| ||||||||
diki-dikkang | «بەدبەشىرە جوڭگۇلۇق» نىڭ ئاپتورى ۋاپات بولدىبوياڭ(柏杨) – ئەسلى ئىسمى گو يى توڭ ، مانجۇ مىللىتىدىن، بوياڭ ( ئارچا دەرىخى دېگەن مەنىدە)1920 –يىلى خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شەرقى شىمال “ياشلار گېزىتى” نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى بولغان، ئازادلىق ھارپىسىدا تەيۋەنگە بېرىپ، كومۇنىستلارغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقىدا ئىشلىگەن، كېيىن يەنە مۇۋاپىقىيەت ئوتتۇرا مەكتىپى، دۆلەتلىك مۇۋاپىقىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلىك سەنئەت مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 1950- يىلى گويىتوڭ دېگەن ئەسلى ئىسمى بىلەن يېزىقچىلىق قىلغان بولسا، 1960- يىلى ئارچا دەرىخى دېگەن تەخەللۇس بىلەن جوڭگۇ مەدەنىيىتىدىكى كېسەللىك، تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇلىقى ۋە زۇلمەتلىكى قاتارلىقلارنى قەلىمى بىلەن قامچىلىغان. بوياڭ ئەپەندىم ئۆمرىدە نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالى مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا، نۇرغۇن قېتىم مەكتەپتىن قوغلانغان شۇڭا بىرەرمۇ دېپلومى يوق، ئۆمرىدە 5 قېتىم تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق -سۇغاق ئۆتكەن، ئۇ جاڭ جىيېشى قاتارلىق ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن ئەھۋاللارمۇ بولغان، نەچچە رەت ئۆزىنى ئۆلتۈۋالماقچىمۇ بولغان، نۇرغۇن قېتىم مەكتەپ ۋە ئىشلىگەن ئورۇنلىرىدىن قوغلاندى قىلىنغان، ھەتتا تەيۋەندىكى چاغدا 10 نەچچە يىل تۈرمىگە سۇلانغان ، 1970- يىللىرى ئېتىپ ئۆلتۈرىلگىنى تاس قالغان . …. بوياڭ ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، “بوياڭ تەھرىرىدىكى تارىخ ئەينىگى “دېگەن كىتاب تەيۋەندە ئەڭ ئالقىشلىق كىتاب بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. “جوڭگۇلۇقلار تارىخى”دېگەن كىتاۋىمۇ ئەڭ تەسىرى بار كىتاب بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ يەنە بىر كىتاۋى بولۇپ،ئىسمى “بەتبەشىرە جوڭگۇلۇق “، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى دۇنيادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋە خەنزۇلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، بۇ كىتاب چوڭ قۇرۇقلۇقتا چەكلەنگەن ئىدى. ئۇ ئېغىر كېسەل ۋاقتىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭ جۇ ئۇنى يوقلاپ بارغان. ئۇنىڭ« بەدبەشىرە جوڭگۇلۇق »دىگەن ئەسىرىنى كۆرۈپ قويۇڭلار: http://netbook.wxjy.com.cn/book/xddwx/0112.pdf ئۇنىڭ بىلوگىنى زىيارەت قىلىپ قويۇڭلار. http://blog.sina.com.cn/boyang ___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-29
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | بار كەنسىز ھە .خان.................~~~~~~~~~~
كىرىپ تۇرۇڭ ئانچە مۇنچە ..........ئادەمنى سىغىندۇرماي ..........! | ||||
---|---|---|---|---|---|
baybalik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەت جوڭگۇلۇقلار دېگەن كىتاب شۇمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
elqin دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سىرچىنىڭ ، ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى مىش مىش ، خەلىقارادىكى سەتچىلىك دىگەن ماقالسى قالتىس چىقتى ،، ئۇنىمۇ كۆرۇپ قالسەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
EBNUR1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئىلگىرى بۇ كىتاپنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئامال يوك خەنزۇچىسىنى چۈشەنەۈدەك سەۋىيەدە ئەمەسكەنمەن، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە بولسىمۇ بىر كۆرۈپ چىقاي. قارىغاندا تەرجىمىسى يوقتەك قىلىدۇ.
