| |||||||||
butterfly كېپىنەك | «ھەپتىدە بىر ئەزا» 7.سان(ئەزا yigana2 )
<<ھەپتىدە بىر ئەزا >> 7.سان مۇنبەر دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا مۇنبەردىكى ئىسمى : yigana2 ئەسلى ئىسمى: مۇخپۇل مەمىتىمىن تۇغۇلغان ۋاقتى: 1988-06-01 يۇرتى: قەشقەر(ئەسلى يۇرتۇم خوتەن،ئاتا-ئانام خىزمەت سەۋەبلىك پوسكام نىفىتقا يۆتكىلىپ كەلگەن) مەدەنىيەت سەۋىيەسى : تولۇق كۇرۇس كەسپى : ئۇقۇغۇچى قىزقىشى : كىتاپ ئۇقۇش،ۋاسكىتبول ئويناش،كومپىيۇتۇر ئالاھىدىلىكى: چىقىشقاق،خۇشچاخچاق ياخشى كۆرىدىغان ئىللەتلەر: باشقىلارغا قۇلىدىن كىلىشچە ياردەم قىلىش،ئىللىق چىراي بولۇش يامان كۆرىدىغان ئىللەتلەر : غەيۋەتخورلۇق،مىللەتنىڭ نامىغا داغ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىش،چوڭچىلىق قىلىش. باشقىلار ئارىسىغا ئاداۋەت ئۇرقىنى چېچىش. ياقتۇردىغان مۇزىكىلار: دىلكۈيى،خەلىق ئاھاڭىدىكى ناخشىلار. ياقتۇردىغان يازغۇچى ۋە كىتاپلار: مەن ئەڭ ياقتۇردىغان يازغۇچى – ئۇستاز ئابدۇرېىھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ياسىنجان سىدىق چوغلان. ئۇلارنىڭ ھەربىر ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ياقتۇردىغان كىتاپلار:ئىز،ئانايۇرت،ئويغانغان زىمىن،ئارمان،جاللات خېنىم(ئاساسلىق تارىخى رومانلار) ئارزۇيى: ئاتا-ئانامنى رازى قىلىش،ئۆزۈمدە بار نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويماسلىق. كەلگۇسى پلانلىرى : تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىپ،مىللىتىم ئۈچۈن بىركىشلىك تۆھپەمنى قوشسام، ئانا تىلىمدىن سىرت يەنە 3 تىلنى(ئىنگىلىس تىلى، ياپۇن تىلى ، روس تىلى ) پىششىق ئۈگۈنۈپ چەت دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىش. ئۆزىدىن : يۇرتۇمغا قايتىپ،ئىلگىرى تۆت يىل ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ،ياشىنىپ قالغان مۇئەللىمىمنى يوقلىدىم. كەچتە مۇئەللىم بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق.پاراڭلىشىۋېتىپ ئىختىيارسىز بىر دەستە ماقالە دەپتىرىنى ۋاراقلاپ قالدىم.مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە،بالىلار كۆپ ئەمەسكەن،ئىككىنچى يىللىقتىن بىرلا سىنىپ بولۇپ،24ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. يېزىدىكى مەكتەپتە،ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىقچىلىقنى ئەمدىلا ئۆگىنىۋاتقان بولىدۇ.دەپتەردىكى ماقالىلەر ناھايىتى قىسقا،كۆپ قىسمى قۇرۇق گەپلەر بىلەن بىر بەتنى ئارانلا توشقۇزغانىدى.سەھرالىق بالىلار شەھەرلىك بالىلارغا يەتمەيدۇ،تەسەۋۋۇرىمۇ كەمچىل،يازغان ماقالىلىرىنىڭمۇ تايىنى يوق.ئەمما ۋاراقلا-ۋاراقلا،بىر چاغدا ئىختىيارسىز توختاپ«مېنىڭ غايەم»دېگەن ماقالىنى تەپسىلى .ئوقۇشقا باشلىدىم. قوپال كاتەكلىك دەپتەرگە مۇنداق يېزىلغانىدى:دادام ھايات چېغىدا ماڭا،تىرىشىپ ئۆگىنىپ،چوڭ بولغاندا ئالىم بول،دەيتتى،ئاپام،چوڭ بولغاندا ساقچى بول،شۇندىلا ھېچنىمىدىن قورقمايمىز،دەيدۇ.مېنىڭ ئالىم بولغۇممۇ،ساقچى بولغۇممۇ يوق.مەن بىر ئىتقا ئايلىنىپ،ھەر كۈنى كېچىسى ئۆي ساقلىسام دەيمەن.چۈنكى،ئاپام بەك قورقۇنچاق،جىندىن قورقىدۇ،مەنمۇ قورقىمەن.ئەمما ئاپامنىڭ دېيىشىچە،ئىت جىندىن قورقمايدىكەن،شۇڭا مەن بىر ئىت بولسام دەيمەن،شۇنداق بولغاندا ئاپام بىلەن ئىككىمىز قورقمايتتۇق... ماقالە قىسقىلا بىر بەت يېزىلغانىدى،خەتلىرىمۇ قىڭغىر-قىيسىق ئىدى.ئۇ بىر بەتكە مۇئەللىم چوڭ بىر قىزىل كۆپەيتىش بەلگىسى قويۇپ قويۇپتۇ،نۇمۇر قويماپتۇ،لاياقەتسىز بولسا كېرەك.دەرۋەقە،بۇ دۇنيادا كىممۇ ئىت بولۇشنى خالايدۇ؟مۇئەللىم بولغان ئادەم بۇ بالىنى چوقۇم تەنقىتلەيدۇ-دە... نامرات يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ،شەھەردە ياشاۋاتقىنىمغا نۇرغۇن يىللار بوپتۇ.نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ،پىشىپ كەتتىم،ھازىر ماڭا ھەرقانداق ئىش ئوڭايلىقچە تەسىر قىلمايدۇ،دەپ ئويلىغانىدىم.ئەمما شۇ كۈنى،ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «غايە»سىدىن تەسىرلىنىپ،بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بولدى.شۇنداق دېيەلەيمەنكى،بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرلىك غايە ئىكەن. ياقتۇردىغان ماقال-تەمسىل: سۇ قۇيسا سۇكۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگنى قوي. مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن دوسلىشىنشنى خالامسىز ؟ خالايمەن.مىنىڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم:15359447 شەبنەم مۇنبىرىگە شەبنەم مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟ 2007-07-20 مۇشۇ ۋاقىتتا تىزىملاتقانچە ئۈزلۇكسىز كىرۋاتىمەن. تىما ۋە ئىنكاس يوللاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەئە،ھازىرغىچە2نادىر تىمام بار . يوللانمىڭىزنىڭ ئادىرسى : ./search.php?authorid-19313.html يوللانما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزغا باشقا كۆرۇرمەنلارنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى ؟ بەزىدە ياخشى بولدى،بەزىدە ئۇقۇشماسلىقمۇ يۈزبەردى، بەزى ئەسەرلەرنى ساۋاقداشلىرىمنىڭ خاتىرسىدىن كۆرۈپ يازسام بەزى مۇنبەردە يوللىنىپ بولغان بولسا تىللىغانلارمۇ بولدى. تىمىلارغا يىزىلغان قالايمىغان ، پىچەك، باشقىلارنى ئەيىپلەيدىغان ئىنكاسلارنى كۆرگەندە قانداق ئويلايسىز ؟ بۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ،بەزى ئەزالار ئاپتۇرنىڭ ئەمگىكىنى ھۈرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ،ئۆزى تۈزۈك نەرسە يازالماي باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ،ئەسەر لەردىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەيدۇ،ئەگەر ئەسەرلەرگە پىكرى بولسا چىرايلىق يوسۇندا تەكلىپ بەرسە. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا پىكىرىڭىز بارمۇ؟ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئىنتايىن تاللانغان خىل باشقۇرغۇچىلار.پىكرىم يوق. سىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئەگەر مەن باشقۇرغۇچى بولغان بولسام مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقارغان بوللاتتىم،ئىنكاس تازىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يوللىغان تورداشلارنى ماددى شۇنداقلا روھى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ، شەخسىيىتىگە زەربە بېرىدىغان قالايمىقان ئىنكاس يازغانلارنى سىياسىي ئۈگۈنۈشكە تەشكىنلەيتىم،مۇنبەر قائىدەنىزاملىرىنى 100قېتىم كۆچۈرۈشكە بۇيرۇيتۇم.(چاخچاق) مۇنبەرنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار؟ ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ،كەمچىللىكى قالايمىقان ئىنكاسلار جېقىراق.بۇنى ئازايتىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار ھوشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۇرسىكەن. قانداق قىلغاندا مۇنبەردىكى يامان ئىللەتلەرنى تۇزەتكىلى بولدۇ دەپ قارايسىز؟ بۇنى ئازايتىش ئۈچۈن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، باشقۇرغۇچىلار ھوشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۇرسىكەن،رىغبەت لەندۈرۈش بىلەن جازالاشنى كۈچەيتسە. باشقۇرغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىسا دەپ قارايمەن. تورداشلارغا كۆڭۇل سۆزىڭىز بارمۇ ؟ ئاخىردا قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭلىنى مىللىتىمىزمنىڭ روناق تېپىشى گۈللىنىشى ئۈچۈن سەرىپ قلىڭلار .قانداق قىيىنچىلىق بولسا مۇنبەردىكىلەر جۈمىلدىن ئۆزۈم كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلىمەن.ھەممەيلەن قولنى قولغا تۇتۇپ بىرلىكتە شەبنەم نىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى..... <<ھەپتىدە بىر ئەزا >> 6.سان (ئەزاkuktulpar) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN شېئىر ھەۋەسكارى | بۇ ئورۇننى مەن ئېگەللىۋالاي . . . . . . .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar-yurti دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا پىكىرىڭىز بارمۇ؟
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئىنتايىن تاللانغان خىل باشقۇرغۇچىلار.پىكرىم يوق __________________________________________________________________ بۇ سۇز مىنىڭچە بەك مۇبالىغە بۇلۇپ كىتىپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huxqakqak | ماڭا قاچان نۆۋەت كېلىــــــــــدۇ؟!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | مېنىڭمۇ پىكرىم يوق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | مېنىڭ دوستۇممۇ مۇنبەر چولپىنىغا ئايلىنىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن ،،،،
دېمىسىمۇ يىگانە 2 قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مۇنبەرگە نۇرغۇن تېمىلارنى يوللاپ ، بۇنبەرنىڭ ئايرىلماس ئەزالىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@REXTA@ | ۋاي............ئىككىمىز بىر يەردىن تۇرۇپ ھەجەپ تۇنۇشماپتۇق.......
