| |||||||
dilnor دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاكىسىنى سېمونت نورغا «دەپنە» قىلىۋەتكەن ئۇكا جىددى مەلۇم قىلىنغان قاتىللىق دېلوسى 23-فېۋرال يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسدە 2007-يىلىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش، 2008- يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. بىغىن كۈن تەرتىپ بويىچە مۇكاپاتلاش باسقۇچىغا كەلگەندە، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر ئابدۇللانىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى. تېلفوننى ئالمەت ساقچىخانىسىدىكلەر بەرگەن بولۇپ، ئۇلار تېلفوندا تەۋەلى كىدە ئولتۇرۇشلۇق بىرەيلەننىڭ ئۆلتۈرلۈپ، جەسىتىنىڭ سېمونت نورنىڭ ئىچىگە يوشورۇپ قويولغانلىقىنى مەلۇم قىلىدى. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەنۋەر ئابدۈللا ئۇلارغا نەق مەيداننى قوغداشنى تاپىلاپ، دېلو ئەھۋالىنى ناھىيلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې جىپىڭغا دوكىلات قىلىدى. خې جىپىڭ ئۇنىڭغا نەق مەيدانغا چىقىپ بۇ دېلونى تېز سۈرئەتتە پاش قىلىشنى ئورونلاشتۇردى. ئەنۋەر ئابدۇللا بىغىن مەيدانىدىلا زور دېلولارنى پاش قىلىش ئەترىتىدىكلەرنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا يۈرۈپ كەتتى. نەق مەيدان ناھىيە مەركىزىدىن 70 كېلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. رازۋىدكىچىلار نەق مەيداننى قوغداۋاتقان ساقچىلاردىن ۋە ئاممىدىن ئەھۋال ئىگەللەشكە باشلىدى. سېمونت نورنىڭ ئىچىگە يوشورۇپ قويولغان جەسەت جەسەت ئالمەت كەنتى مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق توختىخان ( ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) نىڭ ئېشىكى ئالدىدىكى يولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان سېمونت نورنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويولغان بولۇپ، رازۋىدكىچىلار ئەستايدىل كۈزىتىش ئارقىلىق بىرىنچى نەق مەيدان توختىخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يول بويىغا بېسىپ قويولغان كېۋەز شادىسىنىڭ ئۇستى دەپ مۇقىملاشتۇردى. رازۋىدكىچىلار جەسەتنى ئەتراپتىكىلەرگە تونوتقاندا، ئۇنىڭ توختىخاننىڭ چوڭ ئوغلى سادىق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. قانون دوختۇرى جەسەتنى تەكشۈرۈپ: « زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھايات ۋاقىتىدا بىسلىق سايمان دۈمبىسىگە تىقىلىپ ۋە بىسلىق سايمان بىلەن بېشى چانىلىپ كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن قانسىراپ شۈك بولۇپ ئۆلگەن » دەپ يەكۈن چىقاردى. تويدا تورغا چۇشكەن گۇماندار رازۋېدكىچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق گۇماننى توختىخاننىڭ كىچك ئوغلى ئەمەتكە قاراتتى، بىراق توختىخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىقلىق تۇراتتى. رازۋىدكىچلار ھويلىغا كىرگەندە يېڭىلا يۇيۇلۇپ يېيىپ قويولغان بىر شىم بىلەن قان دېغى بار پەلتۇنى چېلىقتۇردى ۋ نەق مەيداندىكى قان داغلىرىنىڭ سادىقنىڭ قېنى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. رازۋىدكىچىلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەتنىڭ ئاغىسىنىڭ تويىغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال توي بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىپ ئۇنى ساقچىخانىغا ئېىلىپ كەلدى. سوراقتا گۇماندار ئاكىسى سادىقنى ئۆلتۇرۋەتكەنلىكىگە ئىقرار بولدى. قاتىللىق دېلوسىنىڭ باش-ئاخىرى توختىخان 1994-يىلى ئېرى قاسىم بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ چاغدا ئەمەت ئانىسىغا، سادىق دادىسىغا قالغانىدى. سادىق 22 ياشتا بولۇپ، يېقىندا توي خېتى ئالماقچى ئىدى.