| |||||||||
okyan886 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائى مۆئمىنلەر!جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا،اللە نى ياد ئىتىشكە(يەنى جۈمەخۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋەجۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا)ئالدىراپ بېرىڭلار،ئېلىم-سېتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار.ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كىيىن)زىمىنغا تارىلىپ،(يەنى ئۆزمەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)اللەنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار،مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اللەنى كۆپ ياد ئىتىڭلار. سۈرەجۈمە9.10 -ئايەت.
مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭ مەسجىدلەرگە يىغىلىدۇ.ئۇ كۈندە پۈتۈن مەخلۇقاتلار پۈتۈن تۇلۇق يارىتىلغان بۇلۇپ،بۇ كۈن اللە تائالا ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ياراتقان كۈنلەرنىڭ ئالتىنچى كۈنى ھېساپلىنىدۇ.ئادەم ئەلەيھىسسالام جۈمەكۈنى يارىتىلدى ،جۈمەكۈنى جەننەتكە كىرگۈزۈلدى،جەننەتىنمۇ جۈمەكۈنى چىقىرىلدى.قىيامەت جۈمەكۈنى قايىم بولىدۇ،جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بۇلۇپ مۆئمىن بەندىنىڭ اللە تەئالادىن ياخشىلىق تىلەپ قىلغان دۇئاسى شۇ ۋاقتىغا ئۇدۇل كىلىپ قالسا،اللە ئۇنىڭ تىلىگەن نەرسىسىنى بېرىدۇ .بۇ ھەقتە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلىغان ھەدىستە مۇنداق دىيىلىدۇ:<<اللە بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى جۈمە كۈنى ئىبادەت قىلىشتىن ئازدۇردى. يەھۇدىيلار بولسا شەنبە كۈنىنى،خىرىستىئانلار بولسا يەكشەنبە كۈنىنى ئىبادەت كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى.ئاندىن اللە بىزنى بارلىققا كەلتۈرۈپبىزنىڭ ئىبادەت كۈنىمىزنى جۈمە كۈنى قىلىپ بېكىتىشىمىزگە بىزنى ھىدايەت قىلدى.شۇنداق قىلىپ جۈمەكۈنى،شەنبە كۈنى ۋە يەكشەنبە كۈنى ئۈچ دىن ئۈچۈن ئىبادەت كۈنلىرى قىلىپ بېكىتىلدى.شۇنىڭغا ئوخشاشلا قىيامەت كۈنىمۇ ئىنسانلار بىزگە ئەگىشىدۇ.بىز دۇنياغا ئەڭ ئاخىرىدا كەلدۇق.قىيامەت كۈنى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا بولىمىز،بىزگە باشقا ئىنسانلاردىن بۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ>>. ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيىللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇمە نامىزىدا سۈرە جۇمۇئە بىلەن سۈرە مۇناپىقۇننى ئوقۇيتى. ئىمام ئەھمەد ئەۋس سەقەفىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<كىمكى جۈمە كۈنى يۇيۇنۇپ،تاھارەت ئېلىپ،جۈمە نامىزىغا،ئات-ئۇلاغقا مىنمەستىن پىيادە يول مېڭىپ بالدۇر كەلسە ۋە ئىمامغا يېقىن يەردە ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن خۇتبە تىڭشىسا،ئۇ ئادەمنىڭ ھەر بىر باسقان قەدىمى ئۈچۈن بىر يىل روزا تۇتقان ۋە كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەننىڭ ساۋابى بولىدۇ>> بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئىمام ئەبۇداۋۇد،تىرمىزى،نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<كىمكى جۈمە كۈنى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنسا،ئاندىن جۈمە نامىزىغا دەسلەپكى ۋاقىتتا بارسا،خۇددى ئۇ بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ،كىمكى ئۇنىڭدىن سەل كىيىنرەك كەلسە،گويا بىر كالا قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ،كىمكى ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنىرەك ۋاقىتتا كەلسە،گويا ئۇ مۆڭگۈزلۈك بىر قوشقار قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ،كىمكى ئۇنىڭدىن كىيىن كەلسە،گويا بىر تۇخۇ قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقائېرىشىدۇ،كىمكى ئۇنىڭدىن كىيىن كەلسە گويا ئۇ اللە يولىدا بىر تۇخۇمنى بەرگەنگە ئوخشاش ساۋاپقا ئىرىشىدۇ،ئىمام خۇتبە ئۇقۇغىلى چىقسا ئۇنى تىڭشىغىلى پەرەشتىلەرمۇ ھازىر بولىدۇ.