
سەن ئۈچۈن ياسىتىپ قويدۇم بىر دۇنيا،
زارىقىپ كۈتىدۇ بۈگۈن يۈرىكىم.
مېنىڭ يۈرىكىمگە كەلگىن مەرھابا،
مېنىڭ يۈرىكىمگە كەلگىن مەلىكەم.
مۇھەببەت بەختىنى تاپايلى ئۇندا،
كەلگىن ئەپسۇنلارنى ئېيتماقتا باغلار.
ئەزىز باشىڭ ئۈزرە يالتىراپ كۈندە،
ئالتۇنغا ئايلىنار كۈيچى ياپراقلار.
قارىغىن نەقەدەر تىنىچتۇر ئاسمان،
ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بارايلى يۈرگىن.
ئۇ يەرگە قارا، تۈن ئۇچرىماس ئەسلا،
بۇلۇتلار قايغۇدىن كەتمەس قارىيىپ.
قېنى، قوللىرىڭنى قولۇمغا قويچۇ،
مېنىڭ يۈرىكىمگە كېتەيلى بىللە.
ئۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كەتمەيلى كۆچۈپ،
ئاچچىق كەچمىشلەردىن پۈتكەن تەقدىرگە.
رەئوف پەرفى شېئىرلىرى
ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئارغتۇغ
]]
