سىز بۇ تېمىنىڭ 4412ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
tumaq

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 18096
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :184(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-06-27
ئاخىرقى :2008-05-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 20- ئاپرېل: گىتلېرنى ئەسلەش

بۇ تىمىنى Hanjiri ئىلگىرلەتتى(2008-05-11)

 

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەر كۈنى كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپ، كىيىم ئالماشتۇرۇپ، ياتاق بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى پۇتبۇل مەيدانىنى ئون ئىككى يېرىم قېتىم ئايلىنىشنى زىرىكمەي داۋاملاشتۇرۇشۇم ھەربىي تەلىم – تەربىيىگە بولغان ھېرىسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئويۇن تاماشا ۋە ئاياللار بولمىغان يەردە، بارلىق ئېنىرگىيە ۋە قىزغىنلىقىمنى مىلتىق، پىلىمۇت، زەمبىرەك، تانكا، برونىۋېك، كۈرەشچى ئايرۇپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى نېسىپ بولغانلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكۈزۈش مېنىڭ چوڭقۇر ئارزۇيۇم ئىدى. ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن كىنولار، ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن كىتابلار، خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ئالاھىدە قىزىقىشىمنى قوزغايتتى. ئۇرۇش بولغاندىلا ئۇرۇش ۋەھىمىسىنىڭ ئاجىز ۋە چۈپرەندە روھلار ئۈستىدىكى ھەيۋىتىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، ئۇرۇش بولغاندىلا بارلىق پرىنسىپلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇرۇش يەنە ھەممە نەرسىنى خاراپ قىلىپ، خارابىلىك ئۈستىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان باراۋەرلىك تۇغىنى تىكلەيدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ھەربىي ھەرىكەت ئالدىدا نۆلگە تەڭ.
كېيىنچە مەن بىر راۋۇرۇس ئەسكەر بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىزدەندىم. ئامېرىكىدىكى غەربىي پوينىت ھەربىي مەكتىپى ئەلۋەتتە مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشىم ئىدى.
"كەچۈرۈڭ، *** ئەپەندى، غەربىي پوينىتقا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن، ياش چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە سىز تۇرۇۋاتقان رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەۋسىيىسى بولۇشى كېرەك. نېمىلا دېگەنبىلەن بىز قانۇندىن ھالقىپ ئۆتەلمەيمىز. بىراق بىز سىزنىڭ بەكمۇ ئىخلاسمەن بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلدۇق، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغان ھەر قانداق ئىشتا ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز."
نەگىلا بارسا مۇشۇنداق ئۆلچەملىك جاۋابلارغا ئېرىشىش تەقدىرنىڭ ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر ئوغلىغا ئاتا قىلغان قىسمىتى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزەم ئەڭ ياقتۇرىدىغان، مېنىڭ تەبىئىتىمگە ئەڭ ماس كېلىدىغان بۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولالمىدىم. نۇرغۇن ئىشلارغا قىيداپ يۈرۈپ، ھۇرۇنلىشىپمۇ كەتتىم. كېيىنچە بەزى نەرسىلەرگە كۆندۈم، ئۇسسىغاندا ماروژنى يېيىشنى ئۆگەندىم. خوتۇن ئالدىم. ئاددىي ۋە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغان بىر ھاياتقا قەدەم تاشلىدىم.
بۇندىن 119 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدا گېرمانىيە – ئاۋسترىيە چېگرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان برائۇنائۇ بازىرىدىكى پومې دېگەن مېھمانخانىنىڭ كىچىككىنە بىر خانىسىدا خۇددىي ماڭا ئوخشاشلا بىر ئاددىي بۇۋاق دۇنياغا كەلگەن. بىراق ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى مېنىڭكىدەك ئاددىي ۋە ئەرزىمەس بولمىدى.
ئۇنىڭ – ئادولف گىتلېرنىڭ كېيىنچە قانچىلىك دەرىجىدە ئەسەبىيلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ كىچىكىدىنلا ئاسمانغا تۈۋرۈك بولغۇدەك غورۇرغا ئىگە ئىدى.
مەن ئۇنىڭ نورمال بىر ئىنسان چاغلىرىدىكى ھالەتلىرىگە ھازىرمۇ ھەۋەس قىلىمەن:
گىتلېر ئىنتايىن ئىرادىلىك ئىدى!