>>. جۈمەگە چىرايلىق كىيىمنى كىيىپ،خۇشپۇراق چېچىپ چىشلىرىنى مىسۋاك بىلەن چوتكىلاپ،پاكىز تازلىنىپ ۋە تاھارەت ئېلىپ بېرىش مۇستەھەبتۇر.ئىمام بۇخارى ئەبۇ سەئىددىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ؛<<بالاغاتكە يەتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ جۈمە كۈنى يۇيۇنىشى،چىشىنى مىسۋاك بىلەن چوتكىلىشى،ئايالىنىڭ ئىشلىتىدىغان خۇشپۇراقلىرىدىن ئىشلىتىشى ۋاجىپتۇر>>. ئىمام ئەھمەد ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<كىمكى جۈمە كۈنى يۇيۇنۇپ ئايالىنىڭ خۇشپۇراق نەرسىلىرى بولسىمۇ ئىشلىتىپ،چىرايلىق كىيىنىپ ئاندىن ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كەلسە،،ئاندىن پۇرسەت بولسا نەپلە ناماز ئۇقۇسا ھېچكىمگە ئەزىيەت بەرمىسە،ئاندىن ئىمام خۇتبىگە چىققاندا شۈك ئولتۇرۇپ خۇتبىنى تىڭشىسا،ئاندىن جۈمە نامىزىنى ئۇقۇپ قايىتسا،ئۇنىڭ بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارلىقىدىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ>>. ئىمام ئىبنى ماجە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<بىر جۈمە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەملەرگە خۇتبە ئوقۇدى.ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاق ۋە قارا يوللۇق يەكتەك كىيۋالغانلىقىنى كۈرۈپ<<سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەگەر سېتىۋېلىشقا قادىر بولسا مەشغۇلاتلىرىدا كىيىدىغان كىيمىدىن باشقا ،مەخسۇس جۇمە كۈنى ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم سېتىۋالسا،نىمەدىگەن ياخشى ھەئە!>>دىدى. ھاكىم ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<كىمكى سۈرە كەھفنى جۈمە كۈنى ئۇقۇسا،ئۇ سۈرە يەنە بىر جۈمە كۈنى بولغىچە ئارلىقتا ئۇ كىشى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ>>بۇ ھەدىسنى ئەبۇ بەكرى بەيھەقىمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ .ئىمام بەيھەقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ:<<كىمكى سۈرە كەھفنى(ئۆزگەرتىۋەتمەي)خۇددى ئۇ چۈشكەندىكىدەك ئۇقۇسا،قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ>>. مەنبە = نۇرلۇق ئىسلام تورى ___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-26
| ||||
---|---|---|---|---|---|
erfan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدارەخمەت سىزگە..........بەك ياخشى ئىكەن````````````````````
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aliali دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا............................ئىمام خۇتبە ئۇقۇغىلى چىقسا ئۇنى تىڭشىغىلى پەرەشتىلەرمۇ ھازىر بولىدۇ.>>. بۇ يەردە ئازراق مەزمۇن چۈشۈپ قالمىغاندۇ ھە ؟!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
koyax0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا________________________________________________________________________
شۇنداق قىلىپ جۈمەكۈنى،شەنبە كۈنى ۋە يەكشەنبە كۈنى ئۈچ دىن ئۈچۈن ئىبادەت كۈنلىرى قىلىپ بېكىتىلدى. ________________________________________________________________________ بۇ گەپنى مەن تا ھازىرغىچە ئاڭلىمغان ئىكەنمەن رەخمەت سىزگە ، مىنى مۇھىم بىر ماتىيال بىلەن تەمىنلىدىڭىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rizwan0902 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائەر كىشىنىڭ كىندىكى ئەۋرەتتور ،باش رەسىمىڭىزدىكى ئەر كىشىنىڭ كىندىكىنى توساپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن..
