| ||||||||
huxqakqak | ئىككى ئاساسەن تەشۋىشلىرىئىككى ئاساسەن تەشۋىشلىرى
نۆۋەتتە رايونىمىز مائارىپىدا «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىللىرىمىز بۇ خىزمەتنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتماقتا. ئەسلى «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى ماھىيتىنى چۈشەنسە ئۇنچىلا قورقۇنچلۇق ھەم ئانچىلا جاپالىق خىزمەت ئەمەس. ئۇنى جاپالىق قىلىۋاتقان بۇ خىزمەتنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنمەي قارىسىغا ئىش قىلىدىغان ئالدىراڭغۇ،بىپەرۋا......... بىرقىسىم مائارىپ مەمۇرىي تارماق مەسئۇللىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىدۇر. ئىككى ئاساسەن دېگەنلىك بىرى توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاساسەن ئومۇملاشقان بولۇش يەنە بىرى ياش-ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا ئاساسەن ساۋاتسىزلار يوق بولغان بولۇش. ئىككى ئاساسەن جەمئىي 6كۆرسەتكۈچتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ بۇنىڭ بىىرى قاتتىق كۆرسەتكۈچ بولۇپ يەنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى،يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلىشى بولۇپ بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچكەخىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل، كومپيۇتىر مەشغۇلات قىلش سەۋىيىسى يۇقىر ى،خەنزۇتىلى سەۋىيەسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىنى مەسئۇل قىلىش كىرەك . ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى كۆرسەتكۈچتە ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى بارلىق نوپۇسنى ئىلىكتېرلەشكەن ئارخىپ قىلىپ تۇرغۇزىۋىلىش لازىم،بۇكۆرسەتكۈچنىڭ تەس يېرى بۇرۇن بىرياكى ئىككى تامغىلىق خەت بىلەن يۆتكەلگەنلەرگە بەش تامغىلىق خەتنى تولۇقلاپ ئىلىش ۋە مىيىپلارنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇش. مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى بۇ خىزمەتكە مەكتەپ ئارقا سەپ خادىمىنى مەسئۇل قىلىش كىرەك . خىراجەتكە مالىيە باشقۇرغۇچى خادىمىنى شۇنداقىلا مالىيە بوغالتىرىلىق بىلەن شۇغۇللانغان كەسپى خادىم بولغنى ئەڭ يا خشى . باشقۇرۇش ۋە سۇپەتكە يىزىقىچىلىق قابىليىتى بىر قەدەر يۇقىرى ،ھەددىن زىيادە ئەستايدىل ئەمەس(ھەددىدىن زىيادە ئەستايدىل بولسا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قىلىشى مۇمكىن) ، كومپىيۇتىر تىخنىكىسى بىر قەدەر يۇقىر ى خادىم بۇلىشى كېرەك.بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ تەس يېرى قۇرۇق گەپ تولا،ساپلا يالغان قىلمىغان ئىشلارنى قىلىدىم دەپ يىزىش كېرەك. ئاسان يىرى بۇكۆرسەتكۈچتە ھېچقانداق سان-سېفىر تېپىشىپ قالمايدۇ. ياش - ئوتتۇرا ياش ئارسىدىكى ساۋاتىسزلىقنى تۇگىتىش كورسەتكۇچىگە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ياخشى ئەستائىدىل كومپيۇتىر تىخنىكىسى ياخشى خادىملار بولسا ئەڭ ياخشىمىكىن دەپ قارايمەن .بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىسى شۇكى بۇخىزمەتنى چۇشنىپ ئىشلەشتە قىين نوقىتىسى بولسا مەكتەپ رەھبەرلىنىڭ ھەمدەمدە بولماسلقىدىن ئىبارەت. [ يوللىغانhuxqakqakتەرىپىدىن2008-04-17 01:46قايتا تە ] ___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-16
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
كةرىمة دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يالغانچىلىقتىن زىرىكتىم .ئىككى ئاساسەندىن زىرىكتىم.بەك زىرىكتىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huxqakqak | ئىككى ئاساسەندە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچىدىن باشقا كۆرسەتكۈچلەرگە يالغانچىلىق ئارىلاشمىسا ئۆتمەيدۇ،تەكشۈرگۈچىلەرمۇ يالغانچىلىق ئارىلاشقانلىقىنى بىلمەي قالمايدۇ،ئۇلارغىمۇ ئۆتكەزمەي ئامال يوق.
