| |||||||
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | ناچار تېما-ئىنكاسلارنى رەتلەش ئۇقتۇرۇشىبۇ تىمىنى xabnam ئىلگىرلەتتى(2008-04-21)
چەكلىمە قويۇلىدىغان تېمىلار: 1.سىياسىغا بىۋاستە چېتىشلىق بولغان ،ئىنكاسلىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان تېمىلار. 2.قىزلىق ئىپپەت توغرىسىدا پىكىرلەر يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ياكى سەت گەپ ئىشلىتىلگەن تېمىلار. 3.باشقا مۇنبەردىن يۈتكەپ كىلىنگەن تېمىلار(لېكىن ئىئانە توپلاش،ياردەم تەلەپ قىلىش،ئادەم ئىزلەش تېمىلىرىنى تەستىقلىسەك بولىدۇ) 4.ئىسلام تور بىكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدىكى دېنى تىمىلاردىن باشقا دېنى تېمىلارنى تەستىقلىمەسلىك. 5.مەنبەسى ئېنىق بولمىغان سىياسىۋىلىكى كۈچلۈك بولغان خەۋەرلەر. 6.ئەھمىيەتسىز رەسىم تېمىلىرى. 7.پىشمىغان شېئىر. چەكلىنىدىغان(ئۆچۈرلىدىغان) ئىنكاسلار: 1.ئەگەر «ياخشى يېزىپسىز»،«ھارمىغايسىز»،«سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن »،«يەنىمۇ تىرشىڭ »،«رەھمەت سىزگە»،«قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن»...دىگەندەك دېسىمۇ بولدىغان ،دېمىسىمۇ بولدىغان ئىككى ئېغىز سۆز بىلەنلا يېزىلغان ياكى قۇرۇق بەلگە بىلەنلا بېرىلگەن ئىنكاسلار. 2.ئەسلى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان ئىنكاسلار. 3.تېما ئاپتۇرىنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلار. 4.يۇقۇرقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈپلا چاپلاپ قويغان ئىنكاسلار. يۇقۇرقىلارنى بايا شەبنەم باشقۇرغۇچلار توپىدا شەبنەم ئەپەندىم باشچىلىقىدا 10 غا يېقىن باشقۇرغۇچى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق قارار قىلدۇق.باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ ۋاقىپ بولۇشۇڭلارنى ھەم ئەمەل قىلىشىڭلارنى سورايمىز. بۇ تېمىغا قارىتا «شەبنەم»ئەپەندىمىڭ ئىنكاس تېمىىسى: Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىxabnamنىڭ2008-04-18 20:45يوللىغان تېما : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | ئــــــــۇف . . .. ئاخىرى يولغا قويۇپسىزلەردە ، ، ، ، ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىز نېمە ئۈچۈن ؟ | بولۇپمۇ ، قىزلىق ئىپپەت توغرىسىدا پىكىرلەر يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ياكى قىزلارنى تىللاپ يازغان تېمىلارنى ئالاھىدە باشقۇرساڭلار .. ھەپتىلىك ئاۋات تېمىلارنىڭ قاتارىدا مۇشۇنداق تېمىلار ئەڭ ئۈستىگە چىقىۋالسا ،ئادەممۇ سەل خىجىل بولۇپ قالىدىكەن ...
7.پىشمىغان شېئىر. مۇنبەرگە شېئىر يوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى شائىر ئەمەس ، شېئىر كەمتۈك چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەلۋەتتە . ھېچكىم ئەڭ مۇكەممەل شېئىر يازالايمەن دەپ كىسىپ ئېيتالمايدۇ . مۇكەممەللىك پەقەت اللە قىلا خاس . شېئىر يوللىغانلار مېنىڭچە تورداشلار شېئىرىمغا باھا بېرىپ باقسىكەن دېگەن مەقسەتتە يوللايدۇ . شۇڭا بۇ يەردە ئېيتىلغان « پىشمىغان » شېئىرلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىشى خاتا ئەمەس ، تورداشلار ئەشۇ « پىشمىغان » شېئىرنى كۆرۈپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىدۇ . بۇنىڭدا شېئىرنىڭ ئاپتورىمۇ شېئىر يېزىشنى ئوبدانلا ئۈگىنىۋالىدۇ ... ئەگەر شېئىر مۇكەممەل يېزىلغاندىلا مۇنبەرگە يوللانسا ئۇنداقتا شېئىر تېمىلارنى تاقاپ قويغان ياخشى ... زىدىيەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ،ئەمەسمۇ ؟ [ يوللىغانئىزتەرىپىدىن2008-04-18 20:14قايتا تەھرىرلە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
DEL1 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئەمدى ياخشى بوپتۇ، ئاز -ساز بولغىدەك!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HALET | بۇ پىكىرىڭلار تازا جايىدا بوپتۇ مۇشۇنداق ئىشنى بالدۇرراق يولغا قويۇش كىرەك ئىدى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | بۇرۇنلا مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىش كىرەك ئىدى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | 7.پىشمىغان شېئىر.
