| |||||||
AHMED دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خىيال 2.0 تارقىتىلدى. دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭبارلىق تورداشلارغا خىيالدىن ئالى سالام.
يېقىندىن بېرى تورداشلار خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 نىڭ تېزراق تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تور بېكىتىمىز 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىشنى پىلانلىغان بولساقمۇ، قىسمەن خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا تارقىتالماي قالدۇق. نەۋرۇز بايرىمى كۈنى تارقىتىشنى پىلانلىغان ئىدۇق، ئالاھىدە كۈن ساقلاپ ئولتۇرساق تورداشلارنىڭ تەقەززاسىغا تەسىر يىتىشنى توغرا تاپماي بۈگۈن تارقاتتۇق. تور بېكىتىمىز خىيال 1.0 نى تارقاتقاندىن باشلاپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ ئىشلەتكۈچىلەر «ھەسنىكام ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق» دېگەندەك، تور بېكىتىمىزنى قوللاش خاراكتېرىدە ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىپ باققىنى يوق. ھەتتا بەزى ئۇلىنىش خاراكتېرىدىكى توربەتلەر بىكىتىمىز تارقاتقان يۇمشاق دىتالنى ئۇلىنىش قىلدى-يۇ، تور بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىشتىن نۇمۇس قىلدىمىكىن ئۇلىنىش بېتىگە قوشۇشنى توغرا تاپمىدى. ئۇندىن باشقا بەزى تورداشلار ھازىرغىچە تور بېكىتىمىز تارقاتقان يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن تور بېكىتىمىزگە تارىخىدا كىرىپ باققىنى يوق. تور بېكىتىمىز بۇ قېتىم تور بېكىتىمىز ئەزالىرى چۈشۈرەلەيدىغان ۋە ھەقسىز تىزىملىتالايدىغان قىلىپ ياساپ چىقتۇق. تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىمىز. مەزكۇر خەۋەرنى باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بىكىتىمىزنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىكەتلەرنىڭ بىكىتىمىز تارقاتقان خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 نى ئۇلىنىش قىلىشى چەكلىنىدۇ. زىيارەت قىلىش ئادرىسى: www.hiyal.com www.hiyal.net ھازىرقى 2.0 نۇسخىسىدا 85 خىل خەت نۇسخىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، يەنە باشقا خەت نۇسخىلىرى داۋاملىق تور بېكىتىمىزدە ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۆسىنخەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىنى قارشى ئالىمىز. مەنبە :خىيال توربېكىتى ___ باشقۇرغۇچى : Ormanlik تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-25
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
Ormanlik | سىزلەرنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ۋە تەرەققىياتىغا مېھنەتسىز تۆھپە قوشقانلىقىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن شەبنەم ئەھلىگە ۋاكالىتەن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.
خىزمىتىڭىلارنىڭ يەنىمۇ راۋاج تېپىشىنى تىلەيمەن. كۆپچىلىك ، خيال تور بېكىتىنى قوللايلى. قولىمىزدىن كەلسە ياردەم قىلايلى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
感觉BOY دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 2.0بىلەن1.0نىڭ نىمە پەرىقى بار؟؟ئ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALMALIG دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەچۇرۇڭلار!.خىيال 2.0 دىگەن زادى نىمە چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار . رەھمەت!.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AHMED دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇرچە يېزىقتا خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusain دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كەچۇرۇڭلار!.خىيال 2.0 دىگەن زادى نىمە چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار . رەھمەت!.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pakzat~ دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | خىيال سىزنى نىيتىڭىزغا بېقىپ جازالايدىغان ھەم مۇكاپاتلايدىغان ، رىيالغا باشلاپ باردۇ لېكىن سىزنىڭ خىيالىڭىزنى بىلمەن مۇمكىن ئەمەس.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matematika0995 | خىيال 2.0 يۇمشاق دېتالىنى تىخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ قۇيسىڭىز بۇلامدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AHMED دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | زىيارەت قىلىش ئادرىسغا كىرىپ كۆرۈڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zulkifil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ شۇ... بىلمەيدىكەنمەن.چۇشەندۈرۈپ قويساڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AHMED دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | زىيارەت قىلىش ئادرىسغا كىرىپ كۆرۈڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ANKA831 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تازىمۇ دۆت خەق باركەن بۇ مۇنازىرىدە...قارىغاندا Flash,photoshop,Imageready...دىگەندەك نەرسىلەرنى تۇتۇپمۇ باقمىغان كىشىلەر ئوخشايدۇ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azgun1225 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆزىمىزنىڭ يېزىق قۇرالىنى بىلمىگەنلىكىڭلاردىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن!! ھەي نادانلار ، مەن ئۆزبىك
مىللىتىدىن بولساممۇ، خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋىتىمەن. ھەممىسى بىزنىڭ قوللىشىمىزغا نۇھتاج!!1 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hacker.com دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەت سىلەرگە جاپا تارتىپسىلەر .
مەن خىيال 1.0 نۇسخىسنى ئىشلىتىۋاتقانتىم .. ئەمدە ئالماشتۇردىغان ۋاقىت كەپتۇدە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M.C.F دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | HIYAL维文输入法
سىز ئشلىتىۋاتقان كومپىيوتىرغائۇيغۇرچەXPقاچىلىمىغان ئەھۋالدا سىزنىڭ كومپىيوتىرىڭىز ئۇيغۇرچە يىزىقنى تونىمايدۇ(يەنى سىز ئۇيغۇرچەيىزىقنى لاھىيە دىتاللىرىغا كىرگۈزەلمەيسىز) ئەگەر سىز خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دىتالىنى قاچىلىسىڭىز photoshop,flash,3dmax......قاتارلىق دىتاللارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش خىيالىڭلار ئەمەلگەئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇش قەلەم ،ئىلىكيۇرت،ئەلكاتىپ.....قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دىتاللىرى بار. چۈشەندىڭلارمۇ؟؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|