سادىق بۇ خوش خەۋەرنى ئانىسىغا ئېيتىش ئۈچۈن 23-فىۋرال ئەتىگەندە توختىخاننىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە كەچتە قونوپ قالماقچى بولۇپ ئىنىسى ئەمەتكە: « ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى دادامغا بەرمەي كەپتىمەن، سەن ئاچقۇچنى ئاپىرىپ بەرگىن، بولمىسا دادام كەچتە ئۆيگە كىرەلمەيدۇ» دەپ ئاچقۇچنى بەردى. ئەمەت ئالمەت بازىرىغا بېرىپ دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئاچقۇچنى دادىسىغا ئاپىرىپ بېرىشنى ئۇنتۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا سىڭلىسى ۋە ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئەمەت ئانىسىغا: «ئاچقۇچنى دادامغا ئاپىرىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەن ئاپىرىپ بەرگىن» دەپ ئۆزى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سادىق ئىنىسىنى: « سېنى ئىشقا بويرۇسام، گىپىمنى ئاڭلىمايسەن، مانا ئەمدى دادام ئۆيگە كىرەلمەي ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى چاقىدىغان بولدى» دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللىدى. ئەمەتمۇ بوش كەلمەي ئاكىسىنى تىللىدى، سادىق شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ بارغاندا ، ئەمەت تالاغا قېچىپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا سادىق ئۆيدىكى پىچاقنى ئېلىپ چىقىپ ئەمەتكە شىلىتغاندا، ئەمەت ئاكىسىنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋىلىپ: « ئەمدى سەن ئۆل!» دەپ پىچاقنى ئۇنىڭغا شىلتىدى، نەتىجىدە پىچاق سادىقنىڭ بىلكىنى كىسىۋەتتى ھەم دولىسىغا كىرىپ كەتتى. سادىق ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئوتۇن يارىدىغان پالتىنى ئېلىپ چىقىپ شىلتىغاندا چۇلدىسى ئەمەتنى بىلىكىگە تەگدى، ئەمەت شۇنىڭ بىلەن سادىقىتىن پالتىنى تارتىۋىلىپ، پالتا بىلەن ئۇنى بېشىنى چانىدى........... ئەمەت ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن پالتىنى ئۆيگە ئەكىرىۋىتىپ، قان دېغى بار پىچاقنى سادىقنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئىشىك ئالدىدىكى سېمۇنت نورنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى. ئۇ كىيىم- كىچەكلىرنى ئالماشتۇرۇپ، قان دېغى بار كىيمىنى يوشۈرۈپ قويدى.ئانىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەمەتتىن ئاكىسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇ « كۆرمىدىم» دەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆجرىسىغا كىرىپ قان دېغى بار كىيىم-كىچەكلىرنى يۇيوۋەتتى. گۇماندار ئەمەت 24-فېۋرال توختىتىلىپ، 6-مارت يەكەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى. (ئاپتۇرلار: يەكەن خەلق رادىئو ئىستانسى، يەكەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىدە) مەنبە: قانونچىلىق گېزىتىدىن ئىلىندى _____________________ ( كۆرەشجان ئەسكەرتمىسى ) بۇلۇپمۇ خەۋەر يوللىغاندا ئىملاغا قاتتىق دىېققەت قىلىڭ ! [ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-04-25 20:49قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : layli0317 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-23
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فىكرەت | مەن بۇ ۋەقەنى باياتىن گىزىتتىن ئوقۇغان ئىدىم...
كىشىلەردىكى ئىمان ئىتقادنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر كىلىپ چىقىۋاتىدۇ....قانۇنچىلىق گىزىتىدە ئىلان قىلىنىۋاتقان دىلولارنىڭ سەكسەن پىرسەتنى ھاراقتىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ..... | ||||
---|---|---|---|---|---|
فىكرەت | ھەي كىچىكىنە بىرئش ئۇچۇن ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇدە.......ھەي.....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
hiyalikiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇناپىق!
