| |||||||
graf | ئۇيغۇرچە مۇڭداشقۇ «كوت-كوت» تارقىتىلماقچىبۇ تىمىنى butterfly ئىلگىرلەتتى(2008-04-26)
نۆۋەتتە تور ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى ناھايىتى كۆپ بولىسمۇ ، بىر قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك يېزىقنى قوللىماسلىقى ، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تازا ئومۇملاشمايۋاتلىقى ، ئۇيغۇرلارنىڭ توردىكى يېزىق ئالاقىسىىغا خېلى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى باشقا ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەپ يېزىش شۇنداقلا بۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ بىردەك بولماسلىقىدەك مەسىلىلەر ئەۋجىگە چىقماقتا.
دەل مۇشۇنداق ئىھتىاج بىلەن مەنزىل يۇمشاق دېتال گورۇپپىمىز بىلەن UyghurWeb.com ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچە تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى «كوت -كوت» نى 1- ماي بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ، سىناق تەرەققىسدە تارقتىپ بېقىشنى ئويلاشتۇق. بۇ يۇمشاق دىتالنى تۈزۈش 2005- يىللىرى پىلانلانغان ۋە بىر قىسىم ئىش باشلانغان بولسىمۇ ، ئارلىقتا باشقا ئۇيغۇرچە مۇڭداشقۇلارنىڭ ياسىلىپ تارقىتىلىشى بىلەن بۇنى تۈزۈش توختىتىپ قويۇلغان. لىكىن يۇقىرىدا ئېتىپ ئۆتكەندەك سەۋەبلەر بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور ئالاقە ئىشلىرىمىز راۋانلاشماي ، بىزگە ھازىر خېلى بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسىلىگە ئازراق بولىسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۇمىدتە بۇ يۇمشاق دېتالنى تۈزۈشنى 2007- يىل بىشىدا يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ، بىر يىل تېرىىشىش نەتىجىسىدە ئاساسىي قىسىمىنى تاماملىدۇق. ھەمدە بىر قىسم مۇلازىمىتېر چىقىمى ۋە مۇلازىمىتېر مەسىلىنى تېرىشىپ ھەل قىلىدۇ. بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچە ئىسمى «كوت-كوت» ھازىرقى ئاساسلىق ئىقتىدارى : (1) پۈتۈنلەي يۇنىكودنى قوللاش ھەمدە يۇنىكودلىق يېزىق ئارقىلىق توردا پاراڭلىشىش (2) ئاۋازلىق پاراڭلىشىش (3) سۈرەتلىك پاراڭلىشىش (4) توردا بىۋاستە ھۆججەت يوللاش(5) دوست ئىزدەش ،دوست قوشۇش ، گورۇپپىلاپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار . كەلگۈسى پىلانى : بۇ يۇمشاق دېتال ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئەسلى پروگراممىسى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولغاچقا ، داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ماسلىشىش ئىستىقبالى پارلاق. رەسمىي نۇسخىسدا ، خەت قالدۇرۇش ئىقتىدارى، كۆپ تىللىق نۇسخىسى ۋە بىر قانچە تور ئويۇنلىرى قوشۇلماقچى. بۇنى ئومۇملىشىشى ھەممەيلەنگە پايدىلىق . شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ تەشۋىقاتقا يېقىندىن ماسلىشىپ ، مەزگۇر دېتالنىڭ ئومۇملىشىغا كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈڭ. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورى http://www.UyghurWeb.com | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ياخشى بوپتۇ ، مەن بىرىنجى بۇلۇپ ئىشلىتىمەن،
ھاھا.... مىنىڭچە بۇ سىستىمىنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى توغرا قۇيۇپسىلەر . سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن | ||||
---|---|---|---|---|---|
gulqikiz | ئىسمى بەك ياخشى قۇيۇلۇپتۇ جۇمۇ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jazbidar001 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بۇرۇن بارخاننى ئىشلىەتكەنتىم ئەمدى كوت_كوت نى ئىشلتىپ باقسام بولغىدەك!!!!
