| |||||||||
kuktulpar بابۇرىم | (3) كۇڭزى شەھىرىدىن خەۋەرئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر! مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشمىگىلى 1ئايغا يېقىن بوپتۇ. چۈنكى مېنىڭ كۇڭزى شەھىرىدىكى ئوقۇشۇم ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتالمىدىم. ئەپۇ قىلغايسىلەر. بۈگۈن 4-ئاينىڭ 28-كۈنى دۈشەنبە بۇيەرگە كەلگەن 3ئاي ۋاقىتتىندىن بىرى تۇنجى قېتىم جۇڭگۇ چۈفۇ «كۇڭزى» ساياھەت سودا بازىرىنىڭ شىنجاڭ سودا شەھەرچىسىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ داغدۇغىلىق ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. جۈملىدىن ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى داڭلىق خورمىزار تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنلىرى چۈفۇ «كۇڭزى» ساياھەت سودا بازىرىنىڭ شىنجاڭ شەھەرچىسىگە كېلىپ، 1ئاي ئىچىدە 500كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئورۇننى ئىگەللەپ، تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ خورمىزار ئالاھىدە تائاملىرى» ناملىق ئاشخانىنى ئېچىپ، بۈگۈن بۇيەردە شىنجاڭ تائاملىرىنىڭ پۇراقلىرىنى چاچتى. بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە داڭلىق پولولىرى، تونۇر كاۋىپى، لەغمەن، ئۇيغۇر نانلىرى، زىخ كاۋاپ... قاتارلىق بىر يۈرۈش شىنجاڭ تائاملىرىنى چىقىرىپ، بۇيەردىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. خورمىزار تائاملىرى تەملىك، مېززىلىك، كۆركەملىكى بىلەن بۇيەردىكى خېرىدارلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئاشخانىغا چۈفۇ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەسئۇللىرى كېلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاشخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى پۈتۈن چۈفۇ خەلقىگە، سايا ھەتچىلەرگە تەشۋىق قىلىشىنى ئۇختۇردى ھەمدە شىنجاڭدىن چۈفۇ «كۇڭزى» ساياھەت بازىرىغا كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ بۇيەرگە ئەكەلگەن مەھسۇلاتلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى، گۈزەل سەنئەت مەدەنىيىتى، قاشتېشى سەنئىتى، ئالاھىدە قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى، يېڭىسار پىچاقلىرى ۋە ماي بوياق رەسىم ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ئېچىلىۋاتقان دۇكاندارلارغا ئالاھىدە روھىي ئىلھام بەردى ھەم ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە نەق مەيدان كۆرۈنىشىدىن خاتىرىلەر:
«خورمىزار ئالاھىدە تائاملىرى» رېستۇرانىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى نەق مەيداندىن خەۋەر خورمىزار رېستۇرانىغا تاماق يېگىلى كەلگەن تىجارەتچىلەر شىنجاڭ ساياھەت شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى ئەركىنجان بىلەن خورمىزار ئالاھىدە تائاملىرى رېستۇرانىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە خورمىزار رېستۇرانىنىڭ ئاشپەز ۋە مۇلازىم خادىملىرى تونۇر كاۋاپ تەييارلانماقتا تونۇر كاۋاپ خېرىدارلار خېرىدارلار داڭلىق خورمىزار ئالاھىدە پولۇسى نان كاۋاپخانىنىڭ ئالدى ناۋاي گۈزەل سەنئەت ماي بوياق رەسىملەر دورا - دەرمەك تىجارەت دۇكىنى ئاخىرقى كۆرۈنۈش داۋامىنى ئەتە يوللايمەن. http://www.kuktulpar.com/bbs | ||||
---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياشا مىللىتىم !تۇنۇت ئۆزۇڭنى !ھەيران قالسۇن بىزنىڭ تاماق مەدىنىيىتىمىزگە !!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN شېئىر ھەۋەسكارى دەرىجىسى :تېما چولپىنى | قاراڭلار بۇ شۇمنىڭ يامانلىقىنى ، ، ، ھە ، ئىنى . . سالامەتمۇ ، ، ئۇزۇن بوپتۇ مۇڭداشمىغىلى ، ، ، يوللانماڭمۇ توختاپقالغانىدى ، ، ئەسلى مۇنۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈپسەندە . .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
karahanix دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەڭ كەينىدكى سۇرەتتىكى ئۇيغۇر ئىنىمىز كىمۇ سىزمۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOSS010 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشى بوپتۇ . چۈفۇ دىگەن قايسى شەھەر ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
爱情条件 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ سىزمۇ يا ؟؟؟؟؟؟ شۇنى دەيمەن بەكلا ھەيرانلا قالدىم ...كەچۇرۇڭ !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yadikar618 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تىما يوللىغۇچى كۆكتۇلپارشۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN شېئىر ھەۋەسكارى دەرىجىسى :تېما چولپىنى | كىم بولاتتى . . مۇنبەرنىڭ ئەڭ شاش كىچىك ئىنىمىز شۇ ، ، قولى چاققان ، زېرەك ، ھۇشيار ، ،تۇلپار ئىنىمىز شۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
azim515 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خۇدايىم بۇيرۇسا يەكشەنبە كۇنى ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ كىلىمەن...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bityon | ئۇيغۇر ئاشخانسى چۇقۇم رۇناق تاپىدۇ ئىچكىرىدە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amanbay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تىجارىتى چوقۇم رۇناق تاپىدۇ، تۇتقان يولى توغرا بولسىلا.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|