سىز بۇ تېمىنىڭ 151ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋە مائارىپ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
apandi529

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37245
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-02
ئاخىرقى :2008-04-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋە مائارىپ

       مەن بىر دىھقان ئاتىنىڭ ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 5308يۇەن ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان تراگدىيدىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا،<<2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئىلىمىز دىن 100مىڭ خادىمنىڭ ئەنگىليەگە بېرىپ تەربىيلەشكە قاتناشقان>>لىغىدەك خەۋەرنى كۆرۈپ مىھرى -    شەپقەتنىڭ        ئازىيىپ،ئىسراپچىلىق،داۈۋازلىقنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىگىدىن چۇڭقۇر خۇرسىندىم.
          خەۋەردە ئاشكارىلانغان ئەھۋالدىن قارىغاندا،بۇتەربىيلەش پىلانى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر يىلى 250مىليۇن فوندستىرلىڭ خىراجەت قىلىندىكەن،ھازىر بېيجىڭدائولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە يەنە تۆت يىل ۋاقىت بار دىسەك،بۇنىڭ ئۇمۇمى سوممىسى بىر مىليارىد فوندسىتىرلىڭ بۇلىدۇ،بۇ سان نىمىنى چۇشەندۈرىدۇ؟1:14پىرۋوت نىسبىتى بويچە ھىسابلىساق بۇ 14مىليارىد يۇەن خەلىق پۇلىغا تەڭ بۇلىدۇ.ئەگەر بۇ پۇل بىلەن ھەر بىر ئادەمگە 5000يۇەن ياردەم بەردۇق دىسەك،يۇقىردا ئېيتىلغاندەك قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى مىليۇن 800مىڭ ئوقۇغۇچىغا ياردەم بىرەلەيتۇق-دە ئىلىمىز ئالى مەكتەپلىرىدىكى قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىغىنى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلغان بۇلاتتۇق.ئەگەر بۇپۇل بىلەن<< ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى>>قۇرساق،ھەربىر مەكتەپنى 200مىڭ يۇەندىن ھىساپلىغاندىمۇ 70مىڭ مەكتەپ قۇرالىغان بۇلاتتۇق،ھەر بىر مەكتەپتە 100دىن ئوقۇغۇچى بار دىسەك،ئۇھالدا يەتتە مىليۇن بالا ئوقۇشقا كىرەلىگەن بۇلاتتى.بۇ تېخى پەقەتلا خادىملارنى  تەربىيلەش خىراجىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ باشقا خىراجەتلىرى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ.
        ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا پۇل خەجلىسەك ئالتۇن مىدال ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلەيمىز؟ دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى لى مۇنداق بىر ھىسابات قىلغان: 1988-يىلى سېئۇلدا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتا ، تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ كەسپى چىقىملىرى ھەريىلى بىر مىليارىد يۇەن بۇلۇپ،تۆت يىلدا تۆت مىليارىد يۇەن مەبلەغ سېلىپ بەش ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن،ھەر بىر ئالتۇن مىدال سەككىز يۈز مىليۇن يۇەن بولغان.1992-يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا 16 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن بۇلۇپ ئۇ ۋاقىتتىكى تەنھەركەت خىراجىتى ئېشىپ ئۈچ مىليارىد يۇەنگە يىتىپ بىر ئالتۇن مىدال 750مىليۇن يۇەن بولغان،نۆۋەتتە تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ھەر يىللىق كەسپى خىراجىتى بەش مىليارىد يۇەن بۇلۇپ ،بۇقېتىم بىز 28ئالتۇن مىدال ئېلىشىمىز كېرەك،شۇنداق بولغاندا ھەربىر ئالتۇن مىدالنىڭ تەننەرقى 700مىليۇن يۇەن ئەتراپىدا بۇلىدۇ،تەتقىقاتچى لى خۇرسىنىپ مۇنداق دەيدۇ:<<بىز پەقەت ئالتۇن مىدالنىلا قوغلىشىپ ، ئۇنىڭ تەننەرقىنى ھىساپلىمىدۇق.>>
         تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى ، جۇڭگونىڭ ئالتۇن مىدال سانىنىڭ كۆپىيىشى ھەرگىزمۇ ئۇمۇم خەلق تەن ساپاسىنىڭ ئۇمۇميۈزلىك ياخشىلانغانلىغىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن ،ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئالتۇن مىدال ئېلىشنى نىشان قىلغان تەنتەربىينى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى_<<ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا شەرەپ قۇچۇش پىلانى>>غا ئاساسەن چەكلىك مەبلەغنى ماھارەت تەنتەربىيسىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىگىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مىدال سانلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىغا قارىساق،ئاۋام پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملاشتۇردىغان مەيدانلىرى ئاز،بالىلارنىڭ ۋاسكىتبول ئوينايدىغان ياكى پۇتبول تىپىدىغان ئورنى يوق ئەلۋەتتە. مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كوماندىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋۇ شىياۋزۇ خۇرسىنىپ مۇنداق دىگەن:<< مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ ھەسرىتىم خەلقنىڭ تەن ساپاسىنىڭ ياخشىلنىشىنىڭ ئاستا بۇلىشى،ياپونيىلىكلەرنىڭ تەن ساپاسىنىڭ يۇقرى كۆتىرلىشى بىزنىڭكىدىن تېز بولۇپ،ئككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپونيىلىكلەرنىڭ بوي ئىگىز لىگى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 12سانتىمىتېر ئۆسكەن،بىزنىڭ بولسا تۆت سانتىمىتېرغىمۇ يەتمەيدۇ.>>
        ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى جەھەتلەردە <<پۇلنى سۇدەك خەشلەش>>بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى سېلىنمىنى <<بېخىللىق>>دىگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بۇلىدۇ.ئالى مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپمۇ ئوقۇشقا بارالماسلىق،ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ <<ئۈمىد قۇرۇلىشى>>غا تاينىپ ئوقۇيالىشى بۇنىڭ ئىسپاتى. مەلۇم بىر كىشى مۇنداق ئوخشاتقان:<<جۇڭگونى ئەلئېھرامغا ئوخشاتساق، مائارىپ ئەلئېھرامنىڭ ئاساسى،ماھارەت تەنتەربىيسى ئەلئېھرامنىڭ چۇققىسى،چەكلىك بايلىقنى قارىغۇلارچە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا ئاغدۇرىۋەرسەك،ئەلئېھرامنىڭ ئاساسىنى بوشتىۋىتىپ چۇققىسىنى رىمونت قىلغان بۇلىمىز،مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە قانداق ئاقىۋەت يۇز بىرىدۇ؟ سۆز بىلەن ئىپادىلەش قىيىن.>>
        بەلكىم بەزىلەر سورىشى مۇمكىن: ئەجىبا مائارىپقىلا ئەھمىيەت بېرىپ،ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بىلەن كارىمىز بولمامدۇ؟ مىنىڭ دڭمەكچى بولغىنىم مائارىپ بىلەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇق بۇلىشى كېرەك.ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىننىمۇ ئەلۋەتتە ئۆتكۈزۈش كېرەك،بىراق ئۇ مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ، دۆلىتمىزنىڭ دۆلەت كۈچىگە ماس كېلىدىغان ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بۇلىشى كېرەك.ئالتۇن مېدالنىمۇ ئېلىش كېرەك،ئەمما ئۇ تەنتەر بىينىڭ <<تەنتەربىيە ھەركىتنى راۋاجلاندۇرۇپ،خەلىقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش>>تىن ئىبارەت ئەسلى مەقسەتكە تەتكەندىن كىيىنكى تەبىئى نەتىجە بۇلىشى كېرەك،ئەگەر بىزنىڭ ئالتۇن مىدالىمىز خەلىقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۇمۇميۈزلۈك يۇقرى كۆتىرىش ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن،تەن ساپايىمىزنى ئۇمۇميۈزلۇك ئۆستۈرۈش ئاساسىدىكى ئالتۇن مىدال بولمايدىكەن،ئۇ پەقەت بىزنىڭ قۇرۇق شۆھرىتىمىز دىنلا ئىبارەتكى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز ئەمەس،پەقەت بىزنى ئاجزلاشتۇرىدۇكى ھەرگىزمۇ بىزنى كۈچلەندۈرەلمەيدۇ،بۇنداق ئالتۇن مىدالنى ئالمىساقمۇ بۇلار.

(گو سۇڭمىن ئىمزاسىدىكى بۇماقالە <<فىليەتونلاردىن تاللانما>>ژورنىلنىڭ 2004يىللق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.  مىنىڭ تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم،شۇڭا دوسلارنىڭ مازاق قىلماسلىغىنى ھەمدە يىتەرسىز لىگىمنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى سورايمەن.)

 

___ باشقۇرغۇچى : otkunchi-nur تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-25

 

Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-25 00:14 [باش يازما]


 

Time now is:04-26 08:01, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation