| ||||||||
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | روزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرىروزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى
بۇ شېئىرنى دادام(چوڭ موللا-زەيدىن) مەرھۇم شائىر روزى سايىت بىلەن بىرگە يېغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا خاتىرىسىدە كۆرۈپ ساقلىۋالغان ئىكەن، مەن دادامنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىۋېتىپ بۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم،ھەم شېئىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى دادامدىن سوراپ بىلىۋالغان دىن كېيىن دادامنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم. ئەپسانىدىن تۆرەلگەن ئەپسانە روزى سايىت مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان، پاراڭچى بىر كىشىدىن. قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ، سۆزلەپ بەردىم بېشىدىن. پۈتمىسەڭلەر گېپىمگە، ئەپسانە دەپ يالغان دەپ. ئۆزەمگىلا قېپقالسۇن، تەتۈر قوشاق قاتقان دەپ. ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ، ھەيران بولۇپ يۈرگىدەك. (ئەمما خېلى ۋەزنى بار، قېنىپ-قېنىپ كۈلگۈدەك). ئۇ چاغلاردا تۆگىنىڭ، بۇيى ئىدى بۈرگىدەك. ئەمما بۈرگە يۈز تاپقان، تۈگە مىنىپ يۈرگىدەك. قۇش قاۋايتتى زەنجىردە، ئىت ئۇچاتتى ئىگىزدە. مۈشۈك ساپان سۆرەيتتى، ئۆكۈز ئۇخلاپ كىگىزدە. چاشقان ھۇۋقۇش ئوۋلايتتى، ئات مىنەتتى ئادەمنى. پىژغىرىمدا تومۇزدا، مۇز قاپلايتتى ئالەمنى. قازان سەيدە پىشاتتى، ئۇچاق مىنگەچ مۇرىغا. ئاش چۆمۈچنى ئۇساتتى، تۈۋى تۈشۈك كورىغا. سۇ ئىگىزگە ئاقاتتى، تاغ تۇراتتى ئويماندا. باياۋاندا ئاپتاپ يوق، يوقتى سايە ئورماندا. گەجگىسىدە بولاتتى، ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى. تاپىنىدىن چىقاتتى، پاراڭلاشسا سۆزلىرى. مېڭىۋېتىپ ئۇخلايتتى، كۆزلىرىنى يۇمماستىن. يول يۈرەتتى دومىلاپ، پۈت يەلكىدە باش ئاستىن. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆلگەن بوۋام تىرىلدى. قاراپ ئۇنىڭ ھالىغا، ئىچ-ئىچىمىز سىيرىلدى. كاشكات بىلەن قىرىپمۇ، گۆش چىقمايتتى تېنىدىن. يوغىناپتۇ ۋە لىكىن، توغرىلىقى ئىنىدىن. پاقىرايتتى چىرايى، لەۋلىرى گەز، ئورا كۆز. پىچىر-پىچىر ۋاقىراپ، ئېيتتى مۇنداق يېڭى سۆز. كىپەنلەپسىلەر خام بىلەن، يۆگىمەستىن بورىغا. قازى بولدۇم، بەگ بولدۇم، كېتىپ شۇنىڭ سورىغا. مۇنكىر-نىكىر چاكىرىم، پەرىشتىلەر پايلاقچى. ئېقىلدارىم ئازازۇل، مالايىكىلەر يالاقچى. پالىۋەتتىم جەننەتكە، ئوغرى مەككار بۇزۇقنى. بۇلاتقۇزدۇم ئۇلارغا، نازۇ- نىممەت ئوزۇقنى. سەككىز جەننەت چەيلەندى، باغ ئىرەمنى بۇزغۇزدۇم. ئۇ يەردىكى ھۆرلەرنى، ئايىماستىن ئۇرغۇزدۇم. سۇلىۋەتتىم دوزاخقا، ياخشى-ئوبدان دېگەننى. كەپلەپ قويدۇم ئېغىزىغا، ھارارەتلىك يۈگەننى. قۇيدۇم ئوتنى ئىرىتىپ، ئۇسساپ كەتتۇق دىسىلا. چوغ كەپلىدىم قارنىغا، ئاچ قالغاندا يېسىلا. ئاخىرەت ئۇ ئالەمدە، قازىلىغىم ئاققاچقا. قىلغان ھۆكۈم پەتىۋا، قول چۇماققا ياققاچقا. ئالقىشلىدى كۆتەردى، ساقىلىمدىن سۆرىشىپ. بۇنى كۆرۈپ چىدىماي، ھەق كالىسى مۆرىشىپ. دېدى مېنىڭ مۈڭگۈزۈم، يەرگە تىرەپ تۇرىدۇ. نىچۈن مىنى ماختىماي، ساڭا چاۋاك ئۇرىدۇ. چاتىغىم يوق كارىم يوق، كۆتەرمەيمەن زىممىننى. كۆتەرگۈزگىن چاقىرىپ، ئوغلۇڭنى يا... ئىنىڭنى. كالىنىڭ بۇ دەۋاسى، پەيد قىلدى زىلزىلە. زىمىن تىترەر پات يېقىن، ئىشلەتمىسەم بىر ھىلە. جىم ياتماپتۇ بوۋىمىز، ئاخىرەتكە بېرىپمۇ. نەگە بارسا ئىش تېرىپ، قالمايدىكەن ھېرىپمۇ. غالىپ كەلسە بوۋامدىن، ھەق كالىسى ناۋادا. تەۋرەپ كەتسە يەر شارى، بىز لەيلەمدۇق ھاۋادا. ئامال قانچە مىھمانغۇ، (چىققان بىلەن ئۇراندىن)، داسقان يايدىم شاپپىدە، مەزەلىرى بۇراندىن. ئاچقان ئىكەن قورسىغى، داستىخاننى كاپ ئەتتى. بۇراننى يەپ شامالنىڭ، ئۇۋىغىنى كاپ ئەتتى. سالدى دىلغا ئەندىشە، بوۋام ئېيتقان كېيىنكى سۆز. (يەرنى تىرەپ تۇرغىلى، بولغىن دەرمۇ ئۇي-ئۆكۈز). ئاشۇ غەمنىڭ زەنجىرى، بوينىمىزدىن سۆرىدى. تەشۋىش تىترەك بىر بولۇپ، تام تورۇسنى ئۆرىدى. قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار، مۈشۈكلەرگە ئېتىلدى. قۇشلار ئۈزۈپ زەنجىرنى، بېلىقلارغا قېتىلدى. سۆڭەك ئىتنى غاجىدى، سەي چىشلىدى پىچاقنى. ساقال ئۈندى تاپانغا، بەل چىرمىدى پاچاقنى. قورقۇپ كېتىپ ئايالىم، يېتىۋالدى بۈشۈككە. تۇغۇلمىغان ئوغلۇممۇ، قاچتى بۇلۇڭ تۈشۈككە. مەن ئوغلۇمنىڭ قوينىدا، ئىڭڭەلىدىم بوغۇلۇپ. ئەسلىسەم كېيىن مېنىڭدىن، ئوغلۇم بۇرۇن تۇغۇلۇپ. تۇرغان ئىكەن تويلۇشۇپ، ۋۇجۇدى يوق قىز بىلەن. (بۇ ئىشلارنى بەزىلەر، كۆرۈپتىكەن كۆز بىلەن). ددۇ-پەريات بىر ئالدى، ئۆي ئىچىنى تالانى. دېدىم:بۇۋ يىغىشتۇر، ئۆزەڭ تاپقان بالانى. دوزىقىڭنى نېرى تارت، جەننىتىڭدە ئۆزەڭ يات. بىزگە كېرەك ئاراملىق، بۇلالمايمىز كالا، ئات. مېنىڭ ئېيتقان سۆزۈمگە، تام- تورۇسمۇ قېتىلدى. شاتلىغىدا ئايالىم، قۇچۇغۇمغا ئېتىلدى. كەلدى سادا بۈشۈكتىن، بۇزما بەخت تېڭىڭنى. بۇ ئالەمگە ئېپكەلمە، ئاخىرەتلىك جېڭىڭنى. ئېھتىمالىم بۇ گەپلەر، بۇۋىمىزغا ھار كەلدى. رەددىيەلىك پاراڭدىن، كۆز ئالدىغا دار كەلدى. ئىنجىقلىدى بىر ھازا، تىنىق يەتمەي ھاسىراپ. يۆلەيدىغان كىشى يوق، يېتىپ قالدى ھالسىراپ. بوران ياندى بۇرنىدىن، كېكەردى ئۇ «گارت» قىلىپ، چۈشتى قايتا سەكرتقا، جىمىپ قالدى«خارت» قىلىپ. ئەسكەرتىش: باشقا مۇنبەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئەسلى ئاپتورى بىلەن يوللاڭ! كىچىك موللا-زەيدىن دادىسىنىڭ خاتىرىسىدىن كۆچۈرۈپ يوللىدى! [ يوللىغانmolla-zaidinتەرىپىدىن2008-04-30 15:30قايتا ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
diwaniman دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تېمىنىڭ ماۋزوسىنى ئۆزگەرتىپ قويسا بولغۇدەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشىكەن
رۇزى سايىت مەمەتجان رۇزىنىڭ دادىسىغۇ دەيمەن ھە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ELSHER | قورقۇپ كېتىپ ئايالىم،
يېتىۋالدى بۈشۈككە. تۇغۇلمىغان ئوغلۇممۇ، قاچتى بۇلۇڭ تۈشۈككە. --------------------- ھا---ھاااااااااااااا--------- ئايالىڭىز بۇشۈككە يېتىۋاپتۇ ، بوۋاقكەن . ئوغلۇڭىز تۇغۇلماپتۇ ، مەنچە سىز تېخى بويتاق . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~uyghurjan~ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مەنمۇ شائېرنىڭ بىر شېئىرىنى يوللاپ قوياي....!!!!! . ! ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .1951-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ) ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، 1973-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ -ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﻻﯕﺮﻭ ﻳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .1980-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1973-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﺗﻰ ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﯔ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯩﺰﯨﺖ -ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ چۈشنامەﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 12 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻼﺩﯨﺴﻰ،1000ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﯟﻩ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﮬﻪﻗﺎﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﯩﺌﯧﺮﻳﯩﺘﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻘﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ .ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ .ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰﺑﯘﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯘﻥﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ﺋﺎﮬ ،ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﻴﻼﺭ ﺗﯘﻳﯘﻗﻼﺭ ﺧﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﭘﺎﮬ،ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯟﻩ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﮬ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭼﯜﺷﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻯﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎ ﺳﯧﻠﻨﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﺰﺍ-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯩﺌﯧﺮ،ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﺷﺎﺋﯧﺮﻧﯩﯔ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ﭼﯜﺷﻨﺎﻣﻪ ﺑﺎﻟﻼﺭ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺯﺍﺭ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻪﺩﺧﻪﭺﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،ﺷﯩﺌﯧﺮ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯟﯦﺰﻳﻪ ﺑﻪﺩﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﯘﺟﺎﮬﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻮﻝ ﻛﻪﯕﺮﻯﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱﻧﺎﻣﻠﯩﻘﻘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻤﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﺘﯘﺵ . ﺷﺎﺋﯧﺮ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ! دىھقان بولماق تەس روزى سايىت ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ،ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ، ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ، ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ، ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ، ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ . ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ <<ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﻦ. ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ ،ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ. ﺩﻩﺭ؛ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ ﺭﺍﻳﯩﻢ. ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ ،ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻗﯘﭼﺎﻕ ، ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﺋﻮﺗﯘﻥ. ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ،ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﭖ،ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ، ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ،ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ،ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ . ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ <<ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!>> ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كەل -ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ، ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ. ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ. ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﭘﺎﻥ ، ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ. ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ،ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ ، ﭼﺎﻙ -ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ<<ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!>>ﻻﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞﯦﺸﻰ ، ﮬﻪ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﯩﻐﯩﻢ ﺗﻪﺭﯞﯨﺸﻰ. ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯦﺸﻰ ، ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ ،ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﺸﻰ . ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼ ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ <<ﺋﻮﺗﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ>>. ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ-ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ، ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﺵ. ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ، ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ. ﻳﻮﻕ <<ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ>>ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺋﯩﺸﻰ، ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش ،ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻰ. ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ،ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ، شىيەنجاڭمۇ،شىياڭجاڭمۇ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ. ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ، ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ ،ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ. ﺷﯘ <<ﺧﺎﺱ >>ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘ ﺗﻪﺭگەن ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﺎﺵ، ﺋﯘ ﭼﻪﺷﻠﻪﭖ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﺍﻥ -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺵ. ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯚﺵ -ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ، ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺵ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻣﻪﺭﺩ ﮬﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺵ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. <<ﻣﻪﻥ ،ﺳﻪﻥ ،ﺋﯘ>>-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ. ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ كۆرمەس ﺑﻪﺧﯩﺖ ﯞﻩﺳﻠﻰ، ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ. <<ﻳﻪﺳﻠﻰ>>ﮔﻪ ﺳﻮﺯﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﺎﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ، ﺳﺎﻏﻘﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ ﺳﯜﺗﻰ ﭼﺎﻟﯩﺪﻩﻙ. ﺋﯚﺯﯨﻼ<<ﺋﺎﻕ >>ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ، ﻣﯘﯕﻼﻧﺴﺎ ﺗﯘﻳﯩﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ -ﻳﺎﻟﯩﺪﻩﻙ. ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﯞﺍﮪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ ، ﮬﻴﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻣﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ. ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﯜﭖ <<ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ>>-ﻗﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ، <<ﻗﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﺘﻰ >>ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ. ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ <<ﺗﯚﺭ>>ﻧﻰ ﮔﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ، ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﻰ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﮕﻰ . ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﺎﺭ-ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﺎﺭ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﭘﻪﻟﻠﯩﻜﻰ. ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. <<ﺗﻪﻛﯩﺖ>>ﺗﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ، ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭ <<ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ -ﺋﯘﻟﻰ>>. ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﯓ ،ﺗﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ، ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯗ ﻏﻮﻟﻰ. ﺋﻮﻥ ﻓﯘﯕﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻳﺪﯗ ﻗﻮﻟﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎ ﮔﯜﻟﻪ، ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ: ﻳﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ ،ﺑﻮﻟﻪ؟... ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ :ﺩﻩﭖ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﻪ!... ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ:ﺳﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﯓ ...ﺩﻩﺭ <<ﻳﻮﻗﺎﻝ ﺋﯚﻟﻪ!>>، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻣﯚﻟﻪ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘ ﺩﯨﺴﻪ:ﻗﯩﻎ- ﺗﯧﺰﻩﻙ ﮬﯩﺪﻯ ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﻩ... ﻣﺎﯞﯗ ﺩﻩﺭ:ﻳﻮﻝ ﻗﯩﺴﺘﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﻩ... ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺳﺴﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ، ﮬﺎﺭﯞﯗﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﺱ ﻛﻮﭼﺎ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ. ﺋﺎﮪ ،ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺴﺎ <<ﻳﯚﻟﻪﺵ ﭘﯘﻟﻰ>>ﻧﻰ، ﺑﺎﻧﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭ:<<ﺋﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ>>. ﻳﯘﻳﺎﻣﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ،ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻳﺴﺎﻕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ؟ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﻻ -ﻏﻮﻟﯩﻨﻰ! ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻨﻰ! ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﻩ، ﻛﯚﺯﻯ ﻳﺎﺵ،ﺩﯨﻠﻰ ﺧﯘﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻩ. ئەپتى ﺟﯘﻝ،ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﭺ،ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ، ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﺎﺭﻩ. ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺟﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺗﯚﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ- ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ -ﺗﯩﻠﯩﻜﻰ. ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ، <<ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ -ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﻳﯩﻤﯩﻜﻰ؟>>. ﺑﺎﺭﻯ -ﺑﺎﺭ،ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ <<ﺋﯘ-ﺑﯘ >>ﺩﯦﻤﯩﻜﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ، <<ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﺴﻪﺯ ﻣﯘﻧﻪﻛﻜﻪ>>. ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﯘﻧﻪﻛﻜﻪ، ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻘﺎ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭ -ﻳﯚﻟﻪﻛﻜﻪ. (ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ)، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻟﻠﻪﺭ<< ﺋﺎﺷﺘﻰ>>ﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻧﻨﻰ، ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﺍﻧﻨﻰ. ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ،ﻛﯚﺭ ﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ، پوچىلىق -<<نوچىلىق>>ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯗ ﺟﺎﻧﻨﻰ. ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﻨﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﺋﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﭼﺎﺭ. ﻳﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ،ﻳﯩﻤﯩﺴﻪﻙ ﺋﺎﭼﺎﺭ، ﺑﯩﺰ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ؟!... ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ <<ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ!>>ﺩﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﺭ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ . ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻙ ،ﺳﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ، ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ -<<ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻙ>>ﺗﯩﻦ. ﮔﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ،ﭼﺎﭘﺎﻥ ،ﻛﻪش، ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﻢ ﻛﻪﺵ. ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ -ﮔﺎﺩﺍﻱ ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ، ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ،ﻳﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺵ. ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﻛﯩﻢ ﺟﻪﻣﺸﯩﺖ،ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﯟﻩﺵ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. <<ﺋﻮﻏﯘﺗﻤﯘ ﭘﯘﻝ!>> ﺩﻩﻳﺪﯗ ،ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ، <<ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻤﯘ ﭘﯘﻝ! >>ﺩﻩﻳﺪﯗ جېن ﭼﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ. <<ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﺎﻏﺎﺭﻣﯘ ،ﺗﻮﻗﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ، <<ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ. ﭘﯘﻝ ﻗﯧﻨﻰ؟ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻏﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﻡ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﯘﺳﻘﯘ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻤﯘ؟ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ،ﺩﻭﻗﻤﯘ؟ ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ-<<ﯞﺍﻱ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﻮﻕ>>ﻣﯘ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ______________________________ ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ <<ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ!>> ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻳﯘﭘﯘﺭغاچ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﮒ،ﺧﺎﻗﺎﻥ. ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ<<ﺋﯜﭺ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ>>، ﺑﻪﺱ !ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﺎﻥ. ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺳﯧﻠﯩﻘﺘﻪﺵ ﻳﯜﺯ -ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﻮﻗﺎﻥ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ! ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﻳﺎﺭﺍ! ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﺍ! ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ:ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍ؟ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ،ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ . ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯚﺳﺴﯘﻥ -ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ، ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ ،ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ. <<ﺋﯘﮪ...