![]() |
| ||||||
Ayturk2010
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
akmihman
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ شىئەندە ئۇقۇيمەن ،مەنمۇ سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى باشتىن كەچۈرگەن ،بىزمۇ مۇسۇلمانچە
ئاشخانا ئىزلەپ خېلى يىراقلارغىچە بارىمىز ، بىراق بەزى ساۋاقداشلىرىمىز سىز دىگەندەك مەكتىپىمىزنىڭ ئەتراپىداخەنزۇلار ئاچقان ئاشخانا،كىچىك-كىچىك يېمەكلىك دۇكانلىرى،راڭپىزا،مالاچۆەر ،تاڭخۇلۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يەيدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە پەقەت ھېلىقى ھايۋاننىڭ گۆشى ئارلاشمىغاندىكىن يېگىلى بولىدىكەن... دوستلار بولسا ئايتۈركنىڭ تەۋسىيىسىنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلار.... ------- ئۇيغۇر ئوغلانى | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
ABDULAMIN
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، ھەقىقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ئاللاھۇ ئەكبەر،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئاللاھۇ ئەكبەر،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئاللاھۇ ئەكبەر،،،،،،،،،،،،،،،،،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tumaris16
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نەنجىڭدىغۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار بار،ئەمما تاماقلىرى بەك قىممەت.شەھەرمەركىزىدە يېڭى بىر ئاشخانا ئېچىلغانىدى،ھەممەيلەن قىمەت بولسىمۇ تاماقلىرى ئوخشايدۇ دەپ شۇ يەرگە باراتتۇق،يېقىندا ئاڭلىشىمىزچە كاۋىپنى يىيىشكە بولمايدىكەن.باشقا تاماقلىرىگەشىنجاڭدىن كىرگۈزگەن ھەقىقي مۇسۇلمانچە گۆش ئىشلىتىدىكەن.
بىز بۇ يەردىمۇ كۆرۈپ تۇرىمىز ،ئاز بولمىغان ساۋاقداشلىرىمىز كېنتاكىي قاتارلىقلارغا كىرىپ يەۋېرىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە
| كېندېجىنى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ تەپ تارتمايلا يەلىۋېرىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
gulkiz2
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin
ئالتىنجى سەزگۈ
| بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاجىزلىغىمىز بولغاچقا باشقىلارنىڭ سودىسى ياخشى يۈرۈشكەن .تېخى مۇسۇلمانچە دەپ ماركا چاپلاپ قويسىغۇ ھەممىنى يەيمىز . تېخى يېقىندا مۇشۇ تور بېتىدە .<مۇسۇلمانچە ھاراق> دەپ شىنجاڭنىڭ غۇلجىدا ھاراق ئىشلىگەنلىگى توغۇرسىدا تېما يوللانغىنى ئىسىمدە .توۋا ئەمدى ھاراقنىڭ مۇسۇلمانچىسى چىقىپتۇ، بۇ نىمە دىگەن گەپ ئەمدى ..........يوللانمىڭىز نۇرغۇن ئادەمگە ئگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
نەۋرۇز
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىز دائىم 肯德基 بىلەن 百富 غا كىرىپ خەنباۋ بىلەن توخۇ كاۋىپى دىگەندەك نەرسىلەرنى يەيتۇق .
مەن بەزىدە ئۇيەرگە بارمايلى ئۇ مۇسۇلمانچە ئەمەس ،دىسسەم پاكىستانلىق دۇستۇم ( 5ۋاق ناماز ئۇقۇيدۇ) 肯德基 نىڭ تازلىقى ئىنتايىن ياخشى ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار . توخۇ نى ئۆلتۈرۈش مەسلىسىگە كەلسەك سىلەر دائىم بازاردىن توخۇ سېتىۋالىسىلەر ،ئەجەپ ئاشۇ ۋاقىتتا بۇنداق ئويلىمايدىكەنسىلەرغۇ؟ بازاردا سېتىۋاتقان توخولارنىڭ ھەممىسىنى موسۇلمانلار قولدا ئۆلتۈرۈپ بۇلالمايدۇ ، ھەممىسى دىگۈدەك ماشىنىدا بوغۇزلانغان توخۇلار . ناۋا دا مۇسۇلمانچە ئەمەس دىمەكچى بولساڭلار ئاللاھ بەندىلىرىگە قىينچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ يىيىشتىن بۇرۇن ئالاھۇ ئەكبەر نى 3قىتىم ئۇقۇپ ، مال بۇغۇزلىغاندا ئۇقيدىغان ئايەتنى ئۇقۇپ يىسەك بۇلىدۇ دەيتتى ،شۇنىڭ بېلەن ئائىيلىدىكىلەر سەل خاتىرجەم بۇلۇپ بارىدىغان بولدۇق . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UTKAL