كىشىلەردە مۇشۇنداق ئىشلار نىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇلار نىڭ ئىمانىدىن ئاجرىشىنىڭ ئىپادىسى . دىنىمىزدىمۇ ئادەم ئۆلتۈر گەن ئادەم دوزاخقا مەھكۈم قىلىنىدۇ دىيىلگەن.ئەجەبا مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز اللە نىڭ جازاسىدىن قورقمامدىغاندۇ. بۇنداقلارنى ئادەم دىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدىكەن.ئۆز قېرىندىشىنى پالتا بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈپ، يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەتىسى توي ئويناپ يۈرگىنىنى قارا توۋا......!!! بۇ ئىشنى ئاڭلاپ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دۇنيادا ئادەمدىنمۇ ۋەھشى ھايۋان يوق! نەشتىرى تۇرۇپ بىر توپ ھەرىلەر ،بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن، نەشتەرسىز تۇرۇپ ئادەملەر كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kun^kiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توۋا قىلدىم خۇدايىم ئىنسان قىلپىدىن چىققان مۇناپىق ئىكەن ئۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
نەۋرۇز دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قىنى نېمداق قىززىق تۇ .
قېرىنداش تۇرۇپ شۇنچەگەپنىمۇ كۈتۈرەلمەي قىلغان ئىششىنى ماۋۇ ئاكا-ئېنىنىڭ ھەي،،،،،،،،،،، توۋا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇنىمە كارامەت ئۆزى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ZULPEHAR دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاھ خۇدا ما ئىشلارنى كۆرۈڭ .بىزنىڭ يەكەندىمۇ مۇنداق قاتىللىق ۋەقەلىرى چىققىلى تۇرۇپتۇ ،ئەمدى ،ئۆم بولايلى ئۇيغۇرۇم ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AIZIRE دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | نەشتىرى تۇرۇپ بىر توپ ھەرىلەر ،بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
نەشتەرسىز تۇرۇپ ئادەملەر كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
USULQIKIZ دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | توۋا ھەر ئىنساننىڭ ئىنساۋىنى بەرگەيلا .بۇ تىمىنى كۆرمىسەم چۇ ،بىر قىسملا بوپ قالدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرا زېمىن سۆيگۈسى | ئالدىمىزدا كۆرىدىغان ئىشلار بار تېخى ياقىمىزنى شۇ چاغدا چىشلىسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atuxboy526 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ بالا نىمەدىگەن قەبىي بالا ئەمەس چوڭ بالاااااااااااااااااااااااااا ئىكەنغۇ كاساپەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئابلا دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىردەملىك قىزىق قانلىق ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ ،نادانلىق
ھەي!!!!نادانلىق............ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hanjar526 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھايۋان ئولىۋالساڭچۇ ئوز قېرىندىشىڭنى ئولتۇرگىچە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ELSHER | جۇڭگۇدا << ئاساسى قانۇن >>ئالدىدا ھەممە باراۋەر بولسىمۇ لىكىن بارلىق جىنايەتللەرنىڭ % 80 پىرسەنتى ئوز ئىمانى سۇسلۇشۇش ، رۇھى مەنىۋىتى بۇلغۇنۇش ، مەست قىلغۇچ كەيىپلەر ئارقىلىق يۇز بىردۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1212adiba دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇڭلاشقا ھەرقانچە دەرت تاتسىڭىزمۇ بالىلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئاجراشماڭ قېرىنداشىم، ئادەتتە ئاتا- ئانا مېھرىگە قېنىپ ھەم شۇلارنىڭ تەربىيىسىدەچوڭ بولغان بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.بۇ بىر ھەقىقەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz | ھەي ئىسىت ئاشۇ بالىدىن ئاتا -ئانىسى نۇرغۇن ئۈمىتلەرنى كۈتكەن بولغىيتى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kzelyopurmak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللا بەندىللىرىڭنىڭ كوڭلىگە ئنساپ بەرگىن. مىھرى شەپقەت ئاتا قىلغىن. ئامىن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ali533 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەر كىمنڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | بۇ ئىمان ئىتىقاتقا مۇناسىۋەتلىك ئىش .ئادەمدە ئىمان بولمىسا ھەر قانداق قەبىھ گۇۇناھلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|