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ABDULAMIN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قىرىندىشىم،ناھايىتى ئىسىل تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئامىن>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ramzan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائاللا رەخمەت قىلسۇن.
ئاللا ئىنساننى جۈمە كۈنى ياراتقان ! قىيامەتمۇ جۈمە كۈنىدە بولىدۇ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدابەك ياخشى تىما يوللاپسىز ،ئاللا رەھمەت قىلسۇن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدامۇشۇ جۇمە نامىزىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ، تارقاپ كىتىمىزمۇ ياكى 4رەكەت سۈننەت ئوقۇپ بۇلۇپ تارقايمىزمۇ ؟مەسلەھەت بېرىلسە ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kulka4248 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا4رەكەت سۇننەتنى ئوقىمىسا بولمايدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koyax0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائەرىز نامە دەرت تۆكمەيتىم ئەسلىدە ھەممە خوشال پەسلىدە تېما يازسام ئۆلدىغۇ چىقماي تۇرۇپ،يەسلىدە مەن يازغان شۇ تېمىلار ئەمەستىغۇ سەت مۇقام ئۇرغۇپ چىقسا ئۇرغۇلار ياراتمىدى لەيلىخان يازغان ئىدىم بىر كېچە ئويلاپ ئويلاپ توختىماي خاتىرلەشكە ئۈلگۈرمەي يوللىغانتىم ئۇخلىماي ئېىيتىڭە سىز لەيلىخان چىقارماپسىز تېمىنى يارام تېما چىقمىسا چىقىرارسىز نىمىنى بىرسى بولسا مەيلىدى يازغان تېمام بەشتىغۇ شەبنەم ئەھلى كۆرەلمەي كۆزى ئۇچۇق كەتتىغۇ ئېىيتڭە قىز ئېيتىڭە قەلەم ماڭا پۇت تېرەك ياخشى تېما يارىماپتۇ سىزگە زادى نە كېرەك ئاڭلا شەبنەم ئاڭلىغىن رەھىمسىزلىك قىلمىغىن خۇشتاردىمغۇ مەن ساڭا ئەرىزىمنى ئاڭلىغىن تېمىللىرىم بىرسىدە خاتا مەزمۇن يوق ئىدى خاتا تۇرماق،جەۋھەرلەر ئالامەت كۆپ مول ئىدى ئەمدى مەن نىمە قىلاي ئۆز ئۆزەمنى تىللايمۇ يازمىلارنى تاپالماي دۆتلىكىمگە يىغلايمۇ ............................................... تورداشلار ئەپۇل قىلغايسىلەر....؟ لەيلىخان(layli0317)غا بۇ توغۇرلۇق قىسقا ئۇچۇر يوللىسام جاۋاپ يوق ،تېمىلىللىرىممۇ چىقمىدى ئامالسىزلىقتىن بۇ ئەرزىمنى ئىنكاسلارنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.... مەن يوللىغان ئۇ تۆت تېما بۇنىڭدىن بۇرۇن يوللىغان ،باھالانغان ھەرقانداق تېمىدىن ياخشى ،بىرقەدەر مۇكەممەل يېزىلغاندى ئەپسۇس ،ئىز دېرەكسىز غايىپ بولدى ، مۇنبەرگە چىقىرىلمىسىمۇ مەيلىدى ، ئەسلى نۇسقىسنى بىۋاستە مۇنبەرگە يازغاچقا مەزمۇنىنى كىيىن تۇلۇق تاپالمىدىم..... مۇشۇ تېمىللىرىمنى تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلساڭلار ئاندىن كىيىن شەبنەمدىن چىقىپ كەتسەممۇ مەيلىدى.. بەك ئەپسۇس | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zulkifil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا،جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بۇلۇپ مۆئمىن بەندىنىڭ اللە تەئالادىن ياخشىلىق تىلەپ قىلغان دۇئاسى شۇ ۋاقتىغا ئۇدۇل كىلىپ قالسا،اللە ئۇنىڭ تىلىگەن نەرسىسىنى بېرىدۇ .