سىز بۇ تېمىنىڭ 1520ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز›› ۋە بىزدىكى تۇرمۇش IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Erkamil

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-12
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز›› ۋە بىزدىكى تۇرمۇش

‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز›› ۋە بىزدىكى تۇرمۇش




ئۇيغۇر ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئالقىشلانغان رومان ‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز››دىيارىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 222000 دىن ئېشىپ كەتتى.
ئەنۋەر ھاجى بۇ ئەسەرنى دەسلەپتە دىيارىمدا  ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئەسەر ئاخىرلاشقىچە كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ئەسەرگە بولغان باھاسى، قىزىقىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ. ئەسەر بىر ياقتىن يېزىلىپ بىر ياقتىن ئۇدۇللۇق مۇنبەرگە قوللانغاچقا ئارلىقتا نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشۈپ تۇراتتى.( بىر ئاي ئىچىدىكى پەقەت مۇشۇ ئەسەر ئىچىدىكى ئىنكاسلارنى ئۆچۈرگىنىملا 1000 دىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنداق قىلمىسام بۇ ئەسەرنى ئوقۇش كەڭ قېرىنداشلارغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلاتتى.) بەزى ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتەتتىم، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان جاراڭلىق ساداسى ئىدى. بەزىلەر ئەسەرنىڭ داۋامى ئۈستىدە باش قاتۇرسا، بەزىلەر ئەسەردىكى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراش، تۇرمۇش مىزانلىرى ئۈستىدە باش قاتۇراتتى، يەنە بەزىلەر ئاتىكارچىلىق بولسىمۇ ئۆزىنى ئەنۋەر ھاجىنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىپ باقسا، يەنە بەزىلەر ئاللاھقا سېغىنىپ قول كۆتۈرۈپ، زۆھرەگە ئامان ئېسەنلىك، ئېسىل سۈپەتلىك ئاياللار قاتارىدىن بولۇشقا ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى. سىيىت قارىنىڭ جۈرئەتكە كېلىپ زۆھرەگە ئۆز كۆڭلىنى دادىل ئىپادىلىشىنى، زۆھرە بىلەن ئىللىق ئائىلە قۇرۇشىنى تىلەپ دۇئالار قىلاتتى. يەنە بەزىلەر ئەنۋەر ھاجىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى ماختاپ ئەسەرنىڭ غەلىبىلىك يېزىلىشىنى تىلەپ ئىلھاملاندۇراتتى. مانا بۇ خەلقىمىزنىڭ  قەلب ساداسى ئىدى. شۇنداقلا تۈركىيە، دۇبەي ۋە باشقا چەت ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تۇرمۇشى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ئەسەرگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئەنۋەر ھاجىغا ۋەتەن تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇشۇنداق ئەدەبىي ئەسەرنى يازغىنىغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر ئېيتتى ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتسا بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سالدى.
«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق بۇ روماننىڭ سېھرىي كۈچى زادى نەدە؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىدى؟ نېمە ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ كەڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەيدۇ؟ ئىنتېرنېتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئەمدىلا تونۇپ يېتىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتقان مىللىتىمىزگە تور ئارقىلىق تارقىتىلغان بۇ ئەسەرنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئادىلەنىڭ تراگېدىيىسىدىن سەسكىنىپ ئۆزىنى مىزان تارازاسىدا ئۆلچەپ كۆرگەن قىزلىرىمىزنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئىنتايىن جانلىق، خەلق تىلىغا يېقىن بولۇپ ، بىر ئوقۇغان كىشى ئۆزىمۇ  بىلمىگەن ھالدا ئەسەر ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىدۇ. ئاپتور تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان ئاممىباپ تىل بىلەن بۇ ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئەسەردە سىيىت قارى، زۆھرە، تاھىر قارى، ئادىلە،گۈلنىسا، تاشچىلار، ۋە خالىت، ھۈسەيىندىن ئىبارەت بىرقانچە شەخسنىڭ كەچمىشلىرى بايان ۋە دىئالوگىلار ئارقىلىق جانلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شەھەرلىشىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، كۆز قاراشلىرى، گۈزەللىك، پاكلىق قاراشلىرى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئازغۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ۋە بىر قىسىم ئەرەبلەر، ئۇلارنىڭ شەھۋەتكە، كەيىپ-ساپاغا قۇل بولۇشتەك پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئەسەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىدى،كۆرۈلۈش قېتىم سانىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇردى. كەڭ ئۇقۇرمەنلەر قىزىقىپ ئۇقۇپ ئەسەر ئاخىرلاشقىچە شۇنچە تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، ئەنۋەر ھاجى نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئەسەرنى خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا تاپشۇردى، ھەممىسى مىننەتسىز بولدى. (كۈندىلا  مۇنبەردە بۇ ئاپتورنىڭ بارلىقىنى كۆرىمەن،  ئۇنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى ئالدىدا مۈكچىيىپ  ئولتۇرغان سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئەجرىگە ئىچ- ئىچىمدىن رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ئۆز سالامەتلىكىنى ئاسراش توغرىسىدىمۇ قىسقا ئۇچۇر قىلدىم) دېمەك ئەنۋەر ھاجى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بىر جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئاچارچىلىقىنى پەسەيتسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمىزگە ئىنتېرنېت ئارقىلىقمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارسا بولىدىغانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ قويدى. يېقىن كەلگۈسىدە قايسى ئەدىبلىرىمىز قانداق ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقىمىزگە سۇنۇشىنى بىلمەيمىز لېكىن ئۈمىد بىلەن ساقلايمىز. 
تارىخ ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئىسلام دىننىڭ 9- ئەسىردە قەشقەردە سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن دىيارىمىزغا  تارقالغانلىقىنى، شۇنداقلا شانلىق ئىسلام مەدەنىيىتى ياراتقانلىقىنى بىلىدۇ. كەڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى قويۇق دىنى تۇس ئالغان، شۇنداقلا بىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيىتىمىزمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دىنىمىز بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇنداق بولغانىكەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئىسلام دىنى رامكىسى ئىچىدىكى تۇرمۇش. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ  چىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ياخشى ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەر  ئىسلام دىنىدىن ئايرىلالمايدۇ. ‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز›› رومانىدا ئىسلام دىننىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن تۇرمۇش يوللىرى تاھىر قارى بىلەن سىيىت قارىنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، ئەسەرنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى بۇ قائىدىلەرنى  ئاسانلا توغرا تاپىدۇ، قوبۇل قىلىدۇ، ئەسەردە زۆھرەنىڭ ئۆز قىزلىق ئىپپىتىنى ساقلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئىسلام دىنىدىكى زىنانىڭ قەبىھ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ، زۆھرەنىڭ بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغانلىقى، بۇ بىلىش ئۇنىڭ كىچىكىدە ئۆز ئائىلىسىدە ئالغان ئانا تەربىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەسەردە تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نازۇك ھالقىلىرىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ ، سىيىت قارىنىڭ جامائەتنىڭ چىشىغا تەگمەسلىكى، ۋەز نەسىھەتنى ئەتراپلىق قىلىپ كۈندىن –كۈنگە جامائەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈشى، ئاستا- ئاستا شۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشىپ، بەزى ئۆزى يامان كۆرۈدىغان ئىشلارغىمۇ كۆنۈپ قىلىۋاتقانلىقى. گۈلنىسانىڭ ئاكىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇزۇن يىل سىرتتا يۈرۈپ ئۈز ئىپپىتىگە ئىگە بولالمىغان گۈلنىسانى ئەمرىگە ئىلىپ،  نىكاھدىن ئاجراشقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئۆزى بىلەلمىگەن ھالدا خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ توغرا بولسىمۇ نېمىشقىدۇر جامائەتنىڭ سىيىت قارىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىدەك تۇرمۇشتىكى نازۇك ھالقىلارنىمۇ تەسۋىرلىگەن. زۆھرە يېزىدا چوڭ بولغان لاتاپەتلىك گۈزەل قىز، ئۇ سىيىت قارىنىڭ يېزىدىكى موللامدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى. ئۇلارنىڭ تەرەققىي تاپقان چوڭ شەھەر بېيجىڭدا ئۇچرىشىشى ھەم سىيىت قارىنىڭ زۆھرەگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى، ئارلىقتا نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يەنە بېيجىڭدا قايتا ئۇچرىشىپ نىكاھلىنىش جەريانى ئەسەرنىڭ غول لىنىيىسى.
