| |||||||
alp-er-tunga دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەتبۇئاتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتسە، ھاقارەت قىلسا جازالىنىدۇ!بۇ تىمىنى molla pok-pok : ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-24)
如何惩处在出版物刊登歧视、侮辱少数民族内容的行为 “在出版物刊载歧视、侮辱少数民族内容罪”主要是指无视有关政策和法律的规定,以书籍或报刊为载体,出于牟利或猎奇等原因,发表含有歧视、侮辱少数民族的文字或图片、绘画等,且造成损害民族关系等后果的犯罪行为。 刑法规定:“在出版物中,刊载歧视、侮辱少数民族的内容,情节恶劣,造成严重后果的,对直接责任人员,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制。” مەتبۇئاتلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئىلان قىلدۇرۇش قىلمىشىغا قانداق جازا بىرىلىدۇ؟ تەرجىمە قىلغۇچى: ئالپ ئەر تۇڭا مەتبۇئاتلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئىلان قىلدۇرۇش جىنايىتى --- ئاساسلىقى سىياسەت ۋە قانۇن-تۈزىملەرنى كۆزگە ئىلماي، كىتاپ ياكى گېزىت-ژورنال شەكلىدە، پايدا ئۈندىرىۋېلىش ياكى مازاق قىلىش مەقسىتىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇن، سۈرەت، رەسىم قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: مەتبۇئاتلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغاندا، قىلمىشى قەبىھ بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا، بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرىلىدۇ ۋەياكى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. مەنبە: http://www.smehrb.gov.cn/server/minzhu/zhengce/20061121/124638.shtml ___ باشقۇرغۇچى : molla pok-pok تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
izdinix0999 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تور مەتبۇئات تۇرىگە كىرەمدىغاندۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
daTMan520 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇلارنىڭ بىرسىمۇ ئەمىيللىشىگە ئىشەنمەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAHMUTJAN110 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇلارنىڭ بىرسىمۇ ئەمىيللىشىگە ئىشەنمەيمەن.
مەنمۇ شۇ ئويدا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ سىياسەت بېرىپ ئېشىگىنى باقسۇن ! مەن ئششەنمەيمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tomurmux دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ گىزىت يۇزىدە ئادەم ئالدايدىغان نەرسىدىن باشقا ئويۇن ئەمەس ، ئەجابا يۇقۇرىدىكىلەر بىلمەس بولىۋالامدىغاندۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hakzat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قېرىنداشلار، بۇ دىگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە، تېما يوللىغۇچى ھەر قايسىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانى ھوقوقلىرىمىزنى قانۇن بويىچە قوغىشىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ يوللىغان بولۇشى مۈمكىن، ئىجابى پوزىتسىيە تۇتايلى. ئەمىليەتتە قانۇنلۇق ھوقوقىمىزنى قانۇن بويىچە بويىچە قوغدىيالمىغاچقا مۇشۇ كۈندە تۇرىۋاتىمىز ئەمەسمۇ.............................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
palta | ئىلگىرى سىياسەت دەرىسىدە ئازسانلىق مىللەتلەر خى لارنى كەمسىتمەسلىك دەپ دەرىس ئوتكەن ئىدى....مەن بۇنداقمۇ قانۇن بارلىقىنى تۇنجى ئاڭلىشىم رەھمەت~!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Tahir.y | Essalamu_eleykum