مۇنبەرگە شېئىر يوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى شائىر ئەمەس ، شېئىر كەمتۈك چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەلۋەتتە . ھېچكىم ئەڭ مۇكەممەل شېئىر يازالايمەن دەپ كىسىپ ئېيتالمايدۇ . مۇكەممەللىك پەقەت اللە قىلا خاس . شېئىر يوللىغانلار مېنىڭچە تورداشلار شېئىرىمغا باھا بېرىپ باقسىكەن دېگەن مەقسەتتە يوللايدۇ . شۇڭا بۇ يەردە ئېيتىلغان « پىشمىغان » شېئىرلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىشى خاتا ئەمەس ، تورداشلار ئەشۇ « پىشمىغان » شېئىرنى كۆرۈپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىدۇ . بۇنىڭدا شېئىرنىڭ ئاپتورىمۇ شېئىر يېزىشنى ئوبدانلا ئۈگىنىۋالىدۇ ... ئەگەر شېئىر مۇكەممەل يېزىلغاندىلا مۇنبەرگە يوللانسا ئۇنداقتا شېئىر تېمىلارنى تاقاپ قويغان ياخشى ... زىدىيەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ،ئەمەسمۇ ؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ شېئىر يازغانلارنىڭ ھەممىسى شائىر ئەمەس . . چۈنكى دەريادا ئاققانلارنىڭ ھەممىسى تاھىر بولمىغاندەك . . . ئىزىنوفنىڭ سۆزلىرىنى قوللايمەن ، ، ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASKAR0998 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇنداق ياخشى تىمىغا مەن ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن ! ئەمدى ياخشى ئىش بوپتۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Rammstein دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مانا ئەمدى ياخشى بولدى.....بالدۇرلا شۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى.چۈشتىكى چ چ پاراڭلار پايدا قىلغان ئوخشايدۇ!!!!!!!!!!!!!رەخمەت سىلەرگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat517 забыть | 7.پىشمىغان شېئىر.
مىنىڭچە پىشمىغان شىئىېر نى ئۈچۈرمىسەڭلارمىكىن دەيمەن ..! مۇنەردە پىشقان شىئىېرلارنى يازىدىغان شائىېرلار خىلى كۆپ بولغاندىكىن ........ئۇلارنىڭ ..كەمچىللىك ،يىتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار بولىدىغۇ !!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xabnam شەبنەم تورى | تېمامەن ئايرىم تېما يوللاي دەپ ئويلىغان ، لېكىن مەندىن ئاۋۋال ئەركزات ئەپەندىمنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلغىنىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن ! بىر قانچە مەسلىنى مەن قوشۇپ قوياي .
مۇنبەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلغان ھەر بىر ئەزانىڭ مۇنبىرىمىز ۋە دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا زىت ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ! ئولىمپىك روھى ، دىن-ئېتقاد ، جاھاندىكى ئىشلار قاتارلىق مەسلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ، ھەر بىر ئەزانىڭ شەبنەمنى ئۆز كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىنى ئۆتىنىمىز ! بەزى قۇتراتقۇ ئىنكاسلار تۈپەيلى مۇنبىرىمىزدىكى نادىر ، قىممىتى بار تېمىلارنىڭ مەزمۇنى باشقا تەرەپكە بۇرىلىپ كېتىۋاتىدۇ . شۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنى يازغان ، تېمىلاردا قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئەزالارنى ھەر بىر باشقۇرغۇچىنىڭ يېزىشنى چەكلىۋېتىش ھوقۇقى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئالىي ئەزا ھوقۇقىنى قالايمىقان بەرمەسلىكىنى ، ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ، ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆچۈرۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! تېما ئىلگىرلىتىش ئىقتىدارىنى شەبنەم تورىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇقتۇرۇش ۋە مۇھىم ئىشلادردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، ئۆز مەنپەئەتى بويىچە تېما ئىلگىرلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ ! مۇنبەردە ئەزالارنىڭ «قىزلىق - ئىپپەت ، خۇراپاتلىق ، سىياسىي » قاتارلىق تېمىلارنى ئازلىتىپ ، خەلقىمىز پايدىلىنالىغۇدەك تېمىلارنى ، ئۇچۇر خەۋەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . تەكرار ، كۆچۈرۈلمە تېمىلار يەنىلا بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ، ئەزالارغا ئۇچۇر قىلىش ئەپسىز بولغان شارائىتتا باشقۇرغۇچىلار تېما ئىنكاسلارنى شەرتسىز ئۆچۈرۈشكە تامامەن ھەقلىق ! ئەگەر شۇ خىل بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك تېمىلارنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆچۈرمىگەن باشقۇرغۇچىلار بولسا ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئاشكارا ئىسمى ئېلان قىلىنىدۇ ! قىسقىسى ، شەبنەمنى سۆيسەك ، شەبنەمنى قوللىساق ناچار ئىنكاس ، پاخال تېما يېزىشتىن ساقلىنايلى ! ئەخلەت تېما-ئىنكاس مۇنبىرىمىز بوشلۇقىنى ئىسراپ قىلىدۇ خالاس ! «رەھمەت سىزگە ، تىرىشىڭ ...» دېگەندەك قۇرۇق ئىنكاسلارنى سېستىما ئارقىلىق چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز ! چۈنكى بىز بۇ خىلدىكى ئىنكاسلاردىن تولىمۇ بىزار !..... ناچار تېما -ئىنكاس تازىلاش پائالىيىتىنى داۋاملىق قوللايمىز ۋە داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا كۈچ چىقىرىمىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar-yurti | مەن مۇشۇ ھەقتە بىر تىما يۇللاشنى كۆزدە تۇتۇپ بۈگۈن بالدۇرلا تۇرخانىغا كىرگەن ئىدىم ، كىرىپلا ئەرىكزات ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر تىمىسىنى كۆرۈپ مەن ئىپادىلىمەكچى بۇلغان مەزمۇن بىلەن بىردەكلىگىنى ھىس قىلىپ تىما يۇللاش قارارىمدىن ۋاز كىچىپ ، مەزكۇر تىمىغا ئۆز پىكرىمنى ئۇتتۇرىىغا قۇيۇشنى لايىق تاپتىم .
