| |||||||||
bilgar | ئوقسىز ئۇرۇش(بىلگار)ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى شەرەپلىك ۋە مۇقەددەستۇر،شۇڭا ئوقۇتقۇچى جەمىيەتنى چۈشىنىشى كېرەك!
مىللەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا ،مائارىپنىڭ ئۈمۈدى ئوقۇتقۇچىلاردا .قايسى بىر دانا شۇنداق باھا بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىق بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىچىدە ياخشى خىزمەت ھەم جاپالىق خىزمەت دەپ 9-ئايدا بىر كۈن بايرىمىمىز بار.(ئابدۇقادىر جالالىدىن: ئوقۇتقۇچىلىق خزمىتى ،خىزمەتچىلەر ئىچىدىكى دېقانغا ئوخشاش دىگەن) بايرام كېلىشىگە بىر دانىدىن قەلەم ياكى بىردىن چەينەك سوۋغا قىلسا ،ئالامچە خوشال بولۇپ ،تارتقان جاپالار نەلەردە سەرسان. 97-يىلدىن باشلاپ ،<<2ئاساسەن مائارىپى>> دەپ ئىشلىدۇق.نوپوس ئېنىقلاش ،خەتەرلىك سىنىپلارنى ياساش.شەنبە-يەكشەنبە ،تەتىلنى كۆزگە سۈرتكىدەك بولدۇق. لىئونسىئونىڭ قورۇقىدىكى ئاندىرىسمۇ بىزدىن بەخىتلىك .شۇ كۈنلەردە. بىزنىڭ مەھەللىدىن يېزىلىق ھۆكىمەتكە خىزمەت قىلدىغان بىر باشلىقنى شۇ خاتىرلەشكە مەسئول قىپتۇ. جەدۋەللەرنى چىنىدەك رەتلەپ ،تاملارنى ھاكلاپ ئەينەكتەك قىلىپ ساقلاپ ئولتۇردۇق. ئۆمەكمۇ كەلدى.ھېلىقى باشلىق تەكشۈرۋېتىپ ،بىردىنلا قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ ،جەدۋەلنى پاققىدە تاشلىدى دە،ماشىنىسىنى گۈكىرىتىپ ،تەختىگە راۋان بولدى. چۈشتىن كېيىن بارلىق مۇدىرلارغا چاچراپ تۇرۇپ يىغىن ئېچىپتۇ.بىزنىڭ مۇدىرنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئەستايىدىل ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن شالىنى چاچرىتىپ،سەۋەبىنى سوراپتۇ. مۇدىر تا شۇ ۋاققىچە نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. يېڭىنى شىمايلاپ ئاخىرى خاتا ئىشلىگەن نۇقتىنى دەپتۇ.كىم ئىشلىگەن بولسا سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ مۇكاپاتىنى بەرمەسلىك توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. مۇدىر مەكتەپكە كېلىپ ،جەدۋەلگە ئىنچىكىلەپ قارىسا ،باشلىقنىڭ مېيىپ خوشنىسى ئالىي مەكتەپ دىگەن گىرافىغا ئۇرۇلۇپ قاپتۇ. بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كەتتى.خەيرىيەت ،نورمال كۈنلىرىمىز يەنە باشلاندى .فىرانسېسكودەك ئات مىنىپ يۈرەلمىسەكمۇ كىيىملەرنى رەتلىك ،پاكىزە كىيىپ،شىكەر دەم ئېلىشلار باشلاندى. ئارىدا يەنە قىسقا تەكشۈرۈشلەر بولۇپ ئۆتكەنمۇ بولدى. بىراق بۇ يىلقى.جاننى ئېلىپ ياندا قويىدىغان ئوخشايدۇ. دەسلەپ يەنە ئۆيمۇ -ئۆي تەكشۈردۈق ،بەزىلەر يۇرت كۈچۈپتۇ،بەزىلەر ئۆي كۆچۈپتۈ.تەكشۈرۈپ يۈرسەك بەزىلەرنوپوسىم يوقتى ،ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساڭلار دەيدۇيەنە بەزىلەر نىمە قىلىسەن ؟