ھەجەپ كۈلكىلىك ئىكەن ھە؟ شۇ سىياسەتلەرنى ئىجىرا قىلدىغانلار كىملەر؟ كۈتىگە بىر نەرسە كەپلشەكەندە تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق قانۇنلا چىقىپ قالىدىكنە؟ ھەجەپ ئىچىمدا ئاچچىق كۈلۈپ كىتىۋاتىمەن. خەپ ھىلمۇ ئىسىمدە 2003-يىلنىڭ ئاخىرى ئۇرۇمچىدىكى سەنشخاڭزىدا ئۇيغۇر ئىشلەمچى بالىلار تام چىقۋاتىدىكەندۇق . مەن يۇلدىن ئۈتۈپ كىتىپ باراتتىم تۇيۇقسىزلا گۇپۇر قىلغان ئاۋاز چىققان تام چىقۋاتقان تەرەپكە قارىسام بىر ئۇيغۇر ئىشلەمچى بالا قاننىڭ ئىچىدە تۇپا ئارىلاش ياتىدۇ. يۈرگۇم شۇنچىلىك تىترىدى. قانلىرىم شۇنداق كۆپكەن ئىدى. ئۇ بالىغا قاراپ ئۇيلنىش ئىچىدە ئالاھەزەل 10 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرۇپتىمەن. تۇساتتنلا يىقىن ئەتراپتىن ۋاراڭ چۇرۇڭلار چىقشقا باشلىدى. قارساق ھىلىقى تام چاققان بالىنىڭ دۇستى شۇ سەنشخاڭزىدىكى ساقچىلارنى چاقىرىپ ئەكلىپتۇ. ئەمما ئۇ بالا ئاللا بۇرۇن جان ئۈزگەن ئىدى. ئۇ بالا قەشقەردىن ئىكەن. ساقچىلارنىڭ كىلىشى بىلەن مەن ۋە دۇستۇم ۋە يەنە بىر قانچە ئەركەك ئۇيغۇر باللىرى ساقچىلارغا سۇئال قۇيۇشقا باشلىدۇق. ئەمما ساقچىلار سۇئاللىرىمىزىغا جاۋان بىرەلمەي ياردەمگە ساقچى چاقىرىدى بىردەمدىلا بىر قانچە ساقچى كىلىپ ھەمىمىزنى سۇرۇشكە باشلىدى. ئارىمىزدىكى بىر بالنى ئۇرۇپ ئىلىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بالنى ئىلىپ كەتسە (ئۈزۈمنىڭ ئۇيلغانلىرىم: مەن بىر ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان ئادەم بۇنداق ئىشلارىغا ئۈزەڭنى سىلىپ بەرمە. سنىڭ كىلەچكىڭ بار. سەن چەتكە چىقىپ ئۇقۇشۇڭ مىللتڭ ئۈچۈن نەتىجە يارتىشىڭ كىرەك دەپ ئۆزەمنى بەزلەپتىمەن. ئەمما چەتكىمۇ چىقىتم. دۇنيا سىياستىنمۇ ئاز تۇلا چۈشەندىم . ئەمما بىر دىخان قىرندشىمدەك بۇلالماي ئۈزەمنى مىللەتنى سۈيىدىغان زىيالى سۈپەت كۈرستىپ شۇ دىخان قىرنىدشىمنى باشقىلار ناھەقلا تۇتۇپ كەتسە قاراپ تۇرۇپتىمەن. بەلكىم بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن بىر ئۇمۇر ئازابلىشىم مۇمكىن) . بۇرۇنقى كۈرگەنلىرىم ۋە شۇ ئىشلاردىن كىيىن ئۇيغۇر ساقچىلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۈچ بۇلۇپ كەتتىم. ئۇلارغا بۇلغان قىساس يالقۇنۇم مەڭگۇ ئۈچمەيدۇ. ئاللاھدىن ھەر نامازىدا زالىملارىغا ياردەم بەرگەن ئادەم مىللتىمدىن ۋە دىنىمدىن بۇلسمۇ ھەقىقەت ئۈچۈن مىنى ھىچ ئىككلەندۈرمەسلىككە ئۇلارغا قارشى تۇرۇشمغا رۇھ ۋە قۇۋەت بىرشغا دۇئا قلىدىم. (شۇ بالنىڭ تۇرۇقنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم بىر مىللەت بىر دىندا تۇردۇق دەپ ھەتتاكى ھەق سۆز قىلغانلارنى يۇقۇتۇشنى پىلان قىلىپ ئۇلارنى تۇتقان ساقچىلارنىڭ نامەرتلكنى كۆز ئالدىمغا شۇنداق يىغلاپ كىتمەن. ) ھۆرمەت بىلەن: تاھىر . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karwan526 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قانۇن ئارىلىق ھوقۇقىڭىزنى قوغدامسىز، ئەگەردە سىزنى سىياسىيغا چېتىپ قويسا قايسى سوت مەھكىمىسى سىزنىڭ دېلورىڭىزنى قۇبۇل قىلىشقا پېتىنالايدۇ. بۇرۇنقى يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭدا بىر ئادەم سىياسىيغا چېتىلىپ قالسا ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنى خىزمەتتىن ھەيدەيدىغان، تۈرمىگە سولايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولغان، لېكىن كىمنىڭ ئەرىزىنى قايسى سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىپ بېقىپتۇ، دۆلىتىمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
iklima دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەللە يوغان باش كېچىك ، داستىخان يوغان نان كېچىك. <<سۇ>> بولسىلا ھېساپمۇ؟ قېنى بىزگە شۇ ئېچىق. بۇنداق ئەمەلىيىتى يوق گەپلەر ئېمىۋاتقان ئېمىزگىدىن سۈت چېقمايدىغىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بالىنىڭ قېرقىراپ يېغلىغىنىدەك ئازاپلىق بولىدىكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