ئادىلەنىڭ بۇ ئەسەردىكى تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، خەلقىمىز ئىچىدە ئادىلەسىمان قىزلىرىمىزنى ساناپ تۈگەتكىلى بولماس دەپ قارايمەن، بۇلارنىڭ ۋەكىلى دەل ئادىلەدۇر. ئادىلە پۇل- مالنىڭ قۇلى، راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ،ئۇنىڭدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ ئۇ ئاتالمىش ئەركىنلىكنى خالايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدە خۇددى ئادىلەدەك كۆز قاراشتا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ ئۆزىنىڭ بىباھا ۋاقتىنىڭ، ۋاقىتسىز خازان بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرگەن قىزلىرىمىز كۆپ. ئىسلام دىنىدىن بىخەۋەر ئادىلە قانداقلا راھەت پاراغەتتە ياشىسۇن ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسى قۇرۇق ئىدى، ئاخىرى ئۇ باتىل دىن خرىستىئان دىنىغا كىرىپ بۇ دىننى تارقىتىش يولىدا نۇرغۇنلىغان ئەخمىقانە كۈلكىلىك ۋە ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىدۇ. سەكرات ئۈستىدە ياتقان دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى پەرز ئەمەل بولغان ھەج تاۋاپ قىلىشتەك بۇ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشماي جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان پۇرسەتتە، ئادىلەنىڭ بىردىنلا خرىستىئان دىننى كۆتۈرۈپ چىقىشى بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادىلە قانداقتۇ ئۆزىنى دىن تارقاتقۇچى كورىيەلىك مېنى ئالىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئۇنىڭ خرىستىئان دىننى تارقىتىشتىمۇ قانداقتۇر ئىلاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ئەمەس،بەلكى چەت ئەلگە چىقىپ راھەت –پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتى ئاساسىدا بولغاچقا، كورىيەلىك دىن تارقاتقۇچىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن بىردىنلا دىن تارقىتىشتىنمۇ توختاپ قالىدۇ. ئۆزگىرىپ كەتكەن كىتاب ‹‹ئىنجىل›› كۆپ ئىلاھنى تەشەببۇس قىلغاچقا قايسى ئىلاھتىن ئالدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن تەمتىرەپ قالغان ئادىلەنىڭ مەنىۋى روھىيىتى يەنىلا قۇرۇق قالىدۇ دە، چۈشكۈنلۈك كوچىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.
ئادىلە، گۈلنىسا بىر خىل تىپتىكى قىزلار ئۇلارنىڭ بىرسى ئۈرۈمچىدە ، يەنە بىرى بېيجىڭدا بولۇپ بۇلار مۇشۇ دائىرە ئىچىدىكى پۇل، مال –دۇنيانىڭ قۇلى راھەت –پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىپ بارغان ئازغۇن  ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇلار تەربىيىسىز قالغان ئەمەس ئۇلار ئالى مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان، ئۇلاردا پەقەت ۋە پەقەت نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتەك پاجىئە بار، ”خەلقىمىزدە ئوغۇل بالا ئاچ كۆز بولسا ئوغرى بۇلار، قىز بالا ئاچكۆز بولسا يولدىن چىقار“ دېگەن ماقالە بار. ئادىلە ۋە گۈلنىسانىڭ پاجىئەسى تۇرمۇش يولىدا تېڭىرقاپ قالغان ۋە تېڭىرقىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سىگنال. قاراپ باقساق ھەر ئىككىسى بەختسىز بولۇپ قالدى، ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىغا شۈكرى قىلمايتتى، ئۆزلىرىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى ھەر خىل زىبۇ- زىننەت، ئويۇن تاماشىلارغا تېگىشىۋەتكەن ئىدى. ئاقىۋەتتە ئادىلە ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگىمۇ پىسەنت قىلماي، زور پاجىئەگە دۇچ كەلدى، ئادىلە ئەيدىز ۋەھىمىسىدە كېچە - كۈندۈز تولغىناتتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ تارقاتقان دىن  ئۇنىڭ روھى بوشلۇقىنى زادىلا تىنچلاندۇرالمىغان ئىدى.گۈلنىسا ئەھلى ئىلمى دادىسى ۋە ئاكىسىنى، ئەل جامائەت ئالدىدا شەرمەندە قىلدى. ياخشى ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر قىز ئوقۇشقا چىققان سەۋەب بىلەن شۇنچە ئاسانلا بۇ بەختسىزلىكلەرنى سادىر قىلدى.  بۇ نېمە دېگەن ئالدىراقسانلىق،نېمىدېگەن ئەخمەقلىق، نېمىدېگەن ئېغىر نومۇس . مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى ئېنىق كۆرگەن ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆز يۈرەك سادالىرىنى مۇنبەردە ئۇچۇق ئاشكارىلاپ: ” ئەنۋەر ھاجى بۇ روماننى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، ئىشتىن كەلسەملا مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇيمەن، نۇرغۇن بىلىملەرنى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆگىنىۋالدىم...ئادىلەدەك قىزلاردىن يىرگىنىمەن، ئادىلەدەكلەر بۇ جاھاندىن يوقالسا دەيمەن...“ دېگەندەك ئىنكاسلار توختىماي چۈشۈپ تۇراتتى. مانا بۇلار زامانمىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مۇشۇ تراگېدىيە بىلەن ئادىلە ۋە گۈلنىسانىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنى قۇيۇپ، ياخشى يول ۋە يامان يولنى تونۇپ، ئۆزلىرىگىمۇ بىر يول تاللاۋاتقانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ .
پارتىيىمىز كەڭ مۇسۇلمان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزدە ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرغان. سىيىت قارى ۋە تاھىر قارى جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مەكتەپتە دىنىي ۋە پەننى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، ھازىرقى جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغان، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، ئىلمىي ئۇسۇلدا تەبلىغ قىلىش ئارقىلىق جامائەت ئارىسىدىكى ھەر خىل  ئىللەت، خۇراپاتلىق، ئاشقۇنلۇق،  بىدئەتچىلىكلەرنى تۈگىتىشكە ھەسسە قوشالايدىغان ياش دىنىي خادىملار. ئەسەردە سىيىت قارىنىڭ ئىدىيىسى، سۆزلىرى، تاھىر قارى بىلەن بولغان پاراڭلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن خۇددى قان بىلەن گۆشتەك، ماگنىت بىلەن زەرەتلەردەك گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. تاھىر قارىنىڭ سىيىت قارىغا ياردەم قىلىشى دەل ئىسلام دىنىدىكى ”مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى دېگەن“ ھەدىسنىڭ روھىدىندۇر. تاھىر قارىنىڭ بۇ سەمىمىي ياردىمى ھەرقانداق كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ. ئەسەردە  نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز:” تاھىر قارى ئاغىنىدارچىلىققا يارايدىكەن“ دېگەن ئىنكاسلارنى يازدى، بۇ ئىككى دىنى قېرىنداشنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىسلام دىنىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. خەلقىمىز ئىچىدە، ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنى پۈتتۈرۈپ دۆلەتنىڭ دىنى ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ياش قارىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارمۇ خەلقىمىزنى خۇددى سىيىت قارى بىلەن تاھىر قارىدەك دوستلۇق ئورنىتىش ، شۇلاردەك پاك ياشاش، شۇلاردەك يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئەسەردە ئىلگىرى ھېچقانداق ئەسەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان دىنىي ئەخلاق تۈسى قويۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى چىن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ئەدەبىياتتىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەلۇم بىر توردىشىمىز چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس يوللىغان: ” ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەرتۈرك ئەپەندى! 2008-يىلدىكى بۇ خاسىيەتلىك ئەمگىكىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنى ھەققىدىكى يىرىك ئەسىرىڭىزنىڭ بىزنى ھەققە يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان ئۇنتۇلماس تەسىراتلىرى ئۇچۇن سىزگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن . بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى  يورۇتۇش دەۋرىمىز يازغۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى! لېكىن ئۇ دېگەندەك روياپقا چېقىپ بولالمىغان ئىدى. مەسىلەن:ئەيدىز ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقان گۇناھسىز نارەسىدىلەر ھەققىدىمۇ ياخشى بىر بەدىئىي ئەسەر يېزىش زۆرۈر (ئۇ پەقەت ئاخبارات ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك ئىدى). لېكىن قەلەمكەشلىرىمىز بەزىدە زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق چوڭ لېكىن مۇھىم تېمىلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچماقتا نەشرىياتلار باسمايدۇ دەپ سەۋەب كۆرسەتمەكتە . ئەگەر بۇرچ تۇيغۇسى بولسا نەچچە مىڭ قېرىندىشىمىز دىققەتتە تۇرغان تور ئەدەبىياتىنى سىناپ باقسا بولاتتىغۇ؟ بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى سىز ئىسپاتلىدىڭىز. سىزنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدىكى مىننەتسىز ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ ئەجىرىنى چوقۇم كۆرىسىز، چۈنكى ھەممە تور مەستانىلىرى سەمىمىيلىك بىلەن سىزگە ئىزگۈ نىيەتلىرىنى بىلدۇر مەكتە،ھەمدە ئاللادىن سىزگە رەھمەت تەلەپ قىلىشماقتا. ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن“. مانا بۇ ئىنكاستىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ ئەسەرنىڭ ئىجابىي تەسىرى ئىنتايىن  چوڭ.
روماندا زۆھرە ئادىلەنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرىدۇ، ئادىلەنىڭ خىزمىتىنى ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ، مالاي بولىدۇ . زۆھرەگە مۇشۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن باشقىمۇ ياخشى يول يوق ئىدى. ئادىلەنىڭ ھەرىكىتى سۆزلىرى زۆھرەگە تەسىر قىلىدۇ.”قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى“ دېگەندەك ، ئەمدىلا جۈرئەتكە كېلىپ زۆھرەگە تەلەپ قويغان سىيىت قارى زۆھرەنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يىرگىنىدۇ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ ئىماملىق قىلىش جەريانىدا، زۆھرەنى زادىلا ئۇنتۇيالمايدۇ. زۆھرە ئادىلەنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىپ قالغاندەك قىلغان بىلەن يەنىلا ئۆز قىزلىق ئىپپىتىنى ساقلاپ پاك ياشايدۇ. سىيىت قارى بىلەن بېيجىڭدا ئىككىنچى قېتىم ئۇچراشقاندا بولسا بۇ سىرىنى دادىللىق بىلەن سىيىت قارىغا ئۇقتۇرىدۇ. سىيىت قارىنىڭ مۇھەببەت ئوتلىرى لاۋۇلداپ زۆھرەگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ زۆھرە بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇشقا بەل باغلايدۇ، ئادىلەنىڭ ھىيلىسى بىلەن ئادىلەنىڭ ئۆيىدە سىيىت قارى ئۆز ئەرلىك پاكلىقىنى ساقلايدۇ. خۇددى زۆھرە قۇرئان كەرىمنى قۇلىغا ئىلىپ ، خالىددىن قۇتۇلغانغا ئوخشاش، سىيىت قارىيمۇ قۇرئان كەرىمنى قايتا كۆرۈش بىلەنلا شەھۋەت ئوتىدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بۇ جەريان خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام بىلەن زىلەيخانىڭ قىسسەسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى شەھۋەتتىن تارتىپ قىلىش ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك. ئادەمدە مۇكەممەل ئىسلامى ئېتىقاد بولمىسا ئېزىپ كېتىشى ئېنىق. سىيىت قارىنى ئۆزىنىڭ ساغلام ئېتىقادى، مۇسۇلمانلىق پاكلىقى ساقلاپ قالدى.پاكلىقنى،ۋىجدانىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەرلەرگىمۇ بېرىلگەن بۇ ساۋاقنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئويلاپ بېقىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
ئەسەردە ئەيدىز كېسەللىكى توغرىسىدىكى بايانلار ئادىلەنىڭ خىيالى ئارقىلىق بېرىلگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى، يۇقۇش يولى، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولۇپ قىلىش ۋەھىمىسى ئېنىق ئىپادىلەنگەن. مۇشۇ بايانلار ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس كېسەللىكنىڭ ئەتراپىمىزدىلا تۇرغانلىقى، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پاك تۇتۇش، زەھەردىن يىراق  تۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
خالىد ۋە ھۈسەيىن چۈشكۈنلەشكەن، راھەت پاراغەتكە بېرىلىپ ئۆزىنى بىلەلمەي يۈرگەن ئەرەبلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، خالىد ئۇچىغا چىققان پاھىشىۋاز. ئۇ ئەزەلدىن ھارام قىلىنىپ كەلگەن زىنانى گۇناھ دەپ بىلسىمۇ، پىسەنت قىلماي يۈرگەن بىر ئازغۇن. ئەنۋەر ھاجى بۇ ئادەمنى ئەسەرگە قوشۇش ئارقىلىق، ھازىرقى زاماندىكى بىر قىسىم چۈشكۈنلەشكەن ئەرەبلەرنىڭ زاۋاللىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىزدە مىللىتى ئەرەب بولسىلا بەك چوڭ بىلىدىغان ئىللەت بار. دۇنيانىڭ بەشتىن بىر نوپۇسىنى ئىگىلەيدىغان ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن دۇنيا مەدەنىيىتىگە مىسلىسىز مەدەنىيەت قوشقان كىشىلەردۇر. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى نېفىت كىرىمى، يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرى بىلەن باي بولۇپ ، راھەت پاراغەت ئىچىدە بۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيىدىغان ئەرەبلەرنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى ھەممىمىز بىلىمىز. گەرچە ئۇلارنىڭ تىلى بىر، دىنى بىر بولسىمۇ بىر گەۋدە بولالمىدى، قېرىنداشلىق بىرلىكى قۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئەلمانىسلار بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك غەرب ئەللىرى يېتىشتۈرۈپ چىققان ياكى شۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاجىز مايسىلاردۇر. مانا مۇشۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيالىيلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە قىلالمىغان يامان ئىشلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ قىلىشلىرى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ خالىد بىلەن ھۈسەيىن چۈشكۈنلەشكەن بىر قىسىم ئەرەب زىيالىيلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
  قاشتېشىنىڭ شىددەت بىلەن قېزىلىشى، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ مىليونېرغا ئايلانغانلىقى ھېچ كىمگە يات بولمىسا كېرەك. تاش سودىسى بىلەن باي بولغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ. دىيارىمىزدا قاشتېشى سودىسىلا ئەمەس، سانجى گۇچۇڭ ناھىيىسىدىن قېزىلىۋاتقان تاشقا ئايلانغان دەرەخ ( بىر مىليون بەش يۈز مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە) سودىسى بىلەن پۇل تاپقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئەتراپىمىزغا بىر نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ تاشچىلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۆز ئاكا- ئۇكىلىرى نامراتچىلىق ئىچىدە تۇرسا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ، ئەمما يولدىن چىققان قىزلار بىلەن ئاپاق- چاپاق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بايلارمۇ خېلى كۆپ. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك تاشچىلارمۇ تىجارىتىنىڭ ئېقىشى بىلەن مىليونېرغا ئايلاندى. ئاسماندىن تاسادىپىي چۈشۈپ قالغان بۇ بايلىقىنى قانداق خەجلەش، نېمىگە خەجلەش مەسىلىسى ئېنىق ئەمەس بىر قىسىم تاشچىلاردا بۇزۇلۇش ئېغىر بولماقتا.خۇسۇسەن مەن تونۇيدىغان بىرنەچچە تاش سودىگىرى بار ئىدى. ئىككى ئۈچ يىلىنىڭ مابەينىدە تاش سودىسى قىلىپ خېلى پۇل تېپىپ كۆزگە كۆرۈندى. پۇل تاپتى ئۇلار بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئاياللىرىنى قويۇۋېتىپ بالىلىرىنى يىتىم قىلدى. كىچىك سەنەملەر بىلەن مۇھەببەت قاينىمىدا مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇشۇپ كەتتى. ئۆزلىرىنى تامامەن ئۇنتۇدى. بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى خۇشاللىقى ئۇلارچە شۇ ئىش ئىدى. قارىسىڭىز ئۇلاردا پۇل، چىرايلىق ماشىنا، يېنىدا سەتەڭ، نازىنىنلار بار. ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتى پۈچەك بولۇپ، دۇنيا شەھۋىتىدىن باشقىسىغا قىزىقمايدۇ ھەم تويماس نەپسىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ ( ئەلۋەتتە ھەممىسىلا ئەمەس). ئوقۇش تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسىڭىز كۆپىنچىسى باشلانغۇچ ساۋات ياكى پۈتۈنلەي ساۋاتسىز. ئۇلاردا پۇل بار، ئەمما پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىش، قانداق ئىشلىتىشنى بىلىدىغان سەگەك كاللا يوق. يەنە بىر قىسىم تاشچىلار بار، ئۇلار پۇل تاپقان بىلەن ئۆز ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى، ئەل جامائەتنى ئۇنتۇمىدى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشى، مەسچىت قۇرۇلۇشى، يول ياساش، غەرب- مىسكىنلەرنى يوقلاش قاتارلىق ئىشلارغا پۇل خەجلىدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار نامرات بولمىدى، بەلكى خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى ۋە تېخىمۇ بەرىكەت تاپتى.  مانا بىزدىكى تاش سودىگەرلىرىنىڭ ئەھۋالى.
ئەنۋەر ھاجى تاش سودىگەرلىرىدىكى بىر قىسىم يامان ئىللەتلەرنى ئەسەرگە قىستۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پۇل تاپقان، ئەمما تاپقان پۇلىنى ھارام يولغا بۇزۇپ-چاچقان تاشچىلارنىڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇنى ئەمەلىيەتتە تاش سودىگەرلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. تاشچىلىق قىلىۋاتقان بېرەيلەنمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىنكاس قالدۇردى.  ئۇ تاشچىلار ئىچىدە ئۆزىنى تەقۋالىق بىلەن پەردازلىۋالغانلارمۇ بار بولۇپ، نەپسىنى كۆزلەپ خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىپ قويۇپ بېرىۋاتقانلىرىمۇ بار. تاھىر قارىمۇ تاشچى ئۇمۇ قاشتېشى سېتىپ باي بولغان قارى، ئۇنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگىچە. ئۇنىڭ تەپەككۇرى، گەپ-سۆزلىرى ھەممە ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. تاھىر قارى ئەسەردىكى تاشچىلارغا كۆرسىتىلگەن ئۈلگە.
ئەسەر مۇنبەر يۈزىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم تەسىرلەندى ۋە ئاپتورغا  سالامەتلىك، خۇشاللىق، ئۇتۇق تىلىدى. بۇ ئەسەر تورغا بىۋاسىتە يېزىلغاچقا بەزى كىچىك خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغانلىقى ئېنىق. ئاپتورمۇ بۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، دېمىسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز يېزىلغان بۇ ئەسەردە ئۇنداق-بۇنداق كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بۇ كەمچىلىكلەرنى ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئوڭشاشقا پۇرسەتمۇ چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تورداشلار ئالدىرىتىپ تۇرغاندا ئاپتورنىڭمۇ ئالدىرىشىنى توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك.
  ئەسەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن بۇ ئەسەرنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش توغرىلىق ئىنكاسلار ۋە ئايرىم تېما بويىچە مۇنازىرىلەر بولدى. ئاپتور ئەنۋەر ھاجى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسەرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، قالغان تەسىرات ۋە ئويلىنىشلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى، كۆپلىگەن تورداشلار بۇ پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەسەرنىڭ ئۆز جايىدا توختىغانلىقىنى، كۆڭۈللىرىنىڭ تەسكىن تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەنە بىر قىسىم تورداشلار ئاپتورغا دوستانە، سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.
ئاخىرىدا مەن ئاپتور ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت (ئەرتۈرك)نىڭ، دىيارىمدا تېخىمۇ يىلتىز تارتىپ، ئىجادىيەت مايسىلىرىنى ئۆستۈرۈپ، تورداشلارغا تېخىمۇ تەملىك، شىرىن مېۋە تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئۆزەم
[ يوللىغانErkamilتەرىپىدىن2008-04-29 19:05قايتا تەھر ]