ئىسىت........... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
taranqi715 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىزلەرگە كەلمەسما باشقۇرغۇچى جاناپلار...............................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | يىگانە بىلەن مېنىڭ قىزىقىشىم ئوخشاپمۇ قالىدىكەن،بۇ تېمىدىنمۇ خۇرسەن بولدۇم،رەھمەت ئىككىلىڭلارغا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
REYAT51 | باشقۇرغۇچى خانىم ياخشىمۇ سىز ؟
مەن ھازىر سىزنىڭ <<«ھەپتىدە بىر ئەزا» 7.سان(ئەزا yigana2 )>>دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. تىمىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئەزالارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنبەر تەرەقىياتىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسەت قىلىپسىز . بۇ بىر قوللاپ-قۇۋەتلەشكە تىگىشلىك ياخشى ئەھۋال،بىراق سۇئال-جاۋاپلار ئارىسىدا كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر يەنى:<<مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا پىكىرىڭىز بارمۇ؟ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئىنتايىن تاللانغان خىل باشقۇرغۇچىلار.پىكرىم يوق. >>دىگەندەك مانا مۇشۇنداق ئۆزەڭلارنىڭ مەسئۇللىيەتسىزلىك تەرەپلىرىڭلارنى يۇشۇرۇپ قالغانلىقىڭلارغا ھەيران قالدىم . بۇنداق دىيىشىم سىلەردە تىخى ئۇنداق مۇكەممەل مەسئۇللىيەت تۇيغۇسى يىتىلمىگەن ،چۈنكى سىلەر ئۆز خىزمىتىڭلارغا شۇنداق مۇستەھكەم بولساڭلار ئىدى ،بىر قىسىم چۈپۈرەندى كىشىلەر تەرىپىدىن مۇنبەرگە شەھۋانىي تۈس ئالغان تور ئادىترىسلىرى يوللانمىغان بولاتى، سىلەر بۇنى چوقۇم چەكلەپ قالالايتىڭلار،بىراق بوشاڭلىقىڭلاردىن بۇ قىلمىشلار ھەر زامان تەكرارلىنىۋاتىدۇ،بۇ توغۇرلۇق باشقۇرغۇچى خادىملارغا نەچچەرەت ئىنكاس يازغانمەن،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuilgun دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سېز قارامايدا تۇغۇلغانمۇ ياكې پوسكامدېمۇ ؟ باشقا پېكرېم يوق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Soygv_Qatili دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۇغۇلغان ۋاقتى: 1988-06-01
مەدەنىيەت سەۋىيەسى : تولۇق كۇرۇس ____________________________________________________ باشقىللىرىنى دىمەيلا قوياي، تېخى كۆرمىدىم. ئەمما ماۋۇ گەپنىڭ يالغانلىقى ئالامەت - كارامەت چېنىپ قاپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | يىگانە تىرىشىپ ئوقۇڭ،بىزگە سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەـىجىڭىز كېرەك...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | يىگانە مۇنبەرگە ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ~~~ رەھمەت سىزگە `~~
تىرىشىڭ `~~ ماڭا قاچانمۇ نۆۋەت تېگەر كىپىنەك ھەدە ~~~ مەن تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن ~~ مانا 7- ساننىمۇ باشقىلار ئېلىۋاپتۇ ~~~ مەيلى ماڭا ھامىنى بىر ئورۇن بارغۇ كۈتىمەن ........... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hanatam دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قايىسى ساندا ماڭا كېلەر ، ھەپتىدە بىر سان <خان ئاتام > دەپ ، ساقلاۋېىرپ قېرىپ كەتمەي يەنە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|