| |||||||||
diki-dikkang | تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىئاپرىلنىڭ 21- 27 كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان “تېلىۋىزۇرنى ئۆچۈرۈش ھەپتىسى”دۇر. “تېلىۋىزۇرنى ئۆچۈرۈش ھەپتىسى”ئاشۇ ھەر كۈنى تېلىۋىزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تۇرمۇشىمىزدىكى باشقا ئىشلارنى قىلىش چاقىرىقى بولۇپ، Rowell Huesmann ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن قارىغاندا، 6 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئادەتلىرى ئۇلارنىڭ 15 يىلدىن كېيىنكى ئادەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، شۇنداقلا بالىلارنىڭ زوراۋانلىق خاھىشىنىڭ پەيدا بولىشى تېلىۋىزۇردىكى كۆرۈنىشلەرنى رېئال تۇرمۇش دەپ بىلىشىدىن بولىدىكەن. مۇنداق بىر تەجرىبە بولغان: ئىككى گۇرۇپپا ئەرلەر بولۇپ، تېلىۋىزۇردىكى قاتتىق زوراۋانلىق قىلمىشلارنى كۆرگۈچىلەر بۇ ئويۇندا ئاجىزراق زوراۋانلىق قىلمىشنى كۆرگىچىلەرگە قارىغاندا، گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ئىتتىرىش ،سىلكىش، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاھىشىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە ئىككى گۇرۇپپا ئاياللار بولۇپ ، ئۇلارمۇ كىچىك بالىلاردەك گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ تەجرىبىگە قاتناشقان، تېلىۋىزۇردىكى قاتتىق زوراۋانلىق قىلمىشلارنى كۆرگۈچىلەر بۇ ئويۇندا ئاجىزراق زوراۋانلىق قىلمىشنى كۆرگىچىلەرگە قارىغاندا، گۇرۇپپا ئەزالىرىغا نەرسىلەرنى ئېتىش، ھەتتا ئۇلارنى پاراكەندە قىلغان ئەزالارغا زەربە بېرىش خاھىشىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن بۇ تەجرىبە 1977- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدىكى تېلىۋىزۇر مەزمۇنى بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرۇپ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. كىچىك بالا 2 ياشتىن باشلاپ تېلىۋىزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇشنى باشلايدۇ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر بىر ئادەم كۈندە 4 سائەت تېلىۋىزۇر كۆرىدۇ، بۇنى 7 كۈنگە كۆپەيتسەك، يىلدا 52 ھەپتە بولىدۇ، يەنى ھەر بىر ئادەم تەخمىنەن 16 يىل تېلىۋىزۇر كۆرىدۇ دېگەن گەپ.بۇ 16 يىللىق ھاياتتا كىشىلەر قانداق بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس. بالىلىرىڭىز تېلىۋىزۇر ئالدىدا ئولتۇرغاندا ، سىز ئۇلارنىڭ قانداق ھىسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى قانچىلىك بىلىسىز؟ بالىلار سىز كۆرمەيۋاتقان بىراق ئۇلار كۆرۈۋاتقان ئاشۇ پىروگراممىلارنى كۆرۈۋاتقاندا ، سىز بالىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى قانچىلىك بىلىسىز؟ تېلىۋىزۇردىكى مەزمۇنلارغا پەرۋاسىز قاراشنىڭ ئورنىغا، بالىلار ھەقىقىي تۇرمۇشتىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەقىقىي ئائىلە ئەزالىرىگە ئوخشاش ياشىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بالىڭىز تېلىۋىزۇرغا “چاپلىشىۋالغاندا”، تۆۋەندىكىدەك ناچار تەسىر پەيدا بولىۋاتقان بولىدۇ. 1.ئىككى ياشلىق چوڭ مېڭە ھەقىقىي رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقاندا ، تېلىۋىزۇر پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى قاتارلىق نورمال ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى پىكىر قىلىش، سوئال سوراش ۋە خىزمەت قىلىشتىن توختىشى مۇمكىن. 2. 18 ياشقا توشقان بىر ئامېرىكىلىق ياش ، 200مىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە 16مىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ بولغان بولىدۇ. 3.قىزلار تېلىۋىزۇر ئارقىلىق ئۆزىنى زۇننار بەدەنلىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشنى ئۈگەنسە، يىگىتلەر قىزلارنى كۆرسە ،جەلپكار نازىنىلار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولىدۇ،بۇ ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىگە CD,DVD ۋە سىن سۈرەتلەر كىرگۈزۈلمىدى تېخى. 4.تېلىۋىزۇرغا تىكىلىپ ئولتۇرغان ئاشۇ بىر جۈپ كۆز توختىماي ئاجىز-كۈچلۈك نۇر تارقىتىۋاتقان ئېكران سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى بالىلارنىڭ كۆزى 12 ياشتا ئاندىن تولۇپ يېتىلىپ بولىدۇ. 5. بالىلار تېلىۋىزۇر ئېكرانىدىن چىقىۋاتقان سۈرەتلەر بىلەن بومباردىمان قىلىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە يېڭىلىقنى ئويلاش كۈچى تەرەققىياتتىن توختاپ، ئۇلارنىڭ نورمال جەمئىيەت ۋە ھېسسىي بىلىملەرنى ئىگەللىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئەگەر سىز يۇقاردىكى تەتقىقات يەكۈنىگە يەنە ئىشەنمىسىڭىز، بوپتۇ، ئەمىسە بىر ھەپتىلىكمۇ بولسا تېلىۋىزۇرنى ئېتىۋېتىپ،ئائىلىڭىزنىڭ بىر ھەپتىلىك ئوپچا ھەرىكەت پىلانىنى شۇ پىروگىراممىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.مەيلى قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ئائىلە مۇھەببىتى سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزغا ئىمكان توغدىرىدۇ. 1.بىللە ناماز ئوقۇيلى. 2. بىللە غىزالىنايلى. 3. شۇ كۈنى ھەر بىر ئەزا نېمىلەرنى قىلدى، بىللە ئاڭلايلى. 4. قاتناشقان ئىشلار ياكى ھىكايىلەردىن تەڭ بەھر ئالايلى. 5. ئۆي ئىشلىرىنى بىللە قىلايلى. 6.بالىلارنىڭ تاپشۇرىقىنى بىللە ئىشلىشىپ بېرەيلى. 7.تەكشۈرۈشكە تىگىشلىك تاپشۇرۇق تېمىلىرىنى تاپايلى. 8.بالىلار بىللە ئوينايلى. 9.گېزىت ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەر بىر ئەزا گېزىتتە ئۆزى قىزىقىدىغان تېمىلار ئۈستىدە باشقا ئەزالار بىلەن مۇنازىرە قىلايلى، 10. بىللە تۇققان يوقلايلى. 11.مۇسۇلمانلار پائالىيەتلىرىگە بىللە قاتنىشايلى. 12. يازلىق ۋە بايرام كۈنىلىك پائالىيەتلەرنى پىلانلايلى. 13.بىرەر دىنى دەرس، قۇرئان پارىسى ياكى ھەدىسلەردىن تەڭ بەھىرلىنەيلى. 14.بىللە ئويۇن ئوينايلى . 15.ۋاقتىدا ئۇخلايلى، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر ئەزا ئەتىسى روھلۇق تۇرۇپ، ئاللانىڭ يېڭى بىر كۈنىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كۈتۈۋالالايمىز. سىز بىلمەي قالىسىزكىن—بالىلار ئەتىسى ئويغانغاندا بۇرۇنقىدىن كۆپ گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، ئۆي ئىچىدە زوراۋان ھەرىكەت- سۆزلەرنىڭ كۆپ ئازلىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، ئىنشا ئاللا. مەنبە: http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?c=Article_C&cid=1203759207164&pagename=Zone-English-Family%2FFYELayout ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-22
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AYAZ777 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىدېمىسىمۇ ھازىر كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى شۇ تېلۋېزور ئىگەللىۋېلىپ بارىدۇ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolf_man دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىنىمە جاپا ئۇنداق قىلىپ.شۇ تىلۋىزوردىكى شەھۋانى فىلىمنى مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەرسىنى يوقاتسا بۇلىدۇ.
كىشلەر ھازىر شۇ تىلۋىزوردىن شۇنداق ئىشلارنى ئۇگۇنۇپ ئەمەلى تۇرمۇشقا تەدبىقلىماقتا. ئاساسلىق ** ۋە غەرىپ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazira138 | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىئاغزىڭىزغا ناۋات دىكى - دىكاڭ مانىڭدەك تىمىلارنى تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدىكەنغۇ مانا ، جاپا تارتىپسىز رەھمەت !
دىمىسىمۇ بۇ تىلىۋىزۇردىكى پىرۇگىراممىلار بەك چاكىنىلىشىپ كەتتى ، خۇددى ئابدىكىرىم ئابلىز ئىيتقاندەك ............. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bikarqi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىياشاڭ ،دىككى-دىككاڭ ياشاڭ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىمەن تېلۋۇزۇرنى تۈزۈك ئولتۇرۇپ كۆرمىگىلى 4--5 يىل بولغاندۇ ئىشقىلىپ،خەلقارا خەۋەرلەرنى،تەنتەربىيە نەق مەيدان ئۇلاپ تارقىتىشنى دېمىسەم تېلۋۇزۇرغا يەنىلا قارىغۇم يوق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tax~na دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىھا زىر قى تىلىۋىزىيە فىلىمىلىرىنىڭ، پايىدىلىق تە رەپلىرىدىن زىيانلىق تە رەپلىرى كوپ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xirak317 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىمەن مۇشۇ كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلەشكەندىن بېرى تېلىۋىزورنىڭ كۇنۇپكىلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم ، ئاشخانىلاردا تاماق يەپ قالسام بىرەر-بىرەر كۆرۈپ قالىدىكەنمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Re:تېلىۋىزۇرنى ئوچۈرۈش ۋاختى كەلدىتوغىرا دەپسىز دېمىسىمۇ ھازىر كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى شۇ تېلۋېزور ئىگەللىۋېلىپ بارىدۇ شۇ ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|