~sumayya~
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-19
|
ئائىلىڭىزدىكىلەر ئاغرىپ
ئائىلىڭىزدىكىلەر ئاغرىپ قالغاندا ، چوقۇم يېنىدا ھەمراھ بولۇڭ
ياخشى ئايال ، مېھرىبان ئانا دېگىنىمىز ،ئېرىنىڭ ئالدىدا ياخشى خوتۇن ،بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ياخشى ئانا ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا جاپاغا چىدايدىغان ئۆكۈز دېگەندىن ئىبارەت. ئائىلىڭىزدىكىلەر تەسللىگە موھتاج بولغاندا ،ئۇلارنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ ، دورا ئىچكۈزۈڭ ،قايناق سۇ بېرىڭ ، بېشىغا لۆڭگە قويۇڭ ، شورپا سېلىپ بېرىڭ ، بەدەنلىرىنى سىيلاپ قويۇڭ ،ئاغرىۋاتقان يەرلىرىنى ئۇۋلاپ قويۇڭ ، ھەرگىز تاپا -تەنە قىلماڭ ،ھاياتلىق ئەسلىدىنلا غەمخورلۇق ئىچىدىلا ئاندىن چوڭقۇر بەختكە ئېرىشەلەيدۇ . زامانىۋى جەمئىيەت ھەممىلا ئادەمنى ،بولۇپمۇ شەھەر ئاياللىرىنى پۇت -قولىنى يەرگە تەگمەس قىلىۋەتتى .ئالدىراشلىقتا ھەتتا بىر -بىرسىنىڭ چىرايىغا ئۇزاقراق <<قارايدىغان >> ۋاقىتمۇ يوق بولۇپ قالدى ، شۇڭا خۇدا ئىنسانلارنى بىر -بىرىگە بولغان مېھرى -مۇھەببىتى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ ئادەملەرگە ئانچە - مۇنچە ئاغرىق سېلىپ تۇرامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . دېمىسىمۇ ، ئائىلىدىكىلەر ئاغرىپ قالغان چاغلەردىلا ئاندىن ئۇلار بىلەن مۇشۇنداق يېقىن تۇرالايمىز گاھىدا .شۇڭا ،مۇشۇنداق <<ياخشى >> پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ، پۈتۈن مېھرى -مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇڭ ،جىسمانىي جەھەتتىكى ئاغرىق ،روھىي جەھەتتىكى تەسەللىگە ئېرىشكەندە ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئوكۇل -دورىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ .
تەڭرىم ئىنسانلارغا ئوز مەرھىمىتى ۋە سوۋغىسى سۈپتىدە مۇلايىم ، ئىتائەتچان ، مېھرىبان ،پاك مۇقەددەس ھەمدە ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر ئايالنى ئاتا قىلغان .سەن ئۇنىڭ بىلەن تىنىچ ،خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىن،بارلىق مال -دۇنيا رىڭ ، جۇملىدىن ئۆز ۋۇجۇدۇڭ ۋە ھاياتىڭنىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن .
- مارتىن لۇتېر
مەدەت بەر ھەممىگە ،ھەق يار بولغاي ، پۈتۈن ئالەم ساڭا مەدەتكار بولغاي . -ناسىر خىسراۋا
مەنبە:خوتۇنلارغا 101 تەكلىپپپپپپپپپپپپپپپپپپپپپپ
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-03-03 00:17 |
| |