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | نەنجىڭدىكى بىر كاۋاپچى نىمە دەيدۇ دەڭلار:بۈگۈنكى گۈش چوشقىنىڭ گۈشى يىمەڭلەر ،ئەتە «بازار»دىن كالىنىڭ گۈشىنى ئېلىپ پۇشۇرۇپبېرەي دەيدۇ.«بازار»دىن دىگننى قانداق چۈشەندىڭلار؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
MAHMUTJAN110
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | رەھمەت سىزگە دوستۇم توغىرا دەيسىز مەن خاڭجۇدا ئەمما ئۇقۇمايمەن تىجارەت قىلمەن شۇنداق بۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە مۇسۇلمانچە تائاملار ھەقىقەتەن ئاز ھەم بەك قىممەت بىزلەرگە ئېغىر چۇشمىگەن بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپىتەن ئېغىر كىلدۇ لىكىن ئامال يۇق
يەنە بىر گەپ ھايۋان گۆشى ئارلاشمىغان بىلەن ئەمما بۇ خەق غۇسۇل قېلىشنى بىلمىسە ئۇ ئەتكەن تائاملارنى قانداقمۇ يىگىلى بۇلسۇن قېرنداشلار ئۇبدانراق ئويلاشمىساق بۇلمايدۇ يەنە بىرىڭلار پاكىستانلىقنىڭ گېپىنى قىلىپسىلەر مۇنا مەن شۇ پاكىستانلىققا تەرجىمەنلىق قىلمەن بۇ خەق ئانچە بەك ئايرىپمۇ كەتمەيدۇ خەنزۇلار يېگلى بۇلدۇ بۇ ھالال دەپ قۇيسا سۇرۇستۇرمەيلا يەۋېردۇ تېخى ھىلىقى كېنىجى دەپ قۇيامدۇق شۇنىمۇ كۇپۇنچىلىرى يەيدۇ بۇنى قانداق يېگىلى بۇلدۇ دېسە تېخى نېمشقا دەپ سورايدۇ بۇ ئۇنداق بۇنداق بۇنى خەنزۇلار پۇشۇرسا قانداق يېڭلى بۇلسۇن دېسە بۇنى سۇرۇشتۇرسەڭ سەن يەۋاتقان ئۇن ياغ سەي كۆكتاتلارنىڭ ھەمىنى شىنجاڭدىن ئەكەلمەيسەن مۇشۇ يەردىن ئېلىپ يەيسەنغۇ دەپ قۇيدۇ ئەمەسمۇ [ يوللىغانMAHMUTJAN110تەرىپىدىن2008-04-24 15:48قايتا ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
نەۋرۇز
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | لىكىن مېنىڭ دۇستۇم ( بىزنىڭ سودىدىكى ھەمكارلاشقۇچىمىز ). شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقىلى 10غ يىل بولدى 5ۋاق ناماز ئۇقۇيدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
man-boytak
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تاتلىق بۇرادەرلەر بۇ بىر پاكىستانلىق خالاس.... بىز ئۇزىمىزنى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىدە ئۆلچەيلى! ھەرگىزمۇ پاكىستانلىق مۇسۇلمانچىلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ...ئۇ خەقمۇ مۇسۇلمانچىلىقتا بىزدىن ھېچقانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ!!! ... ھەممىڭلار ئىچكىرنى دەپسىلەر ،بىزنىڭ مۇشۇ ئانا دىيارىمىزدىمۇ ھېچقانچە تەپ تارىتماستىن ، مەغرۇرانە كىرىپ ئولتۇرۇپ غەرىپچە تاماقخانىدا تاماقلىنىدىغان <<مۇسۇلمان >>لىرىمىز ئاز ئەمەس~...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuilgun
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئېچكېرگە ساياغەت ۋە خېمەت بېلەن بېرېپ 17 .ولكېنې كورۇپ كالدېم كوپ جايلاردا تۇڭگانلار ئاشىانېسې بار كەن ساپلا ئەرەپچە ئىەتلارنې تېمېگا چاپلېۋاپتۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhan22
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ، تاماق يىكەندە ئۇنىڭ كىلىش مەنبەسىكە دىققەت قىلىش كىرەك ، ھارام نەرسىلەردىن ساقلىنايلى ، ھارام ئىمانى يۇقتۇردۇ ، مەنمۇ ئىچكىردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرغان ، بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان ئىدىم ، بىز بارغان يەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئاز ئىكەن ، بىز ئادەتتە تۇڭكانلارنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يىدۇق ، ئۇ ئاشخانغىمۇ بىرەر سائەتچە يۇل يۈرۇپ باردىغان گەپ ئىدى، باشتا بارغاندا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاشخانسىدىن تاماق يەيدىغانلىقىنى بىلىپ بىزمۇ باردۇق ، كىرىپ قارساق مۇسۇلمانچە ئاشخاننا دەپ قۇيۇپتۇ ، پەرقى شۇ باشقا گۆش يۇق ئىكەن ، بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردىن تاماق يەيدىكەن ، بەزىدە سىرىتتا تاماق يەيدىكەن ، بىز بىرىنىچى كۈنى بىرىپ باشقا يەرلەرنى بىلمىكەچكە بىزمۇ مەكتەپ ئاشخانسىغا بارغان ، ئۇيغۇر بالىلارمۇ شۇ يەردە تاماق يەۋاتقانگەن يەنە ئەرەپ ۋە ئافىرىقىدىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن ، بىز پەقەت قۇرۇق گۈرۈچ بىلەن سۇغۇق خام سەي ئىلىپ يىدۇق ، كىيىن ئۇ يەردىكى بالىلاردىن سىرىتتا ئاشخانىلارنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن سىرىتتىن يەيدىغان بۇلدۇق ، ئۇ تۇڭگانلار گەنسۇدىن كىلىپ تىجارەت قىلۋاتقانلار ئىكەن، ھەر جۇمە كۈنى مەسچىتگە بىرىپ تۇردىكەن ، ئاڭلىساق گۆشنى مەسچىتە سۇيۇپ تارقىتىدىكەن ، بۇنىڭ راست يالغانلىقغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ئەمما بۇ ئاۋۇ مەكتەپتىكىدىن ياخشى دە ،
ئۇ تۇڭگانلار يەرلىك تۇڭگانلارنى كاپىر دەپ تىلاپ تۇردىكەن تىخى ، بىرقىتىم سىرىتقا چىققاندا ، بىرنىڭ ئارىمىزدا خەلەر خىلى جىق ئىدى ، شۇلار بىلەن چىققان ئۇلار كىنتىجى تىز تاماقخانسىغا كىرىپ مۇمۇ يەردە يەيلى دىدى ، مەن بۇ يەردە سۈت بىلەن تۇخۇم بۇلسا يەيمەن باشقا نىمەىلەرنى يىمەيمەن دىسەم سۈت يۇق تۇخۇ گۈشى بار دەيدۇ ، مەن يىمەيمەن دەپ ئۇلتۇرپ سىرىتقا چىقىپ كەتتىم ، سىرىتتا ئايلىنىپ يۇرۇپ بىر تۇڭگاننىڭ ئاشىخانسىنى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بۇلۇپ كەتتىم ، ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن ، شۇنداق ئىزدەسە تاپقىلى بۇلىدىكەن ، ئەمما خەقنىڭ يۇرتىنى بىلىپ بۇلغىچە خىلى ۋاقتىت كىتىدىكەن ، شۇندىن كىيىن بىز بازارغا ماڭساق ئەتىكەندە تاماق يىۋىلىپ ، بىراقلا كەچتە قايىتىپ كىلىپ مەكتەپ ئەتراپىدىن تاماق يەيدىغان بۇلغان ، شۇنداق تەستە تۇرشقان بۇ ۋاقىتلا ، ئىشقىلىپ ئىچىلىردە ئادەم بەكلا قىيلىنىپ كىتىدىكەن ، تىما ئىگىسىكە رەھمەت!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abralkizi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم ئاللا رەھمەت قىلسۇن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dil220
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇ «مۇسۇلمانچە» دەپ خەت يېزىلغان ئاشخانىلارنىڭمۇ ھەقىقى مۇسۇلمانچە بولشى ناتايىن!يېقىندا بىر خەنزۇ خىزمەتدىشمىزنىڭ ئىنىسى شىنجاڭ يېزا-ئېگلىك ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئالدىدا ئاشخانا ئاچقان«مۇسۇلمانچە». ماڭا بىر ئۇيغۇر قىز مۇلازىمەتچى تېپىپ بەرسەڭ دەيدۇ،مەن ئاشخاناڭ مۇسۇلمانچە بولمىسا يا دىسەم چوڭ ئاشپەز تۇڭگان دەيدۇ،مەن ئادەم تېپىپ بىرەلمەيمەن دىسەم،ئەمسەمۇسۇلمانچە ئاشخانىلار غا ئېسىپ قويدىغان ئەرەبچە خەت يېزىقلىق لوزۇنكا تېپىپ بەر دەيدۇ. مەن چىداپ بولالماي «مەن تېپىپ بىرەلمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭ تاپ دىدىم» .
لىكىن ئويلىسام ئىچىم بەك ئاچچىق بولدۇ ،قانۇندا بۇنڭغا ئالاقىدار بەلگىلىمە يوقمىدۇ؟ «مۇسۇلمانچە » دەپ خەت يېزىپ قويسا كىرىپ يەۋىردىغان كىشىلىرمىز ئاز ئەمەس. ئۈرۈمچىدە بۇنداق بولۋاتقان يەردە باشقا يەردە نىمە بولار؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
yopurmaq
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىنەۋرۇزنىڭ2008-04-24 16:31يوللىغان : بەش ۋاخ ناماز ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى،ناماز ئوقۇيدىكەن دەپلا قارغۇلارچە ئەگەشسىڭىز بۇ ئەخمىقانىلىك.... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
svzvk0997
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ھەقىقەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى تېما ئىكەن،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hilajidin
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سېز گە نا ئا تې ياخشې يېزېپسېز.
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
胡杨0903
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئايتۈرك، سىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|