>>ﺩﯦﺴﯘﻥ ،ﮬﯧﻴﯩﺖ -ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ،ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯘﻥ، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﮔﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟ ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﭖ ،ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺗﯩﻎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟ ﺗﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ! ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ -ﻧﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ . ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪﻥ ، ﺗﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ!!! ......................................................... _____ 1995-ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻱ ﺧﻮﺗﻪﻥ :ئاۋازلىق :_دىھقان بولماق تەس چۈشۈرۈش ئادرىسى(تۆۋەندىكى ئادرىسنى بىر چىكىپ،ئېچىلغاندىن كىيىن،ئۈستىدىكى ئادرىس يازدىغان يەرنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى转到 دىگەن خەتنى يەنە بىر چەكسىڭىز ئاپتۇماتىك چۈشۈشكە باشلايدۇ ):http://189.c10_2.tvix.cn/videos/20070808/9jPPdNHBthV.flv | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ASAN-YUSAN يـەھـيـا دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئـۆسـتـى ~ ئـۆسـتــى ئۆتتى قىرىق يىل _ يىلدا ياش ئۆسىتى ، ئۆتتى قىرىق يىل _ كۆڭۇل شاش ئۆسىتى ، ئۆتتى قىرىق يىل _ دوستى -قاياش ئۆسىتى، ئەقىل - ئىدىراك، كۆز قاراش ئۆسىتى ، بارچە شۇنداق ئالدىراش ئۆستى . شەھىرىم ئەزىز ئۆسىتى باشقىچە ، بىنا چۇشتى يىتىپ ئاشقۇچە . پىكاپلاشتى يوللار قاشقىچە ، تۇزدى ھۆسۇن قېرى - ياشقىچە ، قەددى -قامەت ، ئۇستىۋاش ئۆسىتى . ئاشپۇزۇللار رېستۇرانلاشتى ، مەيخانلار چاقچۇق تاملاشتى ، تاماق سەرخىل :<<شورپا -نان>>لاشتى، مۇلازىمەت ئەجەپ قاملاشتى ، سودا سېتىق بىر تۇتش ئۆستى . باھانىڭمۇ يرىمى ئۆستى ، دۇكاندارنىڭ كىرىمى ئۆستى ، (ئۇپا -ئەڭلىك گىرىمى ئۆستى ) ئورمانچىنىڭ جىرىمى ئۆسىتى ، خىزمەتچىدە پۇل - مائاش ئۆستى . توخۇلارنىڭ ئىقىپ دۇئاسى ، تۇخۇمىنىڭ ئاشتى باھاسى ، ئۆستى گۆشنىڭ نەرخى- ناۋاسى ، دىھقاننىڭلا يوقتەك خۇداسى ، مېھنەت ئەجىر بەك ياۋاش ئۆستى . قىش ياز دىمەي كۆرسىتىپ ھىممەت ، بەل مۇكچەيتىپ ياراتتى نېمەت ، شۇنداقتىمۇ قىلمىدى مىننەت ، پاختىدىن چىت، داندىن نان قىممەت، ئاھ، دېھقاننى <<يەپ - تالاش>> ئۆستى . بىر يىل ئىشلەپ دان يىغسا يەردىن ، پالان - پوكۇن سان يىغسا يەردىن ، سىز، بىزنى دەپ نان يىغسا يەردىن ، ھاياتلىقچۇن جان يىغسا يەردىن ، پۇلى ئۆسمەي پاختا ، ماش ئۆستى . سۇلىياۋ يوپۇق ياپمىسا تىخى ... ئاق ئوغۇتنى چاچمىسا تىخى ... ئوتاپ - سۇلاپ باقمىسا تىخى... ھەممىگە پۇل تاپمىسا تىخى ... ئىلاج قانچە قاتتى باش، ئۆستى . يەرنى تاشلاپ كىتەلمىسە يا ... جىننى جان ئىتەلمىسە يا... مۇرادىغا يىتەلمىسە يا ... كۈتۈلمىسە،كۈتەلمسە يا... ئۇزاق زامان كۆزى ياش ، ئۆستى . قۇچۇپ كۆكىنى پىغانى ئۇنىڭ ، بارغانچە يەر تارتقاندا يېنى ، تۇغدى ئاخىر دھقاننڭ كۇنى ، تاپتى قىممەت بۇغدىيى-دېنى ، تەرگە لايىق باھا-ئاش ئۆستى ! دېھقان بۇيىل ئاش سېتىپ كۇلسە ، ئەجىردىن بىر قەنت تېتىپ كۈلسە، قوپۇپ ،مەيلى يا يېتىپ كۇلسە ، كۆككە بۆكىنى ئىتىپ كۇلسە ، قىلماس ھېچكىم دە تالاش -<<ئۆستى؟>> مەن شەھەرلىك ئاش ئىلىپ يەيمەن ، ناننى كۇندە ياش ئىلىپ يەيمەن ، باھا ئۆستى راست گەپنى دەيمەن ، ئازىراق ئۇنغا كۆپ پۇل تۆلەيمەن . ھەمميانىمغا بىر تال <<تاش >> ئۆسىتى . مەن بۇ <<تاش>>تىن رازى دېھقان ئۆچۇن . <<پۇللۇق ئاش >>تىن رازى دېھقان ئۆچۇن، تات ياداشتىن ، رازى دېھقان ئۆچۇن. كەچسەم باشتىن رازى دېھقان ئۆچۇن . دېھقانغىمۇ بىر قاشتاش ئۆستى روزى سايىت ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ پەند - نەسھەتلەر ( مەھمۇد قەشقەرى ) : ./read.php?tid-53986.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | دېھقان شائىرلىرىدىن جەنۇپتا روزى سايىت ئاكا، شىمالدا مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا ھەقىقەتەن ئەل كۆڭلىگە ياقىدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
DARMAN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما8قەۋەتتىكىDARMANنىڭ2008-04-30 01:49يوللىغان : گەپ چىقمىغاندەك ئەمدى...تــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــوۋا | ||||
---|---|---|---|---|---|
kulka4248 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 6-8-قەۋەتتىكىلەر بەك سەۋىيسدار كـــــــــــــــــــــــــــــــــــشىلەر ئوخشىمامدۇ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kulka4248 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن رە سىمىنى ئاران تاپتىم رەخمەت ..........
