| |||||||
gulqikiz | قىزلار سىلەر قانداق ئوغۇللارنى ياقتۇرىسىلەر؟مەن تۈنۈگۈن مۇنبەردە تىما كۈرىۋىتىپ،<ئوغۇللار سىلەر قانداق قىزلارغا ئامراق> دىگەن تىمىنى كۆرگەن ئىدىم .
بۇگۈن قارىسام ئوغۇللار قايناپ كىتىپتۇ!تىما ئىگىسى قىزلار ئىنكاس يازماڭلار دەپ يىزىپ قۇيۇپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئىنكاس يازماي يىنىپ چىقتىم دە.كاللامدا مۇنبەردىكى قىزلار قانداق ئوغۇللارنى ياقتۇرىدىغاندۇ ؟دىگەن سۇئال پەيدا بولدى.شۇڭا بۇ تىمىنى يىزىشنى ئويلىشىپ قالدىم! قىنى قىزلار سىلەرمۇ بوش كەلمەي،كۆڭلۈڭلاردىكى ئوغۇللارنىڭ قانداق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر بىر سۆزلەپ بىقىڭلارچۇ؟ ___ باشقۇرغۇچى : Ark-zat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-23
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxligim. دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قىزلىرىمىز نىڭ دەيدىغان گىپى شۇكى قاملاشقان بۇلمىسىمۇ ئۇزى ياخشى دىنى كۇچلۇك ، راسچىل ،ۋىجدانلىق ............... قاتارلىق شەرتلەرنى......
چۇنكى تاماكا چىكەلەيدىغان ھاراق ئىچەلەيدىغان ئۇغۇللارنى ياقتۇردىغانلار شەبنامگە بەك كىرمەيدىغۇ دەيمەن خاتا گەپ قىلغان بۇلسام كەچۇرگەيسىلەر | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amina725 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ئاق كۆڭۇل ، رومانتىك ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار، قەيسەر، مىنى ھەقىقىي ياخشى كورىدىغان ، راسچىل ،گپىدە تۇرىدىغان ،خۇشچاقچاق،ئوغۇللارغا ئامراق!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاياللار نەزىرىدىكى ئەرلەر
1. بىلىملىك، تەجرىبىلىك ، خىزمەت قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ . 2. ئائىلە ئىناقلىغىنى قوغدايدۇ ، مېھرى-شەپقەتلىك ،ئاق كۆڭۈل ، ئايالىغا ۋاپادار ، باللىرىغا كۈيۈمچان بولىدۇ . 3. ئەرلەرگە خاس ھېسداشلىققا باي ،ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلەيدىغان بولىدۇ . 4. جانلىق ، تېتىك ،ئەدەپلىك .پاك ۋىجدانلىق بولىدۇ . 5. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ،ئەپۇچان،مەرت بولىدۇ . 6. سەۋەپسىزلا سىرىتلاردا قونمايدۇ ،زۈرۈر ئىشى چىقىپ قالسا ئايالىغا ئېيتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇمايدۇ . 7. ئايالىنى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ ،رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . 8. ئىچىملىك ،چېكىملىك ،ئويۇن- تاماشاغا بېرىلمەيدۇ ،ئىقتىساتچان،كېيىنلىكىنى ئويلايدىغان بولىدۇ . 9. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،كىچىكلەرگە سىلىق -سىپايە ، مۇلايىم بولىدۇ . 10. تىرىشچان ،ئىشچان ، ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا باي بولىدۇ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MARGINA218 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | 1.بويى مەندىن ئېگىز بولىشى كېرەك، 2.ماڭا كۆيىنىدىغان بولىشى كېرەك ، 3. پۇلى بولمىسا مەيلى، لىكىن پۇل تېپىشقا تېرىشىپ باقماي يوق دەپلا ئولتۇرىدىغانلارنى ياقتۇرمايمەن. 4.ئانىسىنى ھەممىدىن بەك ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى ئانىسىغا كۆيۈنمىگەن ئوغۇلبالا ئاياللارغا كۆيۈنۈشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. 5. ئىمان-ئىتقادى جايىدا بولىشى كېرەك، ئاللاھدىن قورقماي كەيپ ساپاغا بېرىلىدىغان، ئاياللارغا زۇلۇم سېلىپ ئاچچىغىم كەلدى دەپلا مۇش كۆتۈرىدىغان ئوغۇللاردىن خۇدايىم ساقلىسۇن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
butterfly سودا توپى : 61116981 | ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئاز بىرقىسىملىرىمىز ئۆزى ياخشى، دىنى كۇچلۇك ، راسچىل ،ۋىجدانلىق، ۋاپادار بولمىسىمۇ كىلىشكەننى ، باينى تاللايدىغان بولۇپ كەتتى .
لىكىن كۆپ قىسىملىرىمىز يەنىلا ۋىجدانلىق، راستچىل ، ۋاپادار ... لارنى تاللايمىز . ئۆزۇمگە كەلسەم مەن ياقتۇردىغانلار تىخى تۇغۇلماپتۇ . (چاقچاق) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ سەن ئۈچۈن ! دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇتېمىنى ئاشۇ « يىگىتلەر سىلەر قانداق قىزلارنى ياقتۇرىسىلەر » دېگەن تېمىنى يوللىغۇچى يوللاپ بولغان . مەن ئاشۇنىڭغاجاۋاب بېرىپ بولغان ئادىرسىنى تىپىپ بېرەي كۆرىۋىلىڭلار :' ./read.php?tid-52918.html#418296
[ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-04-24 22:36قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
19851010 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ياقتۇرىدىغان يىگىت : ئەڭ ئاۋۋال دىلىنىڭ ئاقلىقى بولىشى، ئۆز دىنىمىزدىن خەۋىرى بولىشى، بالىلىرىنى دىنى جەھەتتە تەربىلەشنى بىلىشى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنىدىغان بولىشى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولىشى، ئائىلىگە كۆيۈنىشىنى بىلىدىغان، ئاياللارنى چۈشىنىدىغان ،ۋاپادار بولىشى، ئىچىملىك، چىكىملىكتىن يىراق بولغان بولىشى كىرەك. مىنىڭ يولدىشىممۇ مۇشۇ شەرتلەرگە تولۇق چۈشىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
samanyoli~ سامانيولى | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىbutterflyنىڭ2008-04-23 17:09يوللىغان : تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپ قالماڭ يەنە ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sipaya دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن تەربىيە كۆرگەن، ئېتىقاتلىق، ئاتا-ئانىسىغا كۆيىنىدىغان، ۋاپادار، ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە، كىشىنىڭ ھالىغا يىتىشنى بىلىدىغان، ئەردەك ئەرنى ياخشى كۆرىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىyaxligim.نىڭ2008-04-23 17:00يوللىغان : rasla hata gap kipsiz | ||||
---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇ تىمىمۇ قىزىيدىغان بولدى
| ||||
---|---|---|---|---|---|
(YAX) دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي قىزلار .........قېنى ؟ تۈگىدىما ..تەلىپىڭلار مۇشۇنچىلىكما ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | Quote:بۇ يازما13قەۋەتتىكى(YAX)نىڭ2008-04-23 18:04يوللىغان : tugigan ohxaydu, hihi.... bak gam kilmisakmu bolidikan | ||||
---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | ھەي بۇنى دەپ كەلسە گەپ جىق ، ھازىرقى قىزلار ئاغزىدا بىر ماشىنا گەپ بار ، سۆلەتۋاز ،ئالدامچى ،ساختپەز يىگىتلەرنى ياخشى كۆردۇ . ھاىزىر قاپاق پۇل ئەمەس ، بەلكى باراڭ پۇل بولۇپ قالدى .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
butterfly سودا توپى : 61116981 | Quote:بۇ يازما15قەۋەتتىكىHursan.نىڭ2008-04-23 18:22يوللىغان : دىگەنلىرىڭىز نىڭ ئاساسى بار. لىكىن ھەممە قىزلار ئۇنداق ئەمەس. ئاز بىر قىسىم ئائىلە تەربىيەسى كۆرمىگەن، ھەقىقى ئىززەت - ئابرۇي، مىھرى -مۇھەببەتنى بىلمەيدىغان قىزلا شۇند ق. ئەسكەرتىش : تەھىرىردىن كىرىپ ئىنكاسىڭىزغا «بەزى بىرقىسىم» دەپ ئەسكەرتىش بىرىپ قويۇڭ . بولمىسا شەبنەمنىڭ قىزلىرى بوش قويمايمىز سىزنى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaWDAAXIK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىلىملىك، تەجرىبىلىك ، خىزمەت قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ .
2. ئائىلە ئىناقلىغىنى قوغدايدۇ ، مېھرى-شەپقەتلىك ،ئاق كۆڭۈل ، ئايالىغا ۋاپادار ، باللىرىغا كۈيۈمچان بولىدۇ . 3. ئەرلەرگە خاس ھېسداشلىققا باي ،ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلەيدىغان بولىدۇ . 4. جانلىق ، تېتىك ،ئەدەپلىك .پاك ۋىجدانلىق بولىدۇ . 5. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ،ئەپۇچان،مەرت بولىدۇ . 6. سەۋەپسىزلا سىرىتلاردا قونمايدۇ ،زۈرۈر ئىشى چىقىپ قالسا ئايالىغا ئېيتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇمايدۇ . 7. ئايالىنى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ ،رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . 8. ئىچىملىك ،چېكىملىك ،ئويۇن- تاماشاغا بېرىلمەيدۇ ،ئىقتىساتچان،كېيىنلىكىنى ئويلايدىغان بولىدۇ . 9. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،كىچىكلەرگە سىلىق -سىپايە ، مۇلايىم بولىدۇ . 10. تىرىشچان ،ئىشچان ، ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا باي بولىدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kokyupurmak دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن ئاق كۆڭۇل ، رومانتىك ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار، مىنى ھەقىقىي ياخشى كورىدىغان ، راسچىل ،خۇشچاقچاق ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا باي ئوغۇللارنى ياخشى كورىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sirlikgul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Man yahturidiganlarmu tihi tugulmaptu
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
barhan1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزلىرمىز نىمە دىگەن بىلەن ھەقچان كۆڭلىدە پۇلى كۆپ، يىشى چوڭ (ئۆلگىلى ئاز قالغان) ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ شۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|