كەل ئامرىقىم...
قارا-قارا كۆزلىرىڭنى سېغىندىم گۈلۈم ،
ھەر بېقىشىڭ ئەيلەر ئىدى مىڭ بىر لاتاپەت .
قارا-قاراچاچلىرىڭنى سېغىندىم گۈلۈم ،
جاننى يانغا قويغۇزاتتى پەرى قىياپەت.
شېرىن -شېرىن سۆزلىرىڭنى سېغىندىم گۈلۈم ،
گۈلسۇرۇختەك لەۋلىرىڭدىن دۇرلار تۆكەتتىڭ .
ئانار-ئانار يۈزلىرىڭنى سېغىندىم گۈلۈم ،
ھەر ئاتلانسام مەنزىلگە ، مۇڭ ئويغا چۆكەتتىڭ .
بۈگۈن مانا ھەممە جايدا تەنھامەن ئۆزۈم ،
ماڭسام سەيلە ئىشرىتىدە كەچمىشنى ئەسلەپ.
كەل ئامرىقىم،يېقىۋالاي يۈزۈڭگەيۈزۈم ،
ئارمانىغا يەتسۇن ئەمدى تۇنجى مۇھەببەت!