| ||||
---|---|---|---|---|---|
YOLBAX دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يازىدىغان نەرسە تاپالمەغاندەك قالايمىقان جۈيلۈپتوغۇ
ما نېمىلەر دەيدىغان گەپ تاپالماي مۇشۇ گەپنى قىپتۇدە! ياخشى چىقىپتۇغۇ سەن نېمىلەرنىڭ چوقۇم كاللاڭ چاتاق!يا كۆزۈڭ چاپاق! شېئىردا نەق سەندەكلەرنى يېزىپتۇ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
salmihan520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بوران ياندى بۇرنىدىن،
كېكەردى ئۇ «گارت» قىلىپ، چۈشتى قايتا سەكرتقا، جىمىپ قالدى«خارت» قىلىپ. ھا.ھا.....ھا....... نىمىدىگەن قىززىق سىز دىگەن بىر ھاراق كەشمۇ يا قانداق | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
salmihan520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۇرغان ئىكەن تويلۇشۇپ،
ۋۇجۇدى يوق قىز بىلەن. (بۇ ئىشلارنى بەزىلەر، كۆرۈپتىكەن كۆز بىلەن). قىز زىق گەپ بۇلدىدە كۆز بىلەن كۆمىسە نىمەبىلەن كۆرىدىكىنا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HoTaNlAQInI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشىكەن
رۇزى سايىت مەمەتجان رۇزىنىڭ دادىسىغۇ دەيمەن ھە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amirali دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پالىۋەتتىم جەننەتكە،
ئوغرى مەككار بۇزۇقنى. بۇلاتقۇزدۇم ئۇلارغا، نازۇ- نىممەت ئوزۇقنى. سەككىز جەننەت چەيلەندى، باغ ئىرەمنى بۇزغۇزدۇم. ئۇ يەردىكى ھۆرلەرنى، ئايىماستىن ئۇرغۇزدۇم. سۇلىۋەتتىم دوزاخقا، ياخشى-ئوبدان دېگەننى. كەپلەپ قويدۇم ئېغىزىغا، ھارارەتلىك يۈگەننى. قۇيدۇم ئوتنى ئىرىتىپ، ئۇسساپ كەتتۇق دىسىلا. چوغ كەپلىدىم قارنىغا، ئاچ قالغاندا يېسىلا. ئاخىرەت ئۇ ئالەمدە، قازىلىغىم ئاققاچقا. قىلغان ھۆكۈم پەتىۋا، قول چۇماققا ياققاچقا. ئالقىشلىدى كۆتەردى، ساقىلىمدىن سۆرىشىپ. بۇنى كۆرۈپ چىدىماي، ھەق كالىسى مۆرىشىپ. نىمە دىگەن مەنىلىك بۇ مىسرالار!!!توۋا!شئېر ئۇقمايدىغانلار چالۋاقاپ،ئۇقىدىغانلار ئاچچىق يۈتۈپ ئولتۇرىدىغان ئىشمۇ مۇشۇنداق؟! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مھن رۇزى سايىتنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yusain دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يازىدىغان نەرسە تاپالمەغاندەك قالايمىقان جۈيلۈپتوغۇ
راستلا بۇلار نىڭ كاللىسىدا چاتاقباكەن تەپەككۇر ئېڭى ئاجىزكەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
daTMan520 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يازىدىغان نەرسە تاپالمەغاندەك قالايمىقان جۈيلۈپتوغۇ
كاللاڭنىڭ دەردى بارمۇ سىنىڭ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mardan521 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىDARMANنىڭ2008-04-30 01:51يوللىغان : سەن رۇزى سايىتنى بىلەمسەن ،ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئادەمنى ئۇقمايدىغان ئوخشايسەن ، قالايمىقان سۆزلىمە ،كالۋا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
murat2518 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | DARMANسەن بەك مازكەنسە،كۆت،ھارامدىن بولغان،ئانىسىنى سېتىۋېتىدىغان مەرەز،
باشقۇرغۇچى DARMANدەك قارغۇ ئۈچۈن مەندەك ئەخلاقسىزنى مۇنبەردىن چىكىندۈر سىڭىز،،مۇنبەر ئەھلىگە ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن،سىزنىڭمۇ DARMAN دەكلەرگە زەربە بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.ئۇنداق نادانلار كۆپىيىپ كەتمىسۇن،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|