تېمىڭىزغا رەخمەت . | ||||
---|---|---|---|---|---|
ansar1114 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇقاندا.گەپبولدې ەمدې
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~uyghurjan~ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | سىز قالدۇرغان ئادىرىس ئېچىلمىدى ~!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Arkan0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئسمى ياخشى كىتاپكەنغۇ!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | بۇ ئەسلى جۇڭگولۇڭلارنىڭ پىسخىكىسى تەنقىدلەنگەن كىتاپ، ئاپتۇر بۇ كىتاپنى يېزىشتا نۇرغۇن قېتىم ئىككىلەنگەن، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشتىنمۇ قورىققان، ئاخىرى يەنىلا ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمەي يېزىپ چىققان. ئۆزىنى ئۆزى ئوپراتسىيە قىلغاندەكلا. شۇڭا چەكلەنگەن. بىزنىڭكىنىلا چەكلەمدىكىن دىمەڭلار، ھەق گەپ قىلىدىغانلار چىقىپ قالسا ئۆزىنىڭكىنىمۇ چەكلەيدۇ. يوللانمىڭىزغا رەھمەت !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kok_burkiti دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىكى دىكاڭ خېنىم ھېلمۇ يوقاپ كەتمەپسىز . بۇ قېتىمقى شەبنەم تىنتىشىدا سىزنى كۆرگۈلى بولمايدىغان يەرە پالۋەتتىمىكىن دەپ بەك ئەنسىردۇق . مەن سىز بىلەن كۆرشەلەيمەنمۇ ؟
چ چ نۇمرۇم 605924627 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Pida~kar118 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | «بەدبەشىرە جوڭگۇلۇق»بۇ ئىسىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hanatam دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھا ھا ، رەخمەت سىزگە ، مەن مۇشۇ ئەسەرنى تاپالماي يۈرەتتىم . ئالاھىزەل ئون يىل بورۇن مەن بۇ ئەسەرنڭ نامىنى ئاڭلىغان ، يەن بىر تېمىسى بەييياڭ يەن جوۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ياش تۆكىتى ئىدى ،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nazigul~* دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇ كىتاپنىڭ نامىنى مەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. پۇرسەت بولسا كۆرۈپ باققىم بار ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz | ھەي ! بۇ كىتابنى كۆرىدىغان پۇرسەت بولماسمىكىن !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
diki-dikkang | Quote:بۇ يازما16قەۋەتتىكىgulqikizنىڭ2008-04-30 12:11يوللىغان : بۇ كىتاپنى ئوقۇش پۇرسىتى نىمە دەپ يوق؟ مانا : http://www.xiaoshuo.com/pages/text/content/2005-06/00111085/00111085_15625_1.html | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TuN~Ji~KaR دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | jق[quote]بۇ يازما10قەۋەتتىكىlayli0317نىڭ2008-04-30 00:51يوللىغان :
بۇ ئەسلى جۇڭگولۇڭلارنىڭ پىسخىكىسى تەنقىدلەنگەن كىتاپ، ئاپتۇر بۇ كىتاپنى يېزىشتا نۇرغۇن قېتىم ئىككىلەنگەن، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشتىنمۇ قورىققان، ئاخىرى يەنىلا ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمەي يېزىپ چىققان. ئۆزىنى ئۆزى ئوپراتسىيە قىلغاندەكلا. شۇڭا چەكلەنگەن. بىزنىڭكىنىلا چەكلەمدىكىن دىمەڭلار، ھەق گەپ قىلىدىغانلار چىقىپ قالسا ئۆزىنىڭكىنىمۇ چەكلەيدۇ. يوللانمىڭىزغا رەھمەت !!![ ھەق گەپ قېلدىغان لامو بامىكەن مەن ئىشەن مەيمەن !!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
setnoqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنڭ بەكلا ئوقۇپ باققىم بار
| ||||
---|---|---|---|---|---|
2008uygur دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە.
كۇپچىلىك تولا قۇرۇق گەپ ساتماي تىز بۇ كىتابنى كۇرۇپ بىقىڭلار،بۇ كىتابنى بىر تەرەپىتىن ئوقۇپ بىرتەرەپتىن مۇلاھزە قىلىپ بىقىڭلار،بىز بۇلار بىلەن بىللە ياشاش جەرياندا بۇلارنىڭ نۇرغۇن خىسلەتلىرنى يۇقتۇرۇپ ئالدۇق بۇ كىتابنى ھەربىر ئۇيغۇر بىر ئوقۇپ چىقسا دەپ ئويلايمەن، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
2008uygur دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە.
كۇپچىلىك تولا قۇرۇق گەپ ساتماي تىز بۇ كىتابنى كۇرۇپ بىقىڭلار،بۇ كىتابنى بىر تەرەپىتىن ئوقۇپ بىرتەرەپتىن مۇلاھزە قىلىپ بىقىڭلار،بىز بۇلار بىلەن بىللە ياشاش جەرياندا بۇلارنىڭ نۇرغۇن خىسلەتلىرنى يۇقتۇرۇپ ئالدۇق بۇ كىتابنى ھەربىر ئۇيغۇر بىر ئوقۇپ چىقسا دەپ ئويلايمەن، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahralik123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسمى جىسمىغا لايىق كىتاپكەن ئۇ <<بەتبەشىرە جۇڭگۇلۇق>>
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|