ئەرىكزات ئەپەندىم ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ ، قۇشۇمچە قىلىپ قۇيدىغىنىم ھەر بىر باشقۇرغۇچى ئۆزى تەستىقلىغان تىما ۋە ئىنكاسلارغا مەسئۇل بۇلسا ، ئەخلەت تىما ،ئەخلەت ئىنكاس ،كۈچۈرۈلمە تىمىلارغا قارىتا كۆڭۈلگە قاراپ ئىش تۇتۇش پۇزىسيەسى بىلەن ئەمەس ،ھەتتا باشقۇرغۇچى ،ئالىي ئەزالارنىڭ بۇلسىمۇ ئۆچۈرۈشكە تىگىشلىك بۇلسا دەرھال ئۆچۈرۈلسە ، ئەزالامۇ قالايمىقان تىمىلارنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ۋە ناچار تىما يۇللىغان ئەزالارغا قارىتا باشقىچە ئويلاپ قالارمۇ دەپ ئويلىماي دادىللىق بىلەن ئۆز پىكرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيسا، باشقىلارمۇ دادىل پىكىر قىلغۇچىلارغا قارىتا قۇرشاپ يۇقۇتۇش تاكتىكىسىنى قۇللانمىسا دىمەكچىمەن . ئەڭ مۇھىمى باشقۇرغۇچىلار تىما باھالاش ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ، ئىجادى ئەسەرلەر ، پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلار بۇيۇن قىسىپ قالمىسا دىگەن كۆز قاراشتىمەن . ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتى ئۈچۈن ناچار تىما ،ناچار ئىنكاسلارغا قارىتا رەھىمسىزلارچە ،جاللاتلارچە مۇئامىلە قىلىپ ، مۇنبەردە ئاز بۇلسىمۇ ساز بۇلغان تىما يۇللاش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | ناھىيتى ياخشى ئىش بۇپتۇ . بۇندىن كىيىن ئىنكاسلار تېخىمۇ ساز بولغۇدەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matematika0995 | بۇ تەدبىر مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئارزۇسى............بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئىجرا قىلىنغۇسى.........
بۇ مۇنبەردىكى تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئىلمىي بۇلۇشى ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بۇلىدۇ......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x سايرام ئوغلى | دېمىسىمۇ مۇشۇنداق قىلىدىغان يەرگە يەتكەن ..... ناھايتى ياخشى بوپتۇ .... مەن ناھايتى خوش بولدۇم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mardan521 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. باشقۇرغۇچىلارغا بىردىغان تەكلىپىپ بۇنى يولغا قۇيۇش بىلەن بىرگە ،شەپنەم مۇنبىرىنىڭ بۇنچە كۆپ ئەزالارنى جەلىپ قىلالىشىدىكى تۈپ ئالاھىدىلىكىنىڭ يۇقاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن،شەپنەمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز كۈچ چىقىرايلى..............!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurqq دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەممىدىن بەك تۆتىنچىسىگە قوشۇلىمەن~
قارىغاندا شەبنەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك! | ||||
---|---|---|---|---|---|
ORHUN731 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ناھىيتى ياخشى ئىش بۇپتۇ . بۇندىن كىيىن ئىنكاسلار تېخىمۇ ساز بولغۇدەك.ئەمەسمۇ.......
تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئىلمىي بۇلۇشى ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بۇلىدۇتېخى......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قېنى ئەمىسە ،مۇشۇ تېمىدىن كىيىنكى تېما ئىنكاسلارغا قاراپ باقايلى .ئۆزگۇرۇش بامۇ -يوق ؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mavjuda دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى رەتلەش بوپتۇ...
ھارمىغايسىز بىلەن توختاپ قالماي،بىشىمىغا كەلگەن شۇ تىمىدىكى كۆپ سۆزلەرنى يازدىكەنمىز~ بىلۋالدىم...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|