 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-28

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+12(Ormanlik) بەك ياخشى يې ..
  • Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-28 23:28 [باش يازما]
    0991nafisa

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23634
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 224
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە224دانە
    شۆھرەت: 225 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1980 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-12
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم  Erkamil
    تولىمۇ ئەپسۇس ! مەن < دىيارىم > مۇنبىرگە كۆپ كىرەلمىگەچكە سىز دەۋەتقان بۇ < نادىر > ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالماپتىمەن.ئەگەر مۇۋاپىق بولسا، < شەبنەم > گە ئۇ ئەسەرنى يوللىغىلى بولسا، بىز بۇ يەردىكى قايناق مۇنبەردە كۆرسەك بوپتىكەن.                ( بولمىسا دىيارىمدىكى تور ئادىرسىنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز *) رەھمەت!
    [ يوللىغان0991nafisaتەرىپىدىن2008-04-29 01:02قايتا ت ]
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 00:54 1 -قەۋەت
    Erkamil

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 29697
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-12
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ شەبنەم ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر. ئەسەرنى ئۇقۇشنى خالىساڭلار تۇۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىڭلار.

    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=7283

    بۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىنى مۇنبەرگە قۇدۇرەتۇللا يوللىغان. داۋامىنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت  ئۆزى يوللىدى.
    | ۋاقتى : 2008-04-29 01:07 2 -قەۋەت
    لاچن

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28022
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 396
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە396دانە
    شۆھرەت: 397 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3910 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :608(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-19
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ بۇ ئەسەرنى دىيارىمدا كۇرۇپ ،يېرىمىغىچە ئوقوپ كىيىن ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم .
    بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ .ئەسەردىكى پىرسۇناشلارنىڭ كەچۇرمىشلىرى ئادەمنى گاھى ئەنسىرەتسە گاھى ھاياجانغا سالىدۇ .
    قىسقىسى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى سوئاللارغا جاۋاپ تاپقىلى بولىدۇ .ناھايىتى كۆپ ئشلارغا چېتىشلىق زەنجىرسىمان ۋەقە .
    مەن ئاپتورنىڭ ۋەقەلىكنى بايان قىلىش تىلىغا قول قويدۇم .
    | ۋاقتى : 2008-04-29 02:09 3 -قەۋەت
    bityon

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18806
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 900
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە900دانە
    شۆھرەت: 901 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8750 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :262(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-10
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ  بۇ  ئەسەرنىڭ  ئاخىرىغا  تەشنا بۇلۇپ  ئۇقۇپ  تۇگەتكەن  ئىدىم  .
    | ۋاقتى : 2008-04-29 02:26 4 -قەۋەت
    Ormanlik

    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 27082
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 359
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە359دانە
    شۆھرەت: 360 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3595 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :326(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-06
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ بۇ ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىققان، ئەسەر ۋەقەلىكى ئادەم جەلىپ قىلالايدۇ.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 09:29 5 -قەۋەت
    gulqikiz

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35805
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 662
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە662دانە
    شۆھرەت: 663 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 49 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :202(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-18
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن تىخى ئاخشام مۇشۇ تىمىنى ئەجەپ ياخشى يىزىپتىكەن دەپ ئويلاپ ياتقان ئىدىم .
    ئاللا نىسىپ قىلىپ بۈگۈن ئەتىگەندە تىما ئىگىسى ئەلتۈرۈك ئەپەندىنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان بۇ تىمىنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن !رەھمەت سىزگە!تىما ئىگىسى.
    Uyghurx.com
    ھەر كۇنى خۇشال ياشىساق بىر ئۆمۈر خۇشال ياشايمىز!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 09:30 6 -قەۋەت
    azap986532

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30506
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 424
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە424دانە
    شۆھرەت: 425 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 650 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-22
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ ناھايىتى ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن.مەن تۇلۇق ئۇقۇپ چىققان!
    Uyghurx.com
    ئادەمدەك ياشايلى!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 10:55 7 -قەۋەت
    IMAN0998

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36356
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 200 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-23
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەپسۇس مەن تولۇق ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم كەچۈرگەيسىلەر!
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 11:05 8 -قەۋەت
    AZADAM

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18345
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 536
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە536دانە
    شۆھرەت: 537 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5360 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :206(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-02
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    شەبنەمدىمۇ  مۇشۇنداق  قەلىپكار ئەسەرلەرىڭ كۇپلەپ  يوللىنىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن  بۇ ئەسەرنى مەنمۇ ئوقۇپ تولىمۇ ھاياجانلانغان ئىدىم  شۇنداق ئەسەرلەرگە چۇشكەن قالايمىقان ئىنكاسلار  قەتئى ھەم ۋاختىدا رەتلىنىپ تۇرىشى كېرەك  بولمىسا  ..................................................................          
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 11:11 9 -قەۋەت
    oyat

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39084
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-25
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ  ھەممىنى تەقەززالىق بىلەن ئوقۇغان، ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلغان ئەسەر !  ئاپتۇرنېڭ ئەجرىگە كوپ رەھمەت!
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 11:15 10 -قەۋەت
    imran1979

