![]() |
| ||||||||
aktax
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip
| ئۇ ياخشى ناخشا ئىكەن ،بىراق ھۇررا كۇلۇبى ئۇنى كۇلۇبنىڭ مارشى قىلىپ ئىشلەتسە تازا قاملاشمايدۇ،مارش قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ ئۇ رەپ!
رەپ دېگەن رەپ پېتى قالسا ياخشىدەك،پۇتبول مەيدانىدا توۋلىسا بەك سەت تۇرامدۇ نېمە؟ ![]() ![]() مېنىڭ قارىشىم! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ailikamil
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز نىمىشقا ھۇررا مۇنبىرىدە بۇ تەكلىۋىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويمايسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ohu138
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناخشا بەك ياخشېكەن ~! بېراق بېزگە خاس ئەمەستە ~!!~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
islam1400
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پۇتبولچىلىق ئىشلىرمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەممىمىزگە ئايان،يىقىنقى 10 يىلدىكى ھالىتى تىخىمۇ ئايان.
تىخى كەسىپلەشكىنى يوق،دەرىجە جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىنىڭ 6دىن بىر قىسىمىنى ئىگەللەيدىغان زىمىندا تىخى ئا دەرىجىلىك كۇلۇب يوق........ مانا تىخى ئالدىنقى يىلى دىيارىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى كۇماندىسى بارلىققا كەلدى.......بۇ كۇماندا گەرچە بىزنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالمىسىمۇ بىز يەنىلا ئۈمۈدۋار...كەلگۈسىمىزگە ئۈمۈد بىلەن قارايمىز...... مانا بۇ يىل شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى كۇماندىسى 3-قىتىملىق ئۆزىنىڭ ب دەرىجىلىكلەر سەپىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. قىنى بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزدا مۇشۇ كۇلۇبنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ ب دەرىجىلىك كۇلۇبنى چۈشۈنىدىغانلار قانچىلىك؟ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرىدىغانلار قانچىلىك؟ 8يۈەنلىك بىلەتنى ئىلىپ بولسىمۇ قوللاپ قۇيۇدىغانلار قانچلىك؟ يۇقۇرقى مۇشۇ كەمتۈكلەرنى پەقەت بىز تەشۋىقات ۋاستىلىردىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئاشۇرالايمىز..... لىكىن مۇشنداق مۇھم مۇسابىقىنى،تەنتەربىيە خەۋىرىنى شىنجاڭ تىلۋىزىيە قانىلى قانچىلىك خەۋەر قىلىدۇ؟ ئۇلار پەقەت شىنجاڭ تەنتەربىيسى پىروگراممىسىدا ئاران 2 3 مىنوت بېرىدۇ... مۇشۇنچىلىك.... مانا مۇشۇنداق قاتمالچىلىقلار بولغاچ بىزنىڭ پۇتبول سۈيەر ئوغلانلىرمىزنىڭ ئىچىدىن ھۇررا مۇنبىرىنى قۇرغۇچى ئەزىمىتىمىز قىممەتلىك ۋاقىتلىردىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوت يۈرەك پۇتبول سۈيەر،تېرىقتەك شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرغا چىچىلىپ كەتكەن يىگىتلىرمىزنى بىر جايغا يىغدى،ئۇلارغا سورۇن راسلاپ بەردى..... چىچىلىپ ياتقان كۈچنى بىر يەرگە يىغدى........ھەرقىتىملىق مۇسابىقىدە مەيداندا تىك تۇرۇپ كۈرۈپ،كانايلىرى يىرتىلغىچە ھۇررا توۋلاپ تۇردى.. مانا بۇ قىتىملىق ناۋا پىروگراممىسىدا بۇ كۇلۇبى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ،باشقا جايلاردىكى يورتداشلارغا مۇشۇنداق بىر مۇسابىقىنىڭ بارلىقىنى،مۇشۇنداق بىر كۇلۇبنىڭ بارلىقىنى،مۇشۇنداق بىر پۇتبول مەستانلىرى كۇلۇبىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مەيدانغا ئىلىپ چىقىلغان ناخشىدۇر،يەنى تەشۋىقات ناخشىسى... قىنى بىز چىن دىلىمىزدىن سۈيىدىغان قايسى بىر خەلىق سۈيەر ناخشىچىمىز بىزگە تەۋە پۇتبول ناخشىسىنى ئېيىتتى؟ قىنى قايسى كومپوزىتتور بىزگە تەۋە پۇتبول ناخشىسىنى يازدى؟ھىچكىم قىلمىدى،پەقەت ياندا قول قوشتۈرۈپ تۇردى،مۇشۇنداق ۋاقىتتا باشقىلار ئۇتتۇرغا چىقىپ،تېكستىنى،مۇزىكىسىنى ئۆزلىرى ئىشلەپ بۇ ناخشىنى مەيدانغا ئىلىپ چىقتى، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.كىيىنچە تىخىمۇ ياخشىسىنى ئىلىپ چىقىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل ھىچكىم ئۇ ناخشىنى تىخى كۇلۇبنىڭ ناخشىسى قىلىمىز دىگىنى يوق...... قارار چىقىرىشقا تۇغرا كەلسىمۇ خەلىق ئۈچۈن جىنى كۈيىدىغان،پۇتبولچىلىق ئىشلىرمىزنى دەپ ،جەسورلىرمىزنىڭ كۈڭلىنى دەپ مۇشۇنچىلىك ئىش تەۋرەتكەن ھۇرراجان،ھەر قىتىملىق مۇسابىقىدە ھۇررا !!!شىنجاڭ ھۇررا دەپ توۋلايدىغان يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىكى ھۇرراجان بۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى بىلىدۇ.....ھەم خەلىقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدۇ. نەدە ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىپلا ياخشىدىن باشلاپ كەتكەن يېرى بار. بۇ قىتىملىق بۇ ناخشا ئۇسلوب جەھەتتە بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزگە يات بولسىمۇ لىكىن مۇشۇ قىتىملىق تەشۋىقات رولى بەك چوڭ بولدى.