![]() |
| ||||||||
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
svzvk0997
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى ئەسەركەن. ئاخىرىنى كۆرۈشكە ئەجەپ قىزىقىۋاتىمەن ، خاپا بولماي تېزراق يوللاڭە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ!
ئادەم تۇنجى قىتىم بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا ئاشۇنداق بۇلىدىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىككىنچى ئوقۇش يىلى باشلاندى.
مەكتەپكە قايتىشنى ئويلىساملا يىغلۇغۇم كىلىدۇ، ئىچ-ئىچىمدىن ئېزىلىمەن . نەچچە رەت ئوقىماي تۇلۇق ئوتتىرىنى ئوقۇشنى ئېيتساممۇ ،ئۆيدىكلەر قەتئى ئۇنىماي قويدى .ئامال قانچە،يەنە مەكتەپكە ماڭدىم .بۇ قىتىم باھانە سەۋەپلەر كۆرسىتىپ بىر ھەپتە كىچىكىپ چىقتىم . مەن ئۆيگە قايتسام دائىم مەكتىۋىمىزنىڭ كەينىدىكى <خېتەن يۇلى >بىلەنلە قايتىتتىم .ئوقۇتۇش بىنايىمىزمۇ دەل شۇ يولنىڭ يېقىدا بۇلۇپ ،سىنىپىمىزنىڭ دېرىزىسى يولغا قاراپ تۇراتتى . بۇ يولدا ماشىنىلارلا بۇلۇپ ئادەملەر بەك شالاڭ ئىدى ،بىز دائىم تەنەپۈسلەردە يولغا قاراپ، ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە چاقچاق قىلىپ قۇياتتۇق . مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ، سەۋەپسىزلا 3- قەۋەتتىكى سىنىپىمىزنىڭ دېرىزىسىگە قاراپتىمەن .ئاھ خۇدا! تۇنجى كۆرگنىم ئەنە شۇ مىنى كىچە -كۈندۈز سېغىندۇرغان ،ھەر سەھەر چۈشلىرىمدىن ئۇيغىنىپ ئەتىراپىمدىن ئۈمۈتسىز ئىزلەيدىغان، كۆز قارچوغلىرىمغىلا ئەمەس ،يۈرىكىمنىڭ قات-قېتىغا ئورنىشىپ كەتكەن تۇنۇش چىھرە ئىدى ....يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك شىددەت بىلەن سوقۇپ كەتتى .يولنى مەن دەسسەپ كېتىۋاتىمەنمۇ ياكى باشقا بىرىمۇ بىلمەيمەن ،ئىشقىلىپ ناھايتى تەستە مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ كەتتىم .مەكتەپ ھويلىسى شۇ قەدەر كۆڭۈلسىز ،ياتاقلار شۇنچە كۆرۈمسىز... بەلكىم قەلبىمدىكى مىسكىنلىك تۈپەيلى تاشقى دۇنيامۇ خۇددى ئىچكى دۇنيايىمدەكلا ئۈمۈتسىز كۆرىنىۋاتسا كېرەك. ئادەم ئۆزىگە ئازراقمۇ تەئەللۇق بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،ياشاش شۇ قەدەر تەس كىلىدىكى ....... <بولدى گۈلگىنە ،ئەمدى ئۇنىڭغا قارىما!ئامال بار سېغىنما!ھەر دائىم نەزىرىڭ چۈشىدىغان سىنىپنىڭ ئارقىدىكى پارتا يېنىغا، بۇرۇنقىدەك ئۇ يوق چاغلاردىن پايدىلنىپ بارما!.....سەن ئۇنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرسەڭمۇ ،ئۇنىڭ قەلبىدە يەنىلا باشقا بىرى -كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ھېلىقى گۈزەل بار...غورورۇڭنى ساقلا ،ھەرگىزمۇ ھىسياتلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ئاشكارلاپ قويما! ساڭا ئازاپتىن باشقا ھىچنىمە ئېلىپ كىلەلمەيدىغان ،بىچارە ئۈمۈتسىز سۆيگۈڭنى قەلبىڭگە ئۈمۈرلۈك دەپنە قىلىۋەت!!!> ........مانا بۇ ئۆز-ئۆزۈمگە بەرگەن ختاپلىرىم بىلەن ،كۆرۈپ تۇرۇپ ،كۈيۈپ تۇرۇپ ئېرىشەلمەسلىك ،ھەتتا قىنىپ -قىنىپ بىر رەت قارىۋىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماسلىقتەك ئەلەملەر ئىچىدە،يەنە بىر يىلنى ئۇزاتتىم . بىچارە گۈلگىنەنىڭ ئەلەملىك ئۈكسۈشلىرى ،ھەسرەتلىك نالىلىرى ،ئۈمۈتسىز بېقىپ نىشانسىز ئىزلەشلىرى پەقەت كۈندىلىك خاتىرە بەتلىرىدە ئىچىلماس سىر بۇلۇپ قېلىۋەردى... * * * ئۈچۈنچى ئوقۇش يىلى باشلاندى . مەن تامامەن ئۆزگەرگەن ئىدىم ،بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ،شۇ قەدەر تەمكىن ..ھەرىكەتلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك چاققان ئەمەس تۇلىمۇ ئېغىر تۇلىمۇ ئېغىر..... بۇ جەرياندا بۇيۇممۇ خېلى ئۈسۈپ قاپتۇ .چاچلىرىممۇ مۈرەمدىن ئېشىپتۇ .سەل ئورۇقلاپ تۇلىمۇ زىلۋالىشىپ كەتكەن ئىدىم . مەن ئەمدى بالا ئەمەس ،18 ياشلىق قىز! كۈندە تالاي يىگىتلەرنىڭ كۆز ئۈزمەي قاراشلىرى ئىچىدە يۈرىمەن ،بوش ئاۋاز بىلەن كەينىمدىن چاقىرىشلار ،ئۈزلىكسىز كىلىدىغان سۆيگۈ مەكتۇپلىرى قەلبىمدە ئازراق بولسىمۇ قىزىقىش پەيدا قىلسىدى كاشكى... بىىر كۈنى كەينىمدە ئولتىرىدىغان جارقىن ئىسىملىك قازاق ساۋاقدىشىم ماڭا :<سىزنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەر سىنىپىمىزدا بەك كۆپ جۇمۇ ، ئەخمەت(كورلا) ئۆتكەندە ياتاقتا مەس بۇلۇپ قېلىپ ،ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ يىغلاپ كەتتى . شۆھرەت (قارماي) ئالدىنقى كىچە <گۈلگىنە ،گۈلگىنە ...> دىگىنىچە كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشتى... _ھا. ھا، ھا، بەك چۈشتىمۇ ؟ _كۈلكەم بىلەن ،ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزىۋېتىپ سىنىپتىن چىقتىم .باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش _چەكسىز بەخىت! ئەمما مەن بۇ بەخىتنى ماڭا شۇنچە يىلنىڭ ياقى ھەمراھ بۇلۇپ كېلىۋاتقان شۇ غۇۋا سايىنىڭ بېرىشىنىلا ئۈمۈد قىلىمەن .باشقىلارنىڭ بولسا ئارتۇقچە ئۇرۇنۇش! نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنى بىكار ئاۋارە قىلىشىدۇ ،مىنىمۇ بىئارام قىلىدۇ ... يۈرۈكىمگە قول سىلىپ باقسام ،شۇنچىۋالا تىرىشچانلىقلىرىمغا قارىماي ،ئۇنى ئۇنتۇش تۈگۈل ، قەلبىمگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ كىرگەن ئىكەنمەن....... مەن كۈز ئايلىرىنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن ،سارغايغان كۈز يۇپۇرماقلىرىنى دەسسىگەندە چىققان ئاۋازلارمۇ ،ماڭا ئاجايىپ ھوزور ئاتا قىلىدۇ .شۇنداق كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،مىنىڭ تەغدىرىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى . ئۆكتەبىرنىڭ بىر كەچلىكى ،مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى .مەن مېخانىكىدىن بىر مىسالنى ئىشلىيەلمەي ، بىشىم بەكمۇ قاتتى .شۇ چاغدا ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا قاراپ ساپتىمەن ، ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن ،مەن كۆزلىرىمنى بۇرۇنقىدەك تېز قاچۇرماي ،كۈلۈمسىرەپلا قۇيۇپ ،ئۆ ز ئىشىم بىلەن بەنىت بولغان ھالەتتە ئولتۇرۋلدىم ، ئەمما پۈتۈن كاللامغا ئۇ كىرىپلا ۋالغان ئىدى .تۇيۇقسىزلا يىنىمدا ئۇ پەيدا بولدى : _ ئولتۇرسام بۇلامدۇگۈلگىنە ؟ _ئە...ئەلۋەتتە .....بۇلىدۇ ..ئولتۇرۇڭ مىنىڭ ئىسمىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى رەت ئاڭلىشىم ...نىمە دىگەن يېقىملىق چاقىرىدۇ ھە؟ -مەن بىر مەسىلىنى چۈشۈنەلمەي سىزدىن سوراپ كىلىشىم _ ئۇ ئالدىراپ كىلىش مەقسىتىنى چۈشەندۇردى . < بىلىمەن ،مىنىڭ يېنىمغا كېلىدىغان يەنە قانداق مەقسەت بولسۇن سەندە؟> دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۇ سۇنغان دەپتەرنى قۇلۇمغا ئالدىم . ئەسلىدە ئىكىمىز چۈشۈنەلمىگەن شۇ بىر مەسىلە ئىكەن . بۇ مەسىلە بايىلا بېشىمنى ئاغرىتقان بولسا ،ەمدىلىكتە ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيانقى3- قىتىملىق سۆھبىتىمىزگە تېما بۇلۇپ قىلىۋاتاتتى . شۇڭا بىز بىرلىكتە مۇلاھىزەگە چۈشۈپ كەتتۇق .گاھ ئويلىغانلىرىمىزنى سىلىشتۇرساق گاھ ئۆز قاراشلىرىمىزدا چىڭ تۇرىۋېلىپ قىزىرىشقاندەك تالىشىپ كەتتۇق . ئاخىرى ئىكىمىز تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە بۇ مەسىلىنى يەشتۇق . مەسىلىنى يېشىپ بۇلۇپ ئىكىمىزلا بىر-بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە كۈلۈشۈپ كېتىشتۇق .ئۇ ماڭا قاراپ: _سىز بەكلا جاھىل ئىكەنسىز _دىدى . _سىزمۇ قىلىشمايسىزكەن . قۇڭراق چېلىندى ، ئۇ ماتىرياللىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بۇلۇپ ،چىقىپ كەتمەي مىنى ساقلاپ تۇردى .ئىكىمىز بىللە سىنىپتىن چىقتۇق .مانا بۇ بىزنىڭ، تۇنجى قىتىم يانمۇ-يان مېڭىشىمىز ئىدى .تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خۇشاللىقتىن ئەقلىمنى يۇقاتتىممۇ بىلمىدىم ،ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزغۇدەك بىرەر ئېغىز سۆز تاپالمىدىم .يولنىڭ قىسقىرىشى ئارامىمنى بۇزدى ..........ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا مىنوت -سىكىنوتلار توختاپ قالسا ،ياكى بولمىسا ئوقۇتۇش بىناسىدىن ياتاققىچە بولغان بۇ يول مەڭگۈ ئاياقلاشمىغان بولسا.....نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى -ھە؟! قىزلار ياتىقى بىلەن ئوغۇللار ياتىقىغا ئايرىلدىغان ئاچا يولغا كەلگەندە ئېسىمگە كىلىپ ،بېشىمنى كۈتۈرۇپ خوشلاشماقچى بولدۇم ،ئەمما ئۇ:< مەن سىزنى ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىغىلا ئاپىرىپ قۇياي > دىگىنىچە جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي قىزلار ياتىقى تەرەپكە ماڭدى . مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمدن ؟؟يۈرۈكۈم قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سۇقۇپ كەتتى ،ئەگەر مۇشۇ مېڭىش بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە چىقىپ كەتسەم ،ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى . ياتاق ئالدىغا كەلدۇق ...،يول يېقىدىكى چىراقنىڭ غۇۋا يورىقىدا ،بىر -بىرىمىزگە مەجبورىي كۈلۈمسىرەپ ئايرىلدۇق<خەيرى ،ياخشى چۈش كۆرۈڭ!>....ئۇ كەتتى مىنىڭ يۈرۈكۈمنىمۇ ئېلىپ كەتتى ..ياق بۈگۈنلا ئەمەس ئۇنى تۇنجى كۆرگەن شۇ دەقىقىلەردىلا ،يۈرۈكۈم ئۇنىڭ بىلەن كەتكەن ئىدى . ياتاققا كىرىپ كارىۋاتقا دۈم چۈشۈپ بەكمۇ ئۇزۇن بەكمۇ ئۇزۇن يىغلىدىم .شۇنچە يىلدىن بېرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تىكلىگەن ئىرادەمنى ،ئۇ بىر مىنۇتتا ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى .مەن بۇ ئازاپلارغا ئەمدى كۆنگەن ئىدىمغۇ؟ئۇ نىمە ئۈچۈن يەنە ساقايماس يارامنى قايتا ئاچىدىغاندۇ؟! كۆز ئالدىمغا يەنە ھىلىقى بۇغداي ئۆڭ گۈزەل كەلدى ،مەن پەقەت بۈگۈن كىچىلا ئۇنىڭ باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم ،بۇ چۈشۈنۈش باغرىمنى يەنە بىر رەت پارە-پارە قىلىپ ئۆتتى ....... تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم ،پەقەت تاڭ سەھەردە كۆزۇم ئۇيقىغا كىتىپتۇ .... چۈشۈمدە ئۇ مىنى گۈللەر پۇرەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن بىر باغقا يىتلەپ كىرىپ كىتىۋاتقۇدەك........... ئاھ ،خۇدا ! مىنى <مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ >دەپ ئويلىغان شۇ تىلەكلىرىمگە يەتكۈزگەن بولساڭ ،دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسانغا ئايلانغان بۇلاتتىم . شۇندىن كېيىن ئىكىمىز ئاستا-ئاستا يىقىنلاشتۇق .ھەر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقىتلىرى ئۇ يىنىمغا كىلىپ مەن بىلەن ئولتۇراتتى ،ئىكىمىز تۈگىمەس پاراڭلارغا چۇشۇپ كېتەتتۇق .مۇزاكىرىدىن چۈشكەندە بىللە قايتاتتۇق ،ئۇ ھەممىشە مىنى ياتاق ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ ،مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن كېتەتتى .دەرىستىن چۈشكەندە باغچىدىكى ئورۇندۇقتا يانمۇ -يان ئولتۇرۇپ ،بىللە دەرىس تەكرار قىلاتتۇق ...بىللە ۋاسكىتبول ئوينايتۇق ...... * * * ئىكىمىز ئارىسىدىكى بۇ ئۈزۈلمەس رىشتە ،ئەينى يىللاردىكى بىز ئولتۇرغان پارتىلاردا،بىللە ماڭغان شۇ يوللاردا مەڭگۈلۈك بۇلۇپ چىگىلگەن ئىكەن . * * * ئۇ مىنىڭ يۈزلىرىمنى سوزۇپ ئەكىلىتىشكە بەك ئامراق ئىدى .لىكىن مىنىڭ يۈزۈم مىققىدە ھەم سىلىق بولغاچقا ،ھەممىشە قۇلىدىن تېيلىپ چىقىپ كىتەتتى ،ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق بولغاچقا ،مەن بۇلۇشىچە سوزاتتىم .شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم كۆزلىرىمگە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ :<سىز نىمىدىگەن ئۇماق -ھە؟ > دەيتتى .مەن چىراي-شەكلىمگە ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمىگەچكە ئۆزەمنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم .پەقەت ياتاقتا يالغۇز قالغان چاغلىرىمدىلا ،ئەينەكتىن كۆز ئۈزمەي، چېھرىمدىن ئۇ دىگەن ئۇماقلىقنى ئىزدەيتتىم . كۈندۈزى ئۇنىڭ بىلەن ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ياشىساممۇ ،كىچىسى يۇتقان ئىچىدە پىنھان قالغاندا كۆز ياشلىرىم توختىمايتتى .چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن بۇ ئىنساننىڭ باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش مىنى ئىچ -ئىچىمدىن يەيتتى .....لىكىن مەندە بىر گۇمان بار ئىدى ،3 يىلنىڭ ياقى بىز بىرەر قىتىممۇ ئۇ قىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى ،فۇرقەت بىلەن بىللە مەڭغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدۇق ....مانا بۇ زەررىچە ئۈمۈت مىنىڭ گۆرۈستان قاراڭغۇلىقىغا مەھكۇم بولغان قەلبىمنى ئازراق بولسىمۇ يورۇتۇپ تۇراتتى . بىر كۈنى ،ئۇ ماڭا :<ئەگەر ئىككىمىز مەڭگۈ مۇشۇ پارتىدا ئولتۇرۇپ ،قېرىپ ئۆلگۈچە بىر سىنىپتا ئوقىساق نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى -ھە؟!> دىدى دەل شۇ چاغدا سەزگۈر كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىكى بىر خىل ئىنتىلىشنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى .بىر قىسمىلا بوپ قالدىم ،سەندىكى بۇ ئوي پىكىر مەندىكى ئوي -پىكىرنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟!.......لىكىن..........شۇ چاغدا ھىلىقى قىز خۇددى مىنىڭ بارلىقىمنى ئېلىپ كەتكەندەك بىئارام بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . _نىمە بولدى ،جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟ مەن ئۆزەمنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى تۇنجى قىتىم سەزدۈرۈپ قويغانلىقىمنى بىلىپ ،بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم .شۇئان گېپىمنى ئوڭشاپ ،: _مەن تېخى تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بۇلالمىغان ئىدىم ،ئەجەپمۇ تويدۇم شۇ ياڭ مۇەللىمدىن _ دىگەن بۇلۇپ يالغان ئەنسىرىگەن قىياپاتكە كىرىۋالدىم . _مەن ئىشلەپ بولغان كۈچۈرىۋالامسىز؟_ ئۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالەتتە ئىدى . _ بولدىلا ئۈزەملا ئىشلەي ، _ئۇنداق بولسا سىزگە دەخلى يەتكۈزمەي _ ئۇ شۇنداق دىگەچ يىنىمدىن كەتتى . ئەمىلىيەتتە ،مەن ئاللىقاچا ن ئىشلەپ بولغان ئىدىم .باشقىلاردىن يۇشۇرۇن بەكمۇ ئازاپ بەكمۇ شېرىن دەپ ئاڭلىغان ،گەرچە ئىلگىرى تۇلۇق چۈشەنمىگەن بولساممۇ ،ئەمدىلىكتە بۇ ئازاپلارنى ھەقىقى تېتىۋاتماقتا ئىدىم . كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇنىڭ سىرىتتىن كىرىپلا پارتامغا كىلىشىنى ،چاچلىرىمنى بوشقىنە تارتىپ ،يۈزلىرىمنى چىمدىپ ئەكىلىتىشىنى كۈتۈپ ئۆتمەكتە ئىدى . * * * ئېرىشەلمەي ئۆتكەن بۇ مۇھاببەتنىڭ ،شۇنداقلا خىيالى چۈشتەك ئۈتۈپ كەتكەن شۇ كۈنلەرنىڭ تۇلىمۇ شېرىن ،تۇلىمۇ شېرىن ئىكەنلىكىگە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھەقىقىي ئىشىنىۋاتىمەن ........... قىشلىق تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن ،ئوتتەك بىر سېغىنىش قەلبىمنى ئۆرتەيتتى ،ياتسام تۇرسام خىيالىم فۇرقەتتىلا بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئارتىسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاتكىرتكىنى تارتمامغا سېلىپ قۇيۇپ كۈندە نەچچە رەت قارايتتىم .بەزى كىچىلىرى بېشىمنى يۇتقانغا پۈركۈپ راسا يىغلايتتىم ....نىمىشقىدۇركىن شۇنداق كىچىلىرى ئۇ چۈشۈمگە كىرىپ قالاتتى ...چۈشلىرىمدىكى ئۇ ناھايتىمۇ مىسكىن ... ئۇنىڭ قەلبىمدىن بۇ دەرىجىدە ئورۇن ئېلىىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ،ھەقىقەتەنمۇ كۆرگۈم كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى تەتىلدە بىلدىم .قانچىلك سېغىنغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن .بەلكىم ئۇ يۇرتىنىڭ كۇچىلىرىدا ھېلىقى گۈزىلى بىلەن يۈرگەندۇ؟ ..خۇشال كۈلىشىۋاتقاندۇ...ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىنى يۈزلىرىنى تارتىپ ئەكىلىتىۋاتقاندۇ؟ ھەتتا لەۋلىرىگە ....... تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ، ئۇنىڭ تامامەن باشقا بىرىگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر رەت تۇنۇپ يەتتىم . بۇ تۇيغۇلارنىڭ تەمى ئۇنى كۆرەلمەي قىلىشتىنمۇ ئاچچىق ئىدى . كانىكول ۋاقتى توشتى ،مەكتەپكە بەكمۇ ئالدىرىغان ئىدىم ،ئاپامنىڭ :<ئەتە تىزىمغا ئالدۇرغاندىكىن ئەتە ماڭساڭمۇ بۇلىدىغۇ ؟ > دەپ قىيداش ئىچىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي بىر كۈن بۇرۇن ماڭدىم . مەكتەپ ھويلىسىغا دەسسىشىم بىلەن ئاجايىپ بىر ھىسيات مىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى ،بۇ چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىنى قايتا كۆرۈش ئىستىكى ئىدى .كۆزلىرىم يەنىلا مەكتەپ ھويلىسىدىن ،سېغىنغان تۇنۇش گەۋدىنى ئىزلەشكە باشلىدى ... كەچ كىردى ، قىزلار ئۇيەر -بۇ يەرلەرگە كىتىپ ياتاقتا يىقىن دوستۇم خاسىيەت ئىكىمىزلا قالدۇق .ئۇ ئادەتتە يىقىن ئەتراپتىكى ماگىزىنغىمۇ مىنى ئېلىۋالمىسا چىقمايتتى . بۈگۈن ئۇ ماڭا سىرلىق قاراپ : _گۈلگىنە ، ئۇزۇن بولدى سەن باشقىچىلا بوپ قالدىڭ ،سەۋەبىنى دەمدىكىن دىسەم پەقەت ئېغىز ئاچمىدىڭ ،يىقىن دوسلارمۇ شۇنداق بۇلامدۇ؟ ساڭا راستىنلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،بىرەسىىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭمۇ-يا؟ _نىمە دەيدىغانسەن؟ ... بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ...ساراڭمۇ سەن؟_ تەمتىرەپ گەپلىرىم پەقەتلا قۇلاشمىدى . _ يۇشۇرۇپ ئۈزەڭنى قىينىما جىنىم ، مەن ھەممىنى بىلىمەن .. _ سەن نىمىنى بىلىسەن ؟ _چۈچۈپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى . _ سەن نىمىنى يۇشۇرساڭ ،شۇنى بىلىمەن ،ئۇ يۇشۇرغۇدەك ئىشمىتى ؟ _ نىمىلەرنى دەپ كىتىۋاتىسەن ؟.ساراڭمۇ سەن؟...... _ ھەي بىچارە ،ئۇنى قاچانغىچە پىنھان سۈيىسەن؟ _ كىمنى ؟! _ ئەمدىلىكتە ئورنىمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئۇمۇ سەل ئويلىنىپ قالدى ،لىكىن دەرھال جىددى قىياپەتكە كىلىپ : _ مەن بىر كىچىسى سىنىڭ ئۇيقۇلۇقتا ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ يىغلىغىنىڭنى ئاڭلىدىم .سەن قاچانغىچە.... ئەمدىلىكتە پۇت-قوللىرىم بوشۇشۇپ ،ئورنىمغا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .ئەمما ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق يىغىنى باسالماي ئىسەدەپ تۇرۇپ : _ سىلەر ئەمدى ماڭا ، بۇ ئۈمۈتسىز ئازاپلىق سۆيگۈمنى ،قەلبىمدە مەڭگۈلۈك سىر قىلىپ ساقلىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىمۇ بەرمەمسىلەر؟!........ يىغىدىن بوغۇلۇپ كەتتىم .خاسىيەت بۋشىمنى قۇچاقلىرىغا ئېلىپ ،چاچلىرىمنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن سىلىدى .. شۇندىن ئېتىۋارەن ،مەن خۇددى بىر گۇناھ ئىش ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ،بىشىمنى كۈتۈرەلمەيلا قالدىم ،ئەمما خاسىيەت شۇ كۈندىن كېيىن مەندىن تېخىمۇ ئايرىلماس بۇلۇپ كەتتى .ھىلىقى ئىشمۇ قايتا تىلغا ئېلىنمىدى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
azap986532
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ!
ئادەم تۇنجى قىتىم بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندا ئاشۇنداق بۇلىدىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن كۈز ئايلىرىنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن ،سارغايغان كۈز يۇپۇرماقلىرىنى دەسسىگەندە چىققان ئاۋازلارمۇ ،ماڭا ئاجايىپ ھوزور ئاتا قىلىدۇ .شۇنداق كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،مىنىڭ تەغدىرىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى .
ئۆكتەبىرنىڭ بىر كەچلىكى ،مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى .مەن مېخانىكىدىن بىر مىسالنى ئىشلىيەلمەي ، بىشىم بەكمۇ قاتتى .شۇ چاغدا ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا قاراپ ساپتىمەن ، ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن ،مەن كۆزلىرىمنى بۇرۇنقىدەك تېز قاچۇرماي ،كۈلۈمسىرەپلا قۇيۇپ ،ئۆ ز ئىشىم بىلەن بەنىت بولغان ھالەتتە ئولتۇرۋلدىم ، ئەمما پۈتۈن كاللامغا ئۇ كىرىپلا ۋالغان ئىدى .تۇيۇقسىزلا يىنىمدا ئۇ پەيدا بولدى : _ ئولتۇرسام بۇلامدۇگۈلگىنە ؟ _ئە...ئەلۋەتتە .....بۇلىدۇ ..ئولتۇرۇڭ مىنىڭ ئىسمىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى رەت ئاڭلىشىم ...نىمە دىگەن يېقىملىق چاقىرىدۇ ھە؟ -مەن بىر مەسىلىنى چۈشۈنەلمەي سىزدىن سوراپ كىلىشىم _ ئۇ ئالدىراپ كىلىش مەقسىتىنى چۈشەندۇردى . < بىلىمەن ،مىنىڭ يېنىمغا كېلىدىغان يەنە قانداق مەقسەت بولسۇن سەندە؟> دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۇ سۇنغان دەپتەرنى قۇلۇمغا ئالدىم . ئەسلىدە ئىكىمىز چۈشۈنەلمىگەن شۇ بىر مەسىلە ئىكەن . بۇ مەسىلە بايىلا بېشىمنى ئاغرىتقان بولسا ،ەمدىلىكتە ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيانقى3- قىتىملىق سۆھبىتىمىزگە تېما بۇلۇپ قىلىۋاتاتتى . شۇڭا بىز بىرلىكتە مۇلاھىزەگە چۈشۈپ كەتتۇق .گاھ ئويلىغانلىرىمىزنى سىلىشتۇرساق گاھ ئۆز قاراشلىرىمىزدا چىڭ تۇرىۋېلىپ قىزىرىشقاندەك تالىشىپ كەتتۇق . ئاخىرى ئىكىمىز تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە بۇ مەسىلىنى يەشتۇق . مەسىلىنى يېشىپ بۇلۇپ ئىكىمىزلا بىر-بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە كۈلۈشۈپ كېتىشتۇق .ئۇ ماڭا قاراپ: _سىز بەكلا جاھىل ئىكەنسىز _دىدى . _سىزمۇ قىلىشمايسىزكەن . قۇڭراق چېلىندى ، ئۇ ماتىرياللىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بۇلۇپ ،چىقىپ كەتمەي مىنى ساقلاپ تۇردى .ئىكىمىز بىللە سىنىپتىن چىقتۇق .مانا بۇ بىزنىڭ، تۇنجى قىتىم يانمۇ-يان مېڭىشىمىز ئىدى .تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خۇشاللىقتىن ئەقلىمنى يۇقاتتىممۇ بىلمىدىم ،ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزغۇدەك بىرەر ئېغىز سۆز تاپالمىدىم .يولنىڭ قىسقىرىشى ئارامىمنى بۇزدى ..........ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا مىنوت -سىكىنوتلار توختاپ قالسا ،ياكى بولمىسا ئوقۇتۇش بىناسىدىن ياتاققىچە بولغان بۇ يول مەڭگۈ ئاياقلاشمىغان بولسا.....نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى -ھە؟! قىزلار ياتىقى بىلەن ئوغۇللار ياتىقىغا ئايرىلدىغان ئاچا يولغا كەلگەندە ئېسىمگە كىلىپ ،بېشىمنى كۈتۈرۇپ خوشلاشماقچى بولدۇم ،ئەمما ئۇ:< مەن سىزنى ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىغىلا ئاپىرىپ قۇياي > دىگىنىچە جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي قىزلار ياتىقى تەرەپكە ماڭدى . مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمدن ؟؟يۈرۈكۈم قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سۇقۇپ كەتتى ،ئەگەر مۇشۇ مېڭىش بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە چىقىپ كەتسەم ،ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى . ياتاق ئالدىغا كەلدۇق ...،يول يېقىدىكى چىراقنىڭ غۇۋا يورىقىدا ،بىر -بىرىمىزگە مەجبورىي كۈلۈمسىرەپ ئايرىلدۇق<خەيرى ،ياخشى چۈش كۆرۈڭ!>....ئۇ كەتتى مىنىڭ يۈرۈكۈمنىمۇ ئېلىپ كەتتى ..ياق بۈگۈنلا ئەمەس ئۇنى تۇنجى كۆرگەن شۇ دەقىقىلەردىلا ،يۈرۈكۈم ئۇنىڭ بىلەن كەتكەن ئىدى . ياتاققا كىرىپ كارىۋاتقا دۈم چۈشۈپ بەكمۇ ئۇزۇن بەكمۇ ئۇزۇن يىغلىدىم .شۇنچە يىلدىن بېرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تىكلىگەن ئىرادەمنى ،ئۇ بىر مىنۇتتا ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى .مەن بۇ ئازاپلارغا ئەمدى كۆنگەن ئىدىمغۇ؟ئۇ نىمە ئۈچۈن يەنە ساقايماس يارامنى قايتا ئاچىدىغاندۇ؟! كۆز ئالدىمغا يەنە ھىلىقى بۇغداي ئۆڭ گۈزەل كەلدى ،مەن پەقەت بۈگۈن كىچىلا ئۇنىڭ باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم ،بۇ چۈشۈنۈش باغرىمنى يەنە بىر رەت پارە-پارە قىلىپ ئۆتتى ....... تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم ،پەقەت تاڭ سەھەردە كۆزۇم ئۇيقىغا كىتىپتۇ .... چۈشۈمدە ئۇ مىنى گۈللەر پۇرەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن بىر باغقا يىتلەپ كىرىپ كىتىۋاتقۇدەك........... ئاھ ،خۇدا ! مىنى <مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ >دەپ ئويلىغان شۇ تىلەكلىرىمگە يەتكۈزگەن بولساڭ ،دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسانغا ئايلانغان بۇلاتتىم . شۇندىن كېيىن ئىكىمىز ئاستا-ئاستا يىقىنلاشتۇق .