ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم ئارمان ! سىلەرگە ئارسلاندىن ئوتلۇق سالام ! مەن بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرغۇن ئارمانلارنى قەلبىمگە پۈكۈپ، بۇ ئالى بىلىم يۇرتىغا بىلىم تەشنالىقىدا كەلگەن ئىدىم . بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىم بولماي ، نۇغۇن غايىلىرىم ئارمان پېتى قالدى .ئىقسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يىڭىش ئۈچۈن مەن بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۈگەنسەم . يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىدىكىلارنىڭ ئىقسادى بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشتىم . بىراق شۇنچە تىرىشساممۇ يەنىلا ئىقسادى جەھەتتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولماي كەلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ ، مەكتىپىمغا بىر دۇكان ئېچىش قارارىغا كەلدىم . بىراق بۇ ئىش بۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغاندەك تۇرىدۇ . دۇكان ئىچىش ئۈچۈن زور مەبلەخ ۋە بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدىكەن . مەبلەغ مەسىلىسىنىغۇ بىر ئامال قىلارمەن . بىراق مەكتەپتىن دۇكان ئىجارە ئېلىش تەسكەن . بۇ نىڭغا قارىتا مەن مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنماقچى بولىۋاتىمەن . ئەگەر دە مەكتەپ تەستىقلىماي قالسا ، بۇ غايەم يەنە ئارمان پېتى قالغۇدەك ! مەن ئەسلىدە مەكتەپكە ئىككىنجى قول كىتاپلار نى ساتىدىغان بىر دۇكان قۇرماقچى ئىدىم . لىكىن يەر بولمىسا مەن كىتاپلارنى نەدە ساتىمەن . يايمىچىلىققا تېخى يول يوق ! شۇڭا ئارماندىن ئۆتىنىدىغىنىم مەن مەكتەپدىن كىچىكرەك بىر دۇكان ئالسام ، ئەگەر بۇ يەرنى مەكتەپ تەستىقلىماي قالسا ، ئارمان شىركىتى نامدا ماڭا ئېلىپ بەرسىمىكىن دىگەن ئۈمۈتتە ! ئالالىسام تىخى ياخشى ، ئەگەر ئالالمىسام بۇ كىچىككىنە يەرنى ئارمان نامدا ماڭا ئىلىشىپ بەرسە دەپ ئويلاۋاتىمەن .ئەلۋەتتە بۇ دۇكانلارنى ئالغاندىن كىيىن ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىمۇ كىرگۈزىمەن . ھەم ئارمانغا ۋاكالەتچى بولۇپ ساتىمەن . بۇ بىر جەھەتتىن مىنىڭ ئىقسادى مەسىلەمنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپدە ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلار يوق بولۇشتەك . تارىخقا خاتىمە بەرگىلى بولاتتى . شۇڭا بۇ ئۆتىنىشىمغا ئارماندىكىلەر قانداق قارايدىكىن بىر مەسلىھەت بەرسە ! ئەسلىدە بۇ گەپلەرنى بۇنداق ئوچۇقلا تورغا چىقىرىپ يۈرگۈم يوق ئىدى. لىكىن سىلەرنى قانداق ئىزدەپ تېپىشنى بىلمەي ئوچۇق خەت سۈپىتىدە تورغا يازدىم . بۇنىڭ بىلەن دىققىتىڭلارنى ئازراق بولسىمۇ تارتالىسام دەپ ئويلايمەن . ھەم بۇنداق يازغاندا تورداشلارنىڭمۇ بىلگەن ئاڭلىغانلىرىدىن ئازراق ئىشنىڭ يولىنى بىلىۋالساممۇ ئەجەپ ئەمەس ! لىكىن مەن بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايمەن . بىر ئىشقا نىيەت قىلغان ئىكەنمەن چۇقۇم بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ھەم قىلىمەن .
ئەگەر ئارمان مەن بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشنى ئۈمۈت قىلسا خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمەن .
مەكتىپىمنىڭ ئىسمى ۋە باشقا كونكىرىت مەسىللەرنى بۇيەردە ئوتتۇرغا قويۇشنى لايىق تاپمىدىم . لىكىن پوچتا يوللانمامنىڭ ئادىرىسى ۋە تېلىغۇن نۇمۇرىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم . ئۆتىنىشىمنى لايىق كۆرسەڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن !
Email:
arslan107@163.com Tel : 13659918522