ئۇ 16 گە توشاي دېگەندە ئۆپكە كېسىلىگە دۇچار بولۇپ، كەم دېگەندە بىر يىل ئوقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنى يۇرتى سپىتالغا ئەكىلىشكەندىن كېيىن، ئۇ كىچىك ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل دەم ئالىدۇ. كېسىلى ئوڭشالغاندىن كېيىن ستېير شتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى شاھادەتنامىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ كېتەلىگىنىگە ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولۇپ كەتكەن گىتلېر مەست بولغۇچە ھاراق ئىچىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە تۈنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشى ئىدى. كېيىنچە ئۆزىنىڭ ئەسلىگەنلىرىدىن قارىغاندا، سۈت ساتقۇچى بىر قىز تاڭ مەزگىلىدە ئۇنىڭ ستېير بازىرىنىڭ سىرتىدىكى سەھراغا بارىدىغان چوڭ يول چېتىدە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ – دە، يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ بازارغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەسلىككە قەسەم قىلغانىكەن. ئۇ بۇ ۋەدىسىگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە رىئايە قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ھاراق ئىچمەيدىغان ۋە تاماكا چەكمەيدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە گۆشسىز غىزا يەيدىغان بولىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ۋېنا ۋە ميۇنخېنلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا يانچۇقىدا بىر تىيىن پۇلمۇ يوقلۇقىدىن شۇنداق قىلغان بولسا، كېيىنچە پۈتۈنلەي ئاڭلىق يوسۇندا شۇنداق قىلغان.
گىتلېر قورقماس، باتۇر ئەسكەر ئىدى!
ئۇ ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان مەشقنى باشتىن كەچۈرۈپلا، 1914- يىلى 10- ئايدا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، باۋارىيە زاپاس پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ 16- پولك 1- باتالىئونىدا يارلىقچى ئەسكەر بولغان. 1- قېتىملىق ئىپرېيس ئوپېراتسىيىسىدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئېنگلىز دېڭىزى بوغۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇۋالىدۇ. تۆت كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پولكىدىكى جەمئىي 3500 ئادەمدىن ئاران ئالتە يۈزى، ئوفىتسېرلاردىن ئاران ئوتتۇزىلا قالغان، تۆت روتىنىڭ نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولۇشقان.
1918- يىلى ئەتىياز ۋە يازدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىدا، ئۇلارنىڭ پولكى جەڭ ئەڭ كەسكىن كېتىۋاتقان جايدا بولدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىپرېيس ئوپېراتسىيىسىدە 13- ئۆكتەبىر كەچقۇرۇنلۇقى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ۋارۋىكنىڭ جەنۇبىدىكى بىر چوققىغا شىددەت بىلەن زەھەرلىك گاز چاچقاندا، ئۇ زەھەرلىنىدۇ. "مەن مۈدۈرۈپ – قوپۇپ يۈرۈپ قايتىپ كەلدىم، كۆزلىرىم ئېچىشىپ ئاغرىيتتى." دەپ بايان قىلىدۇ ئۇ، "يېنىمدا مەن يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتى بار ئىدى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن كۆزلىرىم گويا قىپقىزىل كۆمۈر چوغىدەك قىزىپ، ئەتراپىمنى قاراڭغۇچىلىق بېسىپ كەتتى."
ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم مېدالغا ئېرىشىدۇ. 1914- يىلى دېكابىردا بىر دانە 2- دەرىجىلىك تۆمۈر كرېستلىق مېدالغا، 1918- يىلى ئاۋغۇستتا يەنە سابىق ئىمپېرىيە قوشۇنلىرىدا ئادەتتىكى ئەسكەرلەرگە ناھايىتى ئاز بېرىلىدىغان بىر دانە 1- دەرىجىلىك تۆمۈر كرېستلىق مېدالغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ پولكداش بىر سەپدىشى ئۇ 15 نەپەر ئەنگلىيە ئەسكىرىنى يالغۇز ئەسىرگە ئالغانلىقى ئۈچۈن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئاشۇ مېدالغا ئېرىشكەن دېگەن.
گىتلېر ئۆز مىللىتىنى ئەسەبىيلەرچە سۆيەتتى!
گىتلېر بىرەر سەنئەتكار، ئەڭ ياخشىسى رەسسام، ھېچبولمىغاندا بىناكار بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بەل باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن 16 يېشىدىلا سىياسىيغا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردا گىتلېر ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئاۋسترىيە – ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى بارلىق غەيرىي نېمىس مىللەتلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلىنەتتى. نېمىسلارنىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى ئوخشاشلا قاتتىق سۆيەتتى. 16 ياشقا يەتكەندە، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلگۈچە رايىدىن قايتماس ئەسەبىي نېمىس مىللەتچىسى بولۇپ قالغانىدى.
