| |||||||||
rahul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەڭ يېڭى دىتالئەسسالام مۇنبەر ئەھلى !
كەمىندىن سىلەرگە سالام! نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن تورداشلارغا يۇمشاق دېتال توپلىمى ياسىماقچىلىقىم توغۇرىسىدا تېما يوللىغان ئىدىم . ئالاھەزەل بۈگۈنگە كىلىپ دوسلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ دېتال توپلىمىنى ئىشلەپ پۈتتۈردۈم. بۇنى ھەرگىزمۇ تورداشلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ! گەرچە بۇ يومشاق دېتال توپلىمى باشقا دىېتاللارغا ئوخشاش ئالاھىدە لاھىيلەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما تورداشلارنىڭ ئادەتتكى ھاجىتىىن چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن! ئەمما دېتالنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشىگە ئەھمىيەت بىرىلگەن بولۇپ ھەربىر كۆزنەكلىرىگە ئالاھىدە خەت نۇسخسىسى ھەم بەلگىلەر قۇشۇلدى ھەم كىرگەندىكى كۆزنەككە بىللە چىقىدىغان مۇزىكا ئورۇنلاشتۇرۇلدى。 بۇتوپلامنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 668MBبولۇپ چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە نۇر دىسكىغا ئويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى نۇر دىسكىغا ئويۇش جەرىيانىدا ئويۇش سۈرئىتىنى ھەرگىزمۇ ئەڭ يۇقىتى چەككە تەڭشىمەڭ بولمىسا سۆرئەتنىڭ تىزلىكىنى قوغلىشىپ دىسكىنىڭ سۈپەتلىك ئويۇپ چىقىشىغا تەسىر يىتىدۇ. لىكىن بەك ئاستىمۇ تەڭشەپ قويماڭ بولمىسا بەك ۋاقىت ئسراپ بولۇپ كىتىدۇ! شۇڭا ئاساسەن نورمال سۈرئەتتە ئويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن! ناۋادا سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزغا دىسكا ئويغۇچ سەپلەنمىگەن بولسا ئۇنداقتا سىز شۇ ھۆججەتنى پىرستىن يىشىپلا قاتتىق دىسكىدا ساقلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.كىيىنچە كومپىيوتېرىڭىزغا قايتا سىستېما قاچىلىغان چاغدا دېتال قاچىلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتىلالايسىز! ھۆججەت شەكلى ISOبولۇپ تورداشلار قاتتىق دىسكىسىدا ساقلىماقچى بولسا بىۋاستە WINRARئارقىلىق پىرىستىن يېشىپلا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك يېرى شۇكى مەركۇز توپلامدا بىرقىسىم ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان كومپىيوتېردا ئاچقاندا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەسلىك ئەھۋالى ھەل قىلىندى ،شۇڭا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق كومپېيوتېرلاردىمۇ بىمالال ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز! مەركۇز توپلامغا ئاساسەن ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئېلان قىلىنغان ھەرخىل كۆپ قوللىنىدىغان يۇمشاق دېتاللار قاچىلانغان بولۇپ توردىن دېتال چۈشۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيوتېر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان رەسىم تەھرىرلەش دېتاللىرى، يىزىق بىرتەرەپ قىلىش دېتالى ،ۋىروسخورلار ، سىستېما قوراللىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ھەممىسى ئاساسەن يىشىل ھەقسىز نۇسخىسى . توپلام ئىشلەپ پۈتكەندىن كىيىن بىرنەچچە قېتىم تازلىنىۋىتىلدى.شۇڭا بۇبىر ساپ يىشىل سىستېما دەپ ئېيتالايمەن! باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرگەندىن كىيىن ھىس قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! ھەمدە تورداشلارنىڭ ھەرقانداق بىر پىكىر –تەكلىپلىرى بولسا ئايىماي بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! ھەممىمىز ئۇخشىاش ئادەم بولغاندىن كىيىن خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.بەلكىم بەزەن جايلىرىىنى بىلىپ –بىلمەي خاتا قىلىپ قويغان بولۇشىم مۇمكىن ۋە ياكى ئىملا جەھەتتە خاتالىق سادىر بولغان بولىشى مۇمكىن . تورداشلارنىڭ مۇمكىن بولسا ئېغىر كۆرمەي كام قالغان ، خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! چوڭلىقى : 668MB مۇھىتى :windows vista ،windows xp ،windows2003 تونۇشتۇرۇش : ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال توپلىمى(شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇنازىرىسىگە تەۋە) تەستىق نۇمۇرى : 7a341d4f چۈشۈرۈش : چۈشۈرۈش1 چۈشۈرۈش2 چۈشۈرۈش3 超级旋风ياكى 迅雷دا چۈشۈرۈڭ ئەسلى مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنى كىرگۈزەي دىگەن .ئەمما بەك چوڭ ئورۇننى ئىگەللەپ كەتكىدەك شۇڭا كىرگۈزمىدىم . ناۋادا رەسىملىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ تور بەتتىكى (دوستلارغا سوۋغات بار) دىگەن تېمىغا قاراڭ! مەركۇز دېتالنىڭ تارقىتىش ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇنازىرىسىگە تەۋە! ناۋادا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلسا ئۇلىنىش ئارقىلىق مەركۇز تېماۋە رەسىملىرى كۆرسىتىپ بېرىلسە بولىدۇ. ناۋدا چۈشۈرۈش ئادىرىسىدا ياكى ئۇلىنىشتا خاتالىق كۆرۈلسە ياكى چۈشۈرەلمىسەڭلار مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ قالدۇرساڭلار مەن ئوڭشاپ قوياي ھەم ئېلخەت ئادىرىسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن ئادىرىسىنى ئەۋەتىپ بېرەي! EMAIL : kaderdan22@126.com ياكى 469839519 (نىمە نۇمۇرلىقىنى بىلگەنسىز!) ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇنازىرىسىدىن : قەدىردان . مەنبە :www.xjuygur.cn/bbs ___ باشقۇرغۇچى : Hursan. تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-21
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@REXTA@ | ياخشى ياساپسىز.......تىخىمۇ تىرىشىڭ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
indian دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى نىيەتتە قىلغان ئەمگىگىڭزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بەرسۇن !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | رەھمەت ،چۈشۈرۋالدىم بولسھ يەنە كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Arkan0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەت ،مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
WANTED دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمە سىزگە . .. . چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي ~~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~~KAQUR~~ | مەن چۇشىنەلمىدىم بۇ زادى نىم قىلىدىغان دىتال ماڭا دەپ بەرگەن بولساڭلا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maripat1 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | چۈشۈرۈش1 چۈشۈرۈش2 چۈشۈرۈش3
بۇلارنىڭ ھىچ بىر رۇلى يوققۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamtil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن چۇشۇرەلمىدىمغۇ؟چۈشۈرۈش1 چۈشۈرۈش2 چۈشۈرۈش3 بۇلارنىڭ ھىچ بىر رۇلى يوققۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rahul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەگەر يەنە چۈشىۈرەلمىساڭلار www.xjuygur.cn/bbs قا كىرىپ مۇشۇ تور بەتكە ئۇلىنىش قىلىنغان يەردىن چۈرۋالغايسىلەر . بۇ دىتالنىڭ بىردىن بىر رۇلى ،،،،سىز قاچىلاشقا تىگىشلىك بولغان ھەممە يۇمشاق دىتالنى ئۆزىگە مۇجەسەملىگەن . بۇ دىتالدىن سىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان يۇمشاق اىتالنى تاپالايسىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|