ھەر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقىتلىرى ئۇ يىنىمغا كىلىپ مەن بىلەن ئولتۇراتتى ،ئىكىمىز تۈگىمەس پاراڭلارغا چۇشۇپ كېتەتتۇق .مۇزاكىرىدىن چۈشكەندە بىللە قايتاتتۇق ،ئۇ ھەممىشە مىنى ياتاق ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ ،مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن كېتەتتى .دەرىستىن چۈشكەندە باغچىدىكى ئورۇندۇقتا يانمۇ -يان ئولتۇرۇپ ،بىللە دەرىس تەكرار قىلاتتۇق ...بىللە ۋاسكىتبول ئوينايتۇق ...... * * * ئىكىمىز ئارىسىدىكى بۇ ئۈزۈلمەس رىشتە ،ئەينى يىللاردىكى بىز ئولتۇرغان پارتىلاردا،بىللە ماڭغان شۇ يوللاردا مەڭگۈلۈك بۇلۇپ چىگىلگەن ئىكەن . * * * ئۇ مىنىڭ يۈزلىرىمنى سوزۇپ ئەكىلىتىشكە بەك ئامراق ئىدى .لىكىن مىنىڭ يۈزۈم مىققىدە ھەم سىلىق بولغاچقا ،ھەممىشە قۇلىدىن تېيلىپ چىقىپ كىتەتتى ،ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق بولغاچقا ،مەن بۇلۇشىچە سوزاتتىم .شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم كۆزلىرىمگە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ :<سىز نىمىدىگەن ئۇماق -ھە؟ > دەيتتى .مەن چىراي-شەكلىمگە ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمىگەچكە ئۆزەمنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم .پەقەت ياتاقتا يالغۇز قالغان چاغلىرىمدىلا ،ئەينەكتىن كۆز ئۈزمەي، چېھرىمدىن ئۇ دىگەن ئۇماقلىقنى ئىزدەيتتىم . كۈندۈزى ئۇنىڭ بىلەن ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ياشىساممۇ ،كىچىسى يۇتقان ئىچىدە پىنھان قالغاندا كۆز ياشلىرىم توختىمايتتى .چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن بۇ ئىنساننىڭ باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش مىنى ئىچ -ئىچىمدىن يەيتتى .....لىكىن مەندە بىر گۇمان بار ئىدى ،3 يىلنىڭ ياقى بىز بىرەر قىتىممۇ ئۇ قىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى ،فۇرقەت بىلەن بىللە مەڭغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدۇق ....مانا بۇ زەررىچە ئۈمۈت مىنىڭ گۆرۈستان قاراڭغۇلىقىغا مەھكۇم بولغان قەلبىمنى ئازراق بولسىمۇ يورۇتۇپ تۇراتتى . بىر كۈنى ،ئۇ ماڭا :<ئەگەر ئىككىمىز مەڭگۈ مۇشۇ پارتىدا ئولتۇرۇپ ،قېرىپ ئۆلگۈچە بىر سىنىپتا ئوقىساق نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى -ھە؟!> دىدى دەل شۇ چاغدا سەزگۈر كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىكى بىر خىل ئىنتىلىشنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى .بىر قىسمىلا بوپ قالدىم ،سەندىكى بۇ ئوي پىكىر مەندىكى ئوي -پىكىرنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟!.......لىكىن..........شۇ چاغدا ھىلىقى قىز خۇددى مىنىڭ بارلىقىمنى ئېلىپ كەتكەندەك بىئارام بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . _نىمە بولدى ،جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟ مەن ئۆزەمنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى تۇنجى قىتىم سەزدۈرۈپ قويغانلىقىمنى بىلىپ ،بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم .شۇئان گېپىمنى ئوڭشاپ ،: _مەن تېخى تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بۇلالمىغان ئىدىم ،ئەجەپمۇ تويدۇم شۇ ياڭ مۇەللىمدىن _ دىگەن بۇلۇپ يالغان ئەنسىرىگەن قىياپاتكە كىرىۋالدىم . _مەن ئىشلەپ بولغان كۈچۈرىۋالامسىز؟_ ئۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالەتتە ئىدى . _ بولدىلا ئۈزەملا ئىشلەي ، _ئۇنداق بولسا سىزگە دەخلى يەتكۈزمەي _ ئۇ شۇنداق دىگەچ يىنىمدىن كەتتى . ئەمىلىيەتتە ،مەن ئاللىقاچا ن ئىشلەپ بولغان ئىدىم .باشقىلاردىن يۇشۇرۇن بەكمۇ ئازاپ بەكمۇ شېرىن دەپ ئاڭلىغان ،گەرچە ئىلگىرى تۇلۇق چۈشەنمىگەن بولساممۇ ،ئەمدىلىكتە بۇ ئازاپلارنى ھەقىقى تېتىۋاتماقتا ئىدىم . كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇنىڭ سىرىتتىن كىرىپلا پارتامغا كىلىشىنى ،چاچلىرىمنى بوشقىنە تارتىپ ،يۈزلىرىمنى چىمدىپ ئەكىلىتىشىنى كۈتۈپ ئۆتمەكتە ئىدى . * * * ئېرىشەلمەي ئۆتكەن بۇ مۇھاببەتنىڭ ،شۇنداقلا خىيالى چۈشتەك ئۈتۈپ كەتكەن شۇ كۈنلەرنىڭ تۇلىمۇ شېرىن ،تۇلىمۇ شېرىن ئىكەنلىكىگە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھەقىقىي ئىشىنىۋاتىمەن ........... يەنە بىر مەۋسۈم توشتى . مانا ئەتە كىتىمىز،يەنە بىر ئاي كۆرىشەلمەيدىغان بولدۇق ،بۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم .شۇنچە ۋاقىتتن بېرى ياش تۈكۈپ كەلگەن بولساممۇ ،ئەمما بۈگۈنكى بۇ ياشلار ئىلگىرىكىلەرگە زادىلا ئوخشىمايتتى،تۇلىمۇ ئاچچىق بۇلۇپ كۆز چاناقلىرىمنى ئېچىشتۇراتتى . تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ ،بىر قىز كىرىپ كەلدى-دە :<گۈلگىنە دىگەن قىزنى سىرىتتا بىرى چاقىرىدۇ > دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سىلىپ كەتتى .ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن كارىۋاتنىڭ لىۋىدە خېلىغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم . دائىم ياتاقنىڭ ئالدىدا ،قىزنىىڭ چىقىشى بىلەن بىللە كىتىۋاتقان ،قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قەيەرلەرگىدۇ غايىپ بۇلىۋاتقان جۈپ-جۈپ سايىلەرنى كۆرەتتىم ،ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆڭلىمدىكى شۇ غۇۋا سايىنىڭ كىلىپ مىنى چاقىرىشىنى ،چاچلىرىمنى تاراپ ،نازلىق دەسسەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر جايلارغا يىراق بىر جايلارغا بىرىشنى ئارزۇ قىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم .......... يۈرۈكىمنىڭ سوقىشىنى تىڭشىغاچ بىر بېسىپ ،ئىككى بېسىپ ياتاقتىن چىقتىم ،تەخمىنىم خاتا چىقمىغان بۇلۇپ ،ئالدىمدا سوغۇق تېرەككە يۈلەنگىنىچە ،كۈلۈمسىرەپ ،ياق، ئۆزىنى مەجبۇرى كۈلكىگە زورلاپ فۇرقەت تۇراتتى .ئىكىمىز ئۇن -تىنسىز ھالدا مېڭىپ مەكتەپ مەيدانىنى ئايلاندۇق . _ شۇنداق قىلىپ ئەتە كىتىمىزمۇ ئەمدى؟!_ تۇنجى بۇلۇپ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ئۇ بۇزدى . _ئەلۋەتتە . ..................... _تەتىلدە مىنى كۆرگۈڭ كىلەرمۇ؟(بىز ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا سەنلىشىپ كەتكەن ئىدۇق) ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم ،قىياپىتىدىن بارلىق غەيرىتىنى يىغىۋاتقانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى .بەكمۇ تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەي ،سەل تەمتىرەپ قالدىم،شۇنداقتىمۇ كۆڭلىمدىكىنى بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك .بۇلارنى ئويلاپ ئىلگىرىكىدەك شوق ئاۋازدا جاۋاپ بەردىم: _كۆرگۈم كىلەمدۇ كەلمەمدۇ ؟ تەتىلدە بىلەرمەن؟! ئەمما قەلبىمدە بولسا باشقا سۆزلەر.....سەندىن بىر ئاي ئايرىلغان ئۆزۈمنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايۋاتىمەن . _شۇنداق، شۇنداق بۇلىدۇ ئەلۋەتتە ،_ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بۇ سۇئالنى سوراپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . _ مىنى كۆرگۈڭ كىلەمدۇ ؟_ ئۆزۈمنىڭ بۇ دادىللىقىمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدىم . _ ئەلۋەتتە كۆرگۈم كىلىدۇ ،سىنى كۆرگۈم كىلىپ كەتسە قانداقمۇ قىلارمەن ؟_قەلبىڭدىكى قىيالماسلىقنى ئۆزۈڭمۇ بىلمىگەن ھالدا چىقىرىپ سالغان ئىدىڭ. گويا بىر بىر چۈشەنمەسلىكنىمۇ ياكى ئامالسىزلىقنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندەك ،ئىككى مۈرەمنى قىستىم . شۇ تەرىقىدە قانچىلىك ئايلانغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن ، كۆز ئالدىمدىكى ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان مەكتەپ مەيدانلىرى ،ئوقۇتۇش بىنالىرى ،خۇددى ماڭا ياتلىشىپ كەتكەندەك ،بەكمۇ كۆرۈمسىز، مىنىڭدىنمۇ ئۈتە ئۈمۈتسىز كۆرنۈپ كەتتى . ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنىلا ئۇ بۇزدى : _ گۈلگىنە ،ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدىكەن ،بەلكىم سەن چۈشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن ، ساڭا ئېتىۋارسىز قاراپ كەلگەن بىراۋنى قەلبىڭدە ئەسلەش،كىچىە-كۈندۈز سېغىنىش ،ئۇنىڭغا يىراقتىن ئۈمۈتسىز تەلمۈرۈپ قاراش .....بەكمۇ ئازاپلىق بۇلىدىكەن ...... بارلىق ھەسرەتلەر ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تىترەشتە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى . بېشىمنى كۈتۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئاپپاق تاتىرىپ، كۆزلىرىگە چەكسىز ئۈمۈتسىزلىك چۆككەنلىكىنى كۆردۈم .<ئەجىبا بۇ سېغىنىشلار مىنىڭ ئۈچۈنمىدۇ؟>. ....ھىسسىز ئادەمدەك ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپلا قالغان ئىدىم .نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ناھايتى توغرا چۈشەنگەن بۇلۇپ ،قۇلاقلىرىمغا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم ..... ئۇ ئىككى مۈرەمنى چىڭ سىقتى-دە ،مەن بىلەن خوشلاشتى : _خەيرى ،گۈلگىنە ،كۆرۈشكىچە ئامان بول !! - خەيرى -خوش !_ بۇ گەپنى بەكمۇ تەسلىكتە ئېغىزىمدىن چىقىرالىدىم . دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ ،مېڭىپ كەتتىم .ئۇنىڭ شۇ جايدىن كەتمەي تۇرغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ،خېلى ماڭغاندىن كېيىن ،كەينىمگە قاراپ جاھاننى قاپلاۋاتقان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ،دەرەخقە يۈلەنگۈنىچە قاراپ تۇرغان سىماسىنى كۆردۈم ......ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ پەسكە چۈشمەكتە ،ياق پەسكە ئەمەس، يۈرۈكىمگە تامماقتا ئىدى ..... قىشلىق تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن ،ئوتتەك بىر سېغىنىش قەلبىمنى ئۆرتەيتتى ،ياتسام تۇرسام خىيالىم فۇرقەتتىلا بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئارتىسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاتكىرتكىنى تارتمامغا سېلىپ قۇيۇپ كۈندە نەچچە رەت قارايتتىم .بەزى كىچىلىرى بېشىمنى يۇتقانغا پۈركۈپ راسا يىغلايتتىم ....نىمىشقىدۇركىن شۇنداق كىچىلىرى ئۇ چۈشۈمگە كىرىپ قالاتتى ...چۈشلىرىمدىكى ئۇ ناھايتىمۇ مىسكىن ... ئۇنىڭ قەلبىمدىن بۇ دەرىجىدە ئورۇن ئېلىىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ،ھەقىقەتەنمۇ كۆرگۈم كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى تەتىلدە بىلدىم .قانچىلك سېغىنغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن .بەلكىم ئۇ يۇرتىنىڭ كۇچىلىرىدا ھېلىقى گۈزىلى بىلەن يۈرگەندۇ؟ ..خۇشال كۈلىشىۋاتقاندۇ...ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىنى يۈزلىرىنى تارتىپ ئەكىلىتىۋاتقاندۇ؟ ھەتتا لەۋلىرىگە ....... تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ، ئۇنىڭ تامامەن باشقا بىرىگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر رەت تۇنۇپ يەتتىم . بۇ تۇيغۇلارنىڭ تەمى ئۇنى كۆرەلمەي قىلىشتىنمۇ ئاچچىق ئىدى . كانىكول ۋاقتى توشتى ،مەكتەپكە بەكمۇ ئالدىرىغان ئىدىم ،ئاپامنىڭ :<ئەتە تىزىمغا ئالدۇرغاندىكىن ئەتە ماڭساڭمۇ بۇلىدىغۇ ؟ > دەپ قىيداش ئىچىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي بىر كۈن بۇرۇن ماڭدىم . مەكتەپ ھويلىسىغا دەسسىشىم بىلەن ئاجايىپ بىر ھىسيات مىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى ،بۇ چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىنى قايتا كۆرۈش ئىستىكى ئىدى .كۆزلىرىم يەنىلا مەكتەپ ھويلىسىدىن ،سېغىنغان تۇنۇش گەۋدىنى ئىزلەشكە باشلىدى ... كەچ كىردى ، قىزلار ئۇيەر -بۇ يەرلەرگە كىتىپ ياتاقتا يىقىن دوستۇم خاسىيەت ئىكىمىزلا قالدۇق .ئۇ ئادەتتە يىقىن ئەتراپتىكى ماگىزىنغىمۇ مىنى ئېلىۋالمىسا چىقمايتتى . بۈگۈن ئۇ ماڭا سىرلىق قاراپ : _گۈلگىنە ، ئۇزۇن بولدى سەن باشقىچىلا بوپ قالدىڭ ،سەۋەبىنى دەمدىكىن دىسەم پەقەت ئېغىز ئاچمىدىڭ ،يىقىن دوسلارمۇ شۇنداق بۇلامدۇ؟ ساڭا راستىنلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،بىرەسىىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭمۇ-يا؟ _نىمە دەيدىغانسەن؟ ... بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ...ساراڭمۇ سەن؟_ تەمتىرەپ گەپلىرىم پەقەتلا قۇلاشمىدى . _ يۇشۇرۇپ ئۈزەڭنى قىينىما جىنىم ، مەن ھەممىنى بىلىمەن .. _ سەن نىمىنى بىلىسەن ؟ _چۈچۈپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى . _ سەن نىمىنى يۇشۇرساڭ ،شۇنى بىلىمەن ،ئۇ يۇشۇرغۇدەك ئىشمىتى ؟ _ نىمىلەرنى دەپ كىتىۋاتىسەن ؟.ساراڭمۇ سەن؟...... _ ھەي بىچارە ،ئۇنى قاچانغىچە پىنھان سۈيىسەن؟ _ كىمنى ؟! _ ئەمدىلىكتە ئورنىمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئۇمۇ سەل ئويلىنىپ قالدى ،لىكىن دەرھال جىددى قىياپەتكە كىلىپ : _ مەن بىر كىچىسى سىنىڭ ئۇيقۇلۇقتا ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ يىغلىغىنىڭنى ئاڭلىدىم .سەن قاچانغىچە.... ئەمدىلىكتە پۇت-قوللىرىم بوشۇشۇپ ،ئورنىمغا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .ئەمما ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق يىغىنى باسالماي ئىسەدەپ تۇرۇپ : _ سىلەر ئەمدى ماڭا ، بۇ ئۈمۈتسىز ئازاپلىق سۆيگۈمنى ،قەلبىمدە مەڭگۈلۈك سىر قىلىپ ساقلىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىمۇ بەرمەمسىلەر؟!........ يىغىدىن بوغۇلۇپ كەتتىم .خاسىيەت بۋشىمنى قۇچاقلىرىغا ئېلىپ ،چاچلىرىمنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن سىلىدى .. شۇندىن ئېتىۋارەن ،مەن خۇددى بىر گۇناھ ئىش ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ،بىشىمنى كۈتۈرەلمەيلا قالدىم ،ئەمما خاسىيەت شۇ كۈندىن كېيىن مەندىن تېخىمۇ ئايرىلماس بۇلۇپ كەتتى .ھىلىقى ئىشمۇ قايتا تىلغا ئېلىنمىدى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naima
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن،داۋامىغا تەشنامىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئۇنىڭدىن قىچىپلا يۈردۈم .كەچلىك مۇزاكىرىلەرگىمۇ بانا -سەۋەپ كۆرسىتىپ چىقماس بولدۇم .شۇ ئارىدا مەن ئۇنىڭدىكى بىر خىل پەرىشانلىقنى سېزىپ قالدىم ،.ەگەر بۇ پەرىشانلىقلار مەن ئۈچۈن بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە؟!
كۆزلىرىمنىمۇ ساڭا تۇقۇنۇشتۇرماس بوپ كەتتىم .بىلسەڭ فۇرقەت بۇ ھەرگىزمۇ سىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئەمەس ،سىنىڭ سىماسىڭنى كۆز ئالدىمدىن تەرىك ئېتىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس،پەقەت ياشاپ قىلىش ئۈچۈنلا ..بولمىغاندا مەن ياشاپ كىتەلمەيمەن ،.......... سەن باشقىلار ئۈچۈن پەرىشان بۇلىۋاتقان دەقىقىلەردە مەن سەن ئۈچۈن ئۈلۈپ كېتىۋاتىمەن فۇرقەت!! 1996 -يىلى 3-ئاينىڭ 15- كۈنى .ئەبەدىي ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۈگۈن 4- ساگەتتە تەنتەربىيە دەرىسى ئىدى .سىرىت پاتقاقچىلىق بوپ كەتكەچكە مۇئەلىم سىنىپتا پائالىيەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . ھەممە قارتا ۋە شاخمات ئويناشقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .مەن سىنىپنىڭ كەينىدىكى ئورۇنغا بېرىپ ،بىشىمنى پارتا ئۈستىگە قۇيۇپ ،ئۇخلىغان قىياپەتتە ،چەكسىز خىياللار قاينىمىغا چۆمدۈم . _ قارتا ئوينامدۇق گۈلگىنە ؟ تۇنۇش ئاۋازدىن چۈچۈپ بېشىمنى كۈتۈردۈم . ئۇ يىنىمدا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. _ ماقۇل.........بۇلىدۇ _ ئاۋازىممۇ تىترەپ چىقتى .مەن سەل ئىچىگە سۈرۈلۈپ ئۇنىڭغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەردىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇئىككىمىزنىڭ ،بۇ مەۋسۈمدە تۇنجى قىتىم بىر پارتىدا ئولتۇرىشىمىز ،مانا مەن كىچە-كۈندۈز تەلپۈنگەن گەۋدە !مەن سېغىنغان قامەت! ! يىنىمدىلا ئولتۇرۇپتۇ .
