ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى !
ئۇشبۇ يازمىنى يازغۇچە قوللىرىمنى تىترەك باستى . . .
3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە مۇنبەر سانلىق ئامبىرىنى رەتلەش جەريانىدا ، 2-ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن كېيىنكى تېمىلارنىڭ مەزمۇنى يوقىلىپ كېتىش ئەھۋالى بىلەن ، بېكىتىمىز يېرىم كۈندىن ئوشۇق جىددىي رەتلەش ئېلىپ باردۇق ، بۇ جەرياندا تور مۇلازىمېترىنى توختىتىشقا توغرا كەلدى . ھېلىمۇ ئاللاھقا شۈكرى ، 2-ئايدىن بۇرۇنقى تېمىلار ۋە بارلىق ئىنكاسلار ساق-سالامەت ساقلىنىپ قالدى . بۇ جەرياندا بارلىق شەبنەم قۇرغۇچىىلىرى جىددى ھالەتتە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ ، ئەپسۇس ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىنكى تېمىلارنى ساقلاپ قالالماي قالدۇق . مۇنبەر باش بېتىدە كۆرۈلگەن تېمىلار ھازىرقىدەك قۇرۇقدىلىپ قالدى(ئىنكاسلار مەۋجۇد) ....
مۇشۇ سەۋەنلىكىمىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىگىمىز تۈپەيلى يوقالغان تېمىلارنىڭ ئاپتورلىرىدىن سەمىمىيلىك ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز ! بىزنى كەچۈرگەيسىلەر ! بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمدە چوقۇم مۇنبەرنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشىمىز ! تېمىلارنىڭ بىخەتەر تۇرۇشىغا ھەر دائىم ھۇشيار تۇرىمىز !
شەبنەم تورى ھەممىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ، خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى . ئىشىنىمىزكى ، مۇنبەر ئەھلى ۋە قوللىغۇچىلىرىمىز بىز دۇچ كەلگەن بۇ مەسلىلەرنى بىز بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ . . .
سەمىمى كەچۈرۈم بىلەن : شەبنەم ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى بارلىق ئەزالىرى