xahirzat دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئۈنداقتا ئىچكىردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئوغرى دەپ پىراگىرامما ئىشلىگەن ھىلىقى رىياسەتچى ئۇستىدىن كىم ئەرىز قىلالايدۇ .نۇر بەكرىمۇ ؟.ياكى سىزمۇ ؟.بۇنداق قانۇنلار بىزگە كەلگەندە ئىشلىمەيدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAMATJAN1984 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىhakzatنىڭ2008-04-24 21:01يوللىغان : ھەقىقەتەن توغرا دەيسىز مەن قوشۇلىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAMATJAN1984 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىxahirzatنىڭ2008-04-24 23:13يوللىغان : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuilgun دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن يۇقۇردا بېر نەچچە تورداشنېڭ بۇ مەسېلە ئەېللېشېئگە ئېشەنمەيمەن دەپ يازغان ئېنكاسېگە قاراپ قاتتېق غەزېۋېم كەلدې بۇ قورقۇنچاق يۇرۇكې پوك پوك قېلدېغان توت ئۇيغۇرنې كورسە ئالامدە ئوزېدېن نوچېسې يوق باشقا مېللەتنې كورسە ئېگېلېپ تۇرالمايدېغان لەقۋالارنېڭ گېپې ئۇ بۇ بۇگۇن تور بەتتە ئلان قېلېن غان ئېكەن ئۇنې ئوزېمېزنېڭ قانۇنې مەنپەتېمېزگە ئېشلېتەلېش بېزنېڭ ۋېجدان ۋە يۇرېكېمېزگە باغلېق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alyarim دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىز ئۆگەنسەكمۇ دەيلى لىكىن بىزنى ھازىر تېرورچى ، ئوغىرى ، شاپاق دوپپىنى كىيىپ بولغىچە ھېلى ئاۋۇ تەشكىلاتنىڭ ھېلى ماۋۇ تەشكلاتنىڭ دەپ تۇتۇپ كىتىۋاتقان . بىزنى باپلاشتا قانۇن كەتمەيدۇ. ......................يەگە يىتىپ قالدى جۇمۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
saybulak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۈنداقتا ئىچكىردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئوغرى دەپ پىراگىرامما ئىشلىگەن ھىلىقى رىياسەتچى ئۇستىدىن كىم ئەرىز قىلالايدۇ .نۇر بەكرىمۇ ؟.ياكى سىزمۇ ؟.بۇنداق قانۇنلار بىزگە كەلگەندە ئىشلىمەيدۇ.
مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Tokkuzsak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىللەتلەرنى نىمىشقا ئاز سانلىق مىللەت، كۆپ سانلىق مىللەت دەپ ئاتايدۇ؟ ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللەت نامى بار، «ئاز سانلىق مىللەت»(شياۋشۇ مىزۇ) دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزىلا شۇ مىللەتنى كەمسىتىكەنلىك، كۆزگە ئىلمىغانلىق،ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ihtiram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مانا ھازىر كىچە سائەت 12 دىن كېيىن سىرىتقا چىقالمايسىز. قارىسىڭىز ھەممە يەردە ئالا ۋاراق كىيىم كىيگەن بىچارە ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان ئائىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى.قېرىنداش مىللەتلەر بولسا خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئويىدە ئەنە ئاشۇ بىچارىلەر ۋۇجۇتقا كەلتۈرۋاتقان تىنىچ ئامانلىقنىڭ تۈرۈتكىسىە بىخەتەر سۈت ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان .سىرىتقا چىقىپ قالسىڭىز 20 - 30 ئالا ۋاراقلار دەرھال قېشىڭىزغا يوپۇرلۇپ كىلىپ نەگە ماڭدىڭ بۇ كىچىدە ؟ نىمە ئىش قىلىسەن؟ نىمە مەقسىدىڭ بار يېرىم كىچىدە مېڭىپ دىگەندەك ئادەمنىڭ كوڭلىنى ئېلىشتۇردىغان سۇئال سۇراقلارنى سوراۋاتقان، قانۇنى ھوقۇقىڭىزنى قوغداي دىسىڭىز ھېلىقى قانۇننى بىلمەي تۇرۇپ قانۇن ئىجرا قىلدىغانلار بىكاردىن بىكار قولىدىكى كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇۋاتقان.
ئىشقىلىپ مەن مۇشۇ قانۇننى <ئەڭ كۆپ سانلىق> ئاممىنىڭ مەنپەتى ئۇچۈنلا تۈزۈلەمدىكىن دەپ قالىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAHADER0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز ئۆگەنسەكمۇ دەيلى لىكىن بىزنى ھازىر تېرورچى ، ئوغىرى ، شاپاق دوپپىنى كىيىپ بولغىچە ھېلى ئاۋۇ تەشكىلاتنىڭ ھېلى ماۋۇ تەشكلاتنىڭ دەپ تۇتۇپ كىتىۋاتقان . بىزنى باپلاشتا قانۇن كەتمەيدۇ. ......................يەگە يىتىپ قالدى جۇمۇ.
مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ئۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ ئەمىللەشمىگەن بۇنڭدىن كىينمۇ ئەمللەشمەيدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|