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22889
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە407دانە
    شۆھرەت: 455 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4011 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :124(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-29
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    دىيارىمدىكى قۇدرەتۇللا بۇ تېمىنىڭ ئاپتورى ئەركامىل ئەپەندى ئىكەندە.ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى ئەينەن خۇلاسىلەپسىز،ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
    مېنىڭ <زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز>دىگەن ئەسەرگە يازغان ئىنكاسىم ئوچۇرۇلۇشتىن ئامان قاپتىكەن،شۇڭا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس سۇپىتىدە يوللاپ قويدۇم:
    <ئۇچ كۇن بوپتۇ،كۇندە مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم،ئۇگەندىم.
    تۇرمىدىن قېچىش فىلىمىدىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسەر نۇرمۇھەممەت ياسىن ئوركىشىنىڭ <ئانا،بىز مەڭگۇ ئەپسۇسلىنىمىز>دىگەن ماقالىسى ئىدى،ئەمدى ئەنۋەر ھاجى ئەرتۇركنىڭ بۇ ئەسىرى قوشۇلدى.
    ئەسەردىكى چىنلىق،ھىسسىيات،پىسخىك تەسۋىرنىڭ بەدىئىيلىكى،ئىسلام قىممەت قارىشىنىڭ سىيىت قارى،تاھىر قارى ئوبرازى ئارقىلىق ئەسەرگە باشتىن ئاخىر سىڭدۇرۇلگەنلىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپلەر بولدى.
    ئەسەردىكى نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر <بولۇپمۇ تاھىر قارىنىڭ پىكىرلىرى،سىيىت قارىنىڭ ،زوھرەنىڭ ھىسسىيات ئالدىدا شەيتانغا باش ئەگمىگەن ھالىتى> ماڭا بۇنداق چوڭ ئىشتا يەنىلا ھەقىقى ئەقىدىنىڭ،توغرا دۇنيا قاراش،قىممەت قارىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى قايتىدىن تونۇتقاندەك بولدى.
    ئاللاھ مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئېزىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي!
    ئەرتۇرك ئەپەندىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ياخشى،تەنلىرى سالامەت بولغاي! >
    Uyghurx.com
    قەيسەر يۇرەك .
    | ۋاقتى : 2008-04-29 11:25 11 -قەۋەت
    utyurak1

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39079
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-25
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن ئىككى ئايدەك ئولتۇرۇپ ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 13:01 12 -قەۋەت
    ahtorna0999

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23965
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 523
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە523دانە
    شۆھرەت: 554 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5075 سوم
    تۆھپە: 55 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-19
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ  ھەممىنى تەقەززالىق بىلەن ئوقۇغان، ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلغان ئەسەر !  ئاپتۇرنېڭ ئەجرىگە كوپ رەھمەت!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 13:13 13 -قەۋەت
    aliali

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15550
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 987
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە987دانە
    شۆھرەت: 1013 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9870 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1200(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-10
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ  ئەسەر  دوسلارغا    تەۋسە  قىلىشقا  ئەرزىگۈدەك  ئەسەر   
    | ۋاقتى : 2008-04-29 14:33 14 -قەۋەت
    yusain

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36479
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 125
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە125دانە
    شۆھرەت: 126 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1255 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-24
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن كىرىپ ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك  
    خەق دىسە دەۋەرسۇن مىنېڭ نىمە كارىم!!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 15:07 15 -قەۋەت
    akillar

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 18745
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-09
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭلار:
    http://www.akillar.com/bbs/viewthread.php?tid=4146
    | ۋاقتى : 2008-04-29 15:34 16 -قەۋەت
    hilale
    ئايسىز كۈنلەر..

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9504
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 413
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە413دانە
    شۆھرەت: 481 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3757 سوم
    تۆھپە: 72 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-30
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ تەخمىنەن يېرىمىغا كەلدىمغۇ دەيمەن،داۋامىنى كۆرۈپ بولغاندا ئىنكاسنى بىراقلا يازاي،مەن ئورۇن ئېلىپ قويدۇم.
    Uyghurx.com
    بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار...

    بىلوگىمغا مەرھەمەت!

    | ۋاقتى : 2008-04-29 18:49 17 -قەۋەت
    xirinqux1220

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 378
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە378دانە
    شۆھرەت: 379 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 195 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :643(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-01
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئىشقىلىپ بۇ ئەسەرگە گەپ كەتمەيدۇ  مەن  خۇددى كۆپ قىسىملىق كىنو كۆرۋاتقاندەك  كۆپ قىسىملىق كىنو لارنى 2 قىسىم بىرىپ ئەتىسى كىيىنكى قىسىملىرنىڭ بەرگىچە ئادەم تەققازا بولغانغا ئوخشاش ئەسەرنىڭ ئاخىرنى يوللاپ بولغىچە دىيارىم مۇنبىرگە باشقا ۋاقىتتكىدىن نەچچە قىتىم ئارتۇق قاتنىدىم دىسە كۆرمىگەنلار كۆرۇپ بىقڭلار بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن بۇ.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 19:54 18 -قەۋەت
    akida0999

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36395
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە34دانە
    شۆھرەت: 35 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-23
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ بۇ ئەسەرنى دىيارىم مۇنبىرىدە كۈندە دىگۈدەك  ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى  ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ

    پۈتتۈردۈم .تورغا كىرگەندىن بۇيانقى  ئوقۇغان تۇنجى ئەسىرىم دىسەممۇ خاتالاشمايمەن .

    ئەسەر يازغۇچىسى ئەنۋەر ھاجىم ئەپەندىگە ھەقىقەتەن قايىلمەن!  شۇنداقلا  قەلەم  قۇۋۋىتىگە  بەركەت تىلەش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن

    تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بىلەن بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بىيىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!  ئاخىرىدا تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن...
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:52 19 -قەۋەت


     

    Time now is:04-30 00:04, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation