2018-يىللىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى جۇڭگۇ ئۆتكۈزەلەمدۇ ؟
4-ئاينىڭ20-كۈنى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپىلارغا ئايرىلىش چەك تارتىش خىزمىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن پۇلادىنى بۇ يىغىن توغۇرلۇق بىر ئاز سۆزلىگەن بولۇپ ئۇ بۇ قىتىم جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىننى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىشىگە ئىشىندىغانلىقنى ئىيتقان شۇنداقلا 2018-يىللىق دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزشنى ئىلتىماس قىلۋاتقانلار دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگۇنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىھتىمالى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ جۇڭگۇ سەل تىرىشسىلا بۇ مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزەلەيدۇ ، ئالدىنقى يىلىمۇ ئاياللار دۇنيا لۇڭقسى مۇسابىقىسىنى مۇۋەپقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولۇپ ئاسىيا قىتئەسىدە جۇڭگۇنىڭ بۇ ئىشلاردا خىلى تەجىربىسى بار شۇنداقلا شەرت شارائىتى تولۇق دەپ كۆرسەتتى. ھازىر 2018-يىللىق دۇنيا لۇڭقسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلۋاتقان دۆلەتلەر: مىكسىكا،ئەنگىليە،جۇڭگۇ،ئاۋىستىرالىيە قاتارلىقلار بولۇپ پۇلادىنىمۇ جۇڭگۇنىڭ ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىكەن.
ئاسىيا پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ يىقىنقى كۆز قاراشلىرىغا قارىغاندا 2018-يىللىق دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاۋىستىرالىيە ئۆتكۈزشنى خالايدىكەن. ئۇلار بۇرۇن جۇڭگۇنىڭ ئۆتكۈزۈشىنى قوللىسىمۇ لىكىن جۇڭگۇنىڭ ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارمۇ ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئۆتكۈزۈشنى قوللاش تەرەپدارى بولۇپ كەتتى. ھازىر خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتدىكلەرنىڭمۇ جۇڭگۇنى قوللاش نىسبىتى خىلىلا يۇقىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا مۇناسۋەتلىك ئەمەلدارلىرى 2018-يىللىق دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كىيىن قىتئەلەر بويىچە ئۆتكۈزۈش ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ قايسى دۆلەتنىڭ تەييارلىقى پۈتسە ھەم شەرت شارائىتى پىشىپ يىتىلسە شۇدۆلەتنىڭ ئۆتكۈزىشىگە يول قويماقچى بولغان.ئەگەر جۇڭگۇ بۇ قىتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى ئالمىسا كىيىن بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ كىلىشى بەكلا تەس.
مەنبە :
www.xjuygur.cn/bbs