ئىككى ئاساسەننى ھەقىقىي راست ئىشلەيمەن دېسە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىككى ئاساسىنى يەنە 20يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۆتەرمىكىن،ئامال يوق،چۈنكى مەملىكىتىمىز 2012-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ئۆتكەزمەكچى،ۋاقىت قىستاپ بارماقتا. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aili120 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىككى ئاساسەن توغرىسىدا بىلىمىڭىز مولدەك قىلىدۇ، بىزدەك تورداشلىرىڭىزگە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز، قىيىنچىلىققا يولۇقساق قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huxqakqak | ئىككى ئاساسەن توغرىسىدا قانداق ياردەم كېرەك بولسا قولۇم كۆكسۈمدە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ATAXOGLI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇشۇنىڭغا دائىر ئىشلەش سېستىما بولىدىغان ،مۇمكىن بولسا يولاپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خوش بولاتتىم ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadakat0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزدىكى << ئىككى ئاساسەن >> :
1. ئاساسەن دەم ئالماسلىق 2. ئاساسەن راست گەپ قىلماسلىق | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nargiza18 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئككى ئاساسەننىڭ ماھىيىتى يىغىپ ئېيتقاندا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىدى ،لېكىن بۇ خىزمەت ئوقۇتقۇچىلارنى بەك چارچىتىۋەتتى..................
مەنمۇ بۇ خىزمەتتىن جاق تويدۇم.يالغاندىن يېزىۋاتقان،قۇرۇق گەپ.....................تۈگىمىدى! | ||||
---|---|---|---|---|---|
bilgar | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىsadakat0997نىڭ2008-04-17 03:55يوللىغان : ھا ھا ھا ھا ھا ئەتتىگەندە بىر كۈلىۋالدىم. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qinggizhan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئىككى ئاساسەن خىزمىتى پەقەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس چۈنكى مائارىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شۇڭا بۇ خىزمەتكە ئەسلى ھەرقايسى ھۈكۈمەت تارماقلىرى قاتنىشىشى كېرەك . ئىككى ئاساسەن خىزمىتى پەقەت ھۈكۈمەت ھەركىتىگە ئايلانغاندىلا ئۆزىنىڭ راۋان يولىنى تاپالايدۇ شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەك ئاۋارە بۇلۇپ كەتمەيدۇ. ھازىرقى جوڭگودا مائارىپنى توغرا چۈشۈنىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ھەم ئىككى ئاساسەننى ھۈكۈمەت ھەركىتىگە ئايلاندۇردىغان باشلىق تۇغۇلمىدىمىكىنتاڭ!.
[ يوللىغانqinggizhanتەرىپىدىن2008-04-17 11:36قايتا ت ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
simsimyamgur دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاڭلىسام مەلۇم ناھىنىڭ ئئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى تەكشۇرۇپ ئوتكۇزۋاغاندا لايەقەتلىك بوپتۇ دىگەنلىەىنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار خۇشاللىغىدا ئىشخاندا شەپكىلىرنى ئاسمانغا ئېتىپ ھاياجانلىنىپ يىغلىشىپ كىتىپتىمىشكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkkizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەكتەپتە مۇشۇ توغرۇلۇق بىر مۇنچە جەدۋەللەرنى ئىشلەپ كاللام تورمۇزلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قېلىپ ،بۇ يەرگە چىقسام،توۋا بۇ يەردىمۇ مۇشۇ گەپقۇ ئەمدى!؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huxqakqak | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىATAXOGLIنىڭ2008-04-17 03:31يوللىغان : چ چ رىڭىزنى قالدۇرسىڭىز،مەن ئۆلچەملىك (دڭەنزى داڭئەن)ئېلىكتىرلىك ئارخىپتىن بىرنى ئەۋەتىپ بىرەي . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huxqakqak | دىيەنزى داڭئەن، خاتا بوپ قاپتۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aili120 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى تېمىدىن بىرنى ئەۋەتىپسىز رەھمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىيەنزى داڭئەننى مۇنبەردىلا كۆرسەك بەك ياخشى بولاتتى،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amanbay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمە ئۇ دىيەنزى داڭئەن -دىگەن، ئۇيغۇرچە ئىسمى يوقمىكىن(شۇمۇ ئۇقۇتقۇچى بوپتۇ).
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|