_ئەمسە قىمار ئوينامدۇق ؟ _ قىمار؟ ..مەن يا بىىلمىسەم ... _ مەن ئۈگۈتۈپ قۇيىمەن .ئاۋال ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىمىزنى دوغا تىكىمىز ئۇتتۇرۋەتسەك ئۆزىمىزنى.. _ ھە؟! _ بۇ بالىلارچە ئۇيۇندىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم لىكىن 5 قول ئويناپلا يىقىن دوسلىرىمنى ئۇتتۇرۋىتىپ .نۆۋەت ئۆزەمگە كەلگەندە ،خېلى ھۇدۇقۇپ قالدىم .ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزەمنىمۇ ئۇتتۇرۋەتتىم . بۇ چاغدا دەرىستىن چۈشۈش قۇڭرىقى چىلىندى . ئۆزۈمنى خۇددى كىنولاردىكى كۆڭلەك -شىملىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان قىمارۋازلاردەك ھىس قىلىپ .قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم . ئۇ كۈلمىدى ،ماڭا ئازراق يىقىنلىشىپ ،بېشىنى مەن تەرەپكە سەل ئىگىپ :<گۈلۈم ،مەن سىنى ئۇتىۋالدىم ،سەن مىنىڭ >دىگىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى . نەقەدەر يىقىملىق ئاۋاز! بۇ ئاۋاز بايا ئۇ ماڭا گەپ قىلغاندا يۈزلىرىمگە ئۇرۇلغان تىنىقلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ .مەسىت قىلىپ قويغاندەك قىلاتتى . خاتالاشتىڭ فۇرقەت ! سەن بۈگۈنلا ئەمەس ،سىنى تۇنجى كۆرگەن شۇ دەقىقىلەردىلا مىنىڭ كۆڭلىمنى ئۇتىۋالغان سەن....... كەچلىك مۇزاكىرە ،مەن تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بۇلۇپ ،بالىلار بىلەن <ئۈچ مۇشىت > ئۇيۇنىغا چۈشۈپ كەتتىم . بىر چاغدا خاسىيەت يىنىمغا كىلىپ سىرىتنى ئىشارە قىلدى .مەن ھىچنىمىنى چۈشۈنەلمەي سىرتقا چىقتىم . سەل نېرىدا پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىغا يۈلۈنۈپ فۇرقەت تۇراتتى . _ھەجەپمۇ ساقلاتتىڭ گۈلۈم_ئۇ شۇنداق دىگەچ بۇرنۇمنى بوش چىمدىپ قويدى . _نىمە؟_ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم _كىم سىنىڭ گۈلۈڭكەن ؟! _تىنىۋالماقچىما؟ مەن چۈشتىن ئاۋاللا سىنى ئۇتىۋالدىمغۇ؟ _ ئۇ چۈشەنچە بەرگەچ بايا ئۇيۇن ئوينىغاندا چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى . _ ئۇيۇن دىگەن ئۇيۇن بولمامدۇ؟ نىمە سىتقا چاقىرىپ يۈرىسەن ؟ _ جۈرە ئىكىمىز ئۆگزىگە چىقىپ مەكتەپ ھويلىسىنى تاماشا قىلايلى _ ئۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەيلا ،جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي قۇلامدىن يىتلەپ ماڭدى .قوللىرىمنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئالقانلىرى ئىچىدىن ھوزۇرلىنىشىغا يول قويدۇم . 4- قەۋەتتىكى يىغىن زالىدىن 3- قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىگە چىققىلى بۇلاتتى .بىز دائىم شۇ يەردە ئەتراپنى تاماشا قىلاتتۇق . ئۆگزىگە چىققاندىن كىيىن ئۇ جىددى قىياپاتتە ماڭا بۇرۇلدى : _ مەن ھەرگىزمۇ ئۇيۇن دەپ قارىمايمەن گۈلگىنە ! ھەم سىنىڭمۇ ئۇيۇن دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن .جۈرئەتسىزلىكىمدىن نۇرغۇن ۋاقىتلارنى بىھۇدە ئۆتكىزىۋاتقىنىمغا ئىچىنىمەن.... _ نىمىلەرنى دەپ كىتىۋاتىسەن ؟مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمەيلا قېلىۋاتىمەن ....مە ...ن كىرىپ كىتەي_ مەن ھەقىقەتەنمۇ ھۇدۇقۇپ كەتكەن ئىدىم . _ ياق! _ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى _ يالغان ئېيتما گۈلگىنە سەن ھەممىنى چۈشۈنىسەن ،ھەممىنى بىلىسەن ! ياۋايىلىق قىلما،گەپلىرىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ! سىنى چىن دىلىمدىنن ياخشى كۆرىمەن ،بىشىڭنى چايقىما ،.......دەسلەپ سىنىپقا كىرگەن كۈنى ،بەكمۇ گۈزەل بىر جۈپ ئوتلۇق كۆز ماڭا ،تاكى جايىمغا .ئولتۇرۋالغۇچە تىكىلىپ قارىدى ،ئۇ سىنىڭ كۆزلىرىڭ ئىدى ،شۇ مىنوتلاردىن باشلاپلا بالىلارچە سەبىلىك چاقناپ تۇرغان شۇ كۆزلەر مەندە چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇيغاتتى .بىر كۆرۈپ كۈيۈپ قىلىش دىگەن شۇ بولسا كېرەك ،مەن دەسلەپ قورقتۇم سىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشتىن قورقتۇم ،ئەمما كىچىككەن ئىدىم. سەن ئاللىقاچان ھەر قنداق ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك ئۇماقلىقىڭ ،يىقىملىق كۈلكە ئاۋازىڭ بىلەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن ئورۇن ئىلىپ بولغان ئىدىڭ ...ساڭا گەپ قىلماي يۈرۈشلىرىمنى ،پەرۋا قىلمىغانلىقتىن دەپ بىلەمسەن ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس ،سەن نەزىرىمدە كىچىك ئىدىڭ ،بەكمۇكەپسىز شوخ ،ئىدىڭ ،ھەممە نەرسىگە بىپەرۋا قارايتتىڭ ،ناۋادا ساڭا ئېغىز ئىچىپ قالسام ،خۇددى باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندەك ئېتىۋارسىز قاراپ سالساڭ تۈگەشكىنىم شۇ دەيتتىم .شۇڭا يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراپ كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبور بولدۇم ،كىيىنچە گاھ-گاھىدا ،كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغاندا بەكمۇ تېز قاچۇرغىنىڭغا قاراپ سىنى چىكىپ باقماقچىمۇ بولدۇم ،ئەمما پارتىدىشىڭغا پاراڭ سالغان بۇلۇپ يىنىڭغا بارغىنىمدا ،ئورنىڭنى ماڭا بوشۇتۇپ بېرىپ ،سەكرەپ-تاقلاپ ئويناپ چىقىپ كەتتىڭ ،ئاخىرى بۇ ئۈمۈدۈممۇ ئۈزۈلدى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ قۇيۇپ ،بەكمۇ يىراق خاتىرىلەرنى سۆزلەۋاتقاندەك كۆزىنى يانغا تىكىپ سۆزىنى داۋام قىلدى ،_ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى ،سەندە يەنىلا ھىچقاندەك ئۆزگىرىش يوق،يىشىم چوڭايغانلىقىدىن بولسا كېرەك ،ياخشى كۆرگەن نەرسىگە تەلۋىلەرچە تىكىلىپ قاراپ ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ،ساڭا يىقىنلىشىش ئىستىكى قوزغالدى ،تەلىيىمگە ھىلىقى مۇزاكىرە سائىتى ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەردى ،_ ئۇ ئەمدى ئوتلۇق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى ،بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك ،قوللىرى قىسىپ تۇرغان مۈرۈلىرىم ئاغرىپ كەتتى ،_ شۇنىڭدىن كىيىنلا مەن سىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە بەكمۇ قىزغىن ،بەكمۇ نازۇك تەبىئەتلىك قىز بالا ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. سىنىڭ يىقىملىق ئاۋازىڭ ،ئۇماق قىلىقلىرىڭ مىنى ساراڭ قىلايلا دىدى .ھەر قانچە قىلىپمۇ ساڭا ئېغىز ئاچالمىدىم ،چۈنكى سەن خۇددى بىر يىقىن قىز دوستۇڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدىڭ ،كۆزلىرىڭدىنمۇ بىرەر .ئىپادە كۆرەلمەي بەكمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم ،شۇڭا بارلىق ئازاپلارغا چىداپ ،تەتىلگە يىقىن ئۆزۈمنى سەندىن ئېلىپ قىچىپلا يۈردۈم ،بۇ جەرياندا مەن سەندىكى بىر خىل پەرىشانلىقنى سەزگەن بولساممۇ ،لىكىن تۇيغۇلۇرۇمغا ئىشىنىپ يەنە بىر رەت مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقتۇم ،ئىسىڭدىمۇ <ئەتە تەتىل >دىگەن كۈنى ئېيتقان سۆزلىرىم؟ئەمما مەن شۇ سۆزلەرنى ئېيتقان چاغدىمۇ ،سەن چۈشەنمەسلىك نەزىرىڭ بىلەن خۇددى سەبى بالىدەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىڭ .مەن سىنىڭ چۈشۈنىشىڭنى نەقەدەر خالايتتىم ھە ،گۈلگىنە ؟ شۇندىن باشلاپ مەن كۈتۈش قارارىغا كەلدىم ،مىنىڭ ھىسياتىمنى چۈشەنگۈدەك بۇلۇشۇڭنى كۈتۈش قارارىغا كەلدىم .تەتىل مەزگىلى ماڭا دوزاق ئازاۋىنى سالدى .ئۇماق سۆزلىرىڭ ،ساددا قىياپىتىڭ ،مەغرۇرانە قاراشلىرىڭ.....مەن بۇلارنى بىرەر مىنۇتمۇ كۆز ئالدىمدىن تەرىك ئېتەلمىدىم بىرەر كۈننى سىنى ئەسلىمەي، ياش تۆكمەي ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن .ئاخىرى تەتىلمۇ توشتى .ئەمما سىنى ھىچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان مەغرۇرانە ھالەتتە كۆرۈش يۈرىكىمنى ئېزىۋەتتى ...
مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمدن ؟! قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قىلىۋاتاتتىم .مماڭا روھىي ھاياتلىق ئاتا قىلغان بۇ جۈملىلەرنى ،ئۈلۈپ كېتىۋاتقاندىمۇ تەكرارلاپ بېرەلەيمەن ..... _ئاللانىڭ ماڭا شەپقەت كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن _ ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى _ تۇنىگەن كەچ ،خاسىيەت چاقىرىدۇ............خۇشاللىقىمدىن بىر كىچە ئۇخلىيالمىدىم ،گۈلگىنە ،بولدى قىينىما،مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن !! <ئەسلىدە خاسىيەت ماڭا ساتقىنلق قىپتىكەندە؟> بۇ شاتلىق مەن ئۈچۈن بەكمۇ زىيادە ئىدى ،لىكىن ...لىكىن ...مەن ئاخىىرى بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ ، 2 يېرىم يىلنىڭ ياقى قىيناپ .ئارامىمدا قويمىغان سۇئالنى سورىدىم : _ ئەمسە رازىيەچۇ؟_ بۇ سۇئالنى سورىغۇچە يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ كەتتى . _ سەن شۇنىڭ ئۈچۈنلا ماڭا ئېتىبارسىز قاراپ كەلگەن شۇنداقمۇ؟ _ مەن ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم . _ ئاھ ،گۈلۈم !سەن ھەقىقەتەنمۇ مىنى بەخىتلىك قىلىۋاتىسەن ،،ئارتۇقچە ئويلاشنىڭ ئورنى يوق ،رازىيە پەقەتلا بالىلىقتىكى خاتىرە ،بىز بىر سىنىپتا ئوقىغان مەن ئۇنىڭ تۈرگۈنلىكىگە ھەۋەس قىلاتتىم ،ھەم ازراق مەيلىممۇ بار ئىدى ،لىكىن سىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزگەرگەن ،ئىشەنگىن ،ئىككى يېرىم يىلنىڭ ياقى كۆڭلۈمدە ساقلاپ كېلىۋاتقنىم پەقەتلا سەن .......... ئىچىمدە بىر شاتلىق بىلەن بىللە بىر يىغىمۇ ئۆرلەۋاتاتتى،چاناقلىرىم ياشقا توشتى ، _ مەن .مەن _ بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلاشقاندەك گەپ قىلالمىدىم ،پەقەتلا ھۆڭرەپ يىغلاپ ،ئۆزۈمنى ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىدىم ،نەچچە يىلنىڭ ياقى ئازاپلاپ كېلىۋاتقان ئەلەملەر بىراقلا ئېتىلىپ چىقتى .ئۇ مىنى باغرىغا مەھكەم باستى .ئۇنىڭ كۈچلۈك بلەكلىرى ماڭا تۇنجى قىتىم مەڭگۈ ھەمراھ بۇلىدىغان ھىمايەتچىگە،سىرداشقا ،تايانچىغا ئېرىشكەنلىكىمنى ھىس قىلدۇردى . ئۇ كۆز ياشلىرىمنى ئالقانلىرى بىلەن سۈرتتى ،ئۇنىڭمۇ كۆز ياشلىرى مىنىڭكىدىن قىلىشمايتتى سۈرتۈش ئۈچۈن ئاپارغان قوللىرىمنى يىنىشلاپ سۆيدى ، ھەمدە يۈزۈمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ .پىشانەمگە چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت بىلەن سۆيدى .بۇ سۈيۈشنىڭ ئاتا قىلغان شېرىن لەززىتىنى ئۆلگىچە ئۇنۇتمايمەن .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilarami
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاخىرى بارمۇ؟......................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ قالدۇق ، مۇھەببەت بابىغا تۇنجى قەدەمنى باستۇق ،ياق ،تۇنجى قەدەم ئەمەس !بىز مۇھەببەت بابىدا بىر بىرىمىزگە يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراپ ئۇزۇن يول يۈردۇق ،ئەمدىلىكتە قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتىمىز ...ھىچقانداك كۈچ ھىچقانداق توسالغۇ بىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ .....
* * * ئەنە شۇنداق قەتئىى ئىرادەمنى يۇقاتمىغان بولسام ، بەلكىم كىيىنكى يىللاردىكى قان -ياشلىق ئەسلىمىلەر ماڭا يادىكار بۇلۇپ قالماس بولغىيدى ........... * * * كۈنلىرىم شۇنداق شادىمان ئۆتمەكتە ئىدى ،چۈشلىرىمدىمۇ مەستخۇش كۈلۈمسىرەيتتىم . دەسلەپ خىجىل بولغىنىمدىن ئۇنى كۆرسەملا قىچىشقا تەمشىلەتتىم ،لىكىن ئۇ شۇنداق چاغلاردا ئىسمىمنى تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىراتتى .... مەندەك بىر ياۋايى قىزچاقنى كۆندۈرمەك ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ تەسكە چۈشتى ،ئۇنى كۆرسەملا قىچىپ كېتىشلىرىم ،بىللە سىرتقا چىقىشقا كۆنمەسلىكلىرىم بەلكىم ئۇنى بىئارام قىلسا كېرەك ،بىر كۈنى باشقىچە چارە قوللاندى . سۈتتەك ئايدىڭ بىر كىچىسى ،ئۇ مىنى قاچۇرۋەتمەي كەچلىك مۇزاكىرىدىن بىللە ئېلىپ چىقتى ،بۇ چاغدا ئوقۇتۇش بىناسىدىن ئوقۇغۇچىلار توپ -توپ بۇلۇپ يېنىشقا باشلىغان ئىدى .مەن ئۇلاردىن خىجىل بۇلۇپ ،قەدەملىرىمنى ئىتتىكلەتتىم ،ئەمدىلا مەيداننىڭ ئوتتىرىسىغا كىلىشىمگە ئۇمىنى چىڭڭىدە تۇتىۋېلىپ ، ئاۋازىنىڭ بارىچە :<گۈلگىنە مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن ، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن !!> دەپ توۋلىدى .مەيداندىكى كۈچلۈك چىراق يورىقىدا ،ھەممە ئوقۇغىچىلارنىڭ بىزگە قارىشى تۇرغانلا گەپ ،... نۇمۇستىن ئۆلمىدىم لىكىن شۇ دەرىجىگە يەتتىم ، بىلمەيمەن ،رەڭگىم مىڭ خىل رەڭگە كىرىپ بولغاندۇ؟! ، قوللىرىڭدىن كۈچەپ يۇلقۇنۇپ قاچتىم-دە ، يول يىقىدىكى باغچا ئىچىگە ئۈزەمنى ئاتتىم .سەن يىنىمغا كىلىپ يىغىدىن يۇيۇلغان يۈزلىرىمگە قاراپ ،چۈچۈپ كەتتىڭ . _كەچۈر ،گۈلگىنە ! مەن سىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈشىڭنى ئويلىماپتىمەن ،سەن قىچىپ يۈرسەڭ بەكلا بىئارام بۇلىدىكەنمەن ،سەن بىلەن كۆپرەك بىللە بۇلۇپ ،بىھۇدە ئۈتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالاي ،دەپ ئويلاپ ،سىنىڭ ھىسياتىڭ بىلەن ئويلاشماپتىمەن ،مىنىڭ بۇ شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈر !! ئۇنىڭغا ،بۇ ياشلىرىمنىڭ بەخىت ياشلىرى ،ھاياجان ياشلىرى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ چۈشەندۈرەي ؟!ھىچنىمە دىمىدىم ،پەقەت قاراڭغۇ باغچا ئىچىدە ،بېشىمنى كۆكسىڭگە قويدۇم .مىنىڭچە مۇشۇلا كۇپايە ئىدى .سەن مىنى تېخىمۇ بەك قۇچاقلىدىڭ ،خۇددى باغرىڭغا سىڭدۈرۋالماقچى بولغاندەك..... نەقەدەر بەخىتلىك چاغلار -ھە؟! ئويلاپ ،باقسام ھاياتىمنىڭ ئەڭ شېرىن مىنۇتلىرى ئەنە شۇلار ئىكەن . شۇندىن كېيىن مەن كۈنۈپ قالدىم ،باشقىلار ئالدىدا ئۇنچە قورۇنمايدىغان بولدۇم .سىنىپلاردىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن پاراڭلىشاتتىم ،ئاچا يولدا بىر -بىرىمىزنى ساقلاپ سىنىپقا بىللە كىرەتتۇق ،بىللە قايتاتتۇق ،تاپشۇرۇقلارنى بىللە ئىشلەيتتۇق . بۇ ئارىدا ئلگىرىكى تۇنجۇقۇپ كەتكەن شوقلۇقلۇرۇم قايتىدىن باش كۈتۈرگەن بۇلۇپ ،ئىلگىرى سىنىپتىن چىققاندا پەلەمپەيلەرنى ئىككىدىن ئىككىدىن سەكرەپ چۈشكەن بولسام ،ئەمدىلىكتە قوللىرىمنى ئۇنىڭ مۈرۈسىگە ئارتىپ :<بولدى گۈلگىنە ،يىقىلىسەن!> دىيىشلىرى بىلەن بىلەن كارىم بولماي ،پەشتاق ياغىچىدىن سېرىلىپ چۈشۈدىغان بولدۇم ....ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىمنى تۈزەش بىلەن ئاۋارە بولغان قىياپىتىنى ،ھاياتىمدىكى مەن كۆرگەن ئەڭ گۈزەل مەنزىرە دەپ بىلىمەن ...... مەن ئۇيگە قايتماقچى بولسام ،ئۇ دائىم مىنى مەكتەپ كەينىدىكى يولدىن ئاپتۇبۇسقا سېلىپ قۇياتتى . ماڭغۇچە تىنماي تېزراق قايتىپ كىلىشىمنى تاپىلايتتى .يەكشەنبە كۈنى كەچتەيەنە شۇ جايدا مىنى كۈتۈۋالاتتى . ئۇ قايتماقچى بولسا ،ئۇ نىمىغىنىغا ئۇنىماي بىللە پويۇز ئىستانىسىگە بېرىپ يولغا سالاتتىم ...كىتىۋاتقان پويۇزنىڭ كەينىدىن روھىمنىمۇ بىللە ئىلىپ كېتىۋاتقان ئۇنىڭغا ، پويۇزنىڭ قارىسى يۈتكىچە قارايتتىم . پويۇز گۈدۈكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام ،يۈرۈكۈمنىڭ تىترەپ كىتىشلىرى، ئەينى يىللاردىن ماڭا قالغان سوۋغات ئىكەن . مەكتەپ ھاياتىنىڭ قالغان بىر يېرىم يىلىنى سىنىڭ باغرىڭدا .شۇنداق شادىمان شۇنداق بەخىتلىك ئۆ تكۈزدۈم . * * * ئىكىىمىزنىڭ ساپ سۆيگۈمىزگە گۇۋا بۇلىدىغان شۇ يىللار ،تەتىل مەزگىلىدە مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ئايرىلىشلار ۋە ئوقۇش باشلغاندىكى كۆۆرۈشۈشلەر، مىھرىمىزنى ئايرىۋەتكۈسىز باغلاپ ،ئارىمىزدا ئۈزۈلمەس رىشتە پەيدا قىلغان ،قىسقىسى ھەقىقى تاۋلاپ چىققان ئىكەن ،كىيىنكى كۈنلەردىكى جاننى ئالغۇچى ئازاپلارغا ،ئېغىر ھەسرەتلەرگە،ئۈمۈتسىزلىىكنىڭ ئاچچىق مىنۇتلىرىغا ۋە خورلۇقلارغا چىدايدىغان كۈچ -قۇۋۋەت ۋە جاسارەتمۇ ،ئەنە شۇ يىللارنىڭ ماڭا قالدۇرغان يالدامىسى بولسا كېرەك....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى ،ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ قوينى ئىللىق مەكتەپتىن مەڭگۈگە ئايرىلىمىز ...كەچتە ئىكىمىز ئىلگىرى ماڭغان يوللارنى يەنە قايتىلاپ ماڭدۇق ،،بۇ بىر ئاينىڭ ياقى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلانغان ئىدى .بېرىپ توختىغان جايىمىز يەنىلا ،بىر يېرىم يىل ئىلگىرى تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ،پىشانەمگە ئۇنتۇلغۇسۇز مىھرى مۇھەببەتلىك سۈيۈش قالدۇرغان جاي ئىدى.ئىنسان قەلبى ھەقىقەتەنمۇ چۈشۈنۈكسىز بۇلىدىكەن ،ئىكىمىزلا قانداق قىلىپ ،نىمە مەقسەتتە بۇ جايغا كىلىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەي ،خۇددى چەكسىز ھارغىنلىق سالغان مۇساپىلەرنى ئەسلەۋاتقاندەك سۈكۈت ئىچىدە تۇردۇق.
_گۈلۈم ،مەن سىنى چۇقۇم ھەر قايسى تەرەپتىن بەخىتلىك قىلىمەن _ئارىدىكى ئېغىر جىمجىتلىقنى يەنىلا ئۇ بۇزدى .مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ بۇ گەپنى نەچچە ئون رەت ئېيتىدىغان بوپ قالدى . بىز ئاللىقاچان كىلىشىپ قۇيغان ،يەنى مەن ئۇنىڭ يۇرتىغا كىتىدىغان بولغانىدۇق، شۇنداقتىمۇ نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى بىر يۇشۇرۇن شۇملۇقنى سەزگەندەك ،ئەنسىز ھالدا مەندىن توختىماي كىتىشىمنى ئۈتۈنەتتى .مەن قانداقمۇ ۋەدەمدىن ياناي ؟! قانداقمۇ ئۇنى تاشلاپ كىتەي ؟!<مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن فۇرقەت!> لىكىن ماڭىمۇ خۇددى بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئەنسىرەشلىرىمۇ مىنىڭكىگە ئايلانغان ئىدى ..........<كەرىملىك ئاللا ! بىر ئۈمۈر قۇللۇققۇڭنى ئوبدان قىلاي ،قىيامەتكىچە ساڭا تائەت- .ئىبادەت قىلاي ،مەيلى جىنىمنى ئالساڭمۇ ئال ،لىكىن فۇرقەتتىن ئايرىما!!>.........مەن كىچە كۈندۈز ئاللادىن مۇشۇنداق تىلەيتتم . ئىككى كۈن ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ ،بۇرۇن بارغان جايلاردىن كونا چۈشلەرنىى ئىزلىدۇق ،ئىكىمىزلا بۇررۇنقى ئىككى يىل ئىلگىرىكى شۇ مىنۇتلارغا قايتىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ،پەقەتلا ئەپلەشتۈرەلمىدۇق ،كۆزلىرىمىزدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرىدۇ،ھەركەتلىرىمىز بۇرۇنقىدەك دادىل شوق ئەمەس ،تۇلىمۇ ئېغىر تۇلىمۇ ئېغىر ......كۈلكىلەرمۇ بۇرۇنقىدەك شادىمان ھەم ياڭراق ئەمەس بەكمۇ غەمكىن ،بەكمۇ مۇڭلۇق ........ ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ،ئىكىمىز كۆزلىرىمىز يىغىدىن قىزارغان ھالدا كۆرۈشتۇق ،قوللىرىمىزنى تۇتۇشۇپ ، ماڭغان يوللىرىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ماڭدۇق، كونا ئىزلارنى ئىزلىگەچ ئەتراپقا تويماي قارىدۇق ،خۇددى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى _بىزنىڭ شۇنچە يىللىق ھىجران ،كۆز ياشلار بىلەن يۇغۇرۇلغان پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ جانسىز پاكىتلىرىنى كۆز قارچوغلىرىمىزغا چۈشۈرىۋالماقچى بولغاندەك.... بىزنى ئىلىپ كېتىدىغان ئاپتۇۋۇزمۇ كەلدى ،...ئۇ ئاخىرقى قىتىم چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ھەسرەت بىلەن مىنى باغرىغا بىسىپ ،چاچلىرىمنى يىنىشلاپ سۈيۈپ،تويماي پۇراپ كەتتى ...خۇددى بۇ پۇراقلارنى دىماقلىرىدا، مەڭگۈ مەڭگۈ ساقلىۋالماقچى بولغاندەك ..... ئاپتۇۋۇز قوزغالدى، ..... خەيرى، سۈيۈملۈك مەكتەپ ! مەن سەندە ياشاشنى ئۈگەنگەن ،مۇھەببەتنى تۇنىغان ، بارلىق بەختىمنى تاپقان ئىدىم ، مەيلى ئازاپلىق بولسۇن ،مەيلى شاتلىق بولسۇن كۆز ياشلىرىم سىنىڭ قوينۇڭدا قالدى ........،ھىجران ئۇتىدا ئۆرتەنگەن نازۇك ۋۇجۇدۇمنىڭ سايىلىرى سەندە قالدى .....ئۇلار ئاز ئۆتمەي يۇقىلىدۇ ،قىسمەن شاتلىق قىسمەن كۆز ياشلار بىلەن تۆت يىللىق ھاياتىنى قوينۇڭدا ئۆتكۈزگەن بىچارە بىلىقمۇ ئۇنتىلىدۇ............. نىيەنزىگو بىكەتكە كەلدۇق ! دەسلەپ ،خوتەنلىك ساۋاقداشلار ،ئاندىن قەشقەرلىك ساۋاقداشلار ماڭدى ........ _ خەيرى -خوش، نۇرسىمان ! سۈيۈملۈك دوسلۇرۇم ..... _ خەيرى-خوش ،گۈلۈم ! مىنى ئۇنۇتما! ...... ئاھ! 41 ساۋاقداش ! بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ ،خۇددى بىر ئۆيدىكى ئاكا -ئۇكىلاردەك بۇلۇپ قالغان ئىدۇق ،ئەمدىلىكتە مەڭگۈلۈك ئايرىلىۋاتىمىز ........ خاسىيەت ئولتۇرغان ئاپتۇۋۇز قوزغالدى ...ئۇ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاۋاتاتتى ،ئىچىم ئېزىلىپ كەتتى، مەن ئەمدىلىكتە ئەڭ يىقىن، مىھررىم چۈشكەن، بىر ئاللادىن باشقىغا سىر بولغان ئىچكى كەچۈرمىشلىرىمدىن خەۋەردار ساداقەتمەن دوستۇمدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتاتتىم ...<ئاھ جىنىم دوستۇم !سەن مەن ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ تەسەللى ئىدىڭ ،كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا ماڭا ئەمەك بۇلاتتىڭ ،قانچىلىغان كىچىلەرنى بىرلىكتە سىردىشىپ ،ياستۇق -لۆڭگىلەرنى ھۆلدىشىپ ئۆتكۈزمىدۇق؟!ئەمدىلىكتە ئەلۋىدا ،دوستۇم ،ئەلۋىدا! سىنى ئۇنتۇلماس خاتىرە سۈپىتىدە ،قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلامرىدا ساقلايمەن ! سىنى ،سىنىڭ شۇ مىھرىبان كۆزلىرىڭنى ئۇنتۇش مەن ئۈچۈن جىنايەت!!!> . ئۇنىڭ ئايرىلغاندىكى <گۈلۈم !>دىگەن مۇڭلۇق زىل ئاۋازى يۈرەكلىرىمگە ئورناپ قالدى . مەن ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس قوزغالدى ،فۇرقەتنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى ئايرىلدى ....ياشلار مەڭزىمنى بويلاپ يىپى .ۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشمەكتە ...گەپ قىلغۈدەك ھالىم يوق ،پۈتكۈل ماغدۇرۇم ،غەيرىتىمنى يىغىپ ،بوغۇق ئاۋازدا ئارانلا:<فۇرقەت مەن سىنى سۈيىمەن ! مەڭگۈ...........مەڭگۈ.........>دىيەلىدىم . _ گۈلۈم مەن بارىمەن ، سىنى ئالغىلى بارىمەن ...........مىنى ساقلا .......سەن مىنىڭ ھاياتىم ،مىنىڭ بارلىقىم ...!!! ئۇنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە ،جۇدالىق تىترەتكەن كىلىشكەن قامىتىگە قارىغىنىمچە ،ھاياتنىڭ ئەڭ ئاچچىق دەقىقىلىرىنى بىشىمدىن كەچۈرۈپ ماڭدىم .. <فۇرقەت ،سەن مىنىڭ ھاياتىمدىكى بىردىن -بىر سۆيگىنىم !مەيلى نىمىلا ئىش بولسۇن بىشىمغا نىمىلا ئىش كەلسۇن ،سىنى ئۇنۇتمايمەن !سىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭ ،مىڭىش-تۇرۇشۇڭ ،قىياپەتلىرىڭ مەڭگۈ كۆز ئالدىمدا ....ھەر بىر ئېغىز گەپ -سۆزلىرىڭ ،قەلىپ بەتلىرىمدە .......مەيلى تەغدىر قانداق قارا قوللىقىنى قىلسا قىلىۋەرسۇن ،مەن باش ئەگمەيمەن ! سەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بۇلىمەن !! ئاپتۇۋۇس كەڭ يولدا ئۇچقاندەك كىتىپ بارماقتا ..بۇ گۈزەل شەھەرنى كەينىمدە قالدۇرۇپ ماڭماقتا ..... <خەيرى _خوش ، ئۈرۈمچى ! ھاياتىمنىڭ ئەڭ شېرىن مىنوتلىرى بىلەن ،سۆيگەن يايرىمنىڭ ئاياق ئىزلىرى سەندە قالدى !شېرىن ئازاپلىق خاتىرىلەر سەندە قالدى ........ ياشلىقىمدىكى گۇزەل خاتىرىلەر بىلەن بىللە سىنىمۇ قەلبىمدە ئەسلەيمەن !!!> * * * شۇنداق قىلىپ تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلاشتى .يىللارنىڭ ھەر-بىر بەتلىرىگە شوق- كەپسىزلىكىم ،شادىمان كۈلكىلىرىم ،ھىجرانلىق ئۈكسۈشلىرىم يېزىلىپ قالغانىدى . * * * . ???? | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
等待
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاخىرى قېنى؟ بەك ياخشى يېزىپتىكەنسىز، ئوقۇپ بولغۇچە خىياللىرىم قايتىدىن مەكتەپ تۇرمۇشۇمغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. چوقۇم ئاخىرى باردۇ؟ ھېچ بولمىغاندا نەتىجىسى باردۇ؟ بەك تەققازا بولدۇم، ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nazakat29
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاخىرىنى كەچتە ،بولمىسا ئەتە چۇقۇم يوللايمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|