گىتلېرنىڭ ۋېنادىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرىپى يەھۇدىيلار بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭرىنىڭ بۇ "سايلىغۇچىلىرى" نىڭ ئەخلاقىدىكى ئىللەتلەرنى سېزىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. "ھەر قانداق شاللاق شەھۋەتپەرەسلىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەدەنىي تۇرمۇش جەھەتلىرىدىكىنىڭ بىرەر يەھۇدىيغا چېتىلمايدىغىنىمۇ بارمۇ؟ ئەگەر بۇ يىرىڭلىق جاراھەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يارىدىغان  بولساڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە بەجايىكى سېسىپ كەتكەن جەسەت ئىچىدىن ئۇشتۇمتۇت يورۇقلۇقنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن قۇرتقا ئوخشاش بىر يەھۇدىي ئالۋاستىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرىسەن!" ئۇ نومۇسىنى سېتىش ۋە ئاياللارنى ئېلىپ – سېتىشتەك ئىشلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. "مېنىڭ كۈرەشلىرىم" دە، ياۋۇز يەھۇدىيلارنىڭ گۆدەك مەسۇم خرىستىئان قىزلىرىنى ئالداپ نومۇسىغا تېگىپ، ئۇلارنىڭ قانداشلىقىنى بۇزدى دېگەن سۆزلەر خېلى ئاشكارا بىشارەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. گىتلېر ھەتتا "ھارامدىن بولغان ئەگرى پۇتلۇق لەنىتى يەھۇدىيلارنىڭ يۈز مىڭلىغان قىزنى ئالداپ نومۇسىغا تەگكەنلىكىدەك قورقۇنچلۇق مەنزىرە" نى يازغان.
ھالبۇكى، جەڭچى سۈپىتىدە قارىغاندا، ئۇ يەنىلا بىر غەلىتە ئادەم ئىدى دېيىشىدۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ سەپداشلىرى. ئۇنىڭغا باشقا جەڭچىلەرگە ئوخشاش ھېچقاچان ئارقا سەپتىن خەت – چەك ۋە سوۋغا – سالام كېلىپ باقمىغان. ئۇ ئەزەلدىن دەم ئېلىشمۇ تەلەپ قىلمايتتى. ھەتتاكى ئۇنىڭدا ئادەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولىدىغان ھېرىسمەنلىكىمۇ يوق ئىدى. ئەڭ باتۇر ھەربىيمۇ زارلىنىشتىن خالى بولالمايدىغان فرونتتىكى پاسكىنىچىلىق، پىتلاپ كېتىش، پاتقاقچىلىق ۋە سېسىقچىلىقلاردىن ئۇ ھېچقاچان داتلىنىپ پەرياد ئوقۇمىغان. ئۇ ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىگە ۋە گېرمانىيىنىڭ ئېنىق بۇرچىغا باشتىن – ئاخىر ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ كەلگەن قىزغىن جەڭچى ئىدى.
ئۇ تۇرغان روتىدىكى بىر جەڭچى كېيىنچە ئۇنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئاشخانىمىزنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بېشىنى چاڭگاللاپ جىمجىت خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئۇياندىن – بۇيانغا مېڭىپ، بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىز بولغىنى بىلەنمۇ يەنىلا غەلىبە قازىنالمايۋاتىمىز. چۈنكى گېرمانىيە خەلقىنىڭ غايىبانە دۈشمىنى دۈشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زەمبىرەكلىرىدىنمۇ خەۋپلىك دەيتتى." ئارقىدىنلا ئۇ ئاشۇ "غايىبانە دۈشمەن" بولمىش يەھۇدىيلار بىلەن ماركىسىزمچىلارغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى.
دەرھەق، ئۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا پۇتىنى داۋالاتقاندا بېرلىننىڭ يېنىدىكى پىلىزدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، پايتەختكە بېرىپ تاماشا قىلىدۇ. ئاندىن يەنە ميۇنخېنغا بارىدۇ. ئۇ بارغانلا يېرىدە "مۇتتەھەم خۇمپەر" لەرنىڭ ئۇرۇشنى قاغاپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. لايغەزەللىك قىلغۇچىلار ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەنىدى. ئۇلار يەھۇدىيلاردىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟ "ئىشخانىلار يەھۇدىيلارغا توشۇپ كەتكەن، ئىش بىجىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىيلار ئىدى، ھەر بىر يەھۇدىي ئىش بىجىرگۈچى بولۇۋالغان... 1916- 1917- يىللىرىدا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەھۇدىيلارنىڭ مالىيە كونتروللۇقى ئاستىدا قالغان... يەھۇدىيلار پۈتكۈل دۆلەتنى تالان – تاراج قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغانىدى... مەن بالايىئاپەتلەرنىڭ بېشىمىزغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى قورقۇنچ ئىچىدە كۆردۈم..."
گىتلېر ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە كەسكىن قاراشقا ئىگە ئىدى!
گىتلېر ستالىنگرادقا ھۇجۇم قىلغان گېنىراللارنى ھەققانىيەت يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشنى بىلىشمىدى دەپ سۆككەن.
"ئۇلار ئۇ يەردە تەسلىم بولدى، رەسمىي، تامامەن تەسلىم بولدى – ئۇلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرقى بىر تال ئوق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى لازىم ئىدى،..."
گىتلېر سۆزلىگەنسېرى پائۇلۇسنىڭ ئۆلۈمدىن قورققانلىقىغا شۇنچە غەزەپلەندى.
"سىلەر قىياس قىلىپ كۆرۈشۈڭلار كېرەك: ئۇ موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىدۇ – ئۇ يەردىكى قىلتاقنىمۇ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ يەردە، ئۇ ھەر قانداق ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى مۇمكىن، قاراپ تۇرۇڭلار، ئىقرارنامە يېزىشى، بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار چۈشكۈنلىشىش دۆڭىدىن قەدەممۇ قەدەم تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ، ھاڭنىڭ ئەڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ... قاراپ تۇرۇڭلار، بىر ھەپتە ئۆتمەيلا سېئىدلىتز، سىمىت، ھەتتا پائۇلۇسمۇ رادىئودا سۆزلەيدۇ... ئۇلار رېئۇبلانكاغا ئاپىرىپ قويۇلىدۇ. شۇ يەردە چاشقانغا يەم بولىدۇ. بىر ئادەم ئۆلۈمدىن مۇشۇنچىۋالامۇ قورقامدۇ؟ مەن زادى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن...
