| |||||||||
boran820 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سۈيقەستىمۇ؟مەن ئادەتتە باشىقا يۇرتتا بولفاچقا كۆپرەك ئۇزۇن يوللۇق تېلىغۇن قىلىمەن، مېنىڭ تېلىغۇنۇم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بولغاچقا ئۇزۇن يوللۇق تېلىغۇن قىلسام نۇمۇرنىڭ ئالدىغا 17951 نى بېسىپ ئۇرىمەن،ھەم قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن تۇنۇشلىرىمنىڭ تېلىغۇن نۇمۇرىنىڭ ئالدىغا 17951 نى كىرگۈزۈپ تېلىغۇن دەپتىرىمدە ساقلىۋالاتتىم،يېقىندىن بۇيان شۇنى بايقاپ قالدىمكى ،سىز بىۋاستە 17951 نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ ئۇرغان تېلىغۇن نۇمۇرى بىلەن،ئەسلى تېلىغۇن دەپتىرىڭىزدە 17951 نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ ساقلىۋالغان تېلىغۇن نۇمۇرىغا ئۇرغاندىكى باھا ئۆلچىمى ئو خشىمايدىكەن.
بۇ مېنىڭ خاتا تەسىراتىممۇ ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سۈيقەستىمۇ؟ ___ باشقۇرغۇچى : gul-sanam تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-23
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | بەلكىم ئۇمۇ سىزنىڭ قارشىىڭز بولسا كېرەك . كۆچمە خەۋەرلىشىش ناھايىتى چوڭ بىر شىركەت ، ئۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا ،بۇندىن بۇرۇن جەمئيەتكە تارقالغان بولاتتى .شېىركەتنىڭ ئىناۋىتنى دەپمۇ بولسا ئۇنداق قىلماس .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koxuk | ئىشقىلىپ كۆچمە خەۋەرلىشىش زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. مەيلى ئۇنداق يا مۇنداق دىگەن پائالىيەتلەر بولسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Erktekin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەگەر 17951 نى باش نومۇر قىلىپ تېلىفون ساقلىۋالسىڭىز يەنىلا بۇرىنقى باھا بىلەن ماڭىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تېلىفون ئۇرغان چاغدا 17951 نى بېسىپ ئۇرۇڭ ..........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | سىز چۇقۇم تىلىفۇن ئۇرغاندا نۇمۇرنىڭ ئالدىغا 17951 نى قوشماپسىز.ئەگەر قوشسىڭىز ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك ئىش بولمايدۇ.سىز خاتا ئويلاپ قاپسىز.مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەيمەن.ئەگەر بۇ جەھەتتە چۈشەنمىگەن قانداق مەسلىلەر بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئۇنداق .ئىشلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ دە . پۇلغا كىممۇ ئۆچتۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almas114 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياق مەنمۇ شۇنداق ھەر كۈنى ئايالىم بىلەن پەقەت پاراڭلاشمىدۇق دىگەندە 1 سائەت پاراڭلىشىمىز ھېچ مەن ئۇنداق ھېس قىلىمىدىم غۇ ئوخشاشلا 0.15 يۈەن ئالدىكەن مەن ھېسابلاپ باقتىم .........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turknasli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | [مەنمۇ گۇمانلىنىمەن،سەۋەبى يېقىندا 1-ئاپرىلدىن باشلاپ يانفۇن كەزمە ھەققىنى 0.6يۈئەن 0.4يۈئەنگە تۆۋەنلەتكەن ئىدى.مەن ئاقسۇدىكى تىجارات زالىغا كىرسەم ئۇلار:يېڭى تورغا كىرگەنلەر بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ،كونا ئابونتلار بۇندىن بۇرۇنقى بارلىق مۇلازىمەتنى بىكار قىلسا ،ئاندىن بەھرىلىنەلەيدۇ دىدى.مەن تۇرۇپلا قالدىم.ئۇچۇر مىنىستىرلىكى 1-مارتتىن باشلاپ يانفۇن كەزمە ھەققى بىردەك تۆۋەنلىتىلىدۇ دەپ جاكارلىغان .بۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىمۇ-نىمە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىturknasliنىڭ2008-04-23 11:20يوللىغان : سىز ئاقسۇ ۋىلايەتنىڭ قايسى ناھىيىسىدىن؟ سىز ئەسلىدە قايسى خىل كەسىپنى بىجەرگەن ئىدىڭىز؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mollatapkak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كوچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىنتايىن چوڭ ئالدامچى،ھەم قويمىچى شىركەت.ۋەدىسىدە ئەزەلدىن تۇرمايدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AABBSS دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ يازما4قەۋەتتىكىgulqikizنىڭ2008-04-23 10:11يوللىغان :