دەپ يا بىزگە مەجبورلاش ھوقوقىمۇ يوق،يېلىنىپ يۈرۈپ نوپوس دەپتىرىدىن كۆچەردۇق. دېھقانلارمۇ بىزگە ئىچى ئاغرىپ،قانداق <<ئەقىللىق >>ئادەم چىقاغاندۇ؟مۇشۇ گۇۋاللار دەرىسىنى ئۆتسە نىمە بولا؟بىزنى ئېنىقلاپ نىمىمۇ قىلار ؟دىيىشىپ ،بىزگە تاشقى پىلانت ئادىمىنى كۆرگەندەك ئەجەبلىنىپ قارايتتى. ئەمدى گەپ مۇشۇ نەچچە كۈن يازغاننى ھەممىنى كومپۇيوتېرغا ئۇرىدىغان ئىشكەن. ئا 1 كۆرسەتكۈچنى <<ئۇ ك ج>>خەت نۇسخىسىدا،ئا 2 نى<<ئېدىقۇتتا>>ۋاي كەچلىكلىرى تاڭ ئاتقۇچە 5-6 مىز راسا ئۇردۇق. مۇدىرىمىز ئىچكىرىدە، بىر كەسىپداش ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كېتىپ ،ئۇ ياققا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سىلەرمۇ دىققەت قىلىڭلار- دەيدۇ،تاجلىقلار بويرۇقنى چۈشۈرگەندە بولسا ،ۋاي ئىنىلىرىم پۈرسەت بولسا ،رۇخسەت بېرەي ،راسا ئۇخلاڭلار دەپ سىلىق بويرۇق. تۇلا ئۇخلىماي ،كومپۇيوتورنى كۆرسەملا يىرگىندىغان بولۇپ قېلىپ ،بىر بەتنى قىزنى ئوغۇل دەپ ،ئىسىم يازىدىغان جايغا فامىلە يېزىپ،باشلىقنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتىمەن. بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىدىن قۇرۇق قالدىم.ئەمدى گەپ ۋەزىپە ئۈتەۋاتقان جاپاكەشلەردە . قاچانمۇ تۈگەر .بۇ سىياسىيي ۋەزىپە.قاچانمۇ شەرەپلىك ۋەزىپىمىزگە قورۇقماي بارامىز؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@REXTA@ | ياخشى يىزىپسىز....
قەلەم ئارقىلىق ئوقسىز ئۇرۇش قىلىش............ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matimatika | بىلگار ئەپەندى:
يازمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، كۆڭلىڭىزنى چۇشەندىم. گەپنى جىق دېسەم مەنمۇ سىزدەك شەرەپلىك ۋەزىپىدىن قۇرۇق قالارمەنمۇ ؟ مەنغۇ بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمەيمەن، شۇنداق بولسىمۇ مەن ۋە سىز تاشقى پېلانىت ئادىمى بولمىغاندىكىن، قولىمىزدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ باقىلى ، زادى بولمىسا مەيلى ! قازاقلاردا « كالىنىڭ ئىچىدە سۈت بىرىدىغان كالا بار » دەيدىغان تەمسىل بار ( بۇ تەمسىلنى مەن ئۆزلەشتۇرۇپ دېدىم ) ، شۇڭا دەيمەن، بىزنىڭ ھەركىتىمىزنى چۇشىنىدىغان ئادەم ھامان چىقىدۇ ،.......... .سىلىمۇ ئاھ...ئۇرمىسىلا..... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | تەقدىر-قىسمىتىمىز تولىمۇ ئوخشاشكەن،تولا خەت يېزىپ بارماقلارنى قاداق بېسىپ كەتتى...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tomurmux دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇشۇ ھوكۇمەتتىن مائاش ئالىدىغان خىزمەتلەر ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىقتەك جاپالىق خىزمەت بولمىسا كىرەك ، بۇ ئوقۇتقۇچىلىقمۇ ھازىر مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئىشسىز قالغان ياشلارنى يۇغۇشتۇرىدىغان <<جىددى قۇتقۇزۇش ئورنى >> غا ئايلىنىپ قالدى ،ئەمما نوۋەتتە مۇشۇنچىلىك ئىش ئورنىنىڭ چىققىنمۇ بىز ئۇچۇن چوڭ ئىش ئىدى ، شۇنداق قەدىرلەپ ئىشلەيلى دىسەك بۇ مەكتەپلەردىكى <<يەر شارىدىكى ئەڭ كىچىك ئەمەلدار ،مەنسىپى ئەڭ توۋەن>> لەرنىڭ گىپىنىڭ سىسىقلىغىنى مەن دىمىسەممۇ ئائارىپتا ئىشلەپ باققانلار بىلىدۇ ،ئامال يوق ئىشلەيمىز ،چۇنكى جوڭگۇدا <<تاڭسىڭ سۇنۋۇكۇڭغا باشلىق>> تە ، باشلىقنىڭ دىگەنلىرى شۇنچە بىمەنە ،كاللاڭدىن ئوتمىسىمۇ بويسۇنماي ئامال يوق ،شۇڭا بۇ خىزمەت <<كوڭۇل خالىمىغان خوتۇن بىلەن چوڭلارنىڭ گىپىگە كىرىپ زومۇ -زو بىللە ئوتۇۋاتقاندەك كوڭۇلسىز ۋە مەنىسىزدۇر>> ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن توي قىلساقمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى <<توغرا چۇشۇنۇش >> كە مەجبۇرمىز ، <<تاڭسىكەش تومۇر خوتۇنلار>> دىگەن كىنونى كورگەنمۇ ؟؟ھەيييييي ،چۇنكى ئۇ باشلىقتە ، تىخى ئاڭلىسام بىزنىڭ يۇرىتتا مەكتەپ مودىرى قوڭالتاقلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق گەپلەر مودا بولۇۋىتىپتىمىش <<ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى ، شوجاڭ بولساڭ خانىم سىنىڭكى >> ، قاراڭ بۇ گەپكە -ئەمدى ئۇ گۇيلارنىڭ ئالدىدا ئىشلەش گۇنا بولدىمۇ ، مىنىڭمۇ بەزى ئاغىنلىرىم ناھەقچىلىككە چىداپ بولاالماي قوسىغىنى ئوبدانلا بوشۇتۇپ ،كاللىسىنى ئازات قىلدى .......لىكىن مىنىڭ مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا يەنىلا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ، زۇۋلىسى جاپا بىلەن يۇغۇرۇلغاندە ، << ئىشلىگەنگە ئادەم ئولمەيدۇ ، تىل ھاقارەتكە ئادەم ئولمەيدۇ >> غانلىغىنى ئوز ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئىسپاتلاۋاتقانلار يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇلۇغ رەئىسىمىز خۇ ئەمىر شۇنداق تەلىم بىرىدۇ <<چىداش ، چىداش ، يەنىلا چىداش كىرەك>> .
شۇڭا ئۇ جاپالارنى پارتىينىڭ ئىللىغلىغى بىلەن ئۇنتۇش كىرەك | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ahtorna0999 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەي بىلگار ئاداش شۇ خىزمەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ ؟مەن سېنى چۈشىنىمەن ؟؟جاپالىق ئىشلىگىنىڭنى بالىلىرىڭ قايتۇردۇ ؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
SUKUT315 | ھازىر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدا، مىڭ تۈرلۈك شەكلىسىز ئالۋاڭ چۈرگىلەپ يۈرۈيدۇ.
مەن بۇ يەردە شۇنى كەسىكىن ھالدا دىيەلەيمەنكى ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقى كۈڭۈل بۆلىدىغىنىنى ھەرگىزمۇ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى ئەمەس........... ئەمما لىكىن بىراق شۇنداق قىلمايمۇ ئۇقۇتقۇچىلاردا نىمە ئامال....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|