ئوزىمىزنى ئوزىمىز قولىمساق بولمايدۇ!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فىكرەت | ئەجەپ ياخشى بوپتۇ...ئىسمىمۇ ئۆزگىچە قويۇلۇپتۇ.....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nargiza18 | بۇنى ئىشلىتىپ ھەممىمىزلا توختىماي كوتۇلدايدىغان بوپ قالمىغىدۇق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
butterfly سودا توپى : 61116981 | مەن چ چ نى ياقتۇرمايمەن . شۇنىڭ ئۇچۇن بولسىمۇ كوت- كوت تىن بىر ئىسىم ئىلىپ قوياي .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
GOGO~加油 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەجەپ ياخشى بوپتۇ،بىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەك بۇلامدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
firkat ئابدۇسالام راخمان | ئاخىرى پۇتتۈرۈپسىلەردە ئاداش. مۇبارەك بولسۇن. شۇ تاپ ھاياجانلىنىپ كېتىپ بارىمەن.
مەزكۇر دىتالنى سىناش جەريانىدىمۇ شۇنداق ھاياجانلانغانىدىم. بىز ئويغۇرلار چوقۇم ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلىتىشىمىز لازىم. قېنى تورداشلار پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ دېتالنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرايلى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
感觉BOY دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسمى جىسمىغا لايىق بوپتۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
igi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاھ .................ئەمدى مەن چ چ نى ئىشلەتمەيمەن نىمىدىگەن پەيزى !!!!!!!!!!!!!!!!مەن ئەمدە كوت-كوت نى ئىشلىتىمەن بۇ مۇڭداشقۇنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئىشىنىمەن بۇرۇن چىققان مۇڭداشقۇلار ئاۋازلىق سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولمايتتى شۇڭا ئانچە ئۇمۇملىشىپ كەتمىگەن بۇدىتال تارقىتىلسا ناھايىتى ياخشى بۇلىدىغان بولدى
| ||||
---|---|---|---|---|---|
turkkizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تىزراق بازارغا سالساڭلار بوپتىكەن ،ھازىرلا ئىشلىتىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ مىنىڭ.
بەك ياخشى بوپتۇ،ئۇيغۇر تىل -يىزىقىنىڭ داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۇچۇنمۇ پايدىلىق ئشكەن بۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karanquk001 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ بەك ياخشى ىشكەنغۇ،ھازىر ۇيغۇرلارنىڭ ارسىدىمۇ يىڭىلىقلار ھەقىقەتەنمۇ كوپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ،بىزگە ەمدى چ چ نىڭ نىمە كىرىكى،ەلۋەتتە ۆزىمىزنىڭكىنى ىشلىتىمىزدە.مەن بۇ كوت كوتنى ىشلىتىشكە الدىراۋاتىمەن......بىزمۇ بوش مىللەت ەمەس ،داۋاملڭق تىرىشايلى!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
barchuki دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ ..يارايسىلەر ..ئللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SUKUT315 | مۇشۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشقا كۈچ چىقارغان بارلىق كىشلەرگە ئامانلىق بولسۇن!
ناھايىتى ياخشى بىر خوشخەۋەرنى يەتكۈزدىڭىز، قېنى شۇ ۋاقتى كەلگەندە چۇقۇم ئىشلىتپ كۆرىمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kekbera دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى بوپتۇ ، تىرىشىڭلار. ئالدىنقى قېتىم بارىخاننى ئىشلەتكەن ئىدىم ، چ چ دەك ياخشى بولمىغاچقا ئىشلەتمىدىم، بولسا بۇ كوت كوت نى ياخشى لاھىيەلەپ ئاندىن بازارغا سېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TURUK202 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋاھ.بەك ياخشى بوپتۇ جۇمۇ ئاخىرى كوت -كوت نى ئىشلىتىدىكەنمىزدە ،
نمىدىگەن ياخشى ھە ................ ئوغلۇمغا تۇنج ىقىتىم كوت_كوت دەپ تىل چىقىشى ،،،،،،،،،،،، بىز ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق مىللەت جۇمۇ بولمىسا ، لىكىنزە تازا كاللىمىزنى ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمەيمىزكەن . ئىشلەتسە مانا خەق قىلغاننى بىزمۇ قىلالايدىكەنمىزغۇ ....... مىنىڭچە باشقىلاردىنمۇ كاتتىراق قىلالىشىمىزدا گەپ يوق . مەنمۇ ئىشلىتىمىەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
temurqin دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئەمدى چ چ نىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئورنىغا ئوت قالايدىغان بولدۇق . ھەممىمىز كوت - كوت نى ئىشلىتەيلىك .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ياخشى بوپتۇ ئەمدى ئۇلارنىڭكىنې ئىشلەتمەيمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xademanxat | ۋاھ بەك بەلەن ئىش بوپتۇ، مەنمۇ بەك خۇرسەن بولدۇم. يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|