەدەر كىتاپ ئوقۇماي ئۈتەمدىم؟. بۇ سىزنىڭ مىنى <<داۋاملىق ئۇقۇتىمەن>>دىگەن گىپىڭىزگە قارشى گەپقۇ؟. <<شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژورنىلىدىن ئىلىندى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan.
خۇرسەن بوۋاي
| جىنىم ئاپا ھەرقىتىم بازار ۋە ياكى شىەھەرلەرگە بارغاندا ئۆزىڭىزگە مودا پوپايكا، ياغلق، ئاياق........قاتارلىىقلارنى كۆرۈشنى، ئېلىشنى ئونتۇپ قالمايسز .لىكىن مېنىڭ كىتابقا،كىتاپخانىغا تارتىشىۋاتقانلقىمنى ئەتەي كۆرمەسكە سالسىز،كىتاپ ئېلىپ بېرىشڭىزنى ئۆتۈنسەم «پۇل يوق» دەيسىز .لىكىن مەن ئالىمەن دىمىسەممۇ چىرايلىق كىيىملەرنى خوشاللىق تەشەبوسكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىسىز . ئېيتىڭا ئاپا شۇ كىيىملەرنى مەن بىر ئۆمۆر كىيەلەمدىمەن؟،سىز ئىلىپ بەرگەن چوكا مۇزنىڭ، تاتلىق-تۈرۈمنىڭ تەمى ئاغزىمدا بىر ئۈمۈر تۇرارمۇ؟ سىز ئىلىپ بەرگەن قۇنچاقلارنى سىزچىلىك بولغاندىمۇ ئوينارمەنمۇ؟.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
AYQIQAK
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بۇ يوللاش توغرا بولۈپـتۇ. بۇنى مۇ نبەرگە يوللاپ ياخشى قىلىپسىز.
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ibrahim
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ ناھايتى توغرا بوپتۇ . چۇنكى مۇشۇنداق ئاياللار قەمىيتىمىزدە ئۇچقاپ تۇردۇ!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Biperwa
| بۇنداق ئىشلار كۆپقۇ ھازىر ....................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
uyghur214
| راسىت دەيسىلەر مۇشۇنداق ئىشلار جەمىيتىمىزدە قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ !~
بەزى ئاتا ئانىدىكى ئەڭ سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ،،، تېشى پال -پال ، ئىچى غال -غال بىر قىسىم ئەۋلاتلىرىمىز زور تۈركۈمدە يېتىشىپ چىقماقتا !~ رەھمەت سىزگە چىڭگىزخان ~~~ مۇشۇنداق نادىر تېمىلار بىلەن تەمىنلەپ جەمىيتىمىزدىكى ھارام شاخلارنى قىرقىشىمىزغا ھەمدەم بولغايسىز !~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ixke1221
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئانا مللەت گۇللىنىشىدە ئەڭ تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ!بىزنىڭ ئانىلىرىمىز بالا تەربىيىسىگە ئەمەس سەتەڭلىك تەربىيىسىدە بەسلىشىۋاتىدۇ.
كەلگۇسىدە ياراملىق مىللەت ئانىسى بۇلۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆزەمنى مول بىلىملەر بىلەن تولدۇرىمەن ۋە بارلىق بىلىمىمنى شۇ پەرزەنتىمگە مىراس قالدۇرىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
510menekaqur
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاتا ئانا قانداق تەربىيلىسە نوتا شۇنداق بۇلىدۇ .
بالىلارنى كىتابخانىلارغا ئاپىرىش بىر ياخشى ئىش ، ئۈزۈمنى ئىيىتسام ئوغلۇم 3يىرىمگە كىردى ، كىتاپ ئوقۇشقا ئامىراق [ ئۈزى ئوقالمايدۇ ، يولدۇشۇم بىلەن ئىككىمىزنى ئىككى تەرىپىدە ياتقۇزۇپ كىتاپ ئوقۇپ بەرگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ ]. ھەپتىدە ئىككى قىتىم كىتاپخانىغا ئاپىرىمەن ، ئادەتتە ئۈزۈممۈ كىتاپ ئوقۇشنى بەك ياقتۇرغاچقىمىكىن ، بالامغا قورساق كۈتۈرگەن ۋاقتىمدىمۇ تولا كىتاپ كۈرۈتتىم ، شۇنىڭ تەسىرىدىنمۇ بۇلسا كىرەك . ئوغلۇم مەندىن بەكرەك كىتابخانىغا يۈگۈرەيدۇ ، رەسىملىك ئوقۇشلۇقلارنى ئۈزى تاللاپ تۇرۇپ سىتىۋالىدۇ . . بۇرۇن يولدۇشۇم قارشى تۇراتتى ، ئوقالمىسا نىمە قىلىدۇ بىر مۇنچە كىتاپ ئىلىپ دەپ . ھازىر كارى يوق ، بالاممۇ دا.ىم دادىسىغا ماڭا كىتاپ ئىلىپ بەر دەيدىغان بولاۋالدى ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|