بۇ گەپ راس مەن بىر كۈنى ئۆي ئالىدىغان بۇلۇپ 10000يۈەن لازىم .بۇلۇپ قالغان ئىدى.شۇنۇڭ بىلەن مەن دوس بۇرەرلىرىمدىن پۇل سورىسام ھچكىمدىن پۇل چىقمىدى .شۇنىڭ بىلەن بىر تەلىيىمنى سىناش ئۈچۇن لاتارىيە ئىلىش ئىسىمغا كىلىپ قالدى.شۇ كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى.مەن ئاللادىن ئھ..ئاللا ماڭا بىر ئامەت بەرسىڭىز دەپ ئاللادىن دۇئا تىلىگەن ئىدىم.ئاللا تىلىگىنىمنى ئىجاۋەت قىلدى. شۇ كۇنى كەشتە ماڭا 13000يۈەن چىقدى.3د ئويۇندا ،مەن شۇنى ھس قىلدىم .ئاللادىن نىمىنى تىلىسەشۇنى بىرىدىكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
turkkizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىداتېما ئىگىسى، ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
رەخمەت سىزگە بەك مۇھىم مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىپسىز بىزنى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koyax0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائەرىز نامە
دەرت تۆكمەيتىم ئەسلىدە ھەممە خوشال پەسلىدە تېما يازسام ئۆلدىغۇ چىقماي تۇرۇپ،يەسلىدە مەن يازغان شۇ تېمىلار ئەمەستىغۇ سەت مۇقام ئۇرغۇپ چىقسا ئۇرغۇلار ياراتمىدى لەيلىخان يازغان ئىدىم بىر كېچە ئويلاپ ئويلاپ توختىماي خاتىرلەشكە ئۈلگۈرمەي يوللىغانتىم ئۇخلىماي ئېىيتىڭە سىز لەيلىخان چىقارماپسىز تېمىنى يارام تېما چىقمىسا چىقىرارسىز نىمىنى بىرسى بولسا مەيلىدى يازغان تېمام بەشتىغۇ شەبنەم ئەھلى كۆرەلمەي كۆزى ئۇچۇق كەتتىغۇ ئېىيتڭە قىز ئېيتىڭە قەلەم ماڭا پۇت تېرەك ياخشى تېما يارىماپتۇ سىزگە زادى نە كېرەك ئاڭلا شەبنەم ئاڭلىغىن رەھىمسىزلىك قىلمىغىن خۇشتاردىمغۇ مەن ساڭا ئەرىزىمنى ئاڭلىغىن تېمىللىرىم بىرسىدە خاتا مەزمۇن يوق ئىدى خاتا تۇرماق،جەۋھەرلەر ئالامەت كۆپ مول ئىدى ئەمدى مەن نىمە قىلاي ئۆز ئۆزەمنى تىللايمۇ يازمىلارنى تاپالماي دۆتلىكىمگە يىغلايمۇ ............................................... تورداشلار ئەپۇل قىلغايسىلەر....؟ لەيلىخان(layli0317)غا بۇ توغۇرلۇق قىسقا ئۇچۇر يوللىسام جاۋاپ يوق ،تېمىلىللىرىممۇ چىقمىدى ئامالسىزلىقتىن بۇ ئەرزىمنى ئىنكاسلارنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.... مەن يوللىغان ئۇ تۆت تېما بۇنىڭدىن بۇرۇن يوللىغان ،باھالانغان ھەرقانداق تېمىدىن ياخشى ،بىرقەدەر مۇكەممەل يېزىلغاندى ئەپسۇس ،ئىز دېرەكسىز غايىپ بولدى ، مۇنبەرگە چىقىرىلمىسىمۇ مەيلىدى ، ئەسلى نۇسقىسنى بىۋاستە مۇنبەرگە يازغاچقا مەزمۇنىنى كىيىن تۇلۇق تاپالمىدىم..... مۇشۇ تېمىللىرىمنى تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلساڭلار ئاندىن كىيىن شەبنەمدىن چىقىپ كەتسەممۇ مەيلىدى.. بەك ئەپسۇس | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
爱情条件 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدابىرسى بولسا مەيلىدى
يازغان تېمام بەشتىغۇ شەبنەم ئەھلى كۆرەلمەي كۆزى ئۇچۇق كەتتىغۇ ئېىيتڭە قىز ئېيتىڭە قەلەم ماڭا پۇت تېرەك ياخشى تېما يارىماپتۇ سىزگە زادى نە كېرەك ئاڭلا شەبنەم ئاڭلىغىن رەھىمسىزلىك قىلمىغىن خۇشتاردىمغۇ مەن ساڭا ئەرىزىمنى ئاڭلىغىن تېمىللىرىم بىرسىدە خاتا مەزمۇن يوق ئىدى خاتا تۇرماق،جەۋھەرلەر ئالامەت كۆپ مول ئىدى ئەمدى مەن نىمە قىلاي ئۆز ئۆزەمنى تىللايمۇ يازمىلارنى تاپالماي دۆتلىكىمگە يىغلايمۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusain دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قىرىندىشىم،ناھايىتى ئىسىل تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئامىن>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>. | ||||
---|---|---|---|---|---|
GUZAL~DUNYA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدائى ئۇلۇق ئاللا بەندىلىرىڭگە بەخىت ئاتا كىلگايسەن ``````````
ھەقىقەتەن ياخشى يۇللاپ سىز ئاللا رەخمەت كىلسۇن````````` | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
suzuk881 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدارەھمەت .............
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن. ئەي! مۇسۇلمان يىگىتلەر ۋاقتىڭلارنى كەلسە كەلمەس ئىشلارغا سەرىپ قىلماي،ھەر جۈمە كۈنى بويىڭلارنى سۇغا سېلىپ،مۇھەممەد(س ئە ۋ ) نىڭ سۈننىتى بويىچە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ جۈمە نامىزىغا بېرىڭلار. ئەي مۇسۇلمان ئاكا -ئۇكا،ئاچا سىڭىللار، تىرىشايلى،ئىشلەيلى ،ناماز ئوقۇيلى! ئەگەر كەلتۈرمەكچى بولساق ، ئۇنىڭ يولىدىكى شان شەەپنى. ئاللاھۇ ئەكبەر ! (ئۇ مۇھەممەد س ئە ۋ) نى كۆرسىتىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HALET | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدابۇتىمىڭىزنىڭ بىزگە بولغان تەبىيىۋى ئەھمىيىتى تولىمۇ يۇقىرىكەن مۇشۇنداق
ئەھمىيەتلىك بولغان تىمىڭىزنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشىغا تەشنابىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SARANG29 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:دىققەت چۇقۇم كۇرۇڭ جۇمە نامىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدامۇشۇ جۇمە نامىزىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ، تارقاپ كىتىمىزمۇ ياكى 4رەكەت سۈننەت ئوقۇپ بۇلۇپ تارقايمىزمۇ ؟مەسلەھەت بېرىلسە ؟
sadam76 ھۆرمەتلىك دوستۇم سىز جۈمەنامىزنىڭ ئاخىردا 4رەكەت ئاخىر سۈننەتنى ئوقۇيسىز. ھۆرمەتلىك دوسلار ھەرقانداق بىر ۋاق نامازنى مۆمكىن بولسا مەسجىتكە بىرىپ ئوقۇسا ناھايتى چوڭ ساۋاب بىرىلدۇ. ئەتىگەن بامدان نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزى پەرىشتىلەر ئالمىشىدىخان ۋاقىت بۇ ۋاقىتتىكى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلايلى. ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىم سىلەرنىڭ ھەر بىر ۋاق نامازنى تەرىك ئەتمەي ۋاقتىدا ئوقۇشۇڭلارنى ھەق تە ئاللادىن تىلەيمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|