| |||||||||
tulpar-yurti | مۇشۇمۇ ئىنكاس بۇلدىمۇ ؟بۈگۈن شەبنەم مۇنبىرىنى ئىچىپ دەسلەپ كۆرگەن تىمام بۇ تىما بۇلۇپتۇ
./read.php?tid-53806.html مەن تىما مەزمۇنىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئادىتىم بۇيىچە تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقىپ (17-قەۋەتكىچە ئوقۇدۇم)ھەيران قالدىم . چۈنكى بۇ ئىنكاسلارنىڭ ھەممسى قىلىپتا قۇيۇپ قۇيغاندەك بىر جۈملە سۆزگە مەركەزلەشكەن ئىدى ،يەنى ياخشى يىزىپسىز ،رەھمەت مانا مۇشۇ مەزمۇندىن ھالقىپ كىتەلمىگەن ئىدى . يىقىندىن بۇيان ئەرىكزات ئەپەندىم قاتارلىق يۇلباشچىلىرىمىز ناچار تىما ،ناچار ئىنكاسلارنى تازىلاش ،رەتكە سىلىشنى تۇختىماي مۇراجىئەت قىلىۋا تىدۇ ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەزىز تۇرداشلىرىم يەنە كۇنا سەنەمگە دەسسىسەك ، تىما مەزمۇنى ئۈستىدەتەھلىل يۈرگۈزمەي ،خۇددى ئاپتۇرنى مەدھىلەش بىزگە پەرىزدەك تىپىۋالغان ،يارايسىز ، تىرىشىڭ ،ياخشى يىزىپسىز دىگەن سۆزلەر بىلەن ئۆز پىكرىمىزنى بايان قىلساق سىلەرچە بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ ئەزىز تۇرداشلىرىم سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ھەربىر يازغان يازماڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدىغىنى بىلمەمسىلەر ياكى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ ؟ ياكى تىما ئاپتۇرى ئىچى پۇشۇپ بىكارچىلىقتىن تىمىنى مۇنبەرگە يۇللىغانمىدۇ؟ قىنى يۇقارقى تىمىغا چۈشكەن 17 ئىنكاسنى كۆرۈپ بىقىڭ : قايسى ئىنكاس سىزگە يارايدىكىن ؟ گەپنىڭ قىسقىسى: ئەزىز شەبنەمپەرۋەرلەر ئىنكاس يىزىش مەجبۇريەت ئەمەس ،بەلكى چىن كۆڭۈلدىن چىقىرىپ ھەققانى ئىنكاس يىزىش بىزدىكى مەسئۇليەت ، شۇڭا ئىنكاسىنى ئىنكاستەك يازايلى ،يازغان ئىنكاسىمىزدىن ئۆزىمىزمۇ ،تىما ئاپتۇرىمۇ ،تۇرداشلارمۇ رازىمەنلىك ھىس قىلسۇن. بۇھەقتە تۇلا تۇختۇلۇپ كۆپۈنچۈڭلارنىڭ كۆزىگە سەتمۇ كۆرۈنۈپ كەتتىم ،لىكىن دۇسىت ئاغرىتىپ ئىيتار ،دۈشمەن كۆلدۈرۈپ دىگەندەك خاتالىقنى بايقىغان ئىكەنمىز ۋاختىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇش مىنىڭچە چاكىنىلىق ئەمەس. [ يوللىغانtulpar-yurtiتەرىپىدىن2008-04-28 23:35قايتا ] ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-28
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
karahanix دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنڭ يارايسىز دىگنىم راىست
باشقا گەپ تپالمىدىم بىر مۇنچە ئەجىر قىپ يازغان تىمىسىغا ئىنكاس يازمىغاندىن يىزىپ قۇيسا ئارتۇق كەتمەس | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | ئۇنداقلارنى ئاياپ ئولتۇرماي يىزىشنى چەكلىۋەتسىلا بولىدۇ... ئۇنداقلارنىڭ مۇنبەردە بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى !!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Nim-jan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ دىققەت قىلدىم ، كۆپىنچە تېمىلارغا يېزىلغان ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى، تۇنجى قېتىم يېزىلغان ئىنكاسنىڭ مەزمۇننى بويلاپ ماڭىدىكەن. تۇنجى ئىنكاس يازغان ئادەم <<ئاق>> دەپ يازسا ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىنكاسلار ئاساسەن شۇ ئاقنى بويلاپ ماڭىدىكەن. قارا دەپ يازسا شۇ قارىنى بويلاپ ماڭىدىكەن؟
بىر تكردىكىنى شاتۇتقا، يەنە بىرسىنى مايمۇنغا ئۇخشاتساق چۇقۇم ئارتۇق كەتمەيدۇ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
dilnor دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توغرا دەيسىز. ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىيەت ئەمەس. ئىنكاس يازغۇچىلار بولسا تىما يوللىغۇچىغا ۋە يوللىغان تىمسىغا بولغان پىكىرلىرنى ئەركىن ئوتتورغا قويسا. «ياخشى يېزىپىسز، ئاپىرىن، ياخشى يېزىلىپتۇ ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي »دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازمىسىكەن دەيمەن. مۇنبەرداشلارا قانداق قارايدىكىن،
[ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-04-29 01:22قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sumrugh دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاشۇ تېمىدىكى ھەممە ئىنكاس ئۆچۈرۈلۈشكە تېگىشلىك ئەخلەت ئىنكاسلاركەن، مېنىڭچە شۇ تېمىگە ئىنكاس يازغانلاردىن تېمىنى ئەستايىدىل چۇشىنىپ ئوقۇغانلار يوق دىيەرلىك...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaklidiM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەمسە (رەھمەت ، ياخشى يوللاپسىز ) دېگەن ئادەتتىكى ئىنكاسلارنى يېزىش ئەركىنلىكى بولمىسا بۇ مۇنبەرگە كىرمىگىنىلا ياخشى ئەمەسمۇ.
مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز بەكلا ئارتۇقچە! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar-yurti | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىSaklidiMنىڭ2008-04-28 23:15يوللىغان : سىزدىن سۇراپ باقاي : سىز نىمە ئۈچۈن مۇنبەرگە كىرىسىز ؟ ھەرقانچە بۇلسىمۇ قۇرۇق ئىنكاس يىزىش ئۈچۈن كىرمەسسىز ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:قايسى ئىنكاس سىزگە يارايدۇ؟سىزنىڭ دىگىنىڭىز توغرا
ئەمما بىزنىڭمۇ خاتا ئەمەس. ھەر بىر تېمىنى كۆرۈپ قويۇپلا چىقىپ كەتكەندىن ،ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە رەخمەت بولسىمۇ دەپ قويغان ياخشى. شۇنچە كۆپ ئوقۇلۇش قېتىم سانى بولغاندىكىن بۇنچىلىك ئىنكاسنىڭ (رەخمەت، تىرىشىڭ ،ھارمىغايسىز ...)چۈشىشى مىنىڭچە نورمال ئەھۋال.بۇ ھەمدە ئاپتورلار ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدىكى قانائەتلىك جاۋاپ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
tulpar-yurti | Re:Re:قايسى ئىنكاس سىزگە يارايدۇ؟Quote:بۇ يازما8قەۋەتتىكى0991sumruhنىڭ2008-04-28 23:38يوللىغان Re:قايسى ئىنكاس سىزگە يارايدۇ؟ : مىنىڭچە كۆپ ساندىكى تىما ئاپتۇرلىرى يۇقارقىدەك رەھمەت ،يارايسىز ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى تۇرداشلارنىڭ مەزكۇر تىمىسىغا تەنقىدى تەكلىپ پىكىر بىرىشنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
tarim_guzli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:قايسى ئىنكاس سىزگە يارايدۇ؟مېنىڭچە بۇنداق قېلىپقا چۈشۋالغان بىر ئككى ئېغىز ئىنكاس سۆزلەر مۇنازىرە مۇنبىرى دىگەن سۆزنىڭ ئناۋتىنى تۈكۈپ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋىتدۇ . مۇنازىرە دىگەن مۇنداق بۇلۇدۇ سۆزلەر ئۆتكۈر ئۇرۇنلۇق كەسكىن بۇلسا مۇشۇ مۇنازىرلەرنى قوزغۇغانلارنى شەبنەمە تەكلىپ قىلساق بىر ئككى ئېغىز ئىنكاس يېزىپ كۇنۇپ كەتكەنلەرگە ساۋاق بولاركەن . مۇنازىرە دىگەن مۇنداق بولۇدۇ
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=2370 | ||||
---|---|---|---|---|---|
爱情条件 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سىز مىنىڭچە بەكلا ئارتۇقچە .ويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yalkun | شەبنەم مۇنبىرىدىكى تورداشلار، tulpar-yurti ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بۇ ھەقتە خېلى كۆپ تېمىلار ئېلان قىلىندى. تېخى يېقىندىلا ئەرك-زات ئەپەندىممۇ مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە تېما يوللاپ شەبنەم ئەپەندىمنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدىغۇ؟
بۇ مۇنبەر بىزنىڭ ئىشخانىلىرىمىزدىكى تار دائىرىلىك تور ئەمەس بەلكى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن تور. شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئوقۇغان تېمىغا قارىتا ئىنكاس يازغاندا ئەستايىدىلراق پوزىتسىيەدە يازساق. ئىنكاس يېزىشقا ئامالسىز ئەمما تېما ئىگىسىنى بەك ماختىغۇمىز كېلىپ كەتسە ھەممەيلەن شەبنەم ئەپەندىگە ئوچۇق خەت يازايلى، ئىنتىل سايناسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ تېما ئاستىغا مۇكاپاتلاش كۆزنىكىدىن بىرنى قۇرسۇن شۇنى چېكىپلا مۇكاپاتنى بېرىۋېتىپ ئارام تاپايلى....... | ||||
---|---|---|---|---|---|
musallas | تۇلپار يۇرتى سەزگۇرلىگىڭىزگە قايىل بولدۇم ،ھەممە ئەزا سىزدەك مەسۇليەتچان سەزگۇر بولغان بولسا ،مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئىللەتلەرنى تۇپتىن تۇگۇتۇپ ، شەبنەم مۇنبىرىنىڭ جەلىپكارلىغىنى يەنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بۇلاتتى . قارىمامسىز بەزىلەرگە..... ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانا دىگەندەك سۆزلەپ كەتكىنىنى ،دادىل پىكىر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر ،...شەبنەم سىزدەك مەسۇليەتچان ئەزالار قانچە كۆپەيسە ، شۇنچە گۇللەپ ياشنايدۇ .....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دىل دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممىلا ئادەمنى ئالاھىدە ئىقدىدارلىق دەپ ئويلامسىز ؟ مىنىڭچە ھەممىلا ئادەمنىڭ سىزئويلىغاندەك ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ،شۇنداقلا ئۇنداق ئىنكاسلارنىڭ چۈشۈشىمۇ تەبىئىي ئەھۋالدۇر .مەدىنيەت ساپاسى بويىچە سۈرۈشتۇرگەندە شەبنەمدە زىيالىلارمۇ ،بالىلارمۇ ،دىققانلارمۇ ،ئىشچىلارمۇ ،،ئىشقىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەربىر قاتلىمىدىن نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز بار. شۇڭا تىمىلارغا مۇشۇنداق ئىنكاسلارنىڭ چۈشۈشى نورمال ئەھۋالدۇر. بەلكىم بۇنىڭ ئىچىدە كۆمپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تىخى خەت ئۇرۇشنى ئەمدىلا ئۈگىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزمۇ بولۇشى مومكىن ئۇلارنى سىنىڭ ئنكاسىڭ ئۇنداقكەن -مۇنداقكەن دەپ بىر تىپىك بىلەنلا يوققا چىقارساق بولماس ؟ ياكى مەن خاتا ئويلاپ قالدىممۇ ،بىلمىدىم بىراق بۇ يوقارقى پىكىر ماڭا قەتئىي ياقمىدى .چۈنكى سىز كۆرسەتكەن تىمىدىكى دەل 17-نومۇرلۇق ئىنكاس يازغۇچى مەن ئىدىم .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yalkun | Quote:بۇ يازما14قەۋەتتىكىدىلنىڭ2008-04-29 00:17يوللىغان : دىل خانىم سىز تۇلپار يۇرتى ئەپەندىمنىڭ تېمىسىنى تەپسىلى ئوقىدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ئالدىنقى تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىزنىمۇ كۆردۈم، ئىنكاسنى ياخشى يېزىپسىز. تۇلپار يۇرتى ئەپەندىم بۇ تېمىدا 17-نومۇرلۇق ئىنكاسنى كۆرۈپ بېقىڭلار دەپتىمۇ، ياكى 17ئىنكاسنى كۆرۈپ بېقىڭلار دەپتىمۇ؟ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغانلا بولسىڭىز بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى ئاسانلا بايقىيالايسىزغۇ دەيمەن؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
musallas | دىل خانىم ، بۇ نۇقۇل سىزگىلا قارتىلغان تىما بولمىسا كىرەك ، شەبنەمدە گۇلزارلىققا تىزەكلەيدىغان بىر قىسىم ئەزالار ھەقىقەتەن بار . تۇلپار يۇرتى مۇشۇ ئىشنى تۇزۇتۇشنى مەخسەت قىلىپ ، بۇ تىمىنى چىقارغان ، بولسا ھەممەيلەن دىققەت قىلساق ،ھەممە ئىشنى ئۇزۇمىزدىن باشلىساق ياخشى ئەمەسمۇ ......
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Golden دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | tulpar-yurti ئەپەندى ئىچىڭىز پۇشۇپتۇدە ئاخىر ، دىمىسىمۇ بۇنداق ئىنكاسلار كۆپرەك بولۇپ كەتسە سەل نورمالسىزلىق،ئەسلىدە مېنىڭ قارىشىمچە،مەلۇم بىر تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ 20%مۇشۇ تۈردىكى ئىنكاسلارنىڭ يۇقۇرى چېكى بولسا ئەقىلگە سىغىدىغان دەرىجىدە بولىشى مۈمكىن ئىدى،لېكىن يۇقۇرىدىكى تورداش دىگەندەك بۇ مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ھەرساھە- ھەركەسپتىن ...ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى كۈندىن كۈنگە يۇقۇرىغا ئىلگىرىلەش باسقۇچىدا،شۇڭا 50%دەرىجىسىدىمۇ سۈكۈت قىلىساق ئېشىپ كەتمەس،قانداقلا بولمىسۇن باشقا تېخىمۇ ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىدىن ياخشىراق.
ئەمدى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شەخسەن ئۆزەم«ياخشى»دەپ ئويلىغان بىردىنبىر ئاكتىپ تەرىپى،ئاپتور،تېما ئىگىسى تەرىپىدىن ئەجىر قىلىپ يوللانغان تېمىنىڭ مۇنبەردە چاقماقتەك تېزلىكتە چۆكۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەلۇم ئەھمىيەتلىك تەرىپىمۇ بارمىكىن،بۇ جەھەت مەلۇم دەرىجىدە تېما يوللىغۇچى تورداشقا ئاز-تولا ئىلھام-مەدەت بولىدۇ. لېكىن مۇنبەردە شۇنداق ئايرىم تورداشلار باركى ،مەخسۇس مۇشۇ ئەھمىيەتسىز ئىنكاس يېزىشنى كەسپ قىلىۋالغاندەكلا،شۇڭا ئىچىمىز پۇشسا مۇشۇ تۈردىكى ئاز قىسىم تورداشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى يېزىشتىن چەكلىسىمۇ بولىدۇ. قېنى باشقا تورداشلارنىڭ يەنە قانداق پىكىرلىرى باركىن،ئاخىرىغىچە كۆرۈپ باقاي | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
يالغۇز دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىر-بىرىنى دوراپ يېزىۋەرسە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تىمىنى تولۇق كۆرمەي يازغۇچىلىق تالانتىڭىز باركەنوي.................دەپ ماختاۋەرسە بولاتتىمۇ ؟سىز يوللىغۇچىنى ماختاۋاتامسىزيا ئەسلى ئاپتورنىمۇ ؟ توۋا...............،نىمبوپكەتتى بۇجاھان مۇنچىلىك گەپنىمۇ مۇنبەردە دىگىلى بولمامدا ؟ tulpar-yurti ئەپەندىم مۇنبەرنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن سۆزلەۋاتىغۇ ئاخىر ؟ ئۇنىڭ دىگىنى خاتامىدى؟ خىجىل بولماقتا يوق يەنە ئۆزىمىزنى ئاقلاپ نىمە قىلىمز؟ خۇددى شۇنداق پۈچەك ئىنكاس يېزىشقا ھەققىمىز باردەك.....................دىقەت قىلساق بولمىدىمۇ ؟
[ يوللىغانيالغۇزتەرىپىدىن2008-04-29 00:56قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qinay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قېرىنداشلار بەزى تىمىلارغا يېزىلغان ئىنكاستىن يېزىلمىغىنى ياخشىراق ،كۆرۇپ قويۇپ چىقكەتسىمۇ
بولىۋېردۇ ، ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ كۆردىغىنى تىمىغا بىرىلگەن ئىنكاس ، ئوي -پىكىر تەلەپلەر ...ۋە شۇنىڭدەك مۇنازىرە ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى ئىجابى ۋە سەلبى ئوبرازلارنى تەنقىتلەش ياكى ياخشى باھا بېرىش ....ئوزمىزگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئايرىپ چىقىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ئىتپاقلىقنى بارلىققا كەلتۇرۇش ....... بەزەنلەر بۇ يەرنى ئوزنىڭ چاخ-چاخ قىلىش مەيدانى قىلۋاپتۇ .... بۇ يەر بىر مەۋھۇم دۇنيا !! بىر مەكتەپ !! بۇنىڭدىن كېيىن ئېنكاس يېزىشقا خوش ياقمايدىغانلارنىڭ مۇنبەرنى ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۇمۇت قىلمەن ؛بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز ئەپەندىم ؛ | ||||
---|---|---|---|---|---|