UYGURIYA23 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى ![](./9.gif)
UID نۇمۇرى : 23498 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 198
ئۇنۋان:3 دەرىجە
شۆھرەت: 199 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 1980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-10 ئاخىرقى :2008-04-29 | ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن ( ئۇيغۇرىيە )
ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن ئاپتورى : ئۇيغۇرىيە ئۈمىدلىك بول دوستۇم ھەر ۋاقىت ، غەم ، تەشۋىشنى تېزدىن سەن ئۇنۇت . ئۈمىدسىزلىك گوياكى قۇرۇت ، ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن .
ئۈمىد بېرەر ساڭا زور مەدەت ، ئۈمىد بىلەن يېتىشتۈر قۇۋۋەت . ئۈمىد بىلەن تاپقىن جاسارەت ، ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن .
قۇرۇق خىيال دۈشمەندۇر ساڭا ، بىلسەڭ خىيال ئەسقاتماس ئاڭا . تىرىشقىن سەن ، ئاتلانغىن شۇڭا ، ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن .
تىرىشقانلار تاغ - داۋان ئاشار ، تاشلارغىمۇ يەنە مىخ قاقار . تىرشساڭلا مەڭگۈ « تاڭ » ئاتار ، ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن .
ۋىسال ئۈچۈن تىرىشقىن دائىم ، بەندىسىنى يۆلەر خۇدايىم . تىرىشساڭلا بولارسەن ئالىم ، ئۈمىد ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن .
2008 - يىلى 27 - ئاپرىل يېزىلدى .
مەيلى كىملا بولۇڭ ، ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز خالىغانچە كۆچۈرمەڭ ! بۇ مېنىڭ قان - تەرىم !
___ باشقۇرغۇچى : nuri0996 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-28 |