نۇرغۇن دوسلىرىم ھۇررا مۇنبىرىنى مۇشۇ ناخشا ئارقىلىق بىلىپ يىراق يىقىندىن تىلىفون قىلدى،سۈرۈشتۈردى،كۇلۇبنىڭ،پۇتبولچىلىرمىزنىڭ كەلگۈسىگە ياخشى تىلەك تىلىدى......... بولسا بىزمۇ شۇنداق قىلايلى...گەپ بولسا بىۋاستە مۇنبەر مەسئولىغا دەيلى....بۇنداق بىر ئىش چىقىپ بولغۇچە ھەريەردىن چىشلەپ تارتمايلى،بۇلۇپمۇ ئاممىۋى سورۇندا.بىزنىڭ ياخشى كۈڭلىمىز بىلەن يوللىغان ئىش يامان ئاقىۋەت بېرىپ قالىدۇ....... ئۆزىمىز ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان،ئۆزىمىز ئويلىيالمىغان يىڭىلىقنى باشقىلار روياپقا چىقارسا ھەر تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدىمەي قان تەرىمىز بىلەن يۈلەيلى،قوللايلى، شۇنداق قىلساقلا كىيىنكى ئىشلار تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ....................... بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ .ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى،ۋاقتىمىز بولسا http://urraclub.com/bbsمۇشۇ ئاددىرىسقا يەنى ھۇررا پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرىگە كىرىپ بىز بىلەن بىرلىكتە ئالغا بىسىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن... ئۆزىمىزگە تەۋە پۇتبول،ئۆزىمىزگە تەۋە پۇتبول ناخشىسى پات ئارىدا ۋۇجۇتقا كەلگۈسى.......... پۇتبولدا باردۇر خەلىقنىڭ روھى ھەم قېنى، پەرەڭنى يەڭگەن ئاشۇ ئەجدادىم قىنى . قىنى قېرىنداش ، بىرلىكتە ئالغا باسايلى ! يۇرت تەنتەربىيە مەركىزىگە مەرھەممەت قىنى. [ يوللىغانislam1400تەرىپىدىن2008-04-13 10:53قايتا تە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
@ammar@
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممىڭلار ئۇنداق بۇنداق دەيدىكەنسىلەر، زادى قايسى ناخشا ئۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bilal502
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىمىسىمۇ ،پەقەتلا قالماشمىغان ناخشىكەن بۇ ..........
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axek
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنىڭچىمۇ ئۇنى ھۇررا ناخشىسى قىلىشقا باب كەلمەيدۇ ~~~
ئۇنىڭغا چوقۇم جەڭگىىۋارلىقى يۇقىرى بىرەر ناخشىنى قىلىش كىرەك ~~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alturuk
ئەلتۈرك
| تىكىستى خېلى ياخشىكەن ،ئېيتىلىش ئۇسلۇبى سەل قاملاشماپتۇ؟ (مارىش قىلىشقا)
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
qimbulak
چىمبۇلاق تورى
| شۇنداق جانلىق ناخشا بۇ ، كۆپچىلىك نىمىشقا راپ ناخشىلارنى ياقتۇرمايدىغاندۇ ، ئۇمۇ بىر خىل ئۇسلۇب تۇرسا ، باشقا گىتتار ، رويال دىگەنلەرمۇ بىزنىڭ ئەمەس ئىدى مانا ماسلىشىپ كەتتققۇ ، ئۆزىمىزنىڭكىدەكلا بۇ يىڭى پەيدا بولغان ئۇسلۇبقىمۇ ماسلىشىپ كىتىمىز ئاستا - ئاستا ، چۈنكى بۇ بەك جانلىق ئۇسلۇب ،
بۇ ناخشا ھوررا كۇلۇبىنىڭ كۇلۇب تەشۋىقات ناخشىسى ، سىز ھۇررا كۇلۇبىغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
@REXTA@
| ناخشا خىلى ياخشى ئىيتىلىپتۇ..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
BALWAG
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قىرىنداشلا بۇتىخىبىرىنچى سىغۇ ..........................................
تىخىمۇياخشى بۇپ كىتىدۇ........................ ................................ ئۇررا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M...
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مىنىڭچە بۇ چوڭلارغا ياخمايدۇ ~لىكىن بىزدەك ياش باللا ياختۇرۇپ ئاڭلايدۇ ~مەن رەپ ئۇسلۇبىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ~مىنىڭچە چوڭلارغا دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ۋۇررا ناخشىنى ئىجاد قىلىپ بەرسەك بۇلامدۇ ~~(چاقچاق~)
![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nida416
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شنجاڭدىنمۇ چوقۇم بارسېلونا دەك بىر ئەمەس بىر نەچچە پۇتبول كۇلۇبى چىقىشىغا ئىشەنچىم كامىل!!!شىىنجاڭلىق بارلىق قېرىنداش مىللەت بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ھۇررا توۋلىساق ئاشۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاق ئەمەس!!!ھۇررا ناخشىسى ئۇسلۇبى شىنجاڭنىڭ مىللىي رايون ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرەلىسە ،ئاندىن رەسسمىي ھۇررا ناخشىسى بۇلۇپ ھەممىمىز نى غەلبىگە يېتەكلەيدۇ دەپ قارايمەن!!!
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
islam1400
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ پەقەت تەشۋىق قىلىش يۈزسىدىكى ناخشا......
ھۇررا ناخشىسى قىلىنمايدۇ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|