ھايات دېگەن نېمە؟ ھايات مىللەت دېمەكتۇر. شەخس ھامان ئۆلىدۇ. شەخسنىڭ ھاياتىدىن باشقا، مىللەت دېگەن نەرسە بار. باشقىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى دەپ بۇ ئازاب ئوقۇبەتلىك ئالەمدىن كېتەلمەيۋاتسا، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئازاب ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بۇ ئۆلۈمدىن قورقىدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس!
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ، بىرلا ئادەم ئاخىرقى مىنۇتتا نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلارنىڭ نامىغا داغ تەككۈزدى. ئۇ ئۆلۈپلا بارلىق ئازاب ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشى، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ۋە مىللەت ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا بېرىشى لازىم ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ موسكۋاغا بارغۇسى كېلىپ قاپتۇ!..."
بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارمىيىسى ھەققىدىكى چوڭلاردىن ئاڭلىغان ئەسلىمىلەر يادىمغا كېلىپ قالدى:
... ...
ئىشىككە تاقاشقىدەكلا ئېگىز بويلۇق پولك كوماندىرى ئەرشىدىن تۇرپان، توخسۇن ۋە پىچان تەرەپلەرگە 'سولچىلارنى قوللاش' باھانىسىدا تارقىلىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىنى بىريەرگە يىغىپ بولالماي، ئىچى تىت-تىت بولۇپلا يۈرەتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك، پولكنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرتىۋىتىلگەن كونا ئورنى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ جەنوبىي تاغ ئېتىگىدىكى ئورنىدىمۇ بىرمۇنچە پولك ماللىرى چىرىپ ياتاتتى. بۇ يەردىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭدىن پەرقى يوق بولۇپ، پولك بىنالىرى تېخى تولۇق سۇۋالمىغان، نەرسە-كېرەكلەر ھەر تەرەپتە چېچىلىپ ياتقان، بۇ بەش-ئون يىلدىن بۇيان ئەسكەرلىرىگە تۈزۈگىرەك ھەربى تەلىم-تەربىيە بېرىش پۇرسىتىمۇ بولمايۋاتاتتى.
”نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ ئىشلارغا، ... يا شۇ سەيپىدىن ئەزىزمۇ بىزنىڭ بۇ پولكىمىز بىلەن چاتىغى يوقلا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بولمىسا بۇلارنىڭ باشقىچە غەرەزلىرى بارمۇ-يا؟“
پولك كوماندىرى دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئويغا پېتىپ تۇرۇپ قالدى.
بۇ كۈنلەردە ئايالىنىڭمۇ زادىلا خوشلۇغى يوق ئىدى. ئۆزىچىلا چېچىلىپ قالىدىغان، بىر بۇلۇڭغا تىكىلىپ ئۇزۇنغىچە جىمىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولىۋالغانىدى.
”شۇ بىچارىغىمۇ نېمە كۈنلەر بۇ. مېنىڭ كەينىمدىن پالاخشىپ تاغمۇ-تاغ ئايلىنىپ يۈرگىنى يۈرگەن، بىرەر تۇرمۇشنىڭ ئىسسىغىنى كۆرمەي مۇشۇ ياشقا كەلدى-دە، ئىسىت ئۇ بىچارىغا!“
شۇنچە يەرلەرنى ئايلىنىپ مىڭ تەستە ئۈرۈمچىنىڭ جەنوبىي تاغ ئېتىگىدىن يەر ئېلىپ جايلىشىپ، كۆرمىگەن مۈشكۈلاتلارنى تارتىپ، دۆلەتتىن تۈزۈگىرەكمۇ پۇل ئالالماي جەڭچىلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا دېگىدەك مىڭ تەستە قۇرۇلۇش سېلىۋاتقىنىدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ئىشنى چىقىرىشىپ، بىر تال خىشنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان قىلىۋەتتى. ئاخىرى بولماي جەڭچىلەر ئۆزلىرى خۇمدان سېلىپ خىش قۇيۇپ پۇشۇرۇپ يۈرۈپ دېگەندەك پولكنى تېخى ئەمدىلا بىر چىرايلىق ھالغا كەلتۈرگىنىدى. بىچارە جەڭچىلەر كۆكتاتتىن تارتىپ ئاشلىققىچە ئۆزلىرى تېرىپ يېتىشتۇرىۋاتقان، ھەتتا گۆشنىمۇ ئۆزى قوي بېقىپ تەييارلاۋاتقان، ئۇنداق قىلمىسا قەھەتچىلىك يىللىرىدىكىدەك ئايلارغىچە ئاشلىق بەرمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىۋاتقان، ... بۇنداق بىر ھەربى قىسىمنى ئەڭ ياخشىسى دېھقانچىلىق-قۇرۇلۇش ئەترىتى دېگەنلا دۇرۇس! مانا ئەندى ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ، جەڭچىلەرنى يېڭى پولك بىنالىرىدا تۇرغۇزۇش، باشقا سېرىق چۇخەيلەر قىسىملىرىدىكىدەك يېڭى قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ مەشىق قىلدۇرۇش ۋاقتى كەلگىنىدە، يەنە نەدىن پەيدا قىلدى شۇ 'ئارمىيە سولچىلارنى قوللاش خىزمىتى' دېگەننى! بۇ ھەربىلەرگە ئوڭ-سول سىياسەتنىڭ نېمە ئىشىدىكى؟ ئۇلار تەشۋىق قىلىش دېگەن باھانە بىلەن يېزىلارغا تارقىلىپ كەتكىنىدە، تۇيۇقسىزلا پولك شىتاۋىنى پۇكاڭغا يۈتكەڭلار دېگەن بويرۇق كەلدى. ئۇ يەرگە ئىچكىرىدىن كەلتۈرگەن قىسملارنى جايلاشتۇرغىلى تۇردى. بۇ بىزنىڭ قانچىنچى قېتىملىق يۆتكىلىشىمىز ئىدى؟ تۆتىنچىسىمۇ ياكى بەشىنچىسىدى؟ جەڭچىلەر مانا يەنە قاقاسلىقتا قۇرۇلۇش قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يېزىلاردىكى تەشۋىقات ۋەزىپىسىدىن قايتۇرۇلۇپ كېلىنمىگەن، يۈك-تاقىلارنى توشۇش، يېڭى قۇرۇلۇش باشلاش دېگەنلەرگە ئادەم كېرەك-تە. مانا ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يۈرۈپ بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشنىمۇ پۈتتۈرىۋالغىدەك قىلغىنىمىزدا، دۆلەتتىن زادىلا پۇل كەلمەس بولۇپ كەتتى. بولۇپمۇ شۇ لوڭ شۇجېن دېگىنىنىڭ بەكلا پەيلى بۇزۇق كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ مىللىي پولكىمىزنىڭ پۇكاڭدا تۇرالىشىمۇ ئۇزۇنغا بارمىسا كېرەك؟“
پولكوۋنىك، دېرىزىسىدىن يىراقتا قەت كۆتۈرۈپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بوغدا چوققىسىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى.
تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك چوققىسى بولغان بوغدا چوققىسى، گويا ئۆزىگە ئىگە چىقالمايۋاتقان بۇ يۇرتنىڭ ئىنسانلىرىدىن رەنجىگەندەك بۇلۇت بىلەن ئۆزىنى پەردە قىلىپ توسىۋالغاندەك خىرەلىشىپ كۆرۈنمەكتە ئىدى.
”ھەرنېمە دېگەن بىلەن جەڭچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يىغىلىپ بولدى. ئەندى قىش كىرگىچە شۇ تاشقى سۇۋاقلارنى بولسىمۇ پۈتتۈرىۋالالىغان بولساق، ...“
پولك كوماندىرى تازا خىيالغا پېتىپ تۇرغىنىدا، ئىشىكىگە بىر خەۋەرچى يۈگۈرۈپ يېتىپ كېلىپ پولكوۋنىكىگە ئىككى ئىلىك كىلىدىغان بىر پارچە قەغەزنى ئۇزاتتى. ئەرشىدىن ئۇنىڭ قولىدىن قەغەزنى ئېلىپ ئوقۇپ چۆچۈپ كەتتى:
_ شاھادەت، چاققان بول، كىيىملىرىمنى تەييارلا، كونا قۇماندانىم كېلىپ قالدى! _ ئۇ سەل ھەيران بولغاندەك قىلدى: ”نېمىشقا بۇنداق، ئالدىن خەۋەر بەرمەيلا كەلگەندۇ؟ ياكى شۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدىكىدەك بىرەر ئىش بولغانمۇدۇ- يا؟“
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدىكى يىللىرى، سەيپىدىن ئەزىز، پارتىكوم ياكى ھۆكۈمەت تەۋەسىدە بىرەر شەخسى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياكى ئۆز مەنپەتىگە زىت بىرەر قارار ئېلىشقا مەجبورلىنىپ قالغىنىدا دەرھال ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ غىپلا قىلىپ مىللىي پولكقا كېلىپ يېتىۋالاتتى. ئەرشىدىنمۇ بۇنى باھانە قىلىپ پۈتۈن قىسىمنى ئىچكى جەھەتتە ئىككىنچى دەرىجىلىك، سىرتقا قارىتا بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكۈزۈپ تۇتىۋالاتتى-دە، بۇ مىللىي پولكقا ھېچكىم يېقىن يولىيالمايتتى. بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت-پارتىكوملاردىن ئەلچىلەر كېلىپ كەچۈرۈم سورۇشۇپ، سەيپىدىننىڭ دېگىنى بويىچە قارار چىقىرىلغانلىغى، بۇندىن كېيىن بۇ تۈردىكى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلەر بېرىشىپ ھىلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىشىپ كېتىشەتتى.
”ياق، ياق، بۇ ئاي-بۇ كۈنلەردە سەيپىدىندە ئۇنچىلىك جاسارەت قالمىدى“ دەپ ئويلىغان ئەرشىدىن، قولىغا شىتاپنىڭ مەخسۇس تېلېفونىنى ئالدى. قولىدىكى قەغەزگە يەنە بىر كۆز يۈگۈرۈپ چىقتى: ”پۈتۈن جەڭچىلەر قۇرالسىز كېلىپ چوڭ زالغا يىغىلسۇن، ئۇلارغا قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە مۇھىم بىر ئۇختۇرۇش بار. س. ئەزىزى“ دېگەندەكلەر يېزىلغانىدى. ئەرشىدىن ھەيرانلىق ئىچىدە قولىدىكى بۇ ئىككى ئىلىك قەغەزگە قارايتتى. قۇرالسىز يىغىلسۇن، ... مۇھىم ئۇختۇرۇش، ... مېنىڭ بىلەنمۇ ئۇدۇل زالغا بېرىپ كۆرشمەكچى، ... يەنە كېلىپ بۇ يېقىنلاردا سەيپىدىننىڭ تۆمۈر داۋامئەت بىلەن بولغان جىدىلىمۇ ئۇنى ئەنسىرەتمەي قويمايتتى.
كۈتىۋېلىش يىغىنى بولغاچقا، جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسىلا زالغا قۇرالسىز يىغىلىشقانىدى. پەقەت زالنىڭ كىرىش ئىشىكىگىلا رەسمىيەت ئۈچۈن ئىككى نەپەر قۇراللىق پوس قويۇلغان بولۇپ، سەيپىدىننىڭ ئېلىپ كەلگەن سىرىق چۇخەي مۇھاپىزەتچىلىرى بۇ ئىككىسىنى ئاز كۆردى ئەتىمالىم، دەرھال ئاپتوماتلىق سەككىز سىرىق چۇخەي ئەسكىرىمۇ قاتارغا كىرىپ پوسقا تۇردى. مانا ئەمدىلا بىر ھەربى قىسىم يېرىگە ئوخشىغانىدى. ھەممە مىللىي جەڭچىلەر يىغىن زالىغا كىرىپ بولۇپ، زال ئىچى جىمجىت بولغىنىدىن كېيىن، ئىشىك تۈۋىدىكى ھېلىقى سەككىز نەپەر سىرىق چۇخەي ئەسكىرىدىن ئىككىسى بېرىپ زالنىڭ ئىشىكىنى سىرتتىن تاقىۋەتتى. قالغان ئالتى سىرىق چۇخەي ئەسكىرى دەرھال تۆت قەدەم كەينىگە چېكىنىپ تۇرۇپ ئالدىدىكى ئىككى ئۇيغۇر جەڭچىسىگە قوراللىرىنى بەتلەپ ۋارقىراشتى:
_ بويرۇق! سىلەر ئىككىڭلار دەرھال قۇرالىڭلارنى تاپشۇرۇڭلار!
نېمە ۋەقە بولۇپ كەتكەنلىگىنىمۇ ئاڭقىرالماي خىرامان تۇرۇشقان ئىككى ئۇيغۇر جەڭچىسى، ئەتىراپىدىكى بىنالاردىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان پىلىموت، مىنامىيوت، تانكائاتارلارنىڭ قاتار ئۇچىنى كۆرۈشتى. ئاستا-ئاستا قۇراللىرىنىڭ تاسمىلىرىنى بوينىلىرىدىن چىقىرىپ ئەسلىدىنلا ئوقى يوق قوراللىرىنى ئالدىغا تاشلاشتى. بۇ ئارىدا يان كوچىلاردىن نەچچە يۈزلىگەن تولۇق قۇراللانغان سىرىق چۇخەي ئەسكەرلىرى زالنىڭ سىرتىنى قورشاشقا باشلىدى. يەنە بىرمۇنچىلىرى ئىسكىلات، ئاشخانا، ياتاق بىنالىرى ئەتىراپىغا چېپىپ كېتىشتى. يىغىن زالىنىڭ ئەتىراپى رەسمىي ھەربىي ھالەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ، مىدىر قىلغاننى ئېتىشقا تەييار ھالغا كەلگەنىدى. ...
يىغىن زالىنىڭ ئىچىدىكىلەر سىرتتا بولىۋاتقانلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز، جەڭچىلەر ئۆز جايلىرىغا ئولتۇرۇپ جىم- جىت بولۇپ ساقلاۋاتقان، مۇنبەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان سەيپىدىن ئەزىز تېخىچىلا ئورنىغا ئەپلىشىپ جايلىشىۋېلىش، ئاندىن چېچىنى ھەۋەس بىلەن ئالدىرىماي تارىۋېلىش، ئالدىدىكى چېيىدىن بىر-ئىككىنى ئوتلىۋېلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئاندىن ئاستا يانغا ئېگىلىپ پولك كوماندىرى ئەرشىدىنگە قىسقىلا قىلىپ بىرنېمىلەرنى پىچىرلىدى. ئەرشىدىن سەل تۇرۇپ قالدى. چۈچىگەندەك ئەتىراپىغا بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، مىكرافوننى قوپاللىق بىلەن قولىغىلا ئالدى:
_ كوماندىر-جەڭچىلەر دىققەت! رەھبىرىمىز سەيپىدىن بۈگۈن سىلەرگە ئىنتايىن مۇھىم بىر بويرۇقنى ئېلان قىلىدۇ. _ دەپلا مىكرافوننى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئالدىغا سەل ھۆرمەتسىزلىك بىلەن دوققىدە قىلىپ قويۇپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى.
ئەندى مىكرافون، ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دىۋىزىيە-دىۋىزىيە قوشۇنلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ بىردىن-بىر مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ ئالدىغا كەلگەنىدى.
ئۆزىنى ئالاھىدە ياخشى كۈتۈشنى بىلىدىغانلىغى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك، ئىنچىكە قاڭشارلىق ئادەم، ئالدىدىكى مىللىي قوشۇننىڭ قىممىتىنى ھەممىدىن بەك ياخشى بىلىدىغان سابىق ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز مېنىستىرلىرىدىن بىرسى، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىم قاتارىدىكى مۇھىم رەھبەرلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان كۈندىن ئېتىۋارەن، بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ باش مىراسچىسى، ئەينى ۋاقتىدا بىزنىڭ قان بىلەن كەلگەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرىنى قىلچە تەمتىرىمەي سىرىق چۇخەيلەر قوشۇنىغا ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بەرگەن بۇ ئاتۇشلۇق سەتەڭ، ئالدىدىكى قارا سومكىسىدىن بىرۋاراق قەغەزنى ئالدىرىماي چىقىرىپ ئوقۇشقا كىرىشتى:
_ يولداشلار! مەن سىلەرگە مەركەزى ھەربى كوممۇتىتنىڭ باش قوماندانى يولداش لىن بىياۋ تەستىقلاپ تارقاتقان بويرۇغىنى ئېلان قىلىمەن. _ زال ئىچى تىمتاس بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىنمۇ قىلچە ئۆزگىرىش كۆرۈنمەيتتى. _ 'بويرۇق! بۈگۈندىن ئېتىۋارەن ... يەتتىمىڭ توققۇز يۈز توقسەن بەشىنچى قىسىم ئەندىن ئۆچۈرۈلۈپ تارقىتىۋېتىلدى. ... ئەگەر ...
زال ئىچىدە سېكونتلۇق بىر تېڭىرقاش ھۆكۈم سۈرگىنىدىن كېيىن، بىر يەرلەردىن ھۆڭگىرىگەن يىغا ئاۋازى باشلىنىشى بىلەن تەڭ، پۈتۈن زالدىكى مىڭدەك مىللىي ئەسكەر زالنى كۆتۈرىۋەتكىدەك قاتتىق گۈرۈلدەپ ۋارقىراشقا باشلىدى:
_ ياق! ياق! ئۇنداق ئىش يوق! ...
بويرۇقنىڭ ئاخىرىنى ھېچكىم ئاڭلىيالمىدى. تۆۋەندە غەزەپتىن چاچلىرىنى يۇلىۋاتقانلار، غۇلاشلاپ مەيدىسىگە مۇشلاۋاتقانلار، چاپانلىرىنى يىرتىپ مەيدىسىنى ئېچىپ 'مېنى ئېتىۋىتىڭلار! پولكىم قالسۇن! مېنى ئات، مېنى! پولكىم ساقلىنىپ قالسۇن!' دېگەن سادالار، ...
يىغىن زالىنىڭ ئۈستىدىكى پەنجىرىلەرنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بولغان سىرىق چۇخەي ھەربىلىرى بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇراللىق قورچاق پولكىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىق مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ يىرگىنىشلىك كۈلىشەتتى، ئەمما بۇ قوشۇننى قاچاندىن بېرى ئۆزلىرىگە دوس دەپ ھېساپلاپ كېلىۋاتقانلىغىنىمۇ زادىلا ئەسلىرىگە ئالالمىدى-دە، دەرھال قوللىرىدىكى پىلىموتلىرىغا چىڭ چاپلىشىشتى.
ھەربىيلەر پرىنسىپ ئوينايدۇ، چۈنكى فرونىتتا دوست ۋە دۈشمەنلا بار. ۋاھالەنكى گېرمانىيىدە ھەممە ئادەم دېگۈدەك پرىنسىپ ئوينايدۇ. بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ ئانچە كۆپ ئۆزگەرگىنى يوق. چۈنكى ئۇ ئادولف گىتلېرنىڭ ۋەتىنى!