سىز چۇقۇم تىلىفۇن ئۇرغاندا نۇمۇرنىڭ ئالدىغا 17951 نى قوشماپسىز.ئەگەر قوشسىڭىز ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك ئىش بولمايدۇ.سىز خاتا ئويلاپ قاپسىز.مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەيمەن.ئەگەر بۇ جەھەتتە چۈشەنمىگەن قانداق مەسلىلەر بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلسىڭىز بۇلىدۇ . ============================================================== كۆچمە خەۋەرلىشى شىركىتىنىڭ مەشرەپ كارتىسى ھەققىدىكى ئېلانى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەشرەپ كارتىسىدا تىلفۇن ئۇرسىڭىز سۆزلىشىش ھەققى 0.20 يۈئەن ، ئۆز جايىڭىزدا تۇرۇپ تىلفۇن قوبىل قىلسىڭىز ھەق ئېلىنمايدۇ . ئايلىق ئىجارىسى يوق . @@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@ مەشرەپ كارتىسى بېجىرىش زالىدىكى چۈشەندۈرۈش مۇلازىمەت خادىمى ؛ مەشرەپ كارتىمىزنىڭ تىلفۇن ئۇرۇش ھەققى 0.20 يۈئەن ، ئۆز رايۇنىڭىزدا تۇرۇپ تىلفۇن قوبىل قىلسىڭىز ھەق ئېلىنمايدۇ ، ئايلىق ئىجارىسىمۇ يوق . پەقەتلا ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال چېقىمى ئۈچۈن 10 يۈئەنلا ئېلىنىدۇ . خېرىدار ؛ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال چېقىمى دېگەن نېمە ؟ مۇلازىمەت خادىمى ؛ سىز بۇ كارتىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ھەر ئايدا چوقۇم ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 10 يۈئەنلىك تىلفۇن ئۇرۇپ سۆزلىشىشىڭىز كېرەك . ناۋادا شۇ ئايلىق سۆزلىشىش ھەققىڭىز 10 يۈئەنلىك ئۆلچەمگە توشمىسا يەنى 10 يۈئەندىن تۆۋەن بولسا 10 يۈئەنلىك قىممەت بويىچە ھەق ھېساپلىنىپ ئېلىنىدۇ . خېرىدار ؛ ناۋادا شۇ ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 10 يۈئەندىن ئېشىپ كەتسىچۇ ؟ مۇلازىمەت خادىمى ؛ ناۋادا 10 يۈئەندىن ئېشىپ كەتسە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى ئېلىنمايدۇ بەلكى سۆزلىشىش ھەققىلا ھېساپلىنىدۇ . بىرنەچچە ئايدىن كېيىنكى سۆھبەت خېرىدار ؛ مەن بۇ ئايدا 90 يۈئەنلىك سۆزلىشى ھەققى چېقىم قىلدىم . كارتامدا يەنە 10 يۈئەن قالدۇق پۇل بارتى . كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئايلىق ھېساپ بوققاندا نىمە ئۈچۈن بۇ قالدۇق 10 يۈئەننى تۇتۇپ قالىدۇ ؟ مۇلازىمەت خادىمى ؛ بۇ سىزنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققىڭىز ئۈچۈن تۇتۇپ قىلىنىغان پۇل . خېرىدار ؛ سىلەر دەسلەپ ناۋادا شۇ ئايلىق سۆزلىشىش ھەققىڭىز 10 يۈئەنلىك ئۆلچەمگە توشمىسا يەنى 10 يۈئەندىن تۆۋەن بولسا 10 يۈئەنلىك قىممەت بويىچە ھەق ھېساپلىنىپ ئېلىنىدۇ . ناۋادا 10 يۈئەندىن ئېشىپ كەتسە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى ئېلىنمايدۇ بەلكى سۆزلىشىش ھەققىلا ھېساپلىنىدۇ ، دەپ چۈشەنچە بەرگەنتىڭلار . دېمەك مېنىڭ بۇ ئايلىق سۆزلىشى ھەققىم 90 يۈئەنلىك قىممەتتە تۇرسا سىلەر نىمە ئۈچۈن يەنە ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى تۇتۇپ قالىسىلەر ؟ مۇلازىمەتچى خادىم ؛ بۇنى بىز ئېنىق بىلىپ كەتمەيمىز . بىز پەقەت بىلگىلىمە بويىچىلا ھەق يىغىمىز . خېرىدار ؛ ئەمسە بۇنى كىم بىلىدۇ ؟ مۇلازىمەتچى خادىم ؛ بەلكىم بۇ تىجارەت زالىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىلمەسلىكى مۈمكىن ، بۇنى پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىدىكىلا بىلىدۇ . خېرىدار ؛ بىراق دەسلەپكى چۈشەنچىنى سىللەر بەرگەن تۇرساڭلار ؟ مۇلازىمەتچى خادىم ؛ كەچۈرۈڭ ، بۇ بىزنىڭ دائىرىمىزدىكى ئىش ئەمەس . 10 يۈئەن پۇلغا نامراتلىشىپ كېتەمتىڭىز ! @@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@ gulqikiz خادىم ، ئەمسە سىزدىن چۈشەنچە ئېلىپ باقاي . ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى دېگەن زادى ھەر ئايدا 10 يۈئەن پۇلنى تۇتۇپ قىلىش دېگەنلىكمۇ ؟ ئۇنداق بولسا ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى بىلەن ئايلىق ئىجارە پۇلى بىر گەپمۇ ياكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى دېگىنى ئايلىق ئىجارە پۇلىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن قىسمىمۇ ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شەكلى ئۆزگەرگەن ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاندۇ قانداق ؟ چۈنكى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئايلىق ئىجارە ھەققى 10 يۈئەننى ئالمىغان بىلەن ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال ھەققى دەپ يەنىلا 10 يۈئەن پۇلنى بىۋاستە تۇتۇپ قىلىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ . سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PARIZAT0996 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | SIZ QOKUM 17951NI BESIP URMAPSIZ BUNIGDA KILQIMU SAHTILIK YOK
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mollatapkak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچى خەۋەرلىشىش شىركىتى_جۇڭگۇ كوچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھىدۇر!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mollatapkak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچى خەۋەرلىشىش شىركىتى_جۇڭگۇ كوچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھىدا ئىشلەۋاتقانلار شىركىتىڭلارنى قانچە ئاقلىساڭلارمۇ بەرىبىر ئەمەلىيەت دىگەن ئەمەلىيەت.ئابونتىڭلارنىڭ
2% ئا زلاپ كىتىشىمۇ شۇ ئالدامچىلىقىڭلارنىڭ خەلىقى ئالەم ئالدىدا چانغانلىقىنىڭ كاساپىتى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapphire دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 12593نىقوشۇپ ئۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|