![](./20070208173735905.jpg)
ھەر كۈنى قانچىلىك گۆش ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ؟
ئوزۇقشۇناسلار خېلى بۇرۇنلا ئىستېمال قىلىۋاتقان گۆشنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ماددىلار بار ، گۆش ئىستېمال قىلىشتىن باش تارتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن .
ئۇنداققتا ئىستېمال قىلىدىغان گۆشنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولغاندا ، بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ھەر كۇنى ئىستېمال قىلىدىغان گۆشنىڭ مىقدارىغا قۇيۇلدىغان تەلەپ تۆۋەندىكىچە .
1__ 3 ياشلىقلار : 75 گىرام ؛ 4_ 6 ياشلىقلار: 100 گىرام ؛ 7 __ 10 ياشلىقلار : 120 گىرام ؛ 11__13 ياشلىقلار : ئوغۇللار 140 گىرام ، قىزلار 130 گىرام ؛ 14__ 17 ياشلىقلار ئوغۇللار 150 گرام ،قىزلار 140 گرام ؛ ئەقلى ئەمگەك قىلىدىغانلاردىن قۇرامىغا يەتكەنلەر : ئوغۇللار 140 گىرام ، ئاياللار 120 گىرام ؛ يېنىڭ جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن قۇرامىغا يەتكەنلەر ؛ ئەرلەر 150 گىرام ، ئاياللار 130 گىرام ؛ ئوتتۇرا ھال جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن ئەرلەر 160 گىرام ، ئاياللار 140 گىرام ؛ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن ئەرلەر 190 گىرام ، ئاياللار 160 گىرام ؛ 60__ 75 ياشلاردىكى ياشانغانلاردىن ئەرلەر 120 گىرام ، ئاياللار 110 گىرام ؛ 75 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان گۆش مىقدارى 100 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
ھەر بىر ئادەم ئادىتى ۋە ھەۋىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا ، ئىستېمال قىلىدىغان گۆش مىقدارنى ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك .
CDC