تەييارلىغۇچى: تۇماق
پايدىلانغان ماتېرىياللار: ئۈچىنچى ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى
                                      بىزنىڭ مەھەللىدىكى سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، مەرھۇم رېشىتكامنىڭ ئەسلىمىلىرى
[ يوللىغانtumaqتەرىپىدىن2008-04-24 19:33قايتا تەھرىر ]

 

___ باشقۇرغۇچى : otkunchi-nur تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-21

 

Nahxilar
ھۇرۇنلۇق - پەزىلەتتۇر!
| ۋاقتى : 2008-04-21 19:36 [باش يازما]
sadam76

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 30780
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 489
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە489دانە
شۆھرەت: 500 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :337(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-25
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

'مېنى ئېتىۋىتىڭلار! پولكىم قالسۇن! مېنى ئات، مېنى! پولكىم ساقلىنىپ قالسۇن!' دېگەن سادالار، ...
يىغىن زالىنىڭ ئۈستىدىكى پەنجىرىلەرنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بولغان سىرىق چۇخەي ھەربىلىرى بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇراللىق قورچاق پولكىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىق مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ يىرگىنىشلىك كۈلىشەتتى، ئەمما بۇ قوشۇننى قاچاندىن بېرى ئۆزلىرىگە دوس دەپ ھېساپلاپ كېلىۋاتقانلىغىنىمۇ زادىلا ئەسلىرىگە ئالالمىدى-دە، دەرھال قوللىرىدىكى پىلىموتلىرىغا چىڭ چاپلىشىشتى.
                             
Uyghurx.com
پۇرسەتنى چىڭ تۇت!
| ۋاقتى : 2008-04-21 19:57 1 -قەۋەت
PACO

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 36571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1065 سوم
تۆھپە: 8 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-25
ئاخىرقى :2008-05-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ۋاي-ۋۇي، بۇنچىۋالا كۆپ خەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولغانسىز~!؟ تۇماق قېرىندىشىم~!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 20:23 2 -قەۋەت
gulbulak

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37993
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :50(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-11
ئاخىرقى :2008-05-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تارىخ ھەر قانچە بۇرمىلانسىمۇ ،ئۇ يەنىلا تارىختە!ھىچىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
Uyghurx.com
ئاخىرەت
| ۋاقتى : 2008-04-21 20:24 3 -قەۋەت
Erdewil

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 22065
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-14
ئاخىرقى :2008-04-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گىتلېر ، گېتلېر ئەمەس بەلكى ھىتلېر  دەپ توغرا ئاتاڭلار!..........
ئىسىمىمنى توغرا ئاتىماي دەپ گۆرىدىن چىقىپ ئۇرۇپ كەتمىسۇن يەنە سىلەرنى!
[ يوللىغانErdewilتەرىپىدىن2008-04-24 19:55قايتا تەھر ]
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 20:34 4 -قەۋەت
AXIKIM

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 35643
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە34دانە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-16
ئاخىرقى :2008-04-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن....،،،بىزدىنمۇ بىر كۈنى قابىل يولباشچىلار چىقىدۇ،،،،بىرلىك بولىدۇ،،،
بىز مەكتەپتە ئۈگەنگەن تارىخ--<تارىخ>
بىزنىڭ تارىخىمىز قىنىمىز بىلەن سۇغۇرۇلغان،،،،      
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 20:55 5 -قەۋەت
millitim1

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36392
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-23
ئاخىرقى :2008-05-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن مۇشۇ ئادەمگە راستىنلا  قول قويىمەن،نىمىشقا دەمسىلەر چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى بىرىنجى دەرىجىلىك جاللات ،مىنىڭمۇ شۇنداق بولغۇم بار
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 21:14 6 -قەۋەت
paynekbax

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 24339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :205(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-25
ئاخىرقى :2008-05-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يىغلىدىم  ئۆزەممۇ  بىلمىگەن  ھالدا يىغلاپتىمەن    .مەن  دادام تۈگەپ كەتكەندە    بىر قىتىم يىغلىغان
13يىلدىن بىرى يىغلاپ باقمىغان  ئىدىم
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 21:33 7 -قەۋەت
Mr.Y

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 279 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-10
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت سىزگە ،ئاز ئەجىر سىڭدۇرمەپسىز بۇ تىمىغا .  بۇبىلىملەر ھەقىقەتەن بىر ساۋاقكەن ياق بۇ بىر تەجىربە .
بۇرۇنلارغا ئاز سۇ كىرمىدى.كۆزىمىزنى  ئاچايلى قىرىنداشلار.
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 21:41 8 -قەۋەت
sizma

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 30741
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 47
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 490 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-25
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ئېچىنىشلىق تارىختىن كۆڭلۈم ناھايىتى يىرىم بولدى ، كاللامدا قاچاندۇر ئىسىمدىن چىقىپ كەتكەن سەيپىدىن سەتەڭنىڭ  ئوبرازى قايتا نامايەندە بولغاندەك بولدى. شۇ ئەسكەرلەر قەلبىمدە مەڭگۇ ھايات .
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 21:43 9 -قەۋەت
paratTekin

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-07
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھايات دېگەن نېمە؟ ھايات مىللەت دېمەكتۇر. شەخس ھامان ئۆلىدۇ. شەخسنىڭ ھاياتىدىن باشقا، مىللەت دېگەن نەرسە بار
  رەھمەت سىزگە قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:10 10 -قەۋەت
gulbargi2

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33965
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 174
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە174دانە
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1739 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-26
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇنبەردىمۇ گېتلىردەكلا يوقتۇ ~بىزنى قىرىپ تاشلىمىسۇن يەنە~~~
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:32 11 -قەۋەت
2008uygur

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37630
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-07
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھايات دېگەن نېمە؟ ھايات مىللەت دېمەكتۇر. شەخس ھامان ئۆلىدۇ. شەخسنىڭ ھاياتىدىن باشقا، مىللەت دېگەن نەرسە بار. باشقىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى دەپ بۇ ئازاب ئوقۇبەتلىك ئالەمدىن كېتەلمەيۋاتسا، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئازاب ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بۇ ئۆلۈمدىن قورقىدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس!
بۇنداق ياشغاندىن ئىتنىڭ كۇنى ياخشىراقتى.
قاچانمۇ بىزدە بىرلىك بولار،ئىست،ئىست،ئست.
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:41 12 -قەۋەت
0991sumruh

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرەت: 317 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :445(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-11
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىچىمگە  بىر ئاچچىق ھەسرەت  كىرىۋالدى.
قاچانمۇ  ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ كۈلەرمەن؟  شۇ كۈنلەرگە يېتەلەرمىزمۇ؟
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:46 13 -قەۋەت
ozhan1991

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-20
ئاخىرقى :2008-04-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ئادەمنى نەپرەتلىنش كېرەكمۇ ياكى......    
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:48 14 -قەۋەت
2008uygur

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37630
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-07
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كىيىنكى كۇنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشتن بەك قورقىمەن،بەك ئۇزاق ئۇخلاپ كەتتۇق.خورازلار چىللاۋىرىپ ئاۋازىمۇ يوقاپ كەتتى.شۇ خورازلىرمىزنى قايتۇرۇپ بەرگەيلا ئې ياراتقان ئىگەم.
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 22:53 15 -قەۋەت
paynekbax

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 24339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :205(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-25
ئاخىرقى :2008-05-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

راستىنى ئىيىتسام  مەن قانۇندىن بەك قورقىمەن  .چەتئەللەردىكى  قورقىماس  ئادەم بومبىلارر غا  ھەيران قالىمەن  ،مەن  ئادەم بومبا بولۇش ئەمەس    بىر سائەتلىك  ساقچىخانغا  كىرىپ قىلىشتىنمۇ قورقىمەن
ئەڭ ياخشىسى<< سىڭگەن نىنىمىز نى  يەپ قانۇن -تۈزۈمگە  رىئايەقىلىدىغان  .پارتىيىنى سۆيىدىغان ،دۆلەتنى ھىمايە قىلىدىغان  ئەدەپلىك جۇڭگۇ پۇخراسى  بولايلى>>
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-21 23:17 16 -قەۋەت
YOLBAX

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 25747
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 245 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-18
ئاخىرقى :2008-05-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

                  بىر لىك بولماي تىرىكلىك بولماس.
تارىخ قان بىلەن ئورۇندىلىپ سىياھ بىلەن يېزىلىدىغان سېنارىيە خالاس.
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-21 23:17 17 -قەۋەت
没名字起

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە101دانە
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 685 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :139(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-03
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇماق بۇرادەر جاپا تارتىپسىز رەھمەت سىزگە . بۇ تىمىنى ئۇقۇپ يۈرۈگۈم ئاغرىپ كىتىپ بارىدۇ.ھەي~~~~`
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-22 00:13 18 -قەۋەت
komurqibala

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13341
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 386
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە386دانە
شۆھرەت: 387 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-22
ئاخىرقى :2008-05-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇلارغا نىمە دەيمىز.جاپا تارتىپسىز رەھمەت سىزگە.
Nahxilar
| ۋاقتى : 2008-04-22 10:50 19